大数跨境

تەلەپچان كىشىلەر بۇ ئۈچ ئىشتىن ساقلىنالايدۇ

تەلەپچان كىشىلەر بۇ ئۈچ ئىشتىن ساقلىنالايدۇ NepKan
2020-10-02
1
导读:ئىشىنىڭكى، ساقلاش جاپالىق، ئەمما ئەرزىيدۇ. پەقەت جاپالىق بەدەل تۆلىگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي قانائەتنى

تەلەپچان كىشىلەر بۇ ئۈچ ئىشتىن ساقلىنالايدۇ

ھەر بىر ئادەم تېخىمۇ ياخشى ئۆزى بولۇشنى ئويلايدۇ، لېكىن ھەممە ئادەم قەتئىي نىيەتكە كېلىپ قىلالمايدۇ. ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، تەلەپچانلىقنى يېتىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. 

بىرىنچىدىن، ھورۇنلۇقنى تاشلاش كېرەك
ئادەم ئىش قىلغاندا كەينىگە سۆرەشكە ئامراق بولسا، ھەر قانداق ئىشنى ئويلاپ بولدى قىلىدۇ، بۇ نۇرغۇن چاغلاردا بىر خىل ئۆزىنى قاچۇرۇش قىلمىشى بولۇپ، ئاڭسىز ھالدا ھۇرۇنلۇق قىلىپ، قىيىنچىلىققا يۈزلىنىشنى خالىمايدۇ. بىر ئادەم ھەقىقىي ئۆزگىرىشنى ئارزۇ قىلسا، ئۆزىگە باھانە ئىزدىمەيدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، قانداق قىلغاندا مەنبەدىن ئۆزىنى ھوشيار تۇتۇپ، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى توسۇشنى تېخىمۇ بىلىدۇ.
مەن مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئاڭلىغان: «ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش خۇددى ئەتىيازدا بىخلىنىدىغان مايسىلارغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئۆسمەيدىغاندەك قىلىدۇ ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈۋاتقان بولىدۇ؛ ھورۇنلۇق ۋە ئۆگىنىشتىن قېچىش پىچاقنى بىلەيدىغان تاشقا ئوخشايدۇ. گەرچە ئادەتتە ئۇپىرىمىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن ئۇپىراۋاتقان بولىدۇ.» بۇ سۆزنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان ئاساسىي مەنىسى شۇكى، تىرىشچان ئادەم خۇددى باھاردا ئەمدىلا بىخ سۈرگەن مايسىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئۆزگىرىش بولمىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر كۈنى ئۆسۈپ يېتىلىدۇ؛ ھورۇنلار بولسا خۇددى پىچاق بىلەيدىغان تاشقا ئوخشايدۇ، گەرچە خورىغىنىنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر كۈنى زىيان تارتىپ نېپىزلەپ كېتىدۇ.
نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مانا مۇشۇنداق چوڭىيىپ كېتىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سىز «ھۇزۇرلانغان» بارلىق ھورۇنلۇق تېخىمۇ چوڭ، قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىپ، سىزنى كۈندىن- كۈنگە چۈشكۈنلۈك ئىچىدە كۈرەش ئىرادىڭىزنى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى يوقىتىدۇ.
كىشىلىك ھاياتتا ئۇدۇل يول (ئاتالمىش قولاي يول) يوق، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن تىركىشىش تىرىشچانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. تىرىشچانلىقىڭىز پەقەت ئۈچ مىنۇتلۇق قىزغىنلىق بولۇپ قالمىسۇن. قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ئىجتىھات بىلەن ئىشلىگەنگە؛ ئىجتىھات ئارقىلىق ھورۇنلۇقنى داۋالىغاندىلا، سىز كۈندىن-كۈنگە ئىلگىرىلەش جەريانىدا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولالايسىز. 

