ئالاھىدە تەۋسىيە:
دۇنيادا مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان مۇنداق ئۈچ ئىش بار: بىرىنچى، قۇياش ھەر كۈنى كۆتۈرۈلىدۇ؛ ئىككىنچى، جانلىقلار مەڭگۈ كۆپىيىدۇ؛ ئۈچىنچى، نەرسىلەر ھامان يېتىشمەيدۇ.
بىرىنچىسى فىزىكا تەتقىقاتىغا تەۋە، ئىككىنچىسى بىئولوگىيە تەتقىقاتىغا كىرىدۇ، ئۈچىنچىسى ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ نىشانىدۇر.
نەرسىلەر ھامان يېتىشمەيدۇ، شۇڭا ھەر خىل تاۋارلارنىڭ باھاسى ئېنىق يېزىپ قويۇلىدۇ، باھاسى قانچە يۇقىرى بولسا، تاۋارنىڭ كەملىكىنى شۇنچە نامايان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاز ساندىكى پۇل چىقىرىشنى خالايدىغان كىشىلەرلا ئۇ خىل تاۋارغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئۇنداقتا، ئاپتوموبىل، ئوتۇن، گۈرۈچ، ماي، تۇز، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟
جاۋابى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجدىن ئىبارەت.
تەمىنلەش ئېھتىياجدىن چوڭ بولسا، تاۋارنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ-دە، باھا تەبىئىي ھالدا تۆۋەن بولىدۇ؛ تەمىنلەش ئېھتىياجدىن كىچىك بولسا، تاۋارنىڭ يېتىشمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ-دە، باھا تەبىئىي ھالدا يۇقىرى بولىدۇ.
«تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج» قانچىلىك مۇھىم؟
ئىقتىسادشۇناس سامۇئېلسون مۇنداق دېگەن: «بىر شاتۇتىغا "تەمىنلەش" ۋە "ئېھتىياج" دېيىشنى ئۆگىتىپ قويساق، ئۇمۇ ئىقتىسادشۇناس بولالايدۇ.»

تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بولغان تەسىرى قانچىلىك؟
پەقەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىش ئارقىلىق ھەممىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مەسىلەن، بۇ بىر يىلدىن بۇيان زىز دائىم «خادىم قىسقارتىش»، «ئىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش»، «ئەلالاشتۇرۇش» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ كەلدۇق، بۇ سۆزلەرنىڭ ئارقىسىدا قانداق ھادىسە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن؟ ئەكىس ئەتتۈرۈلگىنى دەل ئىش ئورنى ۋە ئىختىساسلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى تەمىنلەش-ئېتىياج تەڭپۇڭسىزلىقىدۇر، ئىختىساسلىقلار بەك كۆپ، ئىش ئورنى بەك ئاز، شۇڭا ئىختىساسلىقلار چوقۇم ئۆزىنىڭ «باھا»سىنى تەڭشىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش ئەڭ بىۋاسىتە ئۇسۇل، خادىم قىسقارتىش بولسا نىسبەتەن ۋاسىتىلىك بولۇپ، يىللىق ئىش ھەققى 400 مىڭ يۈەنلىك خىزمەتچىنى قىسقارتىۋېتىپ، يەنە يىللىق ئىش ھەققى 200 مىڭ يۈەن بولغان خىزمەتچىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ماھىيىتىمۇ «باھا»نى تەڭشەشتىن ئىبارەت.
يەنە مەسىلەن، سىز يەنە «ئادەم تالىشىش»، «خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تەس بولۇش»، «ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش» دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ ئاڭلىيالايسىز، بۇ سۆزلەرنىڭ كەينىدە نېمە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؟ ئېنىقكى، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان. «ئادەم تالىشىش» بۇ شەھەرنىڭ ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلىشى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى، «ئىشچى قوبۇل قىلىش تەس بولۇش» ۋە «ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش» بولسا مەلۇم ساھە ياكى كەسىپتىكى ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
شەھەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىسا، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق «باھا»سىنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن: نوپۇس بېرىش، نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش، تۇرالغۇ ئۆي ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىقلار. كەسىپ ياكى خىزمەت ئورنىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ بىۋاسىتە بولىدۇ، يەنى ئەسلىدە 8000 كىشىلىك ئىش ئورنى پىلانلانغان بولسىمۇ، ھازىر 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت.

ئەمدى سىزگە دېمەكچى بولغىنىمىز، ئەگەر سىز خىزمەت ئىزدەۋاتقان بولسىڭىز ياكى خىزمەت ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز. سىزنىڭ ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولغان ساھە ۋە كەسىپلەرگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مەسىلەن: ساغلاملىق ساھەسىنىڭ نۆۋەتتە بازار كۆلىمى 10 تىرىليون ئەتراپىدا بولۇپ، دۆلەت 2030-يىلىغا بارغاندا بازار كۆلىمىنى 16 تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە كەلگۈسى بەش يىلدا، پەقەت ياشانغانلار ئىقتىدارىنى باھالاش ئۇستىسىدىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە بولغان ئېھتىياج 3 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئەمما ھازىر بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار 100 مىڭغا يەتمەيدۇ.
يەنە مەسىلەن، «قوش كاربون» ساھەسىمۇ ئۇزۇن مۇسابىقە يولى بولۇپ، 2060-يىلىغا بارغاندا كاربون ۋە نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنگەن، بۇ بازارغا جەمئىي 13 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. نۆۋەتتە، «قوش كاربون»لۇق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 100 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، 2025-يىلىغا بارغاندا 501 مىليونغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە؛ بۇنىڭ ئىچىدە كاربون قويۇپ بېرىشنى باشقۇرغۇچى، كاربون قويۇپ بېرىشنى نازارەت قىلىش خادىمى قاتارلىق كەسىپلەردە ئىختىساسلىقلار كەمچىل.
يەنە مەسىلەن، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىدىمۇ ھازىر بىر قەدەر چوڭ نىسبەتتە ئىختىساسلىقلار كەمچىل. 2021-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ئائىلە ئىشلىرى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 30 مىليوندىن ئاشقان، نۆۋەتتە ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش ھالىتى 30 مىليون كىشىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە ئىشلىرى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى ئومۇميۈزلۈك 10 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئائىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
يەنە مەسىلەن، ئالاقە تورى ماركېتىڭ ئۇستىسى دۆلەت ئېتىراپ قىلغان يېڭى كەسىپ. بۇ بىر ئومۇمىي خەلق تاراتقۇ دەۋرىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغان (نەقسۇنۇم) ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2025-يىلىغا بارغاندا ئالاقە تورى ماركېتىڭ ئۇستىسى ئىختىساسلىقلىرى كەمچىللىكى 40 مىليون كىشىگە يېتىدىكەن.

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ھەر پەسىلدە «ئىشچى ئەڭ كەمچىل» 100 كەسىپ رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سىز ئۆزىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرۈپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بەزى كەسىپلەر قىسقا مۇددەتلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بەزىلىرى ئۇزاق مۇددەتلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، سىز زادى تېز پۇل تاپماقچىمۇ ياكى ئاستا پۇل تاپماقچىمۇ؟ تاللاشتىن بۇرۇن ئېنىق ئويلىشىپ بېقىڭ.
قىسقىسى، ئىقتىسادشۇناسلىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ھەرقانداق تاۋارنىڭ باھاسىنى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج بەلگىلەيدۇ، ئەمگەك كۈچى بىر خىل ئابستراكت تاۋار بولۇشمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، بىزنىڭ ماھارىتىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بازاردا ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاندا، «باھا»يىمىز تەبىئىي ھالدا ئۆسىدۇ.
شۇڭا بۇ قاتلامدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولغان ساھە ياكى كەسىپنى تېپىش ئەلۋەتتە ياخشى، ئەمما ھەرقانداق بىر كەسىپنىڭ كۆك دېڭىز (نامەلۇم بازار بوشلۇقى)دىن قىزىل دېڭىز (رىقابەت زىيادە كەسكىن بازار)غا ئايلىنىدىغان بىر كۈنى بولىدۇ. بىز سىرتتىن كەسىپ تاللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىچكى جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كەسىپ ئۆزگىرىپ كەتسىمۇ، بىز بازاردا يەنىلا ئەتىۋارلىق بولۇپ قالىمىز. ئۇنداق بولغاندا، سىز تەرەپ-تەرەپتىن خىزمەت ئىزدىمەيسىز، بەلكى نۇرغۇن شىركەتلەر تالىشىپ سىزنى ئىزدەيدۇ.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر
