大数跨境

ئالىي مەكتەپ ئارزۇ تولدۇرۇش مەسىلىسى

ئالىي مەكتەپ ئارزۇ تولدۇرۇش مەسىلىسى Nepkar
2022-06-25
1
导读:ئۇنداق بولسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئارزۇسىنى قانداق تولدۇرۇش كېرەك؟ شەھەر، مەكتەپ ۋە كەسىپنى زادى ق

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!


جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك خىزمەت ئارزۇ تولدۇرۇش بولۇپ قالدى.
ئۇنداق بولسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئارزۇسىنى قانداق تولدۇرۇش كېرەك؟ شەھەر، مەكتەپ ۋە كەسىپنى زادى قانداق تاللاش كېرەك؟
ئالدى بىلەن شەھەر توغرىسىدا توختالساق،
شەھەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، سىز قەيەردە ئوقۇسىڭىز، شۇ يەر سىزنىڭ ئىككىنچى يۇرتىڭىز بولۇپ قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بەلكىم سىز شۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىز مۇمكىن. تېخىمۇ ياخشى بىر شەھەر سىزگە پەقەت نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىش پۇرسىتى بېرىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگىمۇ ئىگە قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر كىشىلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز.
شەھەرنى قانداق تاللاش كېرەك؟
كۆپچىلىك بىر كۆرسەتكۈچكە دىققەت قىلسىلا بولىدۇ، يەنى شۇ شەھەرنىڭ نوپۇسى جەلپ قىلىش كۈچىگە قارايدىغان بولساق، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئېقىپ كىرگەن نوپۇس كۆپمۇ ياكى ئېقىپ چىققان نوپۇس كۆپمۇ؟ نوپۇس بىر شەھەرنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىنى ئۆلچەيدىغان ئاچقۇچ، بۇ دەل «ئادەم كۆپ، كۈچ كۆپ» دېگەنلىكتۇر، نوپۇس بىلەن GDP نىڭ ئېشىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئادەم كەسىپكە ئەگىشىپ ماڭىدۇ، نوپۇس جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر شەھەرنىڭ ئىقتىسادى ھەرگىزمۇ ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ. ئىقتىساد ياخشى بولسا، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ.
مۇشۇ لوگىكا ئاساسىدا، شەھەر تاللاشتا ئالدى بىلەن بىرىنچى سەپتىكى شەھەر، يېڭى بىرىنچى سەپتىكى شەھەر ۋە ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرىنى ئويلىشىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلاشقان شەھەرلەردىن قارىغاندا، يېڭى بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەر تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشكەن، چۈنكى بۇ شەھەرلەردە بېسىم بىر قەدەر كىچىك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كەڭ بولغان نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتى، كۈچلۈك تۇرالغۇ ئۆي ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بولغاندىن سىرت، مائاش نىسبىتىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولغان. مەسىلەن، 2021-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش مۇددىئاسىدە ئالدىنقى 10 شەھەر بېيجىڭ، شاڭخەيلەر ئالدىنقى قاتاردا تۇرغاندىن باشقا، نەنجىڭ، چېڭدۇ، تيەنجىن، چىڭداۋ، شىئەن، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت ئالتە يېڭى بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەر گۇاڭجۇ ۋە شېنجېندىن ئېشىپ كەتكەن، چۈنكى كۆپچىلىك شەھەر تاللىغاندا، كونا بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردىن باشقا، يېڭى بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يەتكەن.
ئەمدى مەكتەپ ھەققىدە توختالساق، 
مەكتەپ ۋە كەسىپكە نىسبەتەن، نۇرغۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار بەك ئىككىلىنىپ قالىدۇ. زادى ياخشى مەكتەپنى تاللاش كېرەكمۇ ياكى ياخشى كەسىپنى تاللاش كېرەكمۇ؟ ئەگەر سىز بىلىم ئېلىش ئارزۇسى ۋە تەتقىقات ئويىدا بولسىڭىز، ئالدى بىلەن كەسىپنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن مەكتەپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىڭىز كېرەك، گەرچە بۇ دەۋردە ئىقتىدارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلسىمۇ، ئەمما ئوخشاش شەرت ئاستىدا، قوش ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى بولسا، سىز كارخانا مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قايسىسىنى تاللايسىز؟