ئىككىنچىدىن، مەغرۇرلۇقتىن ئۆزىنى تارتىش كېرەك
بىر يېزىقچىلىق تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىسى ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىدىن مۇنداق بىر قانۇنىيەتنى يەكۈنلەپ چىققان: «يېزىقچىلىق تالانتى بار كىشىلەر شۇنچە ئاسانلا يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ، ئەكسىچە ئەسلىدە قارىماققا تالانتى باردەك كۆرۈنىدىغان كىشىلەر بولسا يېزىقچىلىق يولىدا تېخىمۇ يىراققا ماڭالايدۇ.» 
بۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا شۇنى بايقاش تەس ئەمەسكى، ئالدىنقىسى كۆپ ھاللاردا مەغرۇرلىنىپ ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىشتا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى تالانت بەلكىم بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى بەلگىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ يۇقىرى چېكىنى بەلگىلەيدىغىنى پوزىتسىيە.
ئادەم قايسى ۋاقىتتا ئۆزىنى ئەڭ قالتىس ھېس قىلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئەمدىلا ئازراق ماھارەت ئۆگىنىپ، ئازراق كىچىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندە شۇنداق بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، ئەگەر ئىرادىسى يېتەرلىك بولمىسا، ئاسانلا ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، ئۆزىنى يېتەرلىك مۇنەۋۋەر دەپ ھېس قىلىۋالىدۇ. ئەمما، نېمىلا ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر، بەك مەغرۇرلىنىپ ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىشتىن ئەڭ ھەزەر ئەيلەش كېرەك.
مەغرۇرلۇق زىيان كەلتۈرەر، كەمتەرلىك نەپ كەلتۈرەر. ھەقىقىي ئىشەنچ ئۆزىگە بولغان توغرا قاراشتىن كېلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تونۇپ يەتكەندە، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ھەر ۋاقىت ئوچۇق- يورۇق، كەمتەر روھىي ھالەتنى ساقلىغاندىلا، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، شۇ ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەيدىغان كىشىلىك ھاياتقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قانچە ئەمەلىي كۈچى بار ئادەم كۆپ ھاللاردا شۇنچە كەمتەر بولىدۇ. ئۇلار تېخىمۇ كەڭ زېمىننى، تېخىمۇ كەڭ بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىنى، قەلبىنىڭ سالماق ھەم باي ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىغىمۇ چىن كۆڭلىدىن نىشان ۋە يۆنىلىش بەلگىلىگەنلىكىنى كۆرەلىگەن، شۇڭا يەنە قەستەن داۋراڭ سېلىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرى مۇسابىقە مەيدانى، ھەر قانداق بىر بىلىم ياكى ماھارەتنى ئۆگىنىش خۇددى بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقانغا ئوخشايدۇ، يۈگۈرۈشتە يېڭىش باشلىنىشتا قابىلىيەت ھېسابلانمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىغىچە يۈگۈرەلىگەنلەر ھەقىقىي ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ. مەغرۇرلىنىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنى تاشلاپ، ئۆزىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىتىش كېرەك. 
سىز قانچىلىك مۇنەۋۋەر، ھامان بىر كۈنى، ۋاقىت سىزگە جاۋاب بېرىدۇ. 

ئۈچىنچىدىن، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش كېرەك
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەچۈرمىشى بولغان بولۇشى مۇمكىن: بىرەر ئىش قىلىشنى ئويلاپ، نىشان تىكلەشكە بەل باغلىغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا ھامان ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولدى قىلىدۇ. 
مەن تونۇيدىغان بىر دوستۇم، بۇ يىل يازدا ئورۇقلاشقا ئىرادە باغلىغان، دەسلەپتە ناھايىتى غەيرەتكە كېلىپ، يۈگۈرۈش جابدۇقلىرىنى سېتىۋالدى، بەدەن چېنىقتۇرۇش كارتىسى بېجىردى، يەنە بەدەندىكى ياغنى ئازايتىش تامىقىنى ئېتىشنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. لېكىن پەقەت بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ مىجەزىنى ئۆزگەرتەلمەي، ھەر كۈنى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ بەك ئاستا چۈشكەنلىكىدىن ئاغرىنىشقا باشلىدى. بارغانسېرى بوشىشىپ كېتىۋاتقان ئۇ يەنە قورسىقىنى قويۇۋېتىپ تاماق يېدى، نەتىجىدە پەقەت بىر نەچچە كۈنلا ۋاقىت كەتتى. ئۇ تامامەن ئەسلى قىياپىتىگە قايتتى.
ئۇ دوستۇمنىڭ  قارىشىچە، مەززىلىك تائاملار ئورۇقلاش يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى ئۆزىنىڭ چۇس كەيپىياتى.
سېمىزلىكنى بىر كۈندە يەپلا پەيدا قىلغىلى بولمايدۇ، ئورۇقلاشنىمۇ بىر كۈندىلا ئازايتقىلى بولمايدۇ، ھەمىشە تېز يېتىلىشنى ئويلىغاندا، ئورۇقلاش چوقۇم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
بۇ قائىدىنى تۇرمۇشنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە قويۇشمۇ ئوخشاش. كىچىكىدىن ئورۇقلاش ۋە ھۆسن تۈزەشكىچە، چوڭىدىن خىزمەت ئىزدەش ۋە بىلىم ئېلىشقىچە بولغان بارلىق ئۆزىنى ياخشىلايدىغان تاللاشلارنىڭ ھەممىسى سىناققا تولغان بولۇپ، بىراقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.
كەيپىياتىڭىز جىددىيلىشىپ كەتسە، ئادەم جىددىيلىكنىڭ خاپىسىغا قالىدۇ، كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقمۇ سىزنى ئۆزىڭىزدىن گۇمانلاندۇرۇشى مۇمكىن. بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلىيەلىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ياخشى بولغان كەيپىيات باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقىدا. قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇلاردىمۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش تۇيغۇسى بولىدۇ، ئەمما ئۇلار تېخىمۇ سەۋرچان بولۇپ، روھىي ھالىتىنى ۋاقتىدا تەڭشەشنى، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقنى بىلىدۇ.
ئىشىنىڭكى، ساقلاش جاپالىق، ئەمما ئەرزىيدۇ. پەقەت جاپالىق بەدەل تۆلىگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي قانائەتنى ھېس قىلالايمىز. يەڭگىللىكنى تاشلاپ، ئۆزىڭىزنى ياخشى چۆكتۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى.

مەنبە: خەلق تورى
تەرجىمىدە: تىۋىش

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك كىتاب: كەلگۈسىگە يېزىلغان خەتلەر
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!

ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ مەزكۇر توپلامنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0