
شۇ مەزگىللەردە كاللامنىڭ ئازراق دەردى بارمۇ ياكى بىرەر تال ۋىنتىسى بوشاپ قالغانمۇ ئۇقمايمەن، بەلكىم داۋخو تىپقا تەۋەدۇرمەن. بىر ئىشلارغا ئۇنچە ئاسان ھەيران قېلىپمۇ كەتمەيتتىم، دادام ئۆلۈپ كەتكەن چاغدىلا ئازابلىنىپ يىغلاپ باققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىرەر ئىش يۈز بېرىپ قالسا ئۇنچىلىك بەك يىغلاپمۇ كەتمەيمەن ياكى بەلكىم باغرى تاش تىپقا تەۋەدۇرمەن. ئىش قىلىپ باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا مەن ھەقىقەتەن نورمال ئەمەس. نېمىشقا دەمسىز؟ ئەمىسە سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەي.
تۈنۈگۈن قوشنام نۇربىيە يىغلاپ مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىپتۇ، ئىشىكتىن كىرىپلا ھۆ تارتىپ يىغلىغىلى تۇردى. نېمە بولغانلىقىنى سوراش سورىماسلىقىنى بىلەلمەي تۇراتتىم، لېكىن جەزىم قىلىمەنكى، بىرەر يېقىن ئۇرۇق-تۇغقىنى ئۆلۈپ كەتمىگەن. چۈنكى بۇ قايغۇ يېشىغا ئەمەس، ئەلەم تارتىپ دەرد تارتىپ يىغلىغان يېشىغا بەكرەك ئوخشايتتى. قەغەزنى سۇغۇرۇپ قولغا تۇتقۇزدۇم، يۈزلىرىنى بۇرۇنلىرىنى سۈرتۈپ يىغىسى سەل پەسلەتتى. قارىسام ئەھۋال سورايدىغان پەيت كەلگەندەك تۇراتتى:
-ۋاي، نېمە بولدى خوشنام؟ ئەكبەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالمىغانلا؟ نېمانچە يىغلاپ كەتلە ئەمدى؟
ئۇ يەنە يىغلاشقا باشلىدى، توغرا تېپىپتىمەن دەرۋەقە بۇ ئىش ھەقىقەتەن ئېرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
-ۋاي بولدى خوشنام، سەۋر قىلسىلا يىغلاۋەرمەي، كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا نېمە بولدى بىرەر نەرسە دېيىشىپ قالدىڭلارمۇ يا؟
-ئاجرىشىپ كېتىمەن، بۇ كۆڭلى قار بىلەن ئەمدى ئۆي تۇتقۇچىلىكىم قالمىدى بۇ تېگى پەس بىلەن.
بۇ قوشنام نۇربىيەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ پاھ، پاھ دەپ كەتكۈدەك ساھىبجامال بولمىسىمۇ ھەرھالدا ئۇستىخانلىرى قاملاشقان، مېھرى ئىسسىق، خوش پېئىل چوكان ئىدى. ئېرى ئەكبەرمۇ بەستلىك قاملاشقان يىگىت ئىدى، لېكىن بۇ ئادەمنى ناچار دەپ قارىمايتتىم، چۈنكى ئۇ داۋاملىق ئىككى بالىسى ئويناتقىلى ئاپىراتتى. تېخى بەزىدە، مېنىڭ قىزىمنىمۇ چاقىرىپ بىللە ئېلىۋالاتتى، مېنىڭ نەزىرىمدە كىچىك بالىغا ئامراق ئەر ناچار ئەر ھېسابلانمايتتى، ئەكسىچە مەسئۇلىيەتچان، ئاقكۆڭۈل تەسىر بېرەتتى، شۇڭا قوشنامنىڭ نېمىگە ئېرىدىن بۇنچە خاپا بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدىم.
-ۋاي پوق يېمىسىلە قوشنام، ئىككى بالا تۇرسا نېمە دەيدىغانلار ئاجرىشىمەن دەپ، ئۇنداق گەپ دېگەننى ئاسانلىقچە ئېغىزىمىزدىن چىقارمايلى، خوتۇن كىشى بولغاندىن كېيىن. دېدىم يەنە بىر نەچچە تال قەغەزنى سۇغۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەڭلەپ، ئۇنىڭ يىغىسى توختاپ ماڭا قارىدى، خۇددى ئېرىنىڭ جىنايەتلىرىنى ماڭا پاش قىلىۋاتقاندەك تېلېفوننى چىقىرىپ:
-بىر قىزنىڭ رەسىمىنى ماڭا كۆرسەتتى.
-قارىسىلا خوشنام ئەكبەر دېگەن كۆڭلى قارا، ماۋۇ پاسكىنا بۇزۇلۇپتۇ.
تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىپ سۈرەتكە قارىدىم، راستلا چىرايلىق قىز بالا ئىكەن، بويلىرى زىلۋا، قاش-قاپاقلىرى چىرايلىق، دولقۇنسىمان بۈدرە چاچلىرى ئۆزىگە شۇنداق ياراشقان، ئىش قىلىپ ئۈچىنچى شەخس ھەقىقەتەنمۇ جەلپكار ئىدى.
