大数跨境

ياپونىيەگە زادى نېمە بولدى؟

ياپونىيەگە زادى نېمە بولدى؟ Nepkar
2022-06-28
1
导读:قارىماققا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى، ياپونىيەنىڭ ئۆسۈم قوشماسلىقى سەۋەبىدىن بولغاندەك تۇرىدۇ.

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

---
يېقىندىن بىرى ياپونىيە ئىقتىسادى ئېغىر كىرىزىسكە دۇچ كەلدى. 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا 5-ئايلىق پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ پاي چېكى بازىرى، زايوم بازىرى، پىرېۋوت بازىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، پەقەت 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، پاي چېكى بازىرى جەھەتتە ياپونىيە توكيو 225 كۆرسەتكۈچى %3 تۆۋەنلىدى. زايوم بازىرى جەھەتتە، ياپونىيەنىڭ 10 يىللىق زايومنىڭ پايدا نىسبىتى %0.25 كە يېتىپ، ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ۋەدە دائىرىسى (%0.1~%0.1)دىن ئېشىپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە ياپونىيەنىڭ خىيالى ناھايىتى ياخشى، زايوم پايدا نىسبىتىنى ئىزچىل 0 ئۆسۈم نىسبىتى ئەتراپىدا ساقلاپ كەلدى، بۇنداق بولغاندا يېڭى قەرز بىلەن كونا قەرزنى قايتۇرۇپ، پۇل قەرز ئالسا ئاساسەن ئۆسۈم كەتمەيدۇ، بۇ خىل ئوي يەر شارى بويىچە تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتى دەۋرىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ، لېكىن ھازىر ئامېرىكىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %1.75 كە يەتتى. مەبلەغ سالغۇچىلار مۇقەررەر ھالدا ياپونىيە زايومىنى تۆكمە قىلىپ ساتىدۇ، شۇنداقلا تۆكمە قىلىپ سېتىپ نەق پۇلغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، پۇل ياپونىيەدە قالدۇرۇلماستىن، بەلكى سىرتقا ئېقىپ كېتىدۇ، بۇ ياپونىيە يىنىنىڭ پېرىۋوت نىسبىتىنىڭ چۈشۈشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇلتۇرنىڭ بېشىدا بىر ئامېرىكا دوللىرىنى 103 ياپونىيە يىنىغا ئالماشتۇرغىلى بولاتتى، ھازىر بىر ئامېرىكا دوللىرىنى 135 ياپونىيە يىنىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، پەقەت بىر يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە جەمئىي %23 چۈشۈپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق پۇللار ئىچىدە ئىپادىسى ئەڭ ناچار پۇل بولۇپ قالدى.
ياپونىيە پۇل مۇئامىلە بازىرى نېمە ئۈچۈن بۇنداق داۋالغۇپ تۇرىدۇ؟
قارىماققا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى، ياپونىيەنىڭ ئۆسۈم قوشماسلىقى سەۋەبىدىن بولغاندەك تۇرىدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز ئومۇمىي سوممىسى GDP نىڭ 2.6 ھەسسىسىدىن ئاشىدۇ، ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم قوشۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۆسۈم قوشۇلغان ھامان ئۆسۈمنى قايتۇرالمايدۇ. شۇڭا، ياپونىيە يېنى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈم پەرقىمۇ بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ، باشقا ئامىللار ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ياپونىيە يېنى پەقەت تۆۋەنلەشكە، ياپونىيە قەرزىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەشكە مەجبۇر بولىدۇ، پاي چېكى بازىرىمۇ ئامان قالمايدۇ.

