大数跨境

تاللاش قىيىنلىقى ۋە ھايات خەرىتىسى!

تاللاش قىيىنلىقى ۋە ھايات خەرىتىسى! Nepkar
2022-05-13
2
导读:بۇنداق ۋەدىنى بېرىشكە چوقۇم پۇختا ئىشەنچ، مول تەجرىبە، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تىرەك بولمىسا بولمايدۇ...

بۇنداق تاللاشقا سىزمۇ دۇچ كېلىسىز!


نەپكار


بۇ تېما ھەققىدە بەك ئۇزۇن ئويلاندىم، ھەر قېتىم قەلەم تەۋرىتەي دەيمەنۇ يەنە ئۆزۈمنى بېسىۋالىمەن، لېكىن بۇ قېتىم قەتئىي ئىرادە بىلەن قەلەم تەۋرىتىشنى مۇۋاپىق تاپتىم، بەلكىم قەلەم تەۋرىتىشنىڭ ۋاقتى كەلگەن بولسا كېرەك. ئۈمىدىم، گەپ ئىگىسىنى تاپقاي.

يازمىمىز «تاللاش» دېگەن بۇ پېئىلنى ئاساسىي لېنىيە قىلىپ داۋاملىشىدۇ. مۇشۇ يازمىنى كۆرۈۋاتقان سىزدە «تاللاش»قا نىسبەتەن قانداق چۈشەنچە بار؟

ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر ۋاقىت تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ، مەسىلەن، بۈگۈن نېمە تاماق يېسەم بولار؟ تاماققا گۆش ئىشلىتەيمۇ تۇخۇممۇ؟ بازارغا تاكسىدا بارايمۇ ئاممىۋى ئابدۇبۇستىمۇ؟ ياكى پىيادە بارايمۇ؟... دېگەندەك. بەزى تاللاشلاردا سەۋەنلىك كۆرۈلسە ھېچقىسى يوق، ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن بەزىبىر تاللاشلاردا يەڭگىلتەكلىك بىلەن سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشكە قەتئىي بولمايدۇ. 

گەپنى ھاياتىم ھەققىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ھاياتىمدا ھازىرغىچە ماڭا ئەڭ چوڭ تەسىر قىلغان ھەم ھېلىھەممۇ تەسىرىنى يوقاتمىغان تاللاشتىن ئۈچ چوڭ تاللاش بولۇپ ئۆتۈپتۇ. 

بىرىنچى قېتىملىق تاللاش، بۇنىڭدىن 24 يىل ئىلگىرى بولغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە يولغا قويغان «ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى (内地新疆高中班)» سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى ماڭا كۆز قىسقاندا، ئەكسىچە ئائىلىمىزدىكى قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر (پەقەت ئىنىمدىن باشقا) مېنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇشقا تىزىملىتىشىمغا قارشى چىققان ياكى ھېچقانداق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەندە، مەن كېيىنلىك تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەتتا ئۆز ئانام بىلەن قارشىلىشىپ تۇرۇپ ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ ئاخىرى ئانامنىڭ ماڭا «مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىدىڭ.» دەپ 3 ئاي گەپ قىلماسلىقىغا دۇچ كەلگەن ئىدىم. 

ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ تاللاش بولسا تولۇق ئوتتۇرا ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا بولغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىجتىمائىي پەن تاللاش ياكى تەبئىي پەن تاللاش جەھەتتە بەكلا چوڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئىدىم، شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىم ھېلى ھەممۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. قەلبىمنى تىڭشىسام ئىجتىمائىي پەن تاللاشقا مايىل ئىدىم، ئەمما ئۆزۈمنىڭ يۈرەكسىزلىكى ۋە ئەتراپىمدىكى چوڭلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مەن يەنىلا قەلبىمدىكى مايىللىققا قارشى ھالدا تەبئىي پەن تاللاپ، ئاخىرى تاكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىچە شۇ قېتىملىق خاتا تاللاش ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن ئىدىم، ئەلۋەتتە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ بۇنىڭ زور تەسىرى كۆرۈلۈپ، پۈتكۈل ھاياتىمنىڭ خەرىتىسى باشقىچە سىزىلغان ئىدى. 

ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ تاللاش بولسا كەسىپ تاللاش ئىدى. مانا بۇ مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمنىڭ خەرىتىسىنى بېكىتىۋەتكەن ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق تاللاش ئىدى. 

