搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
300 مىليون يېڭى شەھەر ئاھالىسىنىڭ قىيىن مەسىلىسى!
>
300 مىليون يېڭى شەھەر ئاھالىسىنىڭ قىيىن مەسىلىسى!
Nepkar
2022-03-31
1
导读:300 مىليوندىن ئارتۇق يېڭى شەھەر ئاھالىسى ئېلىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىياتىدا غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوين
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
3-ئاينىڭ 2-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەركەز رەھبەرلىرى 300 مىليوندىن ئارتۇق «يېڭى شەھەر ئاھالىسى»نى ياخشى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ 2021-يىلى بېسىپ تارقىتىلغان «كاپالەتلىك ئىجارە تۇرالغۇسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىلگەن: «شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى، ياشلار قاتارلىق ئاممىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.» دېگەندىن كېيىنكى يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىگە قارىتىلغان يەنە بىر پايدىلىق سىياسەت.
يېڭى شەھەر ئاھالىسى دېگەن نېمە؟ شەھەر-بازارلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئەمما تېخى نوپۇسى يوق ياكى ئەمدىلا نوپۇسقا ئالغىنىغا ئىككى، ئۈچ يىل بولمىغان ئاممىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت نېمە ئۈچۈن يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىگە سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىدۇ؟ تۆۋەندىكى بىرقانچە سەۋەب بار:
بىرىنچى، يېڭى شەھەر ئاھالىسىنى قوغداش «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنىڭ بىر قىسمىنى ياخشى ھەل قىلىشتۇر. يېزىلارنى شەھەرلەشتۈرۈش سەۋەبلىك، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئازىيىپ، نۇرغۇن ئىشلەمچىلەر بارلىققا كەلدى، بۇ كىشىلەر تەربىيەلىنىش دەرىجىسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەھەرلەردە ئۇلارنىڭ رىقابەت كۈچى بىر قەدەر ئاجىز، 2021-يىلى «ئورتاق بېيىش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاۋۋال بېيىغانلار تېخى بېيىمىغانلارغا ياردەم بېرىش تەكىتلەندى. يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش شەھەر تەرەققىياتىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان يول.
ئىككىنچى، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى دۇچ كەلگەن تۆت چوڭ قىيىن مەسىلىنى جىددىي ھەل قىلىش كېرەك. مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ ئۆي، ياشانغاندا كۈتۈنۈش.
مەسىلەن: ئۆلچەمگە يەتمىسە، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى شۇ يەردە ئوقۇيالمايدۇ ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشالمايدۇ ۋە باشقىلار. كۆپ قىسىم يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خىزمىتى كۆچمە ھالەتتە بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ئورۇندا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋاقتى ئاران يېرىم يىل، ئۇلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى نورمال تاپشۇرالمايدۇ، شۇنداقلا ياخشى بولغان شەھەر-بازار داۋالاش ئېتىبارى ۋە بايلىقى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.
ھازىر كۆپۈكلىشىش ئېغىر بولغان ئۆي بازىرى، يۇقىرى ئۆي باھاسى، يۇقىرى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى، بۇ كىشىلەرنى ئېغىر ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۆي ئىجارە ئېلىش ھالىتىدە تۇرماقتا، ئۆي ئىجارە ئېلىشنىڭ باھاسىمۇ يىلمۇيىل شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلار ساناتورىيە بايلىقى قىس بولۇپ، ئۇلار ياشانغاندا بېقىلىش شارائىتى يوق. بۇ مەسىلىلەرنى دۆلەت قانداق ھەل قىلىشنى ئويلىشىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، يېڭى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىسى غايەت زور. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ زور بىر قىسمى «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»دا ئىپادىلىنىدۇ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى» بولسا خېلى زور دەرىجىدە يېڭى شەھەر ئاھالىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مىليونلىغان جۇڭگو سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مىسال ئالساق، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شەھەرگە كىرگەن بىر دېھقان ئىشلەمچىنىڭ بىر شەھەرگە ياراتقان قىممىتى ھەر ئايدا 25 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئۆزى ئېرىشىدىغىنى ئاران 8000 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ شەھەردە قالىدۇ دېگەن گەپ، مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەگەر بىر شەھەردە 100 مىڭ دېھقان ئىشلەمچى بولسا، شۇ يىلى بۇ شەھەرگە 1 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ يارىتىدىكەن، ھازىر ئېلىمىزدىكى ھەر قانداق بىر چوڭ شەھەر 1 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچىنى جەلپ قىلالايدىكەن.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، 1ـ، 2ـ، 3-كەسىپنىڭ دۆلىتىمىز GDP سىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %15، %45، %40 بولدى؛ 1978-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان 39 يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ 2-كەسپىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى 3-كەسىپنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو جەمئىيىتىدە كۆپەيگەن بايلىق ئاساسلىقى 2-كەسىپ ۋە 3-كەسىپتىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2-كەسىپتىن يارىتىلغان بايلىق ئەڭ كۆپ.
300 مىليوندىن ئارتۇق يېڭى شەھەر ئاھالىسى ئېلىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىياتىدا غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، شەھەرلەردىكى نۇرغۇن ئىش ئورۇنلىرىدا ئۇلار بار، شۇڭا ئۇلارغا بولغان ئاساسىي كاپالەتنى ياخشى قىلىش ھۆكۈمەت چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. ئومۇمىي خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ تارىخىي نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، 300 مىليون يېڭى شەھەر ئاھالىسى دۇچ كەلگەن مەسىلە بىز ئورتاق يۈزلىنىشكە ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك يېڭى مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.
تورداش دوستۇم، سىز يېڭى شەھەر پۇقراسىمۇ؟ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ مەسىلىلەر سىزنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانمۇ؟ ئىنكاس رايونىدا كۆرۈشەيلى!
مەنبە: «خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ» ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408