-ئون بىر يىل بولدى، بۇ ناھىيەگە مەن ئەكبەرنى دەپ كەلگەن. ئانام-دادامنىڭ قارشىلىقىغا ئۇنىماي، ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھاننى مۇشۇ ناھىيەگە بەردىم، مۇشۇ يەرگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم، ئەكبەر بىلەن توي قىلدىم، ئەكبەرنىڭ ئۆيى يېزىدا ئاتا-ئانىسى دېھقان بولغاچقا، مائاشىنىڭ يېرىمىنى توي قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاتا-ئانىسىغا بېرىدۇ. بۇنىڭغىمۇ ھېچنېمە دېمىدىم. ئىككىمىزنىڭ خىزمەت ئورنى ناھىيە ئىچىدە بولغاچقا، توي قىلىپ ناھىيەدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردۇق. بەش ئالتە ئايغىچە سىنگاللاردەك ھېلى ئۇ مەھەللىدە، ھېلى بۇ مەھەللىدە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردۇق، چوڭ بالام تۇغۇلۇپ تېخىمۇ جاپادا قالدىم، قېينئانامنىڭ يېشى چوڭ، خېلىلا قېرىپ قالدى، بالامنى بېقىپ بېرەلمەيدۇ، تارتمىغان جاپايىم قالمىدى. كېيىن مۇشۇ ئۆينى ئالدۇق، ئۆي ئالغۇچە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل يوق، تويلۇق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىمنى سېتىپ تۆلىدىم. قالغىنىنى مائاش كارتامنى رەنە قويۇپ بانكىدىن قەرز ئالدىم، ئۆتكەن يىلى ئاران تەستە تۈگەتتۇق بۇ ئۆينىڭ قەرزىنى، مانا ئەمدى بۇ ئەكبەرگە ماشىنا ئالىمىز دەپ يەنە بانكىدىن قەرز ئالدۇق. ئەرنى دەپ، ئۆينى دەپ، بالىنى دەپ خوشنام، ئۇچامغا ۋاللىدە كەيمىدىم ياكى قۇلىقىمدا يوق، يا بوينۇمدا يوق، يا قولۇمدا يوق بىر گرام ئالتۇن، قاراپ تۇرسام قوشنام، نومۇس قىلماي ئاشنا ئويناپتۇ ماۋۇ شوۋچى بۇزۇق.
ئۇ توختىماي ماڭا دەردىنى تۆككىلى تۇردى. ئۇ ھېلى يىغلاپ ھېلى ئىسەدەپ سۆزلەيتتى مەن بولسام بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا قەغەز سۇغۇرۇپ بەرگەچ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ پارىڭىنى تىڭشايتتىم، كۆزۈم بولسا تېلېفوندىكى ھېلىقى گۈزەل ئۈچىنچى شەخستە ئىدى يەنە سورىدىم:
- ئەكبەر بۇ خېنىم بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگىلى قانچىلىك بولۇپتۇ؟
- بىر يىلچە بولغانمىكىن بۇنىڭغا، مەن ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيمەن.
-قانداق بىلىپ قالدىلا ئەمىسە؟
-بارماق دىسكا لازىم بولۇپ قالغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەكبەردىن سورىدىم، ماشىنىدا بارمىكىن، قاراپ بېقىڭ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ماشىنىغا چىقىپ قارىسام يوق. ئۇيان-بۇيان ئىزدەپ قولۇمغا بىر پاي ھالقا چىقىپ قالدى، قولۇمغا ئېلىپ كۆڭلۈم بىر قىسىم بولۇپ قالدى، لېكىن تاشلىۋېتىپ داۋاملىق ئىزدىدىم. بىر تال قىزىل رەڭلىك بارماق دېسكا قولۇمغا چىقىپ قالدى. كۆڭلۈمدە ئەكبەر يېڭىدىن ئالغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، ئۆيگە كىرىپ كومپيۇتېرغا چېتىپتىمەن، مۇشۇ رەسۋانىڭ رەسىملىرى ئىكەن تېخى، ئېرىم ئىككىسىنىڭ ئۈندىداردا پاراڭلىشىش خاتىرىسى...
ئۇ گېپىنى دېيەلمەي، قايتىدىن ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى. يەنە قەغەز ئېلىپ تەڭلىگەچ دولىسىغا يەڭگىل شاپىلاقلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم:
- بولدى، يىغلىمىسىلا، قانداق قىلىمىز ئەر كىشى دېگەن شۇنداق ئەقلى يوق بولىدىكەن، ئۆيۈم بالام، خوتۇنۇم دېگەنلەرنى ئويلىمايدىكەن.
ئۇ يەنە گەپ قىلىشقا باشلىدى:
-رەسىمگە پاراڭلىشىش خاتىرىلىرىگە قارىسام، ئارىلىشىپ يۈرگىلى خېلى ئۇزاق بولغاندەك تۇرىدۇ، ئىچىمگە پەقەتلا سىغدۇرالمايۋاتىمەن، قوشنام ۋاللىدە يېرىلىپ كېتىدىغاندەك بولۇپ كېتىپ بارىمەن ئىچىمدە بىر نېمە تاتىلاپ ئارام بەرمەيدۇ. شۇنچە يىللاردىن بېرى قاراپ تۇرۇپ مېنى ئالدىغان بوزەك قىلغىنىغا ماڭا خىيانەت قىلغىنىغا مەن چىدىمايۋاتىمەن... ھۆ، ھۈ...
ئىش قىلىپ، قوشنام ئېرىنى تىللايدىغان، سۆكىدىغان ئۆتمۈشتىكى ھازىرقى ھەممە گەپلەرنى دەپ بولدى، ئىچىمۇ خېلى بوشاپ قالدى بولغاي يىغلاشتىن توختىدى ئاندىن يەنە:
- ئاجرىشايمىكى، قوشنام بۇ ئېشەك بىلەن بىر ئۆيدە بىر يوتقاندا ياتىدىغاننى ئويلىسام ئازابلىنىمەن، ئاش بولسا قازان، جان بولسا جاھان دەپتىكەن، مۇقىم خىزمىتىم بار، بالىلىرىممۇ ئۆزىگە چوڭ بولار، بۇ ھاڭگا ئېشەك جېنىدا تاپقان بالىلىرىنى ئويلىمىغاندىكىن، مەنمۇ ئويلىمايمەن، بالىلارنى ئۆزى ئېلىپ باقسۇن، مەن بالا كۆتۈرۈپ كەلمىگەن ئانامنىڭ ئۆيىدىن...
قوشنام ھەر بىر ئېغىزدا مىڭ ئاجرىشىش گىپىنى دەيتتى، قوشنامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مەن باشتىن-ئاخىر ئېغىر سۈكۈتتە تۇردۇم، ئۇ ماڭا قاراپ بىر نېمە دېيىشىمنى كۈتۈۋاتقاندەك تەلمۈرەتتى، دېمىسىمۇ ئەمدى بولغاندا بىر نېمە دېيىشىم كېرەك ئىدى.
-ئەكبەر سىلىنىڭ بىلىپ قالغانلىرىنى ئۇقتىمۇ يا خېنىم؟
- ياق تېخى، بايام ماۋۇلارنى كۆرۈپ مېڭەمنى توك سوقۇۋەتكەندەك بولۇپ، شۇ زامانلا تېلېفون قىلسام تېلېفونى ئېتىككەن، بىللە ئىشلەيدىغان ساجىدەگە تېلېفون قىلدىم، ئاندىن «ئەكبەرنى چاقىرىپ قويسىڭىز بولۇپتىكەن.» دېسەم يېغىنغا كىرىپ كەتتى دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىچىم پارتلاپ كەتكۈدەك بولۇپ، ئۆيدە ئاچچىقتا ئۆلۈپ قالماي دەپ سىلىنىڭ يانلىرىغا كىردىم قوشنام.
- ھە، مۇنداق دېسىلە، ھە بولۇپتۇ بەلەن بولۇپتۇ، ئۇدۇل مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىپ ياخشى قىلىپلا. دېمەك، ماڭا ئىشىنىدىكەنلا مېنى چوڭ كۆرىدىكەنلا، خوشنام مېنى بىرەر مەسلىھەت بېرەلەيدۇ دەپ كۆڭۈللىرىنى يېقىن تۇتۇپلا، ئۆزلىرىگە مەن مەسلىھەت بەرسەم ئاڭلاملا، ئوبدان قوشنام؟ دېدىم نۇربىيەنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
- ئاڭلايمەن قوشنام، سىللە كۆپنى كۆرگەن ئۆزلىرىنى چوڭ بىلىمەن ئەمەسمۇ؟ دېدى.
- قوشنام ئەمدى ياخشى بولدى، ئەتە سىلەبىلەن بىللە دوختۇرخانىغا باراي ئەرلىرىنى تەكشۈرۈتۈپ باقايلى، قورسىقىدا بارمىكىن.
- ۋاي نېمە دەيدىغانلا ئەر كىشى دېگەننىڭ قورسىقىدا قالامتى؟
-ئەمىسە سايمىنىنى تەكشۈرۈتۈپ باقايلى، بىرەر ئىككى سانتىمېتىر كىچىكلەپ كەتتىمىكىن.
- ۋاي، نېمە دەۋاتىدىغاندۇ بۇ قوشنام؟ دېدى ئۇ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ.
- ھەببەللى، مانا ئەمەسمۇ، يا ئەرلىرىنىڭ قورسىقىدا قالماپتۇ، يا بىرەر يېرى كىچىكلەپ، كاملاپ قالماپتۇ، خېنىم، بىر ئوبدان ئەرلىرىنى ئاۋۇ سوك-سوك پاسكىنىغا تاشلاپ بېرەملا؟ بايامدىن بېرى ئون بىر يىلنى ئاران تۇتقان ئۆيۈمتى كۆيۈپ پىشىپ تەگكەن ئېرىمىتى دەپ پوتلا ماڭقىلىرىنى ئېقىتىپ تازا يىغلايلا خېنىم، «ئېرىم ئوبدان دېگەنلەر چىچىپ پوقىنى يېگەنلەر.» دەپ كونىلار راست دېگەن، ئەمدى ئۇنداق دەپ ئەسكى دەپ بەرسەكمۇ خەق ئوبدان ئېرىنى بىزگە ئەكېلىپ بەرمەيدۇ، قانداق قىلاتتۇق خېنىم تۇرمۇش دېگەن شۇنداق يىقىلساق قوپىمىز، يىرتىلسا يامايمىز، مەينەت بولسا يۇيىمىز، ئاۋۇ پوق چىقىدىغان قوڭنىمۇ سېسىق ئىكەن دەپ كېسىۋەتمەيمىزغۇ، بولۇپتۇ ئوڭشىلىپ قالار، ئاۋۇ ئىككى بالىنىڭ دادىسى ھېچنېمە بولمايدۇ، قاتتىق بەدەن سوپۇنى بىلەن تازا ئۇۋىلاپ قىزارتىپ ئۇزاق يۇيۇۋەتسە چىقىپ كېتىدۇ، خەق بىلەن ئىچىشكەن يۈندىسى.
خوشنام ئاغزىمغا قاراپلا قالغان ئىدى يەنە داۋاملىق سۆزلەۋەردىم:
- بىزنىڭ ئۆيدىن بوسۇغا ئاتلاپ كىرگەندىن كېيىن مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ قويسىلا خېنىم، بىر ئاغزىلىرىدا مىڭ قېتىم ئاجرىشىمەن دېمەي، سىللە شۇندالام ئاجرىشىپ كەتكەنگە يەرشارى چۆرگىلەشتىن توختاپ قالمايدۇ، ماۋۇ تومۇچۇققا موك خوش يېقىپ، تۆت كۈندە ئەرلىرىگە تېگىدۇ، سىللە قوڭلىرىنى چىشلەي دېسىلىرى سېسىق، قوللىرىنى چىشلەي دېسىلىرى قاتتىق، ئوتتۇرىلا قاراپ.
-ئەمىسە قانداق قىلىمەن خوشنام؟ ئىچىمگە قانداق پاتۇرالايمەن مۇشۇنچىۋالا ئىشنى؟
- بىر ئامال ئۆگىتىپ قوياي، قوشنام شۇنداق قىلامدىلا؟
قارىسام قوشنامنىڭ ئاچچىقى پۈتۈنلەي يانغاندەك قىلىپ، ئەمدى بولسا ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىش خىيالىغىمۇ كەپمۇ قالغاندەك گېپىمنى تىڭشىدى.
-ئەكبەرنى مۇشۇنداقلا كەچۈرۋېتەمدىمەن ئەمدى مەن قوشنام؟ -دېدى ماڭا قاراپ.
- ئاچچىق دېگەن ئەقىلنى كېسىدۇ قوشنام، قاننى قان بىلەن يۇيغىلى بولماس، ئىككى بالىنىڭ دادىسى ئەمەسمۇ، كەچۈرگىدەك يەرلىرى بولسا كەچۈرۋېتىمىز، دېدىم جاۋابەن.
-ئەمىسە قانداق بىر تەرەپ قىلسام بولار بۇ ئىشنى خوشنام؟ مەن ئېرىمنىڭ يۈزىگە سالمىغان بىلەن، ئاۋۇ پاسكىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزمىسە قانداق قىلىمەن؟
-دېدىمغۇ قوشنام، ئامال بار، مەن ئەقىل كۆرسىتەي، شۇ بويىچە قىلسىلا كاۋاپمۇ كۆيمەيدۇ، زىخمۇ كۆيمەيدۇ، دېدىم.
ھەي دېگەنغۇ باشتا كاللامنىڭ دەردى بار، ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلىشىمەن دەپ، ئىشنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلايسىز تېخى. ئۆزۈمچە نوچى پىلاندىن بىرنى تۈزگەندەك قوشنامغا بارماق دېسكىسىدىكى ھەممە رەسىم ۋە ئۇلارنىڭ ئۈندىداردا يوللاشقان تاتلىق پاراڭلىرىنى رەسىمخانىغا بېرىپ ئىككى نۇسخىدىن يۇيدۇرۇشقا بۇيرۇدۇم، ئۇ بىردەمدىلا يۇيدۇرۇپ ئەكەلدى، ئاندىن بۇ ئۈچىنچى شەخسنىڭ سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى، بىر قېتىم ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۈچ ياشقا كىرگەن بىر قىزى بارلىقىنى بىلدۇق، قوشنامنى چىرايلىق ياساندۇردۇم. سالاپەتلىك كىيىندۈرۈپ، ساتىراچخانىغا ئاپېرىپ پاخپايغان چاچلىرىنى ئۆزىگە يارىشىملىق پاسوندا ياساتقۇزدۇم، ئاندىن بىللە سۇغۇرتا شىركىتىگە باردۇق ئىشىكتىن كىرىشىمىزگە ئىللىق چىراي بىر قىز ئالدىمىزغا كېلىپ بىزنى كۈتۈۋالدى.
- ياخشىمۇ سىلەر، قانداق مۇلازىمەت بېجىرىسىلەر؟ دېدى، زالغا كۆز يۈگۈرتتۈم، ھېلىقى چىرايلىق چەتتىكى پوكەيدە ئولتۇراتتى ئۇنىڭغا دىققەت قىلدىم.
ئۇ قىز مېنى ۋە خوشنامنى كۆرۈپلا جىددىيلىشىپ كەتتى، بىزنى كۆرۈپ قالمىسۇن دېگەندەك قىلىپ، كومپيۇتېرنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈۋالدى، ئەسلى قوشنام تونۇيدىكەن، ئۇ ئەكبەرنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن دەپ ئويلىدىم، ئىچىمدە. قوشنام ماڭا قاراپ سەل جىددىيلەشكەندەك، «قايسى كەسىپنى بېجىرىۋەتتۇق» دېدى.
- ھە، ئاۋۇ قىز نېمە كەسىپ بېجىرىدۇ؟ دەپ سورىدىم مۇلازىمەتچى قىزدىن.
-گۈلنازنى دەمسىز ماشىنىنىڭ سۇغۇرتىسى بېجىرىدۇ، دېدى قىزچاق.
- ھە، مەنمۇ شۇ ماشىنىغا سۇغۇرتا ئالاتتىم، رەھمەت ئىشلىرىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، شۇ پۇكەيگە بارايلى، دەپ قوشنامنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭدىم، ئۇ بەك جىددىيلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك قوللىرىمۇ مۇزلاپ كەتكەن ئىدى. ئاشۇ پۇكەيگە باردۇق، ھېلىقى ئۈچىنچى شەخىسنىڭ چىرايلىق يۈزلىرىدە قان دىدارى قالمىغان ئىدى.
-ئۇكام ماشىنىنىڭ سۇغۇرتىسىنى مۇشۇ يەردە بېجىرەمدۇ؟- دەپ سورىدىم، قوشنام ئېغىزىنى ئۆمەللىۋىدى، مەن قولىنى مىجىپ قويدۇم، ئاندىن ئاشۇ پوكەي ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم يەنە بىر تەرەپتىكى ئورۇندۇقنى يېقىن سۈرۈپ ئېلىپ كېلىپ مەن ئولتۇردۇم، ھېلىقى قىز تېخىچە داڭ قاتقىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى، كۆڭلىدە ئۇرۇشقىلى كەلدى دەپ ئويلىدى بولغاي. ئىش قىلىپ شۇنچىلىك بىئاراملىق چىرايىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى.