ئىككىنچى قېتىمدا مەن تەبئىي پەن تاللىغانلىقىم سەۋەبلىك، تاكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىچە شۇ خاتالىقىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولالماي ئاخىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ياخشى جارىي قىلدۇرالماي، بۇ بىۋاسىتە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە كەسىپ تاللىشىمغىچە بەكلا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. 

شۇڭا، تا ھازىرغىچە، بۇ ئۈچ قېتىملىق تاللىشىم ھەققىدە ئويلىنىشتىن مۇستەسنا بولالمايمەن. 

گەپنى بەك ئەگىتىۋەتتىممۇ نېمە؟ ئەسلى تېمىغا كەلسەك،

يازما تېمىسىنى بەلكىم سەل بىمەنە ھېس قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما تۆۋەندە دېمەكچى بولغىنىم دەل مۇشۇ تېمىنى يورۇتۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ. (يازما تېمىسى ئۆزگەرتىۋېتىلدى!)

ھەر يىلى بىر قېتىم زور بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، مەملىكەت بويىچە ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق بەيگىگە چۈشىدۇ. بۇ بەيگىدە قانداق نەتىجە قازىنىش شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا چوڭ رول ئوينايدۇ. ئەمما بۇ بەيگىدىكى نەتىجە ۋە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كېيىنكى ھاياتى چوقۇم جىپسىلىشامدۇ؟ بۇ ناتايىن. چۈنكى بۇ بەيگىدە ئېرىشكەن نەتىجە بىلەن ئۇ تاللىغان كېيىنكى ھايات خەرىتىسىنى قانداق بېكىتىشىنىڭ جىپسىلىشىش-جىپسىلىشالماسلىقى بەكرەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنى دېمەكچى، ئىمتىھاندا ئېرىشكەن نومۇرى بىلەن تاللىغان كەسىپ ئۆزئارا ئۇدۇللاشسا، ئاندىن بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا شانلىق نەتىجىلەر (ھېچ بولمىغاندا ئۆكۈنۈش بولمىغان نەتىجە) بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

ئەمما، بىر نەرسە ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. 

ئالىي مەكتەپنى قايسى شەھەردە ئوقۇش، قايسى شەھەردىكى قايسى مەكتەپتە ئوقۇش، قايسى مەكتەپنىڭ قايسى كەسپىدە ئوقۇش، كىشىلىك ھايات پىلانىنى قانداق تۈزۈش، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ كەسىپ تاللاش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلاردۇر.

قانداق قىلغاندا شۇ ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ نەتىجىسىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان كەسىپنى توغرا تاللىيالايدۇ؟ بۇ يەردىكى «توغرا تاللاش»نىڭ ۋەزىنى ئىنتايىن ئېغىر. 

بەلكىم «شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ ئالغان نەتىجىسىگە قاراپ ئارزۇ تولدۇرسىلا بولىدىغۇ.» دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئادەم قانچە مۇھىم تاللاشقا دۇچ كەلگەندە شۇنچە بەك جىددىيلىشىدۇ، ئۇنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارى شۇنچە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئادەمنىڭ پىسخىكىسى، ئىدراكى كۈچلۈك توقۇنۇش، كەسكىن سوقۇشۇش باسقۇچىدا بولىدۇ. 

ھەممە ئادەمنىڭ چىڭخۇا داشۆ، بېيجىڭ داشۆدە ئوقۇغۇسى كېلىدۇ، ئەمما رىئاللىق بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. چىڭخۇا داشۆ ۋە بېيجىڭ داشۆنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى چەكلىك، نومۇر سىزىقى زىيادە يۇقىرى. شۇڭا پەۋقۇلئادەتتە تالانت بولمىغاندا، خۇددى پەخرىيە ئەشرەپتەك ماتىماتىكىدا تولۇق نومۇر ئالالمىغاندا، ئومۇمىي نومۇر ئالاھىدە يۇقىرى چىقمىغاندا بۇ داڭلىق داشۆلەرگە ئۆتكىلى بولمايدۇ. 