مېنىڭچە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر قوش ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تاللايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، مەكتەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاسىتە، پەقەت ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشكىنى ئاچالىغاندىلا، ئاندىن سىزنىڭ قىممىتىڭىزنى نامايان قىلىش پۇرسىتىڭىز بولىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر كۆپ قېتىم يېڭى رېكورت ياراتقان ئەھۋالدا، مەكتەپ تۇنجى قېتىم خىزمەت ئىزدەشتە تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالماقتا.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىر ياخشى مەكتەپنى تاللاپ، تاللىغان كەسىپكە قىزىقمىغان تەقدىردىمۇ، ھازىر نۇرغۇن مەكتەپلەردە كەسىپ ئالماشتۇرسا ۋە قوشۇمچە بىلىم ئاشۇرسا بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە سىز تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان كەسىپكە ئالماشسىڭىز (ئەلۋەتتە، كەسىپ ئالمىشىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس) ياكى ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان كەسىپنى قوشۇمچە ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا كەسىپ توغرىسىدا توختالساق،
ھازىر بەزى ئاتا-ئانىلار ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارزۇ تولدۇرماقچى بولسا، جۇڭگو پاي بازىرىدىكى بەزى پايچىكلارغا ئوخشاش، ئۆرلەش-چۈشۈشنى قوغلىشىپ، قانداق كەسىپ قىزىق نۇقتا بولسا شۇ كەسىپنى تاللايدۇ، ئەمەلىيەتتە مەڭگۈلۈك قىزىق نۇقتىلىق كەسىپ يوق، بارلىق كەسىپلەر دەۋرىيلىك ۋە دەۋردىن ئايرىلالمايدۇ. ھازىر قىزىق نۇقتا بولىۋاتقان كەسىپتە، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنە داۋاملىق قىزىق نۇقتا بولۇشى ناتايىن، چوقۇم كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئويلىشىش كېرەك.
مەسىلەن، 2001-يىلى، جۇڭگونىڭ WTO غا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ياسىمىچىلىق كەسپى باش كۆتۈردى، جۇڭگونىڭ ئېغىر سانائىتىدە، كۆپ مىقدارلىق تاۋار قاتارلىق خام ماتېرىياللار شىددەت بىلەن كۆپەيدى، كۆمۈر سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كان قېزىش، ماشىنىسازلىق، نېفىت قاتارلىق كەسىپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش پايدىسىدىن بەھرىمەن بولدى. ئىككىنچىدىن، جۇڭگو دۇنياۋىلىشىشقا قەدەم قويۇش جەريانىدا، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى تېز ئاشتى، شۇڭا چەت ئەل تىلى، تاشقى سودا كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش بىر قەدەر ياخشى بولدى.
ئوخشاشلا 2000-يىلىدىن كېيىن، ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە كۆچمە ئىنتېرنېتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئىنتېرنېت ماگناتلىرى ئارقا-ئارقىدىن پېيىنى بازارغا سېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن مىليونېرلارنى بارلىققا كەلتۈردى، كومپيۇتېر كەسپىنىڭ تەمىناتى ئۇچقاندەك ئۆرلىدى، تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلىدىن باشلاپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قىزىق نۇقتا كەسپى بولغان بىناكارلىق ئىلمىدىن ئېشىپ ئىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى كەسىپكە ئايلانغان. ھەمدە ئۇدا يەتتە يىل تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەنلەر ئىچىدە ئايلىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى كەسىپكە ئايلىنىپ، ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 2011-يىلىدىكى 4357 يۈەندىن 2020-يىلىدىكى 7396 يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش نىسبىتى %69.7 كە يەتكەن.


كەلگۈسى 10 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىتتا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئىككى چوڭ ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋالىدۇ: بىرى، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يەنە بىرى، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش دېگەنلىك، مىللىي دارامەتنىڭ بارغانسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت كەسپى، مۇلازىمەت كەسپىگە بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى زورىيىدۇ. مەسىلەن، كىنو-تېلېۋىزىيە، كۆڭۈل ئېچىش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار. كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش دېگىنىمىز، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ئېشىش شەكلىنى كاپىتال كۆجۈملەشكەن، بىلىم كۆجۈملەشكەن ئېشىش شەكلىگە ئۆزگەرتىش، ئۆزەك، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، 5G قاتارلىق كەسىپلەرنى ۋەكىل قىلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كەسىپلەر چوقۇم زور تەرەققىياتنى كۈتۈۋالىدۇ.

شۇڭا، كەلگۈسىدە قايسى كەسىپنىڭ قىزىق نۇقتا بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىساد دەۋرىيلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. 
يۇقىرىقىلار مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئارزۇ تولدۇرۇش توغرىسىدىكى شەخسىي قارىشىم بولۇپ، ئالدى بىلەن شەھەرنى، ئاندىن مەكتەپنى، ئاخىرىدا كەسىپنى تاللاش تەكلىپىنى بېرىمەن.
ئەلۋەتتە، ئەگەر ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسىمۇ مەيۈسلەنمەڭ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پەقەت كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن تاللاشلارنىڭ بىرى، سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزنى پۈتۈنلەي بەلگىلىيەلمەيدۇ. مەيلى قەيەردە بولۇڭ، ئىمكانقەدەر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرىڭىزدىن ئۆگىنىپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، توختىماي ئىزدىنىدىغان ئادەم بولۇڭ.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى: مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟
2. مۈلۈك چېگراسى: مۈلۈكنى قانداق قىلغان توغرا بېكىتكىلى بولىدۇ؟
3. ﻣﯜﻟﯜك سەپلەش: ﺳﺎن-سىفىر ئارقىسىدىكى ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ئىستراتېگىيەسى
4. قەرز تىجارىتى: يۇقىرى قەرز يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە باراۋەرمۇ؟
5. ﻗﻪرزنىڭ يوشۇرۇنۇشى: ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺟﻪدۋﯨﻠﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﯨﺰىس

6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!

7. پايدا سۈپىتى: سىجىل پايدا ئەڭ قىممەتلىك
8. نەق پۇل سەۋىيەسى: ئىلكىدىكى پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
9. ﻧﻪق ﭘﯘل ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﻪق ﭘﯘل ﺋﻮﺑﻮروﺗﯩﻨﻰ مەنپىي بولغان شىركەتمۇ پېيىنى بازارغا سالالايدۇ؟
10. مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ قوشۇمچە ئىزاھاتى: خېتى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە مۇھىم بولىدۇ
11. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇناسىۋىتى: ھەقدار ۋە پايچىكلارنىڭ ئۆزئارا چەكلەش چارىسى
12. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ: ﻣﯘددﯨﺘﻰ ۋە ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ قوش ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ
13. پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى: AB پاينىڭ كۈچى
14. مونوپوللۇق يەككە پايچىك: سەل قاراشقا بولمايدىغان باغلىنىشلىق سودا
15. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪسى: قىسمەن ئەلالاشتۇرۇش ۋە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ئەلالاشتۇرۇش

16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر

17. تىجارەت تەدبىرى: ئۈنۈملۈك مالىيە ئۇچۇرلىرىنى قانداق تاسقاش كېرەك؟
18. تەننەرخنى پەرقلەندۈرۈش: تىجارەت تەدبىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى
19. بايلىق باشقۇرۇش: ۋاپاغا جاپا ئېففېكتىدىن ھوشيار بولۇش
20. باشقۇرۇش ئىسلاھاتى: ھەممە ئادەم بىر پارچە پايدا جەدۋىلىدۇر
21. مۇقىم مۈلۈك: سېتىۋېلىش، ئىجارىگە ئېلىش كېرەكمۇ ياكى قەرز ئېلىش كېرەكمۇ؟
22. قىممەتكە مەبلەغ سېلىش: باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش
23. كاپىتال خام چوتى: تۈر ئارىسىدا قانداق PK قىلىش كېرەك؟

24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

25. ناتۇرال قەرەللىك ھوقۇقى: مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش
26. خەۋپ-خەتەرنى يۆتكىۋېتىش: سۇغۇرتا ۋە جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش
27. قوشۇۋېلىش تاكتىكىسى: كىچىكىنىڭ چوڭىنى يېيىش پاراسىتى
28. قوشۇۋېلىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى: سودا ئىناۋىتىدىن ئىبارەت «كۈل رەڭ كەركىدان»

29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ

30. پايدا بۆلۈشۈش سىياسىتى: پايدىنى تەقسىملىگەن شىركەت ياخشى شىركەتمۇ؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0