ئالاھىدە تەۋسىيە:
توردا تارقىلىپ يۈرگەن تېسلا يانفونىنىڭ ئىسمى Model Pi بولۇپ، 2024-يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن، ماسك بۇ يانفونغا زور ئۈمىد باغلىغان، ھەتتا ئۇنى ئالمىنى مەغلۇپ قىلىدىغان ئۆتكۈر قورال دەپ قارىغان.
ئالما يانفون ساھەسىدە ئەزەلدىن ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان رىۋايەت، ماسك بۇ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىيالامدۇ؟
ماسك يانفون ئىشلىمەكچىمۇ؟
ئېلون ماسكنىڭ جىسمىدا كارخانىچىلار، ئىنژېنېرلار ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى دېگەندەك بىر قاتار ئاتاقلار بار. ئۇ 2021-يىلى يېڭىدىن دۇنيادىكى بىرىنچى باي بولۇپ، بايلىقى 300 مىليارد دوللاردىن ئاشقان تۇنجى كىشى بولۇپ قالغان ئىدى.
بۇ يىل ماسك تىۋىتتېرنى سېتىۋېلىش پىلانىنى باشلىدى. 2020-يىلى تىۋىتتېرنىڭ كۈندىلىك ئاكتىپ ئابونتى 187 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، ماسكنىڭ تىۋىتتېرنى سېتىۋېلىشى ئابونتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ بەلكىم يانفون كەسپىنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇشى مۇمكىن.
بىراق ئۇنىڭ سېتىۋېلىش پىلانى زور توسالغۇغا ئۇچرىدى. چۈنكى ئۇ سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنلا تىۋىتتېرنىڭ %9.2 پاي چېكىگە ئىگە بولغان ھەمدە بازارغا ئېلان قىلمىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى (SEC)نىڭ دىققىتىنى تارتقان. تىۋىتتېر مۇدىرىيىتى ماسكنىڭ بۇ ئىشنى چوڭايتىۋېتىشىدىن، ھەتتا «زەھەرلىك كومىلاچ پىلانى» تۈزۈپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاساسلىقى ماسكنىڭ تىۋىتتېرنىڭ پاي چېكىنى زور دەرىجىدە سېتىۋېلىشىدىن ساقلاندى.
قاتمۇ قات توسالغۇلار ئاستىدا، ماسك 5-ئايدا تىۋىتتېرنى سېتىۋېلىش پىلانىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. قارىغاندا ماسكنىڭ يانفون ساھەسىدە ئۆزىنى نامايان قىلىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەستەك قىلاتتى. ماسك زور ئۈمىد كۈتۈۋاتقان Model Pi نىڭ قانداق ئىقتىدارى بار؟

تېسلا يانفونىنىڭ ئىقتىدارلىرى
نۆۋەتتە توردا تارقالغان Model Pi ئادەم مېڭىسىنى تۇتاشتۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا SIM كارتىسى لازىم بولمايدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى ئىقتىدار ئەمەلگە ئاشسا، ھازىرقى يانفون كەسپىگە ھەقىقەتەن چوڭ زەربە بولىدۇ، مەسىلە ماسك قارمىقىدىكى شىركەتنىڭ تەتقىقاتى راستىنلا مۇشۇ باسقۇچقا كەلدىمۇ؟
Neuralinkk بولسا ماسك قارمىقىدىكى بىر شىركەت بولۇپ، تەتقىقات ئوبيېكتى مېڭە ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى تېخنىكىسى. مېڭە ماشىنىسىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزى بولسا ئەڭ كىچىك ئېلېكتىرومېخانىكىنى چوڭ مېڭىگە كۆچۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېر بىلەن مېڭە ھۈجەيرىسىنى «ھەمتۈرتكە قىلىش»تىن ئىبارەت.
لېكىن بۇ شىركەتنىڭ نۆۋەتتىكى تەتقىقات سۈرئىتى ئانچە ياخشى ئەمەس. 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، PCRM ئىسىملىك پايدا ئالمايدىغان بىر ئورگان Neuralinkk شىركىتىنىڭ ھايۋانلارنى خورلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى: پۈتكۈل مېڭە ماشىنىسى ئۇلاش ئېغىزى تەجرىبە تۈرى جەمئىي 23 تەجرىبە مايمۇنىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 15 ى ئۆلگەن.
