خۇاڭ گۇاڭيۈ بىلەن ساۋ دېۋاڭنىڭ قايسى ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلەمسىز؟
راست گەپنى قىلسام، ئىلگىرى مەن ئۇلارنى ئادەتتىكى دېھقانلار ئارقا كۆرۈنۈشى دەپ ئويلايتتىم.

مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئاندىن بايقىدىمكى:
خۇاڭ گۇاڭيۈنىڭ بوۋىسى چوڭ پومىشچېك، ئانا تەرەپ ئەجداد جەمەتى تايلاندلىق كاتتا باي بولۇپ، كىچىك چېغىدىلا ئاكىسى بىلەن ئىككىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قانداق سودا قىلىش ۋە بېيىش ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ كۆنگەن.
ساۋ دېۋاڭنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى يەرلىك باي بولۇپ، دادىسى چەتئەلدە كۆپ پۇل تاپقان ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىر ئىدى، 30-، 40- يىللاردا شاڭخەي ساھىلىدا كېچىلىك كۇلۇب ۋە تۈرلۈك ماللار شىركىتى ئاچقان.
خۇاڭ گۇاڭيۈ بىلەن ساۋ دېۋاڭنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئاتا بوۋىلىرىدىن قالغان تالانت، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تەجرىبە توپلىشى ۋە كۆنۈپ كەتكەن پاراسەت ۋارىسلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى دېھقانلار پەرزەنتلىرى يېتەلمەيدۇ.
خۇاڭ گۇاڭيۈ بىلەن ساۋ دېۋاڭدىن باشقا، سىز يەنە:
ما يۈننىڭ دادىسىنىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ما خۇاتېڭنىڭ دادىسىنىڭ يەنتيەن پورتى گۇرۇھىنىڭ مۇدىرى، ۋاڭ شىڭنىڭ دادىسىنىڭ لۇڭيەن شەھىرىنىڭ سېمونت شاھى ۋە مىليادىر ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئىنتايىن نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ليۇ چياڭدۇڭنىڭ دادىسى كېمە ھەيدەيدىغان كىچىك خوجايىن بولسىمۇ، لېكىن بوۋىسى كاپىتالىست ئىدى.
بۇ مىساللار مېنى قانداق ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشىدە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى باينى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئال ئۈستىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن مەخسۇس ئۆز سالونۇمدا ئىلگىرى يازغان 22 نەپەر جۇڭگولۇق باينى رەتلەپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىنى تەھلىل قىلدىم.
چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىشىلەرنى يېزىقچىلىق ئوبيېكتى قىلىپ تاللىغان، بۇ ھەرگىزمۇ ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا ئاساسەن تاللاش بولماستىن، بەلكى كەسىپنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش دەرىجىسىگە، جەمئىيەتتىكى تونۇلۇش دەرىجىسىگە قاراپ، ئۆزۈمنىڭ تەتقىقات قىزغىنلىقىمغا بىرلەشتۈرۈلگەن. شۇڭا، ئائىلە كېلىپ چىقىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ تاللاش پۈتۈنلەي تاسادىپىي بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسى مۇئەييەن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئەلـۋەتتە، ئەۋرىشكە سانى ئانچە كۆپ بولمىغانلىقتىن، يەنىلا بەلگىلىك دەرىجىدە ئېغىش بولىدۇ، كۆپچىلىك بۇ جەھەتتە ساقلانغان سەۋەنلىكلەر بولسا توغرا چۈشەنگەي.
كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، مەن شۇنى بايقىدىمكى، بۈگۈن دەرىجىدىن تاشقىرى بايغا ئايلانغان ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ياكى ئەجدادلىرى كۆپ ھاللاردا شۇ جاينىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان مەرتىۋىلىك كىشىلەر ئىدى.
ھەقىقىي ئادەتتىكى ئائىلىدە تۇغۇلغانلار ئىنتايىن ئاز.
بۇ مەسىلە بىزنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇ 22 نەپەر دەرىجىدىن تاشقىرى باينىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىش ئاساسىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى.
بىرىنچى تۈردىكىلەر: ئائىلىسىدە مەلۇم دەرىجىدىكى سىياسىي ساھە ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە بولغانلار جەمئىي ئۈچ نەپەر: ۋاڭ شى، ليۇ چۈەنجى، ساۋ دېۋاڭ.