بۇنىڭلىق بىلەن چۈشكۈنلىشىپ كېتەمدۇق؟ 

ياق، ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە جۇڭگودا بىزنىڭ تاللاش ئوبيېكتىمىز بولالايدىغان ياخشى ئالىي مەكتەپ، ياخشى كەسىپ ناھايىتى كۆپ. بىر داڭلىق مەكتەپنىڭ بارلىق كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بىر ئادەتتىكىچە ئالىي مەكتەپنىڭ كەسىپلىرىنىڭمۇ ھەممىسى ياخشى بولماسلىقىمۇ ناتايىن. 

دۆلىتىمىزدە ئوقۇغۇچىلارغا تاللاش ئوبيېكتى بولالايدىغان شەھەر، ئالىي مەكتەپ، كەسىپتىن قانچىلىكى بار؟ بۇنى شۇ ئوقۇغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تولۇق چۈشىنەمدۇ؟ بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر نېمىنىڭ «211 قۇرۇلۇشى»، نېمىنىڭ «985 قۇرۇلۇشى»، نېمىنىڭ «قوش ئالدىنقى قارتاردا تۇرىدىغان»لىقى قاتارلىقلارنى قىلچە بىلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى بۇنىڭ ئىچىدە ئۇچۇر مىقدارى زىيادە كۆپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىنى چۈشىنىپ كېتىشىنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق، پەقەت شۇ ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، ئىمتىھاندا ئېرىشكەن نومۇرىغا ئەڭ جىپسىلىشىدىغان بىر كەسىپ، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەھەر، ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئۇچۇرىنى بىلسىلا كۇپايە، قالغان ئۇچۇرلارنى ئۇ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا «ئەخلەت» ئۇچۇر دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ زېھنىنى زىيادە ئۇپىرېتىدۇ. 

بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىگە ئەڭ جىپسىلىشىدىغان كەسىپ ئۇچۇرىغا قانداق ئېرىشىش كېرەك؟ 

بۇنىڭدا كەسىپىي ئارزۇ تولدۇرۇش يېتەكچىلىكىگە ھاجەت چۈشىدۇ. 

بۇ ۋاقىتتا تاللاشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا قايتىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنى قايسى ئارزۇ تولدۇرۇش يېتەكچىلىك مۇلازىمىتىنى تاللاش كېرەك؟ دېگەندىن ئىبارەت. 

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلىشىشقا ئەگىشىپ ئەتراپىمىزدا بىردىنلا «ئۆردىكى بىلەن غېزىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان»، «بۇغدىيى بىلەن سامىنى ئارىلىشىپ كەتكەن»، «بارىڭى چوڭ قاپىقى يوق.» بىر تالاي ئارزۇ تولدۇرۇش مۇلازىمەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. شۇڭا كەڭ ئاتا-ئانىلارغا جەڭ ئېلان قىلىدىغىنى مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىققا تولغان بازاردىن ئەڭ كەسىپىي، مۇنتىزىم، ئىشەنچلىك، مەسئۇلىيەتچان، تەجرىبىلىك مۇلازىمەتنى ئىلغاش قىيىنچىلىقى بولىدۇ. 

سوئالنى قويۇۋېرىپ، قانداق تاللاش ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىسەم، بەلكىم كۆپچىلىك بۇ يازمىنى ئوقۇشقا سەرپ قىلغان ۋاقتىغا ئىچى سىيرىلىپ مېنى (گەرچە تونۇمىسىمۇ) ئىچىدە نەچچىنى تىللاپ، تىل نەشتىرىنى سانجىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، قانداق تاللاش ھەققىدە ئازراق ئۇچۇر بېرەي (دىققەت، مەن ئۆزۈم ئارزۇ تولدۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانمايمەن، شۇڭا سىزنىڭ كىمنى تاللىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەركى، بىزنىڭ ھېچقانداق پايدا-زىيان ئاداۋىتىمىز يوق.)

مەن يازمامنىڭ ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، بۇ تېمىنى يېزىش-يازماسلىق ھەققىدە مەن 3 يىل ئويلاندىم، چۈنكى مەن ئۈچ يىل ئىلگىرى ئەتراپىمىزدا مۇشۇنداق ئارزۇ تولدۇرۇش يېتەكچىلىكى دەيدىغان مۇلازىمەتنىڭ بارلىقىنى بىلگەن ئىدىم. بۇ 3 يىلدىن بۇيان ئۆزۈم بىلىپ-بىلمەي بۇ مۇلازىمەت ھەققىدە كۆزىتىپ كەلدىم. چۈنكى مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كەسىپ تاللاش جەھەتتىكى سەۋەنلىكىم تا ھازىرغىچە ماڭا ئارامچىلىق بەرمەيدۇ. ئادەم نېمىنى ئويلىسا شۇنىڭغا كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ، شۇڭا بۇ قانداق مۇلازىمەتتۇ؟ دېگەن سوئال مېنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇراتتى. 

ئۈچ يىل ئاۋۋال بۇ مۇلازىمەت ھەققىدە ئاڭلىدىم، كېيىن بىردىنلا مۇشۇنداق مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغانلارنىڭ قەيەردىن پەيدا بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە سېھرگەرلەرچە پەيدا بولۇشتى، ئەلۋەتتە، بەزىلەرنى مەن تونۇيتتۇم، بەزىلىرىنى تونۇمايتتىم. ئۆزۈم تونۇمايدىغانلىرىغا مېنىڭ باھا بېرىش ھوقۇقۇم يوق ئىدى، شۇڭا ئۆزۈمنى سورىدىم، ئەمما مەن تونۇيدىغان بەزىلەرگە نىسبەتەن ئازراق پىكىر قىلىش ھوقۇقۇم بار دەپ ئويلايمەن. ئۇلاردا ئەسلىدە ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇلازىمەت ھەققىدە قىلچە تەجرىبە، بىلىم بولمىسىمۇ، ئەمما داۋراڭنىڭ چوڭىنى قىلىپ، بىر تالاي «نادان» دېھقانلارنىڭ «ئەخمەق»لىقىدىن پايدىلىنىپ (چۈنكى مەدەنىيەت سەۋىيەسى نىسبەتەن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئالدىراپ ئۇلارغا ھاجىتى چۈشمەيتتى)، ئۆزىنىڭ پۇل تېپىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئاشۇ دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ ھايات خەرىتىسىنىڭ توغرا سىزىلىشىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتقان ئىدى، بۇ پۇرسەتپەرەسلەر ئالىي مەكتەپ ئارزۇ تولدۇرۇش دولقۇنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، چوڭ سېلىنغان داۋراڭنىڭ نەتىجىسىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ، ئاشۇ دېھقانلارنىڭ «نادان»لىقىدىن ئىچىدە كۈلۈپ يۈرۈشەتتى. 

بۇ ئىشلار مېنىڭ ئىچىمنى ئىزچىل ئاچچىق قىلىپ كەلدى. 

ئەمما بىر مۇلازىمەت كوللېكىتىپى ئىزچىل مېنىڭ نەزىرىمدىن يىراق بولمىدى. ئۇلارنى دەسلەپتە قىلچە چۈشەنمەيتتىم، ئەمما ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى بارا-بارا مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىشقا باشلىدى. ئۈچ يىلدىن بىرى مېنىڭ كۆزىتىشىمدە ئۇلار ئارزۇ تولدۇرۇش مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي سىستېمىلىق، ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلىۋاتقان بولۇپ، كۆپ داۋراڭدىن خالىي، ئەمما مۇلازىمەتنى ئەلا قىلىپ كەلگەن ئىدى. شۇنداقلا ئۇلار ئۈچ يىلدىن بىرى ئىزچىل بۇ ساھەدىن چىقىپ كەتمەي، ئارزۇ تولدۇرۇش دولقۇنى ئۆتۈپ كەتسىمۇ، يەنىلا مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىپ، داۋاملىق تەجرىبە توپلاپ، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ چوڭراق داۋراڭ سېلىشىنى ھەقىقەتەن بەك ئۈمىد قىلاتتىم، چۈنكى ئۇلار ئاشۇ مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئىشەنچلىكلىكى، تەجرىبىلىكلىكى بىلەن قانچە داۋراڭ سالسا، بازاردا ئاشۇ تەجرىبىسىز، مەسئۇلىيەتسىز، ئىشەنچىسىز پۇل تېپىشنى مۇھىم مەقسەت قىلىۋالغان پۇرسەتپەرەسلەرگە ئالدىنىپ قالىدىغان «نادان» دېھقانلار ئازلايتتى. مەن ئۇلارنىڭ داۋراڭ سېلىشىنى كۆپ كۈتكەن بولساممۇ ئەمما ئۇلار داۋراڭ سېلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغاندەك قىلاتتى، بۇنى بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك دېيىشكە بولاتتى، چۈنكى ئۇلار ئۆزىدىكى ئەلا مۇلازىمەتنى جەمئىيەتكە كەڭ تۈردە ئاشكارىلىمىسا، ئاشۇ بىچارە «نادان» دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايتتى، بىر ياشنىڭ كەلگۈسى ھايات خەرىتىسى بەلكىم خاتا سىزىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئاخىرى ئىچىمدىكى ئاچچىق مېنى ئۇلارنى ئىزدەپ ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتقا بەكرەك كۈچىشىنى دەۋەت قىلىشقا ئۈندەيتتى. چۈنكى مېنىڭ ھاياتىمدا كەسىپ تاللاشتا ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىمنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتكۈزۈشىنى پەقەتلا خالىمايتتىم. 