بۇ خەۋەر سەۋەبىدىن، Neuralinkk نىڭ تەتقىقاتى زور كاشىلىغا ئۇچرىدى. چوڭ مېڭە قانداقلا بولمىسۇن ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئاجىز توقۇلما بولۇپ، زور مىقداردىكى تەجرىبە بولمىسا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا Model Pi دا ئادەم مېڭىسىنى ئۇلاشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

ماسكنىڭ پىلانى 42 مىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش بولۇپ، بۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى، چۈنكى ئۇ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ يىل 4-ئايدا، بىر مەيدان قۇياش بورىنى ماسك يېڭىدىن قويۇپ بەرگەن 40 دانە «يۇلتۇز زەنجىرى» سۈنئىي ھەمراھىنى كېرەكتىن چىقاردى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئەگەر «يۇلتۇز زەنجىرى» سۈنئىي ھەمراھىنى داۋاملىق قويۇپ بەرسە، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ تاسادىپىيلىق SpaceX نىڭ پىلانىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى، ھازىرقى «يۇلتۇزلار زەنجىرى» سۈنئىي ھەمراھى روشەنكى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئابۇنىچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە يۇلتۇز زەنجىرى سىستېمىسىنىڭ ئايلىق ھەققى ئەرزان ئەمەس، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 99 ئامېرىكا دوللىرى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 ئامېرىكا دوللىرى، ئامېرىكا تېلېگراف سودىگەرلىرىنىڭ چەكسىز ئېقىم مىقدارى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى 60~100 ئامېرىكا دوللىرى، ئېقىم چەكلەش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى 30~60 ئامېرىكا دوللىرى ئارىسىدا.
يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تېسلا يانفونىنىڭ ئالما يانفونىدىن ئېشىپ كەتكۈسى بولسا، يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇنداقتا تېسلا ھازىر يانفون بازىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا نېمە ئىش قىلىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە يالغۇز تېسلادىن ئىبارەت بۇ بىر ئاپتوموبىل كارخانىسى يانفون كەسپىگە يۈرۈش قىلىپلا قالماي، مەسىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل كارخانىسى جىلىمۇ 2021-يىلى يانفون ئىشلەشنى ئېلان قىلغان، بۇ يىل 3-ئايدا، ۋېيلەينىڭ خوجايىنى لى بىن بۇ ساھەگە كىردى.
ئۇنداقتا تېسلانىڭ يانفون كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟
ئەمەلىيەتتە ئۇ تېسلا ئاپتوموبىلى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كابىنكا سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشسا، ماسكنىڭ قارمىقىدىكى بىر نەچچە شىركەت ئېكىئولوگىيەنى تەرتىپكە سېلىشنى تاماملايدۇ. مەيلى ئۇ توردا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ ئىقتىدارلارنى ھازىرلىسۇن ياكى ھازىرلىمىسۇن، ھەممىسى تېسلانى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.
ماسك ئەسلىدە نۇرغۇن پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ غوجايىنى بولۇپ، شىركەتنىڭ پايدا نىسبىتىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ يانفون ئىشلەپچىقىرىش سېپىگە قوشۇلۇشى يانفون ساھەسىدە راستىنلا بىر دولقۇن كۆتۈرۈشى مۇمكىن!
تېسلا قىلماقچى بولغان يانفون بەلكىم بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكى ئۈنۈمگە يېتەلمەسلىكى مۇمكىن، ماركېتىڭ تەركىبى تېخىمۇ كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن. ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ يانفون بازىرىغا يۈرۈش قىلىشى بىر يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قالدى، ئۇ بولسىمۇ رىقابەت داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتۈش. ئەلۋەتتە، بىز يېڭى تېخنىكىنىڭ چىقىشىغا ئىنتىزار.
سىز تېسلانىڭ يانفون ئىشلەپچىقىرىشىغا نىسبەتەن قانداق قاراشتا؟ ئىنكاس رايونىدا كۆرۈشەيلى.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر
