大数跨境

95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 10 يۈەندىن ئاشتى، يەنە ئۆسەرمۇ؟

95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 10 يۈەندىن ئاشتى، يەنە ئۆسەرمۇ؟ Nepkar
2022-06-16
1
导读:95号汽油进入10元时代,还会涨吗?

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 6-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ، ھەر توننا بېنزىننىڭ باھاسى 390 يۈەن، ھەر توننا دېزىلنىڭ باھاسى 375 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىكەن. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تەييار نېفىت باھاسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە 10-قېتىم ئۆستۈرۈلۈشى. باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن، قىسمەن رايونلاردا 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى تۇنجى قېتىم 10 يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ھالقىپ كەتكەن.

 بېيجىڭ خەيديەن رايونىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتى

ئالاقىدار ئاپپاراتنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى باھا تەڭشەشتە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.31 يۈەن، 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.32 يۈەن، 0-نومۇرلۇق دېزىلنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.32 يۈەن ئۆستۈرۈلگەن. بۇ قېتىم باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن، قىسمەن رايونلاردا 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 10 يۈەنلىك ئۆتكەلدىن تۇنجى قېتىم ھالقىپ ئۆتۈپ، يېڭى باھا بېكىتىش مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. ماي باكى سىغىمى 50 لىتىرلىق ئادەتتىكى شەخسىي ئاپتوموبىل بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ قېتىمقى باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى بىر باك ماي قاچىلىسا 15.5 يۈەن ئەتراپىدا ئارتۇق چىقىم قىلىدىكەن. دىزېل مېيى قاچىلىغاندا، ماي باكىنىڭ سىغىمى 160 لىتىر بولغان چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر باك ماي قاچىلاش ئۈچۈن 51.2 يۈەن ئارتۇق چىقىم قىلىدىكەن.
 بۇ قېتىمقى باھا تەڭشەش دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت باھاسىنىڭ 2022 ـ يىلىدىكى 11-قېتىم تەڭشىلىشى بولۇپ، باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن، بۇ يىل ئىچىدە تەييار نېفىت باھاسىدا «ئون قېتىم ئۆرلەش، بىر قېتىم چۈشۈش» ئەندىزىسى ھاسىل بولغان بولىدۇ، بۇ بىر يىلدا بېنزىننىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى جەمئىي 2720 يۈەن، دېزىلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى جەمئىي 2620 يۈەن ئۆستۈرۈلدى. ھەربىر لىتىرغا سۇندۇرغاندا بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 2.14 يۈەن، دېزىلنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 2.24 يۈەن ئۆرلىدى. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، ماي باكىنىڭ سىغىمى 50 لىتىرلىق ئادەتتىكى شەخسىي ئاپتوموبىللارغا بىر باك ماي قاچىلانسا، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكىگە قارىغاندا تەخمىنەن 107 يۈەن كۆپ چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 
جىنليەن تورىنىڭ تەييار نېفىت سودىسى ئانالىزچىسى لو مېيجۈەننىڭ قارىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك باھا ھېسابلاش دەۋرى ئىچىدە، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۈچلۈك بولۇپ، ئومۇمىي ئېشىش نىسبىتى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. كونكرېت نۇقتىلاردىن كۆزەتكەندە، كۆپ ساندىكى OPEC+ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش بوشلۇقى يوق دېيەرلىك بولۇپ، تەمىنلەشتىن ئەندىشە قىلىش كەيپىياتى سۇسلاشمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگودا يۇقۇمنىڭ تەدرىجىي پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، ياز پەسلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل كۆپىيىپ، ئىستېمال ئېھتىياجى ئېشىپ، بازار ئېھتىياجى ياخشىلىنىپ، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە كۈچلۈك تىرەك بولغان. 
لۇڭجۇڭ ئۇچۇر ئانالىزچىسى يەن جىڭۋېن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم بېنزىن ۋە دېزىلنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئۆستۈرۈلۈپ، ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىكى پايدا بوشلۇقى كېڭەيتىلدى. يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئۆستى، دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى داۋاملىق ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بېنزىن، دىزېل بايلىقى بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئاشتى. نۆۋەتتە نېفىت يەنىلا زور دەرىجىدە داۋالغۇپ تۇرماقتا، تەننەرخ بېنزىن ۋە دىزېل باھاسىغا يەنىلا تىرەك بولماقتا. 

دۆلەت ئىچىدىكى تەييار نېفىتنىڭ 2022-يىلىدىكى ھەر قېتىملىق باھا تەڭشەش ئەھۋالى. (سانلىق مەلۇمات مەنبەسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى)

كېيىنكى قېتىملىق تەييار نېفىت باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24 تە ئېچىلىدۇ. لۇڭجۇڭ ئۇچۇر ئانالىزچىسى لى يەننىڭ مۆلچەرلىشىچە، نۆۋەتتىكى خەلقئارا خام نېفىت باھا سەۋىيەسى بويىچە ھېسابلىغاندا، كېيىنكى قېتىملىق تەييار نېفىت باھاسىنى تەڭشەشنىڭ باشلىنىشىدا كىچىك دائىرىدە ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدىكەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، گەرچە رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ يازلىق سەپەرگە چىقىش يۇقىرى دولقۇنى يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بازاردا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالغا بولغان ئەندىشە مەۋجۇت، شۇڭا كېيىنكى قېتىملىق تەييار نېفىت باھاسىنى تەڭشەشنىڭ توختاپ قېلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولىدىكەن. 
جىنليەن تورىنىڭ تەييار نېفىت سودىسى ئانالىزچىسى لو مېيجۈەن مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلانغان 9-خىزمەت كۈنىدە، خام نېفىت تۈرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 119.49 دوللار / تۇڭ بولىدىكەن. ھازىر نېفىت ئەنئەنىۋى ئىستېمالىنىڭ جانلىنىش مەزگىلى بولۇپ، خەلقئارادا نېفىت بىلەن تەمىنلەشتىن ئەندىشە قىلىش يەنىلا مەۋجۇت، نېفىت يەنە ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە 130 ئامېرىكا دوللىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر كىچىك. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تەييار نېفىت باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى بويىچە بولغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت باھاسى بىلەن خەلقئارا نېفىت باھاسى ئوتتۇرىسىدا ھەمتۈرتكە مېخانىزمى مەۋجۇت، لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت باھاسى خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ «چەكسىز» ئۆسمەيدۇ. 
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 130 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتمىگەندە، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار نېفىت باھاسى مېخانىزم بويىچە نورمال تەڭشىلىدۇ؛ ئەگەر ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 130 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولسا، «نېفىت باھاسىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش پىرىنسىپى بويىچە، مۇۋاپىق مالىيە-باج سىياسىتى قوللىنىلىپ، تەييار نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، بېنزىن، دىزېل باھاسى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئۆستۈرۈلمەيدۇ ياكى ئاز ئۆستۈرۈلىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408