شۇڭا مەن ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، ئۇشبۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئەگەر ئۇشبۇ يازمامنىڭ ئانچە-مۇنچە تەسىرى بولۇپ، بىر نەپەر ئوقۇغۇچى بولسىمۇ، ئارزۇ تولدۇرۇشتا چوڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەسلىكىگە سەۋەب بولالىسا، مەن بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەقسىتىمگە يەتكەن بولاتتىم. 

خوش، ئاخىرىدا مەن سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنچ قىلغان ئاشۇ داۋراڭ سېلىشنى خالىمايدىغان، ئەمما سەمىمىيلىكى، مەسئۇلىيەتچانلىقى، تەجرىبىدىكى موللۇقى يېتىپ ئاشىدىغان ئارزۇ تولدۇرۇش يېتەكچىلىك كوللېكتىپىنىڭ ئىسىمى ئاتىۋەتسەم، مەزكۇر يازمىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلغايسىلەر. بۇ مەندە چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلغان ئارزۇ تولدۇرۇش كوللىكتىپى بولسا «ئېقىن ئارزۇ يېتەكچىلىكى»دىن ئىبارەت. سىلەر ئۇلارنىڭ كەسپىي ئارزۇ يېتەكچىلىك مۇلازىمەت بېتىگە كىرىپ، ھەر قايسى داشۆ، كەسىپ، ئارزۇ تولدۇرۇش جەھەتتىكى ئىشلار ھەققىدە تەييارلىغان مەزمۇنلىرىنى، تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. 

ئەلۋەتتە، ماڭا بەكرەك تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر ئىش، ئېقىن ئارزۇ يېتەكچىلىكىنىڭ مۇلازىمەت بېتىدە مۇنداق بىر ۋەدە بار ئىدى: 

ئەسكەرتىش:

بىز تەۋسىيە قىلغان ئارزۇنى ئوقۇغۇچىلار ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋەتمىگەن شەرت ئاستىدا، چاقىرىق كەلمەي قالسا مۇلازىمەت ھەققى پۈتۈن سومما بويىچە قايتۇرۇلىدۇ!

سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

مېنىڭچە بۇنداق ۋەدىنى ھەممە ئادەم بېرەلمەيدۇ، بۇنداق ۋەدىنى بېرىشكە چوقۇم پۇختا ئىشەنچ، مول تەجرىبە، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تىرەك بولمىسا بولمايدۇ، دېمەك ئۇلار مۇشۇنداق ۋەدە بېرەلىگەن ئىكەن، سىزنىڭ ئۇلارنى تاللىماسلىققا يەنە نېمە سەۋەبىڭىز بار؟

ھەركىم ئۆزىنىڭ تاللىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك، ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىز ئۈچۈن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە توغرا تاللاش بۇ ھەرگىز ئاسان ئىش ئەمەس. 

بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ، يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قېتىملىق كەسىپ تاللاش ئىشلىرىدا، ئەڭ ئالدى بىلەن ئارزۇ يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىنى ياخشى تاللىشىغا، شۇ ئاساستا كېيىنكى باسقۇچتىكى ھايات خەرىتىسىنىڭ توغرا سىزىلىشىغا ئاساس سېلىشىغا تىلەكداشمەن.

ھۆرمەت بىلەن: نەپكاردىن

2022-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى (يېرىم كېچە)

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

ئەڭ يېڭى: مارس شاھزادىسى ماكسنىڭ «قىساس» ئېلىشى!

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408