大数跨境

بىيادىنىڭ پاي چېكى باھاسى نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئۆسىدۇ؟

بىيادىنىڭ پاي چېكى باھاسى نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئۆسىدۇ؟ Nepkar
2022-06-11
2
导读:10-ئىيۇن، بىيادى (BYD) پاي بازىرىدا ھەر بىر پېيى 350 يۈەنگە ئۆرلەپ، ئاخىرى %8.19 ئۆسۈپ، تارىختىكى يې

10-ئىيۇن، بىيادى (BYD) پاي بازىرىدا ھەر بىر پېيى 350 يۈەنگە ئۆرلەپ، ئاخىرى %8.19 ئۆسۈپ، 348.8 يۈەنگە مەلۇم قىلىپ، تارىختىكى يېڭى رېكورتنى ياراتتى، ئومۇمىي بازار قىممىتى تۇنجى قېتىم تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 1 تىرىليون 20 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، قىممىتى تىرىليون يۈەنگە يەتكەن تۇنجى دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىل ماركىسى بولۇپ قالدى.

بۇلتۇر 10-ئايدا يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ، بىيادىنىڭ بازار ئەھۋالى قايتا ئۆرلەشكە باشلىغان ئىدى.

ئالدىنقى ئاينىڭ 11-كۈنىدىن ھازىرغىچە بولغان 22 سودا كۈنىدە، بىيادىنىڭ A پاي چېكى باھاسى تەخمىنەن %50 ئۆرلىگەن، ئوخشاش مەزگىلدە شياڭگاڭ پاي چېكى بازىرىدىكى باھاسى تەخمىنەن %47 ئۆرلىگەن.

10-ئىيۇن، بىيادى Aپاي چېكى باھاسى %8 ئۆرلەپ، يەنە بىر قېتىم تارىخىي يېڭى رېكورت ياراتتى؛ شياڭگاڭ پاي چېكى ئوخشاشلا %5تىن يۇقىرى ئۆرلىدى، ئىككى چوڭ بازار پاي چېكىنىڭ باھاسى ئورتاق ئۆرلىشى، بىيادى شىركىتىنى جۇڭگو ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى  ھالەتكە يەتكۈزدى.

نۆۋەتتىكى يەر شارى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ بازار قىممىتى تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىيادى ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن.

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى 5-ئايدا، بىيادى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن 114 مىڭ 943 نى ساتقان، 3-ئايدا يەككە ئايلىق سېتىلىش مىقدارى 100 مىڭدىن ئاشقان.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408