- ئۇكام مەن گەپ سوراۋاتىمەن، ماشىنا بوشەن ساتامسىلەر، يا باشقا بىر نەرسە ساتامسىلەر؟
- ھە ماشىنىغا ماشىنىغا...- دۇدۇقلىدى قىز. مەن ئارخىپ خالتىسى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم، «ماۋۇ ماشىنىغا بوشەن ئالاتتۇق، بەك شالاقشىپ كېتىپتىكەن بۇ ئەبجەق ماشىنا، بوشەن ئالمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ كۆرۈپ بېقىڭە.» دېدىم، ئارخىپ خالتىسى ئالدىغا ئېتىپ، ئۇ ئارخىپ خالتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ھېلىقى رەسىملەرنى كۆرۈپ بىر قىزىپ بىر تاتىرىپ كەتتى، قوشنامغا قارىدىم. ئەگەر مۇشۇنداق بىر دەم قاراپ تۇرساق، ماۋۇ قوشنام ئاچچىقىدا ئۇ چىرايلىق ئۈچىنجى شەخسنى تۇرۇپلا بوغۇپ قويدىغاندەك تۇراتتى شۇڭا يەنىلا گەپنى مەن قىلدىم:
- ماڭا قاراڭ چىرايلىق ئۇكام بىر چىرايلىق قىز بالا ئىكەنسىز، كىم قويۇپتۇ سىزگە ئۈچىنچى شەخس بولۇشنى، ئەكبەر ئالىمەن دېگەن ئوخشايدۇ، ھە. چىرايلىق ئۇكام، ئەخمەق بولماڭ، ئالمايدۇ. ماۋۇ يەردە خوتۇنى بار تۇرسا، ئاۋۇ ئۆيدىكى ئىككى بالىنىڭ ئانىسى مۇشۇ خېنىم شۇ، بۇ خېنىمنىڭ ئېرى بەلەنمىكەن ئۇكام، ئاشۇ بەلەن بالىنى مۇشۇ چوكان ئون بىر يىلدىن بىرى جىق مەشىقلەندۈرۈپ، بەلەن قىلىپ قويغان سىزگە خوش ياققۇدەك قىلىپ، بۇمۇ بىر ھېسابتا بەلەن بولۇپتۇ ئۇكام، بۇ ئادېشىمنىڭ ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ خوش قىلىپ قويۇپسىز، يامان قىلماپسىز ئېرىنىڭمۇ قورسىقىدا قالماپتۇ، بىرەر يېرى كىچىكلەپ كەملەپ قالماپتۇ خېنىم، ماۋۇ ئادېشىم ئۆيگە ئاپېرىپ توقاچ سوپۇندا يۇيۇپ ئىككى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق چايقاپ يۇيۇندۇرۇپ، ئەر قىلىۋېرىدىغان بولدى. بىلسىزغۇ بۇ ئىشتا ئەر كىشى ئەمەس، خوتۇن كىشى بەكرەك زىيان تارتىدۇ، ئاياللار كېسىلى بولۇپ قالىدىغان ئىش بار ئەمەسمۇ خېنىم، مەن سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلەيمەن دېگەن بىلەن ۋاقتى كەلگەندە، ئۇ يېرىڭىزگە سۇغۇرتا ئاقماي قالامدىكىن چىرايلىق ئاي خېنىم، بۈگۈن ئۇرۇشقىلى تالاشقىلى كەلمىدۇق، شۇ بۇ ئەكبەر جان كۆيۈپ قالغان قايسى نازىن گۈزەلدۇ؟ دەپ كۆرگىلى كەلگەن، دەرۋەقە چىرايلىق تۇمۇچۇق ئىكەنسىز، قۇچىقىغا ئېلىپ ئەركىلىتىپ سۆيۈپ ئولتۇرغۇدەك، ئەكبەرجاننىڭ كۆزى مال تونۇيدىكەن، كۆڭۈل خوش قىلالىغۇدەك قىزنى تېپىپتۇ، شۇڭا بىر مەسلىھەت قىلىۋالساق دەپ، بۈگۈن بۇ يەرگە كەلدۇق، ئەمدى بىر ئەرنى بىللە ئىشلىتىدىغان ئىش ئەمەسمۇ؟ دېدىم ئورۇندۇقنى يەنىمۇ ئالدىغا سۈرۈپ.
قارىسام بۇ قىزنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، رەڭگىمۇ قەغەزدەك ئاپپاق تاتىرىپ كېتىپتۇ، قوشنامغا قارىدىم، ھېلىقى بايام كىرگەن جىددىيلىك تۈگەپ، بىر خىل مەغرۇر ئولتۇراتتى، قارىماققا مېنىڭ ياردىمىمدىن رازى بولغاندەك، تازا پۇخادىن چىققاندەك قىلاتتى، مەن يەنە گەپ باشلىدىم.