ۋاڭ شى: ۋەنكېنىڭ قۇرغۇچىسى
دادىسى دابيېشەن تېغىدىكى پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى، ئانىسى 1945-يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان شەرقىي شىمالدىكى شىبەلەردىن ئىدى. ئازادلىقتىن كېيىن ئاتىسى جېڭجۇ تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ ئانىسى جىڭجۇ ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ سابىق قېيناتىسى ۋاڭ نىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
ليۇ چۈەنجى: ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى
دادىسى ليۇ گۇشۇ ئازادلىقتىن ئىلگىرى شاڭخەي پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ يەر ئاستى خىزمەتچىسى ئىدى، ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان، كېيىن جۇڭگو مۇھاجىرلار كومىتېتى، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىق تارماقلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق شىركەتنىڭ مەسئۇلى بولغان. يېڭى جۇڭگو 2-نومۇرلۇق ئادۋوكاتلىق كىنىشكىسىنىڭ ئىگىدارى ۋە جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىنى بەرپا قىلغۇچى.
ساۋ دېۋاڭ: فۇياۋ ئەينەكچىلىكىنىڭ ئىجادچىسى
ئۇلۇغ بوۋىسى ساۋ گۇڭۋاڭ فۇجيەن ئۆلكىسى فۇچىڭ ناھىيەسىدىكى تۇنجى باي ئىدى؛ دادىسى ساۋ خېرېن ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق جۇڭگو مۇھاجىرى، 30-، 40-يىللاردىكى شاڭخەي ساھىلىدىكى باي سودىگەر، شاڭخەيدىكى داڭلىق تۆت چوڭ تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ بىرى بولغان يۇڭئەن تۈرلۈك ماللىرىنىڭ پايچىكى ئىدى؛ ئاكىسى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان.
ئىككىنچى تۈردىكىلەر: ئائىلىسىدە بىر قەدەر ياخشى بولغان سودىغا ۋارىسلىق قىلىش ياكى دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، جەمئىي بەش كىشى بار: خۇاڭ گۇاڭيۈ، ليۇ چياڭدۇڭ، ۋاڭ شىڭ، ما خۇاتېڭ، فېڭ لۈن.
خۇاڭ گۇاڭيۈ: گومېينىڭ قۇرغۇچىسى
بوۋىسى چوڭ پومېشچىك بولۇپ، بوۋىسىنىڭ جەمەتى تايلاندتىكى داڭلىق مۇھاجىر سودىگەر ئىدى؛ دادىسى خۇاڭ چاڭيى ئىچ كۈيئوغۇل بولۇپ، ئىلگىرى ماي زاۋۇتىدا شاگىرت بولغان، كېيىن كىچىك تىجارەت قىلغان؛ ئانىسى زېڭ چەنجېننىڭ ئائىلىسىدە ماي زاۋۇتى بار بولۇپ، دائىم خۇاڭ گۇاڭيۈ ئاكا-ئۇكىلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ سودا قىلىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى.
ليۇ چياڭدۇڭ: جىڭدۇڭنىڭ قۇرغۇچىسى
ئەسلى يۇرتى خۇنەن شياڭتەن، چوڭ بوۋىسى شىمالىي جياڭسۇغا كۆچۈپ كەتكەن، لوماخۇ ۋە بېيجىڭ-خاڭجۇ قانىلىدا يۈك پاراخوتى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان؛ بوۋىسى كاپىتالىست بولۇپ، كېيىن باستۇرۇلغان؛ دادىسى كېمە ھەيدەيدىغان يەككە تىجارەتچى بولۇپ، 80-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا ئۆزىنىڭ يۈك پاراخوتى بولغان.
ۋاڭ شىڭ: مېيتۈەننىڭ قۇرغۇچىسى
بوۋىسى لۇڭيەن 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە مۇدىرى، لۇڭيەن شەھەرلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سېنارىستى بولۇپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان؛ مومىسى شيامېن داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاتاقلىق ئىقتىسادشۇناس ۋاڭ يانەن («كاپىتال»نىڭ خەنزۇچە نەشرىنى تەرجىمە قىلغۇچى، شيامېن داشۆسىنىڭ مۇدىرى)نى ئۇستاز تۇتقان؛ دادىسى ۋاڭ مياۋ فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن شەھىرىنىڭ سېمونت شاھى، مىلياردېر ئىدى.
ما خۇاتېڭ: تېڭشۈن شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى
دادىسى ما چېنشۇ شېنجېن يەنتيەنگاڭ گۇرۇھىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان.
