搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئۇلار ياپياش تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن چېكىنىدۇ؟
>
ئۇلار ياپياش تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن چېكىنىدۇ؟
Nepkar
2022-04-10
1
导读:خوش، نېمە ئۈچۈن بۇ ئالاقە تورى رولچىلىرى بەس-بەستە كەسپىدىكى تازا چاغ ۋاقتىدا ۋەزىپىسىدىن چېكىنىشنى
يېقىندا، جىڭدۇڭ يېقىندىلا بىر توپ جىڭدۇڭلۇقلارنى «ئوقۇش پۈتتۈر»گۈزدى؛ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ليۇ چياڭدۇڭنىڭ ئۆزىمۇ «ئوقۇش پۈتتۈردى
». شۇنىڭ بىلەن، ما يۈن، خۇاڭ جېڭدىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ CEO لىرى ئارقا-ئارقىدىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى. ھەتتا 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بايتلىق سەكرەشنىڭ CEO سى جاڭ يىمىڭمۇ بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى.
خوش، نېمە ئۈچۈن بۇ ئالاقە تورى رولچىلىرى بەس-بەستە كەسپىدىكى تازا چاغ ۋاقتىدا ۋەزىپىسىدىن چېكىنىشنى تاللايدۇ؟ ئۇلار «يېتەرلىك پۇل تېپىپ بولدىمۇ» ياكى كەسپىنى داۋاملىق قىلالمامدۇ؟
بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، كۆپچىلىكتىن بىر سوئال سوراپ باقاي. سىز «ئالاقە تورى تەپەككۇرى» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بەزىلەر تەرجىمە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالاقە تورى تەپەككۇرى» دەل «ئېقىم مىقدارى تەپەككۇرى»دۇر.
ئالاقە تورى دېگەن نېمە؟ ئالاقە تورى دېگەن ئېقىم تالىشىش دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن، توردا ماشىنا چاقىرىش جېڭىدە نېمىشقا بۇنچە كۆپ پۇل كۆيدۈرۈلىدۇ؟ چۈنكى بازار مۇشۇنداق چوڭ بولسىمۇ، يەڭگۈچى پەقەت بىرلا، كىم ئاۋۋال يېتەرلىك ئېقىم مىقدارىغا ئىگە بولالىسا، شۇ بىراقلا چوققىغا چىقىپ، يەڭگۈچى ھەممىنى يەۋېرىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان، «ئېقىم مىقدارى» ئىنتېرنېتنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ كەلدى.
مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن، ئېقىم مىقدارىنىڭ ھەممىسىنىڭ تورۇسى بولىدۇ، جۇڭگودا توردىن مال سېتىۋالىدىغان ئابۇنىچىلار شۇنچە كۆپ، قىسقا سىن كۆرىدىغان ئابۇنىچىلار شۇنچە كۆپ، دەسلەپتە سىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئۆرلەيدىكەنسىز، خۇددى دۆلىتىمىزنىڭ ئىلگىرىكى ئىقتىسادىغا ئوخشاش، لېكىن ئۆرلەپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە تىپ ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىسىز. چۈنكى ئىلگىرىكى بىر يۈرۈش «ئېقىم مىقدارىنى مەركەز قىلغان» ئەندىزە ۋە ئويناش ئۇسۇلى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى دېگەن گەپ!
كونىلاردا «ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش تەس، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش تېخىمۇ تەس.» دەيدىغان گەپ بار. «ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان» بۇ كىشىلەر بالدۇرلا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى، بۇ بەلكىم مۇنداق بىر ھەممىمىز ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدىغان بىر سىگنالنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ دەۋرنىڭ پۇل تېپىش لوگىكىسى رول ئويناۋاتىدۇ.
ئىلگىرى زېمىننى كېڭەيتىپ، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىش تەكىتلىنەتتى؛ ھازىر تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ئىلگىرى بازار سىغىمى بەك چوڭ ئىدى، كۆپچىلىك كۈچەپ توۋلايتتى، ھازىر بازار كۈندىن-كۈنگە يۆگىمىلەشمەكتە، كۆپچىلىك مەزمۇن، تېخنىكا، مەھسۇلات جەھەتتە تېخىمۇ بەسلەشمەكتە.
بۇ بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە، ئاددىي كىشىلەر ئۈچۈن ياخشى ئىشمۇ ياكى يامان ئىشمۇ؟
مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، بۇ ئادەتتىكى ئادەم ئۈچۈن ھەم خىرىس، ھەم پۇرسەت.
سىزدە مۇنداق بىر خىل تۇيغۇ بارمۇ؟ يەنى سىز ھازىر بىر نەرسە سېتىۋالماقچى، تاللاش پۇرسىتى ھەقىقەتەن بەك كۆپ، تور سىرتىدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ، تاۋباۋ ياكى جىڭدۇڭدىنمۇ سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دوۋيىن سۇپىسىدىنمۇ سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئىنتېرنېتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تاۋارلار بارغانسېرى توغرا يۆنىلىشتە تىزىلغان بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا بۇ ئۈچ سۇپىدا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى، ھازىر سىز نەرسە سېتىۋالغاندا، كۆپىنچىسى زاۋۇتتىن بىۋاستە مال تارقىتىدۇ، ھەتتا زاۋۇتتىن زاكاز قىلىپ مال تارقىتىدۇ. بۇرۇنقىغا ئوخشاش تۈرلۈك داڭلىق ماركىلىق سودىگەرلەر، توپ تارقىتىش سودىگەرلىرى، پارچە سېتىش سودىگەرلىرىدىن ئۆتىدىغان ئىش يوق.
ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تۆۋەن قاتلام لوگىكىسى، بارغانسېرى ئۈنۈمنى قوغلىشىۋاتىدۇ. مال ئادەمگە قارىغاندا كەمچىل بولغاندا، قاتلاممۇقاتلام ۋاسىتىچى سودىگەرلەرگە مەۋجۇتلۇق پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ؛ ئادەم مالغا قارىغاندا كەمچىل بولغاندا، سودىگەرلەرنى ئارىلىقتىكى تەننەرخنى ئازايتىپ، تاۋارلارنىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتىنى يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشكە مەجبۇرلايدۇ! بۇ، ئۇلارنى ئىستېمالچى بولغان بىزگە چوقۇم ئىنتايىن دوستانە مۇئامىلە قىلدۇرىدۇ؛ ھەر خىل تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ.
مەسىلەن، يېزىدىكى دوستلار، ئەگەر سىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىڭىز يېتەرلىك ياخشى بولسا، سىز داڭلىق ماركىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، بىۋاستە سودىگەرنى تۇتاشتۇرسىڭىز بولىدۇ، ھەتتا سىز دوۋيىن، كۇەيشوۋغا ئوخشاش سۇپىدا، ئۆزىڭىز بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، مالنى بىۋاسىتە تارقاتسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەلۇم دوۋيىندا يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار تۈرىگە قارىتا ئېقىم مىقدارى ياردىمى بار.
ئىلگىرى دائىم «ئېسىل تاۋار ھەمىشە خېرىدارسىز قالاتتى»، سىزنىڭ ياخشى نەرسىڭىز بار، تىجارەت قىلىشنى بىلمىسىڭىز ھېچكىمنىڭ كارى يوق ئىدى؛ لېكىن بىز تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى بۇرچنىڭ بارغانسېرى كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ ماس كەلمەسلىكىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىر ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئاشۇ داۋراڭسىز ياخشى ماللارنىڭ توسالغۇدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھەقىقىي ياخشى مالنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرگە يېتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەم ئۈنۈمگە ماس كېلىدۇ، ھەم ئادىل تەقسىم قىلىشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ، ھەم ئورتاق بېيىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408