
سەپەر مۈشكۈل دەپ ئاھ ئۇرغاندىن بالدۇرراق ئاتلانغان ئەۋەزەل
سىزدە مۇنداق بىر كەچۈرمىش بولغانمۇ؟ بىر چەتئەل تىلى ئۆگەنمەكچى بولۇپ، لېكىن ھەر كۈنى سۆزلۈك يادلاش، ئېغىز تىلى مەشىق قىلىشنى ئويلىسىڭىزلا، بېسىمىڭىز ئېشىپ كېتىدۇ؛ بىر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئىمتىھان بەرمەكچى بولدىڭىز، لېكىن دەرسلەر قارىماققا مۇرەككەپ ھەم چۈشىنىكسىز بولۇپ، كۆرۈپلا قورقۇپ كەتتىڭىز؛ بىر ياخشى بەدەن چېنىقتۇرغۇڭىز بار، لېكىن بەدەن چېنىقتۇرۇش كارتىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتەي دەپ قالدى، سىز يەنە قانداق ۋاقىت چىقىرىشنى ئويلاۋاتىسىز ...
سىز قايتا-قايتا ئۆزگىرىشنى تەسەۋۋۇر قىلىسىز، قايتا-قايتا ھەرىكەتسىزلا ئاخىرلاشتۇرىسىز، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بىر ئىزدا تۇرۇپ قالىسىز.
دوستۇم دىلنار (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) مەمۇرىيلىق يېزىقچە ئىمتىھانىدا 2-بولۇپ، يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا 1-بولۇپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا دوستلار توپىمىز قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ھەيران قالدۇق. قانداقلا بولمىسۇن، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشقا ئەمدىلا باشلىغاندا، كۆپچىلىك ئۇنىڭغا گۇمان نەزىرى بىلەن قارىغان ئىدى. دىلنار ئەگەر يەر تېرىمىسا قانداق ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە «بۇ يىل ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەممۇ ھېچقىسى يوق، بۇ بىر قېتىملىق چېنىقىش بولۇپ، كېلەر يىلى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق بولۇپ قالىدۇ.» دەپ قارايتتى.
شۇنداق قىلىپ، ئۈچ ئاي ئەستايىدىل تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، دىلنار ئىمتىھان مەيدانىغا ماڭدى. قىزىقارلىقى شۇكى، ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگەن ئاشۇ دەقىقىدە ئۇ ئىمتىھان مەيدانىدا بەزى ئورۇنلارنىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى سەزگەن. نۇرغۇن كىشىلەر تىزىملاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىمتىھانغا قاتناشقىدەك جۈرئىتىمۇ يوق ئىدى.
مۇۋەپپەقىيەت يولى ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنداق قىستاڭچىلىق ئەمەس، چۈنكى ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇ دىلنارنىڭ بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىققان تەسىراتى.
نۇرغۇن ئىشلارنى قارار قىلىپ، ھەرىكەتنى باشلىغىنىڭىزدا، ئەمەلىيەتتە ئەڭ قىيىن بولغان قىسمىنى تاماملاپ بولغان بولىسىز، كېيىنكى يولنى ۋاقىتقا تاپشۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
بەزى كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش پىسخىكىسىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەت ئۆزئارا نىسپىي ئېيتىلغان سۆز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ باقمىسىڭىز، قەيەردىن كەلگەن مەغلۇبىيەتكەن؟ سىز مەغلۇپ بولۇپ باقمىسىڭىز، يەنە قەيەردىن كەلگەن مۇۋەپپەقىيەت ئۇ؟
مەن تاراتقۇ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان، نۇرغۇن كەسىپداشلار بىلەن تونۇشتۇم، يالقۇن (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاكىسى ئۇنى شېرىك بولۇپ بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇ چاغلاردا ئۇ «ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇپ بولۇپ، خىزمەت ئىزدەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى قولدىن بېرىپ قويسام، كېيىن پۇشايمان قىلىپ قالارمەنمۇ؟» دەپ ئىككىلىنىپ قالغان. لېكىن چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان.
ئەمەلىيەتتە، ئىگىلىك تىكلەشكە كىرىشكەندىن كېيىن، ئۇ ھەقىقەتەن مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈرگەن. شىركەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە تەجرىبىسى ۋە پىلانى كەمچىل بولغاچقا، بىر مەھەل زىيان تارتىش ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىپ، تاقىلىپ قالاي دەپ قالغان. ھېلىمۇ ياخشى، ئۇ ئاكىسى بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئاخىرقى مىنۇتقىچە بەل قويۇۋەتمىگەن.