لېكىن ماھىيەتتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ياپونىيەگە ئىشەنچى قالمىدى. ئەڭ بىۋاستە ئىپادىسى شۇ كۈنى ئۇدا 10 ئاي سودا پاسسىپ بالانىسى كۆرۈلگەن. پاسسىپ بالانىس دېگىنىمىز، ئۆز دۆلىتىنىڭ تاۋارلىرىنى ئېكسپورت قىلىپ تاپقان پۇلى ئاز بولۇش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاۋارلىرىنى ئىمپورت قىلغاندا، (باشقا دۆلەتلەر) تاپقان پۇلى (ئۆز دۆلىتى) ئېكسپورت قىلغان پۇلىدىن كۆپ بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
نېمە ئۈچۈن سودىدا پاسسىپ بالانىس كۆرۈلىدۇ؟
بىرىنچى، ياپونىيە ئېنېرگىيەگە ئېغىر دەرىجىدە تايىنىدۇ. %88 ئېنېرگىيە (نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە %63 ئاشلىق ئىمپورت قىلىنىدۇ. رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا توقۇنۇشقاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى جازالىشىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، ياپونىيە رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى توختاتتى، ئەمما رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان ئېنېرگىيەنى توختىتىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، ئېكسپورت قالمىدى، پەقەت ئىمپورتلا قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمپورت قىلغان ئېنېرگىيەنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، سودا پاسسىپ بالانىسى پەيدا بولدى، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ 5- ئايدىكى سودا پاسسىپ بالانىسى 2 تىرىليون 380 مىليارد يېن (تەخمىنەن 17 مىليارد 700 مىليون دوللار)غا يەتكەن، بۇ تارىختىن بۇيانقى ئىككىنچى چوڭ پاسسىپ بالانىس بولۇپ، 2014-يىلى 1-ئايدىكى 2 تىرىليون 790 مىليون يېن (تەخمىنەن 2 مىليارد 400 مىليون دوللار)غا توغرا كېلىدۇ.
ئىككىنچى، ياپونىيەنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولدى.
كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ياپونىيە كۈچلۈك سودا دۆلىتى ۋە سانائەت دۆلىتى، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ ئېكسپورتىدا ئاساسلىقى ئىككى چوڭ كەسىپ بار ئىدى: بىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يەنە بىرى، ئاپتوموبىل. ياپونىيەنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئاللىقاچان زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، ئاپتوموبىلچىلىقىمۇ خارابلىشىۋاتقان ئىدى. ياپونىيەمۇ ھەقىقەتەن ئاپتوموبىلغا تايىنىپ دۆلەت قۇرغان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-، 80-يىللىرى ياپونىيە ئاپتوموبىللىرى شىمالىي ئامېرىكىدا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى مەغلۇپ قىلغان، بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىنى ئەرزان، سۈپەتلىك دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇنداق ياخشى كۈنلەرمۇ كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، بۇ جەھەتتە جۇڭگو ھازىر دۇنيانىڭ باشلامچىسى. كورىيە ئاپتوموبىل جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كورىيە جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى 2000-يىلىدىكى %1.8 تىن %34.9 كە ئۆرلىگەن، ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلغان ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى بولسا 2000-يىلىدىكى %45.5 تىن 2021-يىلىدىكى %11.6 كە تۆۋەنلىگەن. بۇ ياپونىيەنىڭ ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەمدى ياپونىيەنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە قاراپ باقايلى:
ياپونىيەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچىسىنىڭ ئورنىنى كورىيە ۋە جۇڭگو تەيۋەن ئالدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئالاقە تورى ساھەسى بولسا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى.

ياپونىيە خەلقئارا ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسى مەسىلىسىنىڭ قوش بېسىمى ئاستىدا، سودىدىكى پاسسىپ بالانس بارغانسېرى چوڭىيىپ، پاسسىپ بالانس كېڭىيىپ، ياپونىيە يىنىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ياپونىيە يىنىنىڭ كۇرسى چۈشكەندىن كېيىن، ئىمپورت ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن خەجلىنىدىغان پۇل تېخىمۇ كۆپ، ئېكسپورتتا پايدا ئاز بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە سودىدىكى پاسسىپ بالانسنى پەيدا قىلىپ، بىر يامان خاراكتېرلىق دەۋرىيلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ.
نۆۋەتتە ھەل قىلىدىغان چارە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش، لېكىن باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز ئومۇمىي سوممىسى GDP نىڭ 2.6 ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئۆسۈم قوشۇلغان ھامان ياپونىيەدە قەرز كرىزىسى يۈز بېرىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ دەرھال ئىجرا قىلىنغان بىلەن باراۋەر بولۇپ، جاھىللىق بىلەن ئۆسۈم قوشماسلىق بولسا ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش بىلەن باراۋەر. شۇڭا ياپونىيە پەقەت ياپونىيە يىنىنىڭ كۇرسى چۈشۈش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، داۋاملىق پۇل باسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خەلقئارا ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تېزدىن چۈشۈشىگە ئىلتىجا بولىدۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش ۋە مۈلۈك-قەرز جەدۋىلىنى قىسقارتىش تېزلا تاماملاندى، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن سەپەر، ياپونىيەنىڭ يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى: مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟
2. مۈلۈك چېگراسى: مۈلۈكنى قانداق قىلغان توغرا بېكىتكىلى بولىدۇ؟
3. ﻣﯜﻟﯜك سەپلەش: ﺳﺎن-سىفىر ئارقىسىدىكى ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ئىستراتېگىيەسى
4. قەرز تىجارىتى: يۇقىرى قەرز يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە باراۋەرمۇ؟
5. ﻗﻪرزنىڭ يوشۇرۇنۇشى: ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺟﻪدۋﯨﻠﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﯨﺰىس

6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!

7. پايدا سۈپىتى: سىجىل پايدا ئەڭ قىممەتلىك
8. نەق پۇل سەۋىيەسى: ئىلكىدىكى پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
9. ﻧﻪق ﭘﯘل ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﻪق ﭘﯘل ﺋﻮﺑﻮروﺗﯩﻨﻰ مەنپىي بولغان شىركەتمۇ پېيىنى بازارغا سالالايدۇ؟
10. مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ قوشۇمچە ئىزاھاتى: خېتى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە مۇھىم بولىدۇ
11. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇناسىۋىتى: ھەقدار ۋە پايچىكلارنىڭ ئۆزئارا چەكلەش چارىسى
12. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ: ﻣﯘددﯨﺘﻰ ۋە ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ قوش ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ
13. پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى: AB پاينىڭ كۈچى
14. مونوپوللۇق يەككە پايچىك: سەل قاراشقا بولمايدىغان باغلىنىشلىق سودا
15. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪسى: قىسمەن ئەلالاشتۇرۇش ۋە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ئەلالاشتۇرۇش

16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر

17. تىجارەت تەدبىرى: ئۈنۈملۈك مالىيە ئۇچۇرلىرىنى قانداق تاسقاش كېرەك؟
18. تەننەرخنى پەرقلەندۈرۈش: تىجارەت تەدبىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى
19. بايلىق باشقۇرۇش: ۋاپاغا جاپا ئېففېكتىدىن ھوشيار بولۇش
20. باشقۇرۇش ئىسلاھاتى: ھەممە ئادەم بىر پارچە پايدا جەدۋىلىدۇر
21. مۇقىم مۈلۈك: سېتىۋېلىش، ئىجارىگە ئېلىش كېرەكمۇ ياكى قەرز ئېلىش كېرەكمۇ؟
22. قىممەتكە مەبلەغ سېلىش: باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش
23. كاپىتال خام چوتى: تۈر ئارىسىدا قانداق PK قىلىش كېرەك؟

24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

25. ناتۇرال قەرەللىك ھوقۇقى: مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش
26. خەۋپ-خەتەرنى يۆتكىۋېتىش: سۇغۇرتا ۋە جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش
27. قوشۇۋېلىش تاكتىكىسى: كىچىكىنىڭ چوڭىنى يېيىش پاراسىتى
28. قوشۇۋېلىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى: سودا ئىناۋىتىدىن ئىبارەت «كۈل رەڭ كەركىدان»

29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ

30. پايدا بۆلۈشۈش سىياسىتى: پايدىنى تەقسىملىگەن شىركەت ياخشى شىركەتمۇ؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408