-قاراڭ خان، ھەر قاچان ئەكبەر سىزگە دېمىدى ئۇقمايسىز، ماۋۇ ئۆي مۇشۇ ئادېشىمنىڭ مائاش كارتىسىنى رەنە قويۇپ ئالغاچقا، مۇشۇ ئادېشىمنىڭ نامىدا، ماۋۇ ئەكبەرجان ھەيدەۋاتقان ئىككىڭلار بىللە سۇغۇرتا ئالغان ماشىنىمۇ مۇشۇ ئادېشىمنىڭ مائاش كارتىسىنى رەنىگە قويۇپ قالغاچقا، بۇمۇ شۇ ئادېشىمنىڭ نامىدا، ئەكبەرجاننىڭ نامىدا ئىككى بالىسى بىلەن ئانىسى دادىسى بار، ئىقتىسادىي يۈكى ئېغىر، قارىسام خېلى ئىش بىلىدىغان قىز بالىدەك تۇرىسىز. ھەر قاچان ئېرىڭىز بىلەن ئاجراشقاندا سىزنى قۇرۇق قول يولغا سېلىپ قويمىغان بولغىيتتى. ئۆينى بولسىمۇ بەرگەن بولغىيتتى، سىز ئېرىڭىز يوق، تازا قىينالغانسىز، شۇڭا سىزنىمۇ توغرا چۈشەندىم. ئەكبەر ھەپتىدە ئىككى كۈن ئۆيىڭىزگە بېرىپ ھاجىتىڭىزدىن چىقىپ قويسىمۇ پىكىرىمىزمۇ يوق، ئاجرىشىپ كېتىپ قالامدىكىن دەپ تاما قىلماڭ، ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، ئەكبەرمۇ ھاجىتىڭىزدىن چىقىۋاتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ كىيىم-كېچەك پارچە خىراجەتنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىڭىز چىقىڭ، چۈنكى بۇ ئايدىن باشلاپ ماشىنىنىڭ قەرزىنى ئەكبەر ئۆزى تۆلەيدۇ، ئورتاق ئەر بولغاندىن كېيىن دەپ قوياي، ئۇنىڭ مائاشى بەش مىڭ يۈەن بولغان بىلەن ئىككى مىڭ سەككىز يۈەننى ئايدا ماشىنا قەرز تۆلەيدۇ، ئۈچ يىللىق ئىدى، ئۇ قەرزنى يەنە ئىككى يىل تۆلەيدىغان گەپ، مىڭ يۈەنگە ئايدا ماشىنىغا ماي قاچىلايدۇ، ئانىسى دادىسى يېزىدا دېھقان، ئۇلارغا ئايدا ئىككى مىڭ كوي بېرىدۇ، شۇڭا ئۆزى خەجلىگۈدەك پۇلمۇ ئاشمىغۇدەك، شۇڭا سىزنى بار دەپ ماۋۇ ئادېشىممۇ پوچى يۈرىدىغان بولدى، بىرەر قۇر كىيىمنى ئارتۇق كىيىپ، ئەمدى ئۆزىنىڭ مائاشىنى ئۆزى خەجلەپ. شۇڭا ئۇكام شۇنداق بولسۇن، پوقنى ئوسۇرۇقتا ياپقىلى بولماس دەپ بۇ شېرىن مۇھەببىتىڭلارنى بىلىپ قالدۇق، ھازىرقى زاماندىكى تىرىك تاھىر-زۆھرە ئىكەنسىلەر كۆز تەگمىسۇن شۇنداق بولسۇن، ھە خان ئەمىسە قوپە ئاداش، ماڭايلى، ماۋۇ چىرايلىق قىز بالىمۇ ئوبدان ئويلىنىپ باقسۇن، بىزنىڭ ياخشى كۆڭلىمىزنى، قايتايلى بۇ خوش خەۋەرنى ئەكبەرگە دېمىسەك بولماس، بىچارە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بەكلا قىينالدى ئوغرىلىقچە ئاشنا ئوينايمەن دەپ، ماقۇل. ئەمىسە خان سۇغۇرتا ئالىدىغان ئىش بولسا يەنە سىزنى ئىزدەيمىز، تونۇشۇپ قالدۇق ئەمەسمۇ ئەمدى...
مەن شۇنداق دېگىنىمچە تەڭ قوشنام نۇربىيەنىڭ قولتۇقىدىن يىتىلەپ چىقىپ كەتتۇق، ماشىنىغا چىقىپ بولۇپ قوشنام بەك كۈلدى ماڭا قاراپ:
-ۋاي خوشنام ۋاي گەپكە نېمانداق يامان سىللە، ئاغزىنى ئاچۇرمىلا ئاۋۇ قانجۇقنىڭ،- دېدى. -ئەمدى قانداق قىلىمىز قوشنام؟ دەپ سورىدى مەندىن:
-ئەمدى ماۋۇ ئارخىپ خالتىسىنى ئەكبەرگە بېرىڭ، لېكىن ھېچنېمە دېمەڭ، تىللىماڭ، قاقشىماڭ، ئۇرۇشماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىڭ، ئۆلۈك نېمىشقا سۈرلۈك بىلەمسىز گەپ قىلمىغاچقا سۈرلۈك، شۇڭا ئارتۇقچە گەپ قىلماڭ،-دېدىم.
-خوشنام دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ تۇيغۇ، دەل جىنايەت تۇيغۇسى، سىز ھېچنېمە دېمىسىڭىز، چىرايلىق، كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇنى كەچۈرۋەتسىڭىز، ئېرىڭىز سىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولىدۇ، ئاق كۆڭۈللۈكىڭىزدىن ئۆزى نومۇس قىلىدۇ، سىز ھېچنېمە دېمىسىڭىز، ئۇ ئالدىڭىزدا خىجىللىق تۇيغۇسىدا ياشايدۇ، بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى جىنايەتچىدەك ھېس قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئاسىيلىقىدىن پۇشايمان قىلىدۇ، لېكىن ئۇرۇشسىڭىزچۇ، دەل ئەكسىچە بولىدۇ. سىزنىڭ ئىچى تارلىقىڭىزدىن بىزار بولىدۇ. بىشەملىكىڭىزدىن نەپرەتلىنىدۇ. يىغلاپ تۇرغان بىچارە تۇرقىڭىزدىن قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى شەخسكە بولغان ئىنتىلىش كۈچىيىدۇ-دە ئاشۇ قەلبىدىكى جىنايەت تۇيغۇسى يوقايدۇ. ئالدىڭىزدا خىجىل بولمايدۇ، ئەسلىدە شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك ھېس قىلىدۇ، تېخى ئۆزىنىڭ قىلغان بارلىق خاتالىقلىرىنى سىزدىن كۆرىدۇ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ھەممىسى شۇنداق ئويلايدۇ چۈشەندىڭىزمۇ؟-دېدىم.
قوشنام بېشىنى لىڭشىتىپ ماڭا قايىللىقىنى بىلدۈردى ھەر ئىككىلىمىز ئۆي ئۆيلىرىمىزگە كىرىپ كەتتۇق.
مەنمۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ يېزىغا خىزمەتكە چۈشۈپ كەتتىم، ئۈچ تۆت كۈن شۇ يېزىدا قونۇپ ئىشلەپ قالدىم، خىزمەتلەر تۈگەپ ئۆيگە قايتتىم، ئىشىك ئالدىغا ماشىنا توختىتىۋاتاتتىم، ئەكبەرمۇ ئىشتىن چۈشۈپتىكەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. سالام قىلاي دەپ بېشمنى لىڭشىتاي دېيشىمگە ماشىنىنىڭ ئىشىكنى جاققىدە يېپىپ، ئۆيگە كىرىپ كەتتى پوق يېگەندەك بولۇپ قالدىم. «ئارىچىغا ئالتە تاياق» دەمدۇق بۇنى ياكى «خەقنىڭ يېرىگە ئىشلەپ قالدى لېۋىنى چىشلەپ.» دەمدۇق. خۇددى ئاشۇ ماشىنىنىڭ ئىشىكى مېنى قىسىۋالىدىغاندەكلا بولۇپ قالدىم، قانداق قىلاتتىم ئۆزۈمگە ئاز، خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشقاندىن كېيىن ئۆيگە كىرىپ كەتتىم، بىردەمدىن كېيىن ئىشىك چېكىلدى قارىسام شۇ قوشنام نۇربىيە:
-ۋۇي خېنىم، بارمۇ يا دەپ كەتتى يۇمىلاق بودەك يۈزلىرىنى يۈزۈمگە يېقىپ.
- ۋوي بار قوشنام ھەر قانداق ئەھۋاللىرى ئاۋۇ ئەكبەرجان بىلەن بەلەن بولۇپ قالدىڭلارمۇ يا. -ۋاي جېنىم قوشنام گېپىنى قىلمىسىلا. ھەئە، بەك ياخشى بولۇپ قالدۇق. شۇڭا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ كىردىمغۇ مانا. قوشنامنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى.
- ۋاي خېنىم سىللە دېگەندەك قىلغانتىم ماۋۇ ئېرىم دېگەن ھازىر يىپتەك بولۇپ كەتتى ئىشتىن چۈشىدۇ ئۆينى تاپىدۇ، ۋاي خوتۇن دەپ قىلمىغىنى قالمايدۇ ھازىر، ماۋۇ قولۇمدىكى ئۈزۈكنى ئۆزى مېنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ ئېلىپ بەردى، دېدى ئۇ قولىدىكى ئالتۇن ئۈزۈكنى ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
-بەلەن بولۇپتۇ، قوشنام بەلەن ئۆتۈڭلار بالىلارغا ئانا بىلەن دادا تەڭ بولمىسا بولمايدۇ ئەمەسمۇ، ھېلىقى خېنىم بىلەن ئىزدەشمىگەندۇ؟ دېدىم.
-ۋاي ياق، ئۇ مېكىجىننىڭ يازغان خېتىنى كۆرسىتىپ قويدى ئېرىم، «ئەمدى كۆرۈشمەيلى. مېنى ئىزدىمەڭ، خەقنىڭ ئاشنىسى بولغۇم يوق. تۇرمۇشتا بىر قېتىم ئازار يېگىنىم يېتەر، ماڭا ئەمدى مېنى ئاۋارە قىلماڭ، بۇدا ئاۋارە قىلسىڭىز، مېنى ئىزدىسىڭىز خوتۇنىڭىزنى ئىزدەپ بېرىپ دەيمەن.» دەپ يېزىپتۇ گەپلىرى تازا ئۆتكەن چېغى خېنىم سىللىنىڭ، دېدى.
- ھە سىللىمۇ تەگىمەي ئەمدى بۇ ئىشلارنى چىرايلىق ئۆتۈڭلار قوشنام دېدىم، تەگسىمۇ پايدىسى يوق، ئىش ئورنىغا كېلىپ قالمايدۇ، ياخشىلىنىپ كەتسۇن. ھە راست، ماڭا سالام قىلمايدىغۇ ئەكبەرجان.
-شۇنداقمۇ؟ ھەر قاچان ئاۋۇ مۈشۈك ئىككىمىزنىڭ بىللە بېرىپ ئۆزىنى ئىزدىگەنلىكىمىزنى دېگەن بولسا، شۇڭا خىجىل بولۇپ يۈزلىرىگە قارىيالمىغان ئوخشايدۇ. قوشنام. خاپا بولمىسىلا، ئىش قىلىپ شۇنچىلىك خوش بولدۇم سىللىدىن، بەك رەھمەت ئايرىم رەھمىتىم بار تېخى بىر كۈنى سىلىگە. ئوبدان رەھمەت دەۋالىمەن، دېدى.
-ۋوي ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىسىلە. قوشنام يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا دەپ، يەنە شۇ قوشنىلار بىر بىرىمىزگە ئەسقاتىمىز ئەمەسمۇ؟ دېدىم.
-بىردەم ئولتۇرسىلا خوشنام تاماق قىلاي دېدىم. ۋوي بولدى رەھمەت ئۆيگە چىقاي ئەكبەر «لەغمەن ئەتكىن خوتۇن سەن خېمىر يۇغۇرغاچ تۇرساڭ گۆش ئېلىپ كىرەي.» دەپ چىقىپ كەتكەن، ئاشخانىنىڭ دېرىزىسىدىن سىللىنىڭ ماشىنىللىرىنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ كىرگەن سىللە بىلەن كۆرۈشۈپ چىقاي دەپ، ئەمدى ئۆيگە چىقاي بولمىسا بىزنىڭ ئۆيدە مەنلام تاماق قىلاي بىللە يەيلى دېدى.
-ۋاي رەھمەت كېرەمنىڭ چۆچۈرە ئىچكۈسى بار ئىكەن، شۇڭا مەنمۇ ئۆيدە تاماق قىلاي، نەچچە كۈن بولدى، خىزمەت دەپ سىرتلاردا يۈرۈپ، ئېرىم بىلەن بالام بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېمىگىلى دېدىم.
