ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، دوستۇمنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، پىروفېسسور شۆ جاۋفېڭنىڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ ماڭا يېڭىچە تۇيۇلدى. بۇ بىر ئادەمنى سۆزلەيدىغان كىتاب بولۇپ، ئىنتايىن ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەنگەنلىكتىن، ماڭا ئوخشاش ھېچقانداق ئىقتىساد ئىلىمى ئاساسى يوق ئادەممۇ ئۇنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ سىرىنى چۈشىنەلەيدىكەن.
بۇ يەنە ناھايىتى نادىر كىتاب بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىقنى سۆزلىگەندىن كۆرە، تېخىمۇ توغرا قىلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇرىنى سۆزلىگەن كىتاب دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل تەپەككۇرنى قوللىنىلىشتا، تار مەنىدىكى ئىقتىسادشۇناسلىق كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ چىقىپ، سىياسەتشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، ئېتىكا ۋە تارىخى رېئاللىقتىكى تۈرلۈك مىسال ۋە ھادىسىلەرگە تېخىمۇ كۆپ چېتىلىدۇ.
ياكى كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىقتىسادشۇناسلىق ئەسلىدىنلا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان پەن بولۇپ، ئەزەلدىن دۇنيادىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان ۋە مەۋجۇت بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
بۇ كىتابنىڭ ئىسمىدىن يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىغىچە، ھەممىلا يەردە ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، ھەتتا ئوقۇغان چاغدا، ئۇ جۈملىلەر ۋە سۆزلەردىن شۆ پروفېسسورنىڭ قانچىلىك قان-تەر ئاققۇزغانلىقى، قانچىلىك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىش تۇتقانلىقىنى بىلىپ-بىلمەي ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ.
«غەلەت سۆزلەر» پىروگراممىسىنىڭ يېتەكچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغان بىر ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورىنىڭ يازغان ئىقتىسادشۇناسلىق كىتابى ئېنىقلا ئاغدۇرۇشچانلىققا ئىگە، سىز مەزكۇر كىتابنى تولۇق ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىسىز.
كىتابنى ئوقۇپ بولغان ئادەمدە «ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن!» دېگەن تۇيغۇ تەبئىيلا شەكىللىنىدۇ. بۇ مېنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىكى ئەڭ چوڭ تەسىراتىم.
بۇ خىل ئادەم ئويلاپ باقمىغان ئاغدۇرمىچىلىق بىر تەرەپتىن ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئۆزىگە بولغان چۈشەنچىدىن كېلىدۇ، ئەسلىدە ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى مۇرەككەپ سانلىق مەلۇمات، ھەر خىل جەدۋەل، فورمۇلا ۋە ئەگرى سىزىقلاردا ئىپادىلەنمەيدۇ، «فىزىكا ئادەمسىز دۇنيانى تەتقىق قىلىدۇ، ئىقتىسادشۇناسلىق ئادەمدىن تەركىب تاپقان ئۆزگىرىشچان دۇنيانى تەتقىق قىلىدۇ.» كىتابتىكى بۇ سۆزنى ئۆزۈمچە ئىقتىسادشۇناسلىققا بولغان ئەڭ ياخشى ئىزاھات دەپ قارايمەن.
ئىقتىسادشۇناسلىق ماھىيەتتە ئىنسان تەبىئىيىتىنى تەتقىق قىلغانلىق، يەنى ئادەمنىڭ تۈرلۈك ئېنىقسىز ئامىللىرىنىڭ بۇ دۇنيانىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قايتا قۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىدۇ، بۇ ئىقتىسادشۇناسلىقنى بەزىدە كۋانت فىزىكىسىغا ئوخشاش چۈشەنگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئېسىللىكى ۋە سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىل ئاغدۇرمىچىلىقمۇ ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇرىنىڭ نۇقتىسىدىن كەلگەن.
ناھايىتى قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ كىتابقا نىسبەتەن، مەن ئەڭ ئاۋۋال خاتىمىسىنى كۆردۈم، دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى «ھەقىقىي ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇرى» توغرىسىدىكى مۇھاكىمە مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن باشتىن باشلاپ ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلدىم.
كىتابتا رېئال مەسىلىلەر ئۈستىدە قىلىنغان نۇرغۇن تەھلىللەر بار، چوڭى ئۆي باھاسى، پاي چېكى بازىرى، چاغانلىق يولۇچى توشۇش، مۇھىت ئاسراشتىن تارتىپ كىچىكى ئۇرۇش، ماشىنا توسۇلۇش، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى تەپسىلىي تەھلىل قىلىنغان ۋە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان. ئاپتورنىڭ كۆز قارىشىنى چوقۇم ئەڭ توغرا دېيىشكە بولماسلىقى مۇمكىن، بۇمۇ مەزكۇر كىتابتا تەمىنلىگەن ئاساسىي تەپەككۇر لېنىيەسى بويىچە مەسلىگە كۆپ نۇقتىدىن كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئوخشىمىغان تەپەككۇر بويىچە ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن يەكۈن ئاممىنىڭ ئالدىدا بەكمۇ ئالقىشلانماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن مەسىلىگە قارايدىغان يەنە بىر نۇقتىنى تەمىنلىگەن.
ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇر ئۇسۇلىنى كىرىش ئېغىزى قىلىپ، بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئارقىسىدا ئەكس ئەتكەن باھا بىلەن تەننەرخ، ئېھتىياج بىلەن تەمىنلەش، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلغاندا، بەلكىم ھەقىقەتەن نۇرغۇن مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ئاددىي، ئۈنۈملۈك ھالدا ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشىنى تاپقىلى بولۇشى مۇمكىن.
قىسقىسى، ئىقتىسادشۇناسلىققا دائىر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەزكۇر كىتاب ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، تەپەككۇرىنى غىدىقلايدۇ، مېنىڭچە بۇ كىتابنى لاياقەتلىك كىتاب دېيىشكە تامامەن بولىدۇ، ھەتتا ئەگەر بالدۇرراق ئوقۇغان بولسام، بۇ دۇنيادا ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسىدىن بىرى كۆپىيىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
بىردىنبىر گۈزەللىك ئىچىدىكى يېتەرسىزلىك دېيىشكە توغرا كەلسە، بەلكىم كىتاب سەل ئاممىباب بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا نۇرغۇن نەزەرىيەلەرنى شەرھىيلەش ۋە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ئازراق يۈزەكى بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق ھېچقىسى يوق، ئىقتىسادشۇناسلىققا دائىر كىتابلار سان-ساناقسىز، چۈشىنىشكە قىزىقىدىغانلا بولسا، ھامان ئىچكىرىلەپ كىرىشكە ئامال تېپىلىدۇ.
شۇغىنىسى، شۆ پروفېسسورنىڭ يېزىقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادشۇناسلىق ئۇنچە ئوماق بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.
ئەگەر مەزكۇر كىتابقا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى 阅读原文 دېگەن جاينى بېسىپ كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمە نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


