ئالاھىدە خوش خەۋەر:
ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: نورمال ھالەتتىكى بايلار تىرىشچانلىققا تايىنىدۇ، ئوتتۇراھال بايلار تەلەيگە تايىنىدۇ، چوڭ بايلار تەقدىرگە تايىنىدۇ.
تۇرمۇشتا قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشتەك بۇنداق تۆۋەن دەرىجىلىك باي بولۇشتا، شەخسنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىشتا ئەلۋەتتە مەسىلە يوق، لېكىن بايلىق جەھەتتە ھەسسىلىنىشكە، قاتلامنىڭ ھالقىشىغا ئوخشاش ئوتتۇرا ھال باي بولۇش، چوڭ باي بولۇشتا، شەخسنىڭ ئىقتىدارىدىن باشقا، يەنە دەۋرنىڭ پۇرسىتىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «پۇل بېسىش ماشىنىسى»نىڭ مەشغۇلات لوگىكىسىنى چۈشىنىش كېرەك.
«پۇل بېسىش ماشىنىسى» دېگىنىمىز، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا، زور مىقداردىكى ئىجتىمائىي بايلىق ۋە مەبلەغنى توپلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ھەمدە زور مىقداردا بايلىق يارىتىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەتتىكى كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغان بىر خىل يۆنىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا ئوخشاش بولمىغان «پۇل بېسىش ماشىنىسى» بولىدۇ. جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى «پۇل بېسىش ماشىنىسى» بارلىققا كەلدى.
بىرىنچى دەرىجىدىن تاشقىرى «پۇل بېسىش ماشىنىسى»: ۋاكالىتەن پىششىقلاپ ئىشلەش + ئېكسپورت قىلىش
1978-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، جۇڭگو ئەرزان ئەمگەك كۈچى ۋە يەر بايلىقىغا تايىنىپ، دۇنيا ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۈچنى كىرگۈزۈش، بىرنى تولۇقلاش» («ماتېرىيال پىششىقلاپ ئىشلەش»، «زاپچاسلارنى قۇراشتۇرۇش»، «نۇسخا ئېلىپ پىششىقلاش» ۋە «تولۇقلىما سودا») ۋەكىللىكىدىكى پىششىقلاش سودىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، نەچچە يۈز مىليون دېھقان ئىشلەمچى چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيغا مەركەزلەشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋېنجوۋ سودىگەرلىرى، يىۋۇنىڭ ئۇششاق تاۋارلىرى، دۇڭگۈەن ئېلېكتىرونلىرى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى.
ئىككىنچى دەرىجىدىن تاشقىرى «پۇل بېسىش ماشىنىسى»: ئۆي-مۈلۈك + ئالاقە تورى
2008-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىكى «ئالتۇن ئون يىل» بولۇپ، چوڭ-كىچىك ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى ئۇچقاندەك ئۆسۈپ يېتىلىپ، سېتىش كۆلىمىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى رېكورت يارىتىلدى. مەبلەغ سالغۇچىلار كۆپ پۇل تاپتى، يەر سېتىش كىرىمىمۇ يەرلىك مالىيە كىرىمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا 2014-يىلى باشلامچى ئالاقە تورى چوڭ زاۋۇتىنىڭ ئامېرىكىدا پېيىنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى شىركىتى ئالتۇن مەزگىلنى كۈتۈۋالدى، تۈركۈملەپ زور بايۋەچچىلەر ۋە سان-ساناقسىز كارخانىلار بارلىققا كەلدى. 2021-يىلى ئۆي-مۈلۈك ساھەسىنىڭ ياخشى كۈنى ئاخىرلاشتى، ئالاقە تورىمۇ دۆلەتنىڭ كۈچلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ۋە مونوپولغا قارشى تۇرۇشىغا دۇچ كەلدى.

نۆۋەتتە ئۈچىنچى دەرىجىلىك «پۇل بېسىش ماشىنىسى»: پەن-تېخنىكا + پۇل مۇئامىلە بازىرى قوزغىتىلىۋاتىدۇ
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان پەن-تېخنىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، تۆۋەن كاربونلۇق بۇلغىما ئازايتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈچىنچى «پۇل بېسىش ماشىنىسى» نېمە ئۈچۈن پەن-تېخنىكا ھېسابلىنىدۇ؟
2021-يىلى ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى 12 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئوتتۇراھال كىرىم توزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە قەدەم قويدى، چوقۇم پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك، بولمىسا يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەن تەقدىردىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە كەسىپ كونا بولۇش سەۋەبلىك ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر سېپىگە قايتىدىن قايتىپ كېلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، تارىختا ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئۆرنىكى بولالايدۇ.
مۇشۇ ئاساستا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەزدىن يەرلىككىچە كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى كىچىك گىگانت كارخانىلار، مەركىزىي بانكا كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى قوللاش قوراللىرىنى يولغا قويۇپ، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشقا كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، فوتوۋولتلۇق شامال ئېلېكتىر قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يۆلىدى.
ئۈچىنچى «پۇل بېسىش ماشىنىسى» نېمە ئۈچۈن پۇل مۇئامىلە بازىرى بولىدۇ؟
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا نۇرغۇن مەبلەغ كېتىدۇ. ئەگەر ۋاستىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە تايانغاندا، بانكىدىن قەرز ئالغاندا، رەنىگە قويىدىغان نەرسە بولغاندىلا، ئاندىن كارخانىلارغا قەرز بېرىدۇ، ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى يەرنى رەنىگە قويسا بولىدۇ، ئەمما يۇقىرى يېڭى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، دەسلەپتىلا بۇ بىر ئۇقۇم بولۇشى مۇمكىن. سودا بانكىسىمۇ بۇ خىل خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى كارخانىلارغا زور كۆلەمدە قەرز بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئەگەر قەرز پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمى نورمال قايتۇرۇۋېلىنمىسا، زور مىقداردىكى تىرىلمەس ھېساب شەكىللىنىپ، ئاسانلا سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ ۋە قائىدە مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ، مەسىلەن، بېيجىڭ ئاكسىيە بېرژىسىنى قۇرۇش، تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنە شەخسىي كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتى، بۇ مەبلەغ سېلىپ كۈتۈنۈش ھېسابلىنىدۇ، قوشۇلما قىممەت قىسمى مۇقەررەر ھالدا پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا، جۇڭگو ئالدى بىلەن ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، سانائەتلەشتۈرۈش ۋە شەھەرلەشتۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ تاپقىنى مۈلۈك قىممىتى ئۆرلىگەن پۇل بولدى، پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسى قىلىپ ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن پايدا ئالدى. كەلگۈسىدە جۇڭگو يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە دۇنياغا يۈزلىنىپ، يۇقىرى پايدا ئالىدۇ، مەيلى سىز ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئاتلىنىڭ ياكى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا يۈرۈش قىلىڭ، تاپقان پۇلنىڭ ھەممىسى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ پۇلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى «پۇل بېسىش ماشىنىسى»غا يۈزلىنىشتە، مۇھىمى ھەرىكەت، مەسىلەن، سىز ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەسىپ تاللاش جەھەتتە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پەن-تېخنىكىدىن ئىبارەت بۇ لىنىيە بىلەن چېتىشىسىز، ئەگەر ئالاقىدار شىركەتلەرگە بىۋاسىتە كىرەلمىسىڭىز، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى ئالاقىدار كەسىپ زەنجىرىگە كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پۇل مۇئامىلە بازىرى بىلەن ئۇچراشساق بولىدۇ، بۇ يەردە كۆپچىلىكنى پاي چېكى سودىسى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرمايمىز، مەبلەغ سېلىش بىلەن ھايانكەشلىكنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك. خۇددى بىر قىسىم كىشىلەر يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، پاي چېكى ياكى فوند سېتىۋالدى، لېكىن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ، بازاردىكى داۋالغۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەي سېتىۋەتتى، مانا بۇ ھايانكەشلىك قىلمىشىدۇر. ھەقىقىي مەبلەغ سېلىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە قىممەتكە ئىگە مەبلەغ سېلىش بولۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئارقىسىدا كەسىپ، ساھە ۋە شىركەتلەر بار، جۇڭگونىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەمدىلا باشلاندى، قارىماققا ئېنىقسىزلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان «پۇل بېسىش ماشىنىسى»نىڭ بەزى مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ھازىرلىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ يەردە كۆپچىلىككە «مالىيە تەپەككۇرى (بۇ يەرنى بېسىڭ)» ۋە «ئىقتىساد تەپەككۇرى (بۇ يەرنى بېسىڭ)»، «پاي چېكى سودىسى (بۇ يەرنى بېسىڭ)» ناملىق كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا قانداق قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پۇل بېسىش ماشىنىسىدا ئادەتتىكى كىشىلەر ئۆمرىدە ئۇچرىتالايدىغان ھەم قاتنىشالايدىغان پۇرسەت كۆپ ئەمەس، ئەگەر سىز ئالدىنقى ئىككى پۇل بېسىش ماشىنىسىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىڭىز، كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ پۇل بېسىش ماشىنىسى سىز ئۈچۈن بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:
6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!
16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر
24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ
