大数跨境

ئىستېمال ئادالەتسىزلىكىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

ئىستېمال ئادالەتسىزلىكىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ Nepkar
2022-06-25
0
导读:بەزىلەر «باھانى ئۆستۈرۈش ئادىل بولمىسا، ئۆچرەت تۇرسا ئادىل بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ.

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

تېمىغا كىرىش
5-ئاينىڭ 5-كۈنى، جۇ جيېلۈن سەييارە ناخشا كېچىلىكى سىنگاپور بېكىتىنىڭ بېلىتى سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بېلەت سېتىۋېلىش جەريانىدىكى ھادىسىلەر ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.
سىنگاپور تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەتىگەن سائەت 10 دا بېلەت سېتىش باشلانغان بولۇپ، بېلەت سېتىش تور بېكىتى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، بەزى مەستانىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار توپتوغرا سەككىز سائەت ساقلاپمۇ بېلەت سېتىۋېلىش سۇپىسىغا نورمال چىقالمىغان. ئاران تەستە چىققان بەزى تەلەي ئىگىلىرىدە بولسا ئېھتىياتسىزلىقتىن تور ئۈزۈلۈپ كېتىپ، ئەسلىدىكى ئۆچرەت نومۇرى بىكار قىلىنىپ، قايتىدىن ئۆچرەت تۇرغۇزۇشقا توغرا كەلگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، تور سىرتىدا سېتىش نۇقتىسىدا، بىرەيلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىغا بېلەت سېتىش ئورنىدىكى ئۆچرەتتە تۇرغانلارنىڭ نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان ھالەتتىكى سىن كۆرۈنۈشىنى يوللاپ «بۇ قوشۇن تۆت سائەتتىن بېرى ھېچقانداق ھەرىكەت قىلىپ باقمىدى.» دېگەن ئەسكەرتىشنى قىستۇرۇپ قويغان. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىلا سىنگاپوردىكى بىدىكلەر جانلىنىپ، ئۇلار ۋاكالىتەن ئۆچرەتتە تۇرۇش، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز، دەپ جار سېلىشقان.
تېما مانا مۇشۇنداق، ئەمدى بۇنىڭدىن قانداق ئىقتىسادى بىلىم ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزغا قاراپ باقايلى:

بىزگە مەلۇم، بىر خىل تاۋار ئېھتىياجنى قاندۇرالمىسا، ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئۆلچەم نەزەرىيەسى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ بۇ خىل تاۋارنىڭ باھاسىنىڭ بەك تۆۋەن بېكىتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا ئۆلچەملىك مەشغۇلات باھا ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
راست، بۇ قېتىمقى جۇ جيېلۇن ناخشا كېچىلىكىنىڭ كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن تۆۋەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەڭ ئەرزان بولغىنى 198 سىنگاپور پۇلى، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 950 يۈەن ئەتراپىدا، ئەڭ قىممەت بولغىنى 368 سىنگاپور پۇلى، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 1800 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى. بۇ باھا داڭلىق چولپانلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ناخشا كېچىلىكىنىڭ ئورگان باھاسىدىن خېلىلا تۆۋەن.
كۆپچىلىك بېلەت سېتىش تور بېكىتىنى ۋەيران قىلىپ، ھېچكىم بېلەت ئالالمىغان، يەنە تېخى بىدىكلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەندىن كۆرە، ئۇلار نېمىشقا بىۋاسىتە باھانى ئۆستۈرمەيدۇ؟
دەرۋەقە، ۋاڭ فېي 2016-يىلى بىر مەيدان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندە، ئورگان تەرەپنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېلەت باھاسىنى 7800 يۈەن قىلىپ بېكىتكەندە، ناھايىتى زور بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.
بەزىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بازار ئىگىلىكىدە ئەركىن باھا بېكىتىش بولۇپ، ئەيىبلىگىلى بولمايدىكەن. لېكىن يەنە بەزىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا جاڭ شۆيوۋ، چېن يىشۈن قاتارلىقلار بىر قاتار داڭلىق چولپانلارنىڭ ناخشا كېچىلىكىدە ئورگان تەرەپنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېلەت باھاسى 2000 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت مەستانىلىرىگە بېلەت سېتىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئىكەن. ۋاڭ فېينىڭ بۇنداق قىلىشى بىۋاسىتە بىر قىسىم مەستانىلەرنى چەتكە قاققانغا باراۋەر.
بۇ يەردە ئاشكارىلانغان كەيپىيات بىر خىل «ئادالەتسىزلىك تۇيغۇسى»دۇر.
لېكىن يەنە بەزىلەر «باھانى ئۆستۈرۈش ئادىل بولمىسا، ئۆچرەت تۇرسا ئادىل بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
باھانى ئۆستۈرۈش ھەقىقەتەن تېخىمۇ پۇلدار مەستانىلەرگە قارىتىلغان؛ ئۆچرەت تىزىلىش ئەمەلىيەتتە ۋاقتى تېخىمۇ يېتەرلىك ياكى ۋاقتى تېخىمۇ پۇلغا يارىمايدىغان مەستانىلەرگە قارىتىلغان. مەيلى باھا ئۆستۈرۈش بولسۇن ياكى ئۆچرەتتە تۇرۇش بولسۇن، ھەممىسى بىر خىل ئېغىشچانلىق بولۇپ، كەسكىنراق ئېيتقاندا ھەممىسى بىر خىل ئادالەتسىزلىك.
قاراڭ، بۇ گەپنىڭ، مەلۇم ئاساسى باردەك قىلىدۇ. چولپانلار ناخشا كېچىلىكىدە مەيلى باھا ئۆستۈرۈلسۇن ياكى ئۆچرەتكە تىزىلسۇن، ھەممىسىدە مەستانىلەرنىڭ «ئادالەتسىزلىك تۇيغۇسى» پەيدا بولىدۇ.
نېمىشقا؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ باھا بېكىتىش نەزەرىيەسى قىياسىنى سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلىقتا مۇنداق دەپ قارىلىدۇ: بازاردىكى ھەر بىر ئىستېمالچىنىڭ تاۋارغا بولغان قىزىقىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلىرى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلىرى ئادەتتىكىچە. ئۇنداقتا باھا ئۆسسە ياكى ئۆچرەتتە تۇرسا، ئىستېمالچىلار ئارىسىدا پۇل ياكى ۋاقىت تەننەرخىنى ئەڭ كۆپ تۆلەيدىغانلارنى تاللاپ، مەھسۇلاتنى شۇلارغا سېتىپ بەرگىلى بولىدۇ.
توغرا، كۆپ ھاللاردا، بۇ پەرەز پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. باھا ئۆستۈرۈش ياكى ئۆچرەتتە تۇرۇشنى ئىستېمالچىلارنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلالايدۇ، ئادىل بولماسلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلمايدۇ. لېكىن، ئەگەر ھەر بىر ئادەمنىڭ تاۋارغا بولغان قىزىقىش دەرىجىسى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى دەرىجىدىن تاشقىرى مەستانە بولسا، ھەممىسى ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، ئۇنداقتا، پۇل تەننەرخى ياكى ۋاقىت تەننەرخىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئىستېمالچىلارنى تاللاش مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى چۈنكى ياخشىسىنى تاللاپ چىققىلى بولمايدۇ. چولپانلار ناخشا كېچىلىكىدە دەل مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىك تۇنجى قېتىم بالىنى يەسلىگە تىزىملاتقاندا مۇنداق بىر كۆرۈنۈشكە دۇچ كېلىدۇ، يەنى تىزىملىتىش باسقۇچىدا سىستېما ئەسكەرتىدۇ، ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن! بۇمۇ يۇقىرىقىدەك بىر كۆرۈنۈش.
ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟
ئالاھىدە ياخشى چارە يوق، كەمچىل بايلىقنى تەقسىملەش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى مەڭگۈلۈك قىيىن مەسىلە. بارلىق يوشۇرۇن ئىستېمالچىلار مەلۇم تاۋارنى ياخشى كۆرىدىغان ئەھۋالدا، ھازىرقى ئەڭ ئادىل ئۇسۇل چەك تارتىش. بىراق، گېپىمىزگە كەلسەك، بەلكىم «تەلەي» دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئادالەتسىزلىك بولۇشى مۇمكىن.

