
سىزنىڭ تەلىيىڭىز كاج ئەمەس، بەلكىم سىز تەييارلىق قىلىپ بولالمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن
دادام دائىم ماڭا ياش ۋاقتىدىكى بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ نامرات يېزىدا تۇرغان بولۇپ، كەلگۈسىدىن خەۋەرسىز ئىكەن. بىر كۈنى چوڭ شەھەردىكى تۇغقىنى بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ، دادام بىلەن تاغىسىغا بىر سۇڭدىن رەسىم ئەۋەتىپ بېرىشنى، ئۇلارغا بىر كىشىلىك خىزمەت تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
دادام دەرھال ناھىيە بازىرىغا بېرىپ سۈرەتكە چۈشۈپتۇ، تاغام بولسا بىر پارچە نېگاتىۋنى ئېلىپ، بىۋاسىتە تۇغقىنىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ يۇيۇپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. دادام تاغامغا «يۇيدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئەۋەت.» دەپ نەسىھەت قىپتۇ، لېكىن تاغام گېپىنى ئاڭلىماپتۇ، بىر پارچە سۈرەتكە نېمە بولاتتى دەپ ئويلاپ قاپتۇ.
نەتىجىدە، چوڭ شەھەردىكى تۇغقانلار دادام بىلەن تاغامنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، تىزىمغا ئالدۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ دادامنىڭ سۈرىتىنى خىزمەت ئىلتىماسىغا چاپلاپ تاپشۇرۇپتۇ، تاغامنىڭ بولسا ئۈلگۈرمەپتۇ. ئاخىرى دادام شەھەردە خىزمەت تېپىپ، ئائىلىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپتۇ. ئەمما تاغام بىر پارچە سۈرەتنى تولۇق تەييارلىماي، بىر قېتىملىق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قاپتۇ.
بەزىدە پۇرسەت كۆز ئالدىڭىزغا كەلسە، سىز ئۇنى قاراپ تۇرۇپ قولدىن بېرىپ قويىسىز، بۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىزنىڭ كاجلىقىدىن ئەمەس، تەييارلىقىڭىزنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن بولىدۇ.
كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، پۇرسەتنىڭ قولىڭىزدا ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ، لېكىن سىز ئۇنى باشقىلارغا قوش قوللاپ بېرىشىڭىزدۇر.
بىر دوستۇم دىرامما كەسپىدە ئوقۇيتتى، بىر قېتىم چوڭ تىپتىكى دىراممىغا ئايال باش پېرسوناژنى تاللايدىغان بوپتۇ، ئۇ سىنىپتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپلا قالماي چىرايلىق، سالاپەتلىك، تېخىمۇ تەجرىبىلىك بولغاچقا، ئەلۋەتتە تەۋسىيە قىلىنىشقا ئېرىشىپتۇ. لېكىن بىر مەزگىل مەشىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇ شاللىنىپ كېتىپتۇ. شۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ كەيپىياتى چۈشكۈن ھەم مەيۈس بولۇپ، كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالغانىدى. ئۇ بىزگە ئۆزىنى شاللاپ چۈشۈرۈۋەتكەنلەردىن ئاغرىنمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققانلاردىنمۇ ئاغرىنمىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزىدىنلا ئاغرىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەسلىدە بۇ تىياتىردا بىر بۆلەك يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل بولۇپ، ئايال باش قەھرىماننىڭ پۇختا بالېت ماھارىتى بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئۇسسۇل ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرمىگەن، ئەكىسچە ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان ماھىر ئۇسسۇلنى ناھايىتى ياخشى ئوينايدىكەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ تەييارلىقىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ، پۇرسەت كەلگەندە بولسا، ئۇنىڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ تۇرۇشقا مادرى يەتمىگەن ئىدى. ئۇ: «ئەگەر مەن ئۇسسۇل مەشىق قىلىپ باقمىغان بولسامغۇ مەيلى ئىدى، لېكىن مەن ئىزچىل ئۆگىنىۋاتىمەن، پەقەت ئۆگەنگەن ۋاقتىمدا ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماستىن، ئەستايىدىل ھەقىقىي مەشىق قىلمىدىم، ئەگەر مەن تولۇق تەييارلىق قىلغان بولسام، بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى بىكاردىن بىكار قولدىن بېرىپ قويمايتتىم.» دېدى.
كىشىلەر دائىم «ھەممە تەييارلىقلار پۈتۈپ، پەقەت بىرلا مۇھىم شەرت ھازىرلانمىدى.» دېيىشىدۇ. پۇرسەت خۇددى شامالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدىغان ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇ پەقەت بىر ئادەتتىكى شامال بولۇپ، سىپاپ ئۆتكەندە يوقاپ كېتىدۇ.
دائىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «تەلىيىم كاج، تەلەي ھامان مەندىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.» دەپ ئاغرىنغانلىقىنى ئاڭلايمىز، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن-كەلتۈرمىگەنلىكىنى سورىغانلىقىنى كۆرمەيمىز.
دوستۇمنىڭ شىركىتىدە شۆبە شىركەت باش دىرېكتورلۇق ئورنى بوش قالغان بولۇپ، دوستۇم بىلەن باشقا ئىككى خىزمەتدىشىنىڭ ھەر ئىككىلىسى نامزات ئىكەن، ئەڭ ئاخىرىدا دوستۇم سايلىنىپتۇ. تەبرىكلەش زىياپىتىدە كۆپچىلىك دوستۇمنى «پەقەت تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قالغان.» دەپ ئويلاپ قىلىشتى، چۈنكى باشقا ئىككى نامزاتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. بىراق دوستۇم «ئىش ئادەمگە باغلىق.» دەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوستۇم دائىم ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تىرىشىپ ئۆگەندى كۆپ ئىزدەندى. بۇ قېتىمقى ئۆسۈشمۇ دوستۇمنىڭ تېرىشىپ ئۆگىنىپ ئوقۇش تارىخىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى بىلەن بۇ ئورۇنغا ئېرىشتى.
ياردەمچىسى دىلبەر (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) زوقلانغان ھالدا: «سىز سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇتۇشنى بىلىدىكەنسىز، مەندەك نىشانسىز ئادەملەرگە ئوخشىماي، قەيەردىن باشلاپ تەييارلىق قىلىشنى بىلىدىكەنسىز.» دېگەندە، دوستۇم: «سىز پەقەت يېرىمىنىلا توغرا دېدىڭىز، كىشىلىك ھاياتتا ئەلۋەتتە ئاۋۋال نىشان ۋە پىلان بولۇشى كېرەك، لېكىن پۇرسەتنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئەگەر ۋاقتىنچە نىشانىڭىز بولمىسا، قولىڭىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنى ئىمكانقەدەر ياخشى قىلىڭ.» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئەگەر سىز تۇرمۇشتىن پۇرسەتكە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم تېرىڭ، ئەڭ ياخشىسى كۆپرەك تېرىڭ، چۈنكى سىز قايسى ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز.
مۇۋەپپەقىيەتنى بەلكىم كۆپەيتكىلى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەندىزىسىنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى بۇ ئەندىزە شۇكى، تولۇق تەييارلىق قىلغاندىلا، ئاندىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ.
مەنبە: خەلق گېزىتى سالونى
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك كىتاب: قىمارغا تىكىلگەن خوتۇن
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!