-ھە، بولۇپتۇ ئەمىسە قوشنام مەنمۇ ئۆيگە چىقاي دەپ چىقىپ كەتتى. مەنمۇ تاماققا تۇتۇش قىلدىم، ئېرىم چۆچۈرىگە ئامراق ئىدى، قىزىم نازىيەمۇ دادىسىدەك چۆچۈرىگە ئامراق ئىدى. قازانغا چۆچۈرىگە سۇ قۇيۇپ، گۆش، چامغۇرلارنى توغراپ سېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ ئولتۇراتتىم ئىشىك قۇلۇپى شاراقلاپ ئېرىم كىردى:
- ھە خوتۇن، نېمە ئەتتىڭىز؟
-قوشنىلارنىڭ ئۆيگە چىقىپ كەتتى بالىلار بىلەن ئوينىغىلى...
- ھە بولۇپتۇ، قايسى قوشنىمىزنىڭكىدە چاقىرىپ كىرەي، بەكلا سېغىندىم بۇ جىنتەكنى،- دېدى ئېرىم.
- ھەر قاچان ئەكبەرنىڭ ئۆيىدىمىكىن، شۇلارنىڭ قىزىغا بەك ئامراق بۇ قىز بالا دېدىم. ئېرىم ساپما كەش كىيىپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە ماڭدى، بىردەمدىلا قىزىمنى يېتىلەپ، قاپاقلىرىنى ساڭگىلىتىپ كىرىپتۇ.
- خوتۇن، بۇنىڭدىن كېيىن بالىنى ماۋۇ خەقنىڭ ئۆيىگە چىقارماڭە، ئۆيدە ئوينىسا بولىدۇ، بۇ قىز بالىمۇ دەپ خاپا بولدى.
- ئېرىم ۋوي نېمە بوپسىز؟ بىردەمدە تۇتۇلۇپ،-دېدىم.
-ئىشىكنى چەكسەم ئەكبەر چىقىپتىكەن ئىشىكنى ئېچىشىغا ۋاي ئاداش، ياخشىمۇ دەپ سالام قىلىپ بولغۇچە ماڭا قاراپمۇ قويماي ئۆيگە كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نازىيەنى ئۆزۈم كىرىپ چاقىرىپ ئېلىپ چىقتىم. چېقىپ بولسام، كەينىمدىن چىقىپ ئىشىكنى جاڭڭىدە يېپىۋېتىپ بارىدۇ، ماۋۇ ئاداش مەن بىر ئانىسىنىڭ ئاپىسىنى خام ئورىغاندەك دېدى، ئاچچىقىدا غۇدۇراپ.
-ماڭا قېيداپ ئۆچىنى سىزدىن ئېلىۋېتىپتۇ دە،- دېدىم ئېرىمغا.
ۋوي، نېمە بولغان سىزگە بىر نېمە دېمىگەندۇ ئاۋۇ گۇي،- دېدى ئورنىدىن تۇرۇپ.
- ۋوي ئولتۇرۇڭ. ھېچنېمە دېمىدى ماڭا، كەچكىچە ئۆڭۈپ ئاتىمەن، چاپىمەن دەيدىكەنسىز، دەپ قولىدىن تارتىپ كىرىسلودا ئولتۇرغۇزدۇم. ئاندىن بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى دەپ بەردىم.
-ۋاي خوتۇن، ئۆزىڭىزگە ئاز، كاللىڭىزنىڭ سۈيى بارمۇ نېمە سىزنىڭ؟ نېمە قىلاتتىڭىز خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ، ئىشقىلىپ زادى گۇمانىم بار سىزگە، بىرەر تال ۋىنتىسى بوشاپ قالدىمىكىن دەيمەن كاللىڭىزنىڭ، قىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان بولسىڭىز مېنىڭ پۇت قولۇمنى تۇتۇپ قويۇڭە خىزمەتتە چارچاپ، پۇت قولۇمدا ماغدۇر قالمىدى، ھېرىپ كۆزلىرىمنىڭ قارىسى كەينىگە كېتىپ بارىدۇ ھازىر، يوغان ئىش قىلىپسىز خوتۇن،- دەپ تاپا تەنە قىلىپ كەتتى، مەنمۇ گەپ قىلمىدىم.
بۇ ئىشلار ئۆز جايىدا تۈگىگەن بولدى، نۇربىيە بىلەن ئەكبەرمۇ ئەپلىشىپ بەلەن ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ قالدى. قىزىق يېرى ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ قالدى، ئەكبەرمۇ ئەر-خوتۇن ئىككىمىزگە گەپ قىلمايدۇ، قىزىمنىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە چىققىلى قويمايدىغان بولدۇق، ھەممىدىن قىزىق يېرى شۇكى، ماۋۇ نۇربىيەمۇ ماڭا گەپ قىلمايدىغان بولىۋالدى ھازىر ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق، دېمىسىمۇ ئۆزۈمگە ئازكەن دەپ ئويلاپ قالدىم نېمە قىلىمەن ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلىشىپ، سىڭگەن نېنىمنى يېمەي...
بەزى ئورقۇمەنلەر سالونغا ئايفون ئارقىلىق ھەق تۆلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى، بۇ ئالما شىركىتى بىلەن تېڭشۈن شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە بولغاچقا، بىزمۇ ئامالسىز قالدۇق. شۇڭا ئەگەر سىز بىر ئالما يانفون ئابونتى بولۇپ، سالوندا ھەقلىق يوللانغان ئەسەرنى ئوقۇشقا ئامالسىز قالسىڭىز، بىز ئادەتتە شۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنىڭ ئىككىلىك كودى ۋە ئادرېسىنى تەمىنلەيمىز (ئومۇمەن شۇ ئەسەرنىڭ ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ!)
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك كىتاب: قىمارغا تىكىلگەن خوتۇن
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!