شۇ مەزگىلدە ئۇلار شىركەتنى ئۆز ئۆيىدەك كۆرۈپ، غايەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئاخىرى بازارغا بولغان سەزگۈرلۈكىگە تايىنىپ بۆسۈش ئېغىزى تېپىپ، پايدا ئېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە ئىگىلىك تىكلىگىنىگە ئۈچ يىل بولدى، يالقۇننىڭ شىركىتى تەرەققىي قىلىپ، بارغانسېرى زورايدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان ئوبيېكتقا ئايلاندى.
ھاياتلىق ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق، بىردەملىك مەغلۇبىيەت ھېچنېمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. يول ناھايىتى ئۇزۇن، بىز قايتا-قايتا يىقىلىمىز، قايتا-قايتا غەلىبە قىلىمىز، ئالدىنقى شەرت شۇكى، سىز قەتئىي قەدەم تاشلىشىڭىز، بەل قويۇۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك.
ھەرقانچە كۆپ ئوي-پىكىر بولسىمۇ، جايىدا ئەمەلىيلەشمىسە، ھەممىسى قۇرۇق خىيال بولۇپ قالىدۇ. پەقەت ئۆزىنى مەجبۇرلىغاندىلا، ئاندىن بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، مەن تۇرۇشلۇق تارماق كەسىپنى كېڭەيتىپ قىسقا فىلىم ئىشلەشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئارىمىزدا ھېچكىمنىڭ تەجرىبىسى يوق ئىدى. تارتىلغان كۆرۈنۈش ياخشى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ سانلىق مەلۇمات ياخشى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئېكرانغا چىقىدىغان مۇۋاپىق نامزات تاپالمىساق قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ مەسىلىلەرنى بىز ئويلاپ بولدۇق. لېكىن مەسىلە ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، بىز يەنىلا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشنى تاللىدۇق.
ئەلۋەتتە، تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق، بەزىلىرى ھەتتا ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. لېكىن قورققۇدەك يېرى يوق، يامىنى كەلسە مەغلۇپ بولۇپ قايتىدىن باشلىساق بولىدۇ.
كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا، بىز ۋەزىپە تەقسىماتى تەلىپى بويىچە، ھەر قايسىمىز ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، خېرىدارلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئۈزلۈكسىز چۈشىنىپ، تېما تاللاشنى ئەلالاشتۇرۇپ، سەھنە ئەسىرىنى ياخشىلاپ، بىر سان ئەسەرنى بىر ساندىن ئۈستۈن قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
ھازىر مۇنداق بىر جۈملە سۆز بارغانسېرى ئېتىراپ قىلىنىۋاتىدۇ: «سىزنىڭ گاڭگىراپ قېلىشىڭىز بەلكىم بەك كۆپ سۆزلەپ، بەك ئاز قىلغانلىقىڭىزدىن بولۇشى مۇمكىن.»
شۇنداق، يول يۈرۈشنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلغاندىن كۆرە، دەرھال ھەرىكەتكە كەلگەن ياخشى. بەلكىم ھەر قېتىم باشلانغاندا گۈل ۋە ئالقىش سادالىرىغا ئېرىشەلمەسلىكىمىز، ھەر قېتىم يولغا چىققاندا شېئىر ۋە يىراقلارنى قۇچاقلىيالماسلىقىمىز مۇمكىن، لېكىن بىز يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.
چۈنكى، بىر قەدەم ئالغا بېسىشنىڭ يەنە بىر قەدەم ئالغا باسقاندىكى خۇشاللىقى بولىدۇ. ھايات شۇنچە قىممەتلىك، ئۆزگىرىشكە تەشنا بولغاندىكىن، توخۇ يۈرەكلىك قىلماڭ. ھازىردىن باشلاپ ئاتلىنىپ، ئۆزىڭىز قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلغىنىڭىزغا، قىيىنچىلىقنى چېنىقىش پۇرسىتى دەپ قاراپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ھايات كارتىنىڭىزنى ياراتقىنىڭىزغا يەتمەيدۇ.
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك كىتاب: قىمارغا تىكىلگەن خوتۇن
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!