فېڭ لۈن: ۋەنتۇڭنىڭ قۇرغۇچىسى
بوۋىسى پومېشچىك بولۇپ، كېيىن ۋەيران بولغان؛ دادىسى شەنشىدىكى مەلۇم دۆلەت كارخانىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئىدى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە خۇاڭ گۇاڭيۈ بىلەن ليۇ چياڭدۇڭ كىچىك ۋاقتىدا نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، ئازراق تالاش-تارتىش بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بوۋىسىنىڭ زامانىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ جەمەتلىرىدە قويۇق سودا ئەنئەنىسى بار بولۇپ، زور مىقداردا بايلىق توپلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئادەتتىكى دېھقان بولماستىن، بەلكى سودىگەر ئىدى.
ئۈچىنچى تۈردىكىلەر: ئائىلىسى مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولۇپ، جەمئىي ئىككى نەپەر: رېن جېڭفېي، ما يۈن.
رېن جېڭفېي: خۇاۋېي شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى
دادىسى رېن موسۇن ئىلگىرى گۇيجوۋ جېننىڭدىكى مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپنى قۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گۇيجوۋ دۇيۈندىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان، پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى دۇيۈن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ مائارىپ سېپىدە خېلى داڭقى بار ئىدى؛ ئاپىسى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرىكى قېيىنئاتىسى مېڭ دۇڭبو سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى، ئەمما رېن جېڭفېي خۇاۋېينى قۇرۇشتىن ئىلگىرىلا بۇرۇنقى ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تارىخى بىلەن قېيىنئاتىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، شۇڭا بىز ئۇنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى قىلمىدۇق.
ما يۈن: ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى
دادىسى ما لايفا جېجياڭ ئۆلكىلىك ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئانىسى سۈي ۋېنسەي پىڭتەن ئارتىسى ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسى باشقارما باشلىقىدىن مۇئاۋىن نازىر ئارىسىدا بولسىمۇ، لېكىن ئەلنەغمە ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسىلىك بۇ ئورۇن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، شۇنداقلا يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ۋە سودا ساھەسىدىكى يۇقىرى قاتلام زاتلار بىلەن ئۇچرىشالايدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈردىكىلەر جەمئىي 10 نەپەر بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكى سەرخىللار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ياكى ئەجدادلىرى جەمئىيەتتە بىر قەدەر يۇقىرى سالاھىيەتكە ۋە ئورۇنغا ئىگە بولغان، ياكى كەسپىي جەھەتتە (مەدەنىيەت، مائارىپ، سودا قاتارلىقلار) مەلۇم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن.
تۆتىنچى تۈردىكىلەر: ئادەتتىكى مەمۇر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلار جەمئىي ئۈچ نەپەر: چېڭ ۋېي، جاڭ يىمىڭ، جۇ خوڭيى.
چېڭ ۋېي: دى دى نىڭ قۇرغۇچىسى
دادىسى جياڭشى ئۆلكىسى يۇڭشەن ناھىيەسىنىڭ مەمۇرى، ئانىسى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. يەنە بەزى سۆز-چۆچەكلەردە ئېيتىلىشىچە، چېڭ ۋېينىڭ دادىسى مەلۇم ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ياكى مەلۇم شەھەرنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىكەن، لېكىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چېڭ ۋېيغا ماس كەلمەيدىغانلىقى ئېنىقلاندى، شۇڭا پىتنە-پاسات بولۇشى مۇمكىن.
جاڭ يىمىڭ: بايتلىق سەكرەشنىڭ ئاساسچىسى
ئاتىسى فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن شەھەرلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ ئادەتتىكى كادىرى؛ ئانىسى سېسترا. كېيىن ئاتا-ئانىسى دۇڭگۈەنگە بېرىپ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتى ئاچقان، ئەمما تىجارىتى ئانچە ياخشى بولمىغان.
جۇ خوڭيى: 360 نىڭ قۇرغۇچىسى
دادىسى جۇ شۆبىن بىلەن ئانىسى خۇ شاۋشيەن ۋۇخەن كارتوگرافىيە شۆيۈەنى (ھازىرقى ۋۇخەن داشۆسى كارتوگرافىيە شۆيۈەنى)نى پۈتكۈزگەن بولۇپ، خېنەن ئۆلكىلىك كارتوگرافىيە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئىدى.
بەشىنچى تۈردىكىلەر: ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، جەمئىي تۆت كىشى: دۈەن يۇڭپىڭ، لېي جۈن، فاڭ خۇڭبو، لى شياڭ.
