大数跨境

دۇنيا بايلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەخپىيىتى ئاشكارىلاندى!

دۇنيا بايلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەخپىيىتى ئاشكارىلاندى! Nepkar
2022-05-13
1
导读:تۈرلۈك ھاياتلىق پەن-تېخنىكىسى ئومۇمىي خەلققە ماس كېلىدىغان يېڭى ھەل قىلىش لايىھەسىنى بارلىققا كەلتۈر

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
بىل گايتىس يېڭى تاجىسىمان يۇقۇم بىلەن يۇقۇملاندى: بايلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەخپىيىتى ئاشكارىلاندى

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئارزۇسى، دۇنيادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بايلار بۇ ئىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلەشتىن يانماي، پەقەت «ئۆلمەس»لىككە تىرىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى نەچچە كۈندە تۇنجى قېتىم يېڭى تاجىسىمان يۇقۇم بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بىل گايتىسمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن گايتىس Twitter دا يازما ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بەدىنىدە يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمى بولغانلىقتىن يېنىك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە تاكى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگۈچە ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، گايتىس پۈتۈنلەي mRNA ۋاكسىنىسى ۋە كۈچەيتىلگەن ۋاكسىنا ئەملىگەن. ئىگىلىنىشىچە، mRNA ۋاكسىنىسىنىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقى، ئېغىر كېسەل ۋە ئۆلۈشنى ئازايتالايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ۋاكسىنىنىڭ ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇنى چۈشەنمەيدۇ، ۋاكسىنا ئىنسانلار پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ «يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆتكەن 100 يىل ئىچىدە، ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى توپتوغرا 25 ياش ئۇزىراپ، بۇ «ئۇزۇن ئۆمۈر ئەڭگۈشتەرى» دەپ ئاتالدى. ئېھرامنىڭ چوققىسىدىكى «بايلىق شىفىرى»نى تۇتۇپ تۇرغان گايتىس بۇنى ئاللىقاچان بەش قولدەك بىلەتتى.



15 يىل ئىلگىرى بىل گايتىس ۋانكۇۋېردىكى TED دا ئاشكارا نۇتۇق سۆزلىگەندە، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ۋىرۇسنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن «سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇش» پىرىنسىپى بويىچە گايتىس فوندى جەمئىيىتى 16 يىلدا ئامېرىكىنىڭ مودنا شىركىتىگە 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، ئانتىتېلا ياكى ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن، 2018-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، گايتىس فوندى جەمئىيىتى يەنە گېرمانىيەدىكى بىر بىيولوگىيە شىركىتىگە 217 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان mRNA ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.
2020-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ تىجارەت كىرىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى، بىل گايتىس ناھايىتى كۆپ پۇل تاپتى، چەت ئەللىك تورداشلار بۇنى «ئەزرائىلغا جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان» مۇۋەپپەقىيەتلىك مەبلەغ سېلىش دەپ ئاتايدۇ.



بىراق، گايتىسنىڭ يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمىدىن يۇقۇملىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ «ئەزرائىل»غا جەڭ ئېلان قىلىش ئىرادىسى توختاپ قالغاندەك قىلاتتى. ھالبۇكى، بۇ سابىق يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى باينىڭ ئارقىسىدا، غالجىرلاشقان ھايات ساھىبلىرىنىڭ «مەڭگۈلۈك ھايات»قا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى.

گوگۇلنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان سېرگېي بۇلىن 2006-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ %50 لىك ئېھتىماللىقتا پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، «ئەزرائىل»غا بولغان نەپرىتى بارغانسېرى ئاشتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ گوگۇلنىڭ قۇرغۇچىسى لاررى پېچ بىلەن بىرلىشىپ، 1 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىيولوگلارنى ھاياتلىق ئىلمى تەجرىبىخانىسى قۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئۇنىڭ قارمىقىدىكى تەۋەككۇل مەبلەغچىلىك Google Ventures شىركىتى 15 بىيو پەن-تېخنىكا شىركىتىگە مەبلەغ سېلىپ، قېرىش ۋە كېسەللىكلەرگە «جەڭ ئېلان قىلدى».



كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ئالاقە تورى پىشۋاسى، Paypal نىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، «ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى» دەپ تەرىپلەنگەن «0 دىن 1 گە» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى پېتېر زېئىل قان ئالماشتۇرۇپ داۋالاشقا تېخىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ، ھەر يىلى 160 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، ئۆزىگە 18 ياشلىق ياش قان ئالماشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «150 ياشقىچە ساغلام ياشاش» ئاخىرقى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىلىم-پەن «ئادەم بەدىنىنى توڭلىتىش»نى ئالدىن زاكاز قىلىپ، كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈندە «ھايات-ماماتى»غا قولايلىق يارىتىشقا ئۇرۇنغان.
يالغۇز بۇلا ئەمەس، شياڭگاڭ پۇلدارلار چەمبىرىكىدىكى كاتتىباش لى جياچېڭمۇ 2018-يىلى بۇ «ھاياتلىق بەيگىسى»گە قاتناشقان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ يىلى 90 ياشقا كىرگەن لى جياچېڭ كۆپ قېتىم ئاشكارا سورۇنلاردا، بۇ خىل «ORIGENE» تېخنىكىسىنىڭ ئۆزىنى «20 ياشقا قايتقاندەك» ھېس قىلدۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. شۇنىڭدىن كېيىنلا، لى جياچېڭ ئۆز قارمىقىدىكى شىركەت ئارقىلىق بۇ تېخنىكىنى بىئولوگىيە كارخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان.
خارۋارد، ۋاشىنگتون، مېئو تېببىي شۆيۈەنىنىڭ كۆپ قېتىملىق ئىلمىي ئىسپاتلىشىچە، بۇ تېخنىكا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ ياشاش ۋاقتىنى ئۇزارتىدىكەن. ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىمۇ لى جياچېڭنىڭ «ئالدىن كۆرەرلىكى»نى ئىسپاتلاپ بەردى.



2019-يىلىدىن باشلاپ، «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش دۆلىتى» ياپونىيە كۆپ قېتىم كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تۈردىكى «بۇ تېخنىكا» تېخنىكىسى ئىنسانلارنىڭ مۇسكۇل، ھەرىكەت ئىقتىدارى، ئاڭلاش ئىقتىدارى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق فىزىيولوگىيەلىك كۆرسەتكۈچلىرىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغان. بۇ يىل ئېلىمىز دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل خام ماتېرىيالنى ئەنگە ئالدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، دەرھال دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق بايلار چەمبىرىكىدە زور زىلزىلە پەيدا قىلىپ، 150 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا بۇرژۇئاز قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، ھەتتا بىر مەھەل ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بېيجىڭ-دۇڭجيەن سۇپىسىدا «مال ئۈزۈلۈپ قېلىش دولقۇنى»نى پەيدا قىلغان.
ماسكنىڭ ئىنسانلارنىڭ «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى» توغرىسىدا بىل گايتىسنىڭ ۋاكسىنا پىلانىغا ئوخشىمايدىغان باشقا پىلانى بار. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماسك كۆپ قېتىم ئىنسانلارنىڭ جىسمانىي ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا قىزىقمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە، ئىنسانلار ئېڭىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، ماسك نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغنى ئۆز قارمىقىدىكى مېڭە ماشىنىسى ئۇلاش ئېغىزى شىركىتى neuralinnk ۋە Optimus ئادەم شەكىللىك ماشىنا ئادەم شىركىتىگە سالغان بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىۋېتىپتۇ.


رەسىم
دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار «ئۇزۇن ئۆمۈر»گە مەپتۇن بولۇپ، 21-ئەسىردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ھاياتلىق پەن-تېخنىكىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشىنى تېزلەتمەكتە: بۇ يىل 1-ئايدا، ئامېرىكا مارىلاند ئىشتاتىدىكى دوختۇرلار تۇنجى قېتىم چوشقا يۈرىكىنى ئىنسانلارغا كۆچۈردى؛ ئىسرائىلىيە ئالىملىرى 3D تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم بەدىنى يۇلۇن توقۇلمىسىنى بېسىپ چىقىرىپ، پالەچ بولۇپ قالغان بىمارلارنىڭ قايتىدىن مېڭىشىغا ياردەم بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، نانو ماشىنا ئادەم، راكقا قارشى نىشانلىق دورا قاتارلىقلار ھاياتلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، كەڭ كۆلەمدە كىلىنىكىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلدى.
گەرچە ھاياتلىق ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە، «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش» بايلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاللىقاچان «مىڭ بىر كېچە» ئەمەس، بەلكى مۇمكىنچىلىكى بار ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا. ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەمەلىيەتتە يىراق ئەمەس، يۇقىرىقى تۈرلۈك ھاياتلىق پەن-تېخنىكىسى ئومۇمىي خەلققە ماس كېلىدىغان يېڭى ھەل قىلىش لايىھەسىنى بارلىققا كەلتۈرگۈسى.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

ئەڭ يېڭى: مارس شاھزادىسى ماكسنىڭ «قىساس» ئېلىشى!

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0