---

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى: مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟
2. مۈلۈك چېگراسى: مۈلۈكنى قانداق قىلغان توغرا بېكىتكىلى بولىدۇ؟
3. ﻣﯜﻟﯜك سەپلەش: ﺳﺎن-سىفىر ئارقىسىدىكى ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ئىستراتېگىيەسى
4. قەرز تىجارىتى: يۇقىرى قەرز يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە باراۋەرمۇ؟
5. ﻗﻪرزنىڭ يوشۇرۇنۇشى: ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺟﻪدۋﯨﻠﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﯨﺰىس

6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!

7. پايدا سۈپىتى: سىجىل پايدا ئەڭ قىممەتلىك
8. نەق پۇل سەۋىيەسى: ئىلكىدىكى پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
9. ﻧﻪق ﭘﯘل ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﻪق ﭘﯘل ﺋﻮﺑﻮروﺗﯩﻨﻰ مەنپىي بولغان شىركەتمۇ پېيىنى بازارغا سالالايدۇ؟
10. مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ قوشۇمچە ئىزاھاتى: خېتى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە مۇھىم بولىدۇ
11. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇناسىۋىتى: ھەقدار ۋە پايچىكلارنىڭ ئۆزئارا چەكلەش چارىسى
12. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ: ﻣﯘددﯨﺘﻰ ۋە ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ قوش ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ
13. پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى: AB پاينىڭ كۈچى
14. مونوپوللۇق يەككە پايچىك: سەل قاراشقا بولمايدىغان باغلىنىشلىق سودا
15. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪسى: قىسمەن ئەلالاشتۇرۇش ۋە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ئەلالاشتۇرۇش

16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر

17. تىجارەت تەدبىرى: ئۈنۈملۈك مالىيە ئۇچۇرلىرىنى قانداق تاسقاش كېرەك؟
18. تەننەرخنى پەرقلەندۈرۈش: تىجارەت تەدبىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى
19. بايلىق باشقۇرۇش: ۋاپاغا جاپا ئېففېكتىدىن ھوشيار بولۇش
20. باشقۇرۇش ئىسلاھاتى: ھەممە ئادەم بىر پارچە پايدا جەدۋىلىدۇر
21. مۇقىم مۈلۈك: سېتىۋېلىش، ئىجارىگە ئېلىش كېرەكمۇ ياكى قەرز ئېلىش كېرەكمۇ؟
22. قىممەتكە مەبلەغ سېلىش: باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش
23. كاپىتال خام چوتى: تۈر ئارىسىدا قانداق PK قىلىش كېرەك؟

24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

25. ناتۇرال قەرەللىك ھوقۇقى: مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش
26. خەۋپ-خەتەرنى يۆتكىۋېتىش: سۇغۇرتا ۋە جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش
27. قوشۇۋېلىش تاكتىكىسى: كىچىكىنىڭ چوڭىنى يېيىش پاراسىتى
28. قوشۇۋېلىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى: سودا ئىناۋىتىدىن ئىبارەت «كۈل رەڭ كەركىدان»

29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ

30. پايدا بۆلۈشۈش سىياسىتى: پايدىنى تەقسىملىگەن شىركەت ياخشى شىركەتمۇ؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408