دۈەن يۇڭپىڭ: بۇبۇگاۋنىڭ قۇرغۇچىسى
دادىسى دۇەن شىمىڭ نەنچاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى (ئەسلىدىكى جياڭشى سۇچىلىق-ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شۆيۈەنى)نىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي ئوقۇتقۇچىسى، ئانىسى پېڭ جيەنخۇا شۇ مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئىدى.
لېي جۈن: شياۋمىنىڭ قۇرغۇچىسى
ئاتىسى سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ناھىيە بازىرىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى تېلېگراف سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىكەن، لېكىن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ ئۆسەك سۆز ئىكەن.
فاڭ خۇڭبو: مېيدىنىڭ باش مۇدىرى
بوۋىسى فاڭ شۇبو فېڭ يۈشياڭنىڭ قول ئاستىدا ھاكىم ۋە شاۋجياڭ دەرىجىلىك ھەربىي قانۇن مۇدىرى بولغان، ئازادلىقتىن كېيىن ئەنخۇي زۇڭياڭ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولغان؛ دادىسى فاڭ جىدا كەنتتىكى تۇنجى پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان؛ ئاپىسى دوختۇر بولغان.
لى شياڭ: ئاپتوموبىل ئائىلىسى ۋە لىشياڭ ئاپتوموبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى
ئاتا-ئانىسى جۇڭگو چاڭچىلە-ئەلنەغمە شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. ئاتىسى تىياتىر ئۆمىكىنىڭ رېژىسسورى، ئانىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئىككى تۈردىكىلەر جەمئىي يەتتە نەپەر بولۇپ، ئادەتتىكى سەرخىللار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى گەرچە يەرلىكتە تەسىر كۈچى بار ياكى كەسىپتە زور تۆھپە قوشقان زاتلار ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئالىي مەكتەپتە (ياكى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا) ئوقۇغان زىيالىيلار بولۇپ، مەيلى ئوقۇش تارىخى، نەزەر دائىرىسى، ئىجتىمائىي ئورنى ياكى بالا تەربىيەلەش شارائىتى بولسۇن، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ئادەتتىكى ئىشچى-دېھقانلار قاتلىمىدىن ھالقىپ كەتكەن.
ئالتىنچى تۈردىكىلەر: ئادەتتىكى ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلار، جەمئىي ئۈچ ئادەم: دۇڭ مىڭجۇ، خۇاڭ جېڭ، لى يەنخۇڭ.
دوڭ مىڭجۇ: گېلىنىڭ باش مۇدىرى
ئاتا-ئانىسى ئادەتتىكى ئىشچى (كونكرېت كەسپى ئېنىق ئەمەس).
خۇاڭ جېڭ: پىندودونىڭ قۇرغۇچىسى
ئاتا-ئانىسى ئادەتتىكى ئىشچى (كونكرېت كەسپى ئېنىق ئەمەس).
لى يەنخۇڭ: بەيدۇ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى
ئاتىسى جىندۇڭ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىنىڭ پارقازان ئىشچىسى، ئانىسى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى ئىدى.
بۇ تۈردىكى ئۈچ ئادەمنى ئادەتتىكى ئائىلىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە ھېچقانداق تەسىر كۈچى يوق، لېكىن كۈنلىرى يامان ئەمەس، نامراتلاردىن دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا بالىلار خاتىرجەم كىتاب ئوقۇيالايدۇ، يەنە دەرستىن سىرتقى سىنىپ، يازلىق لاگېر قاتارلىق پاراۋانلىقلاردىن بەھرىمەن بولالايدۇ، پەقەت ئىگىلىك تىكلەشتە ئاتا-ئانىسىنىڭ بىلىم ۋە بايلىق جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن.
يەتتىنچى تۈردىكىلەر: نامرات دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلار جەمئىي ئىككى كىشى: يۈ مىنخۇڭ، ۋاڭ چۈەنفۇلار.
يۈ مىنخۇڭ: يېڭى شەرقنىڭ قۇرغۇچىسى
كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، دادىسى ياغاچچى، ئانىسى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئاياللار مۇدىرى بولغان، 80-يىللاردا زاۋۇت قۇرۇپ تۈمەن يۈەنلىك ئائىلە بولۇپ قالغان.
ۋاڭ چۈەنفۇ: بىيادىنىڭ قۇرغۇچىسى
نامرات دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، دادىسى ياغاچچى بولۇپ، ۋاڭ چۈەنفۇ 13 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن؛ ئانىسى ئاددىي دېھقان بولۇپ، ۋاڭ چۈەنفۇ 15 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن؛ ئاكىسى بىلەن يەڭگىسى كىچىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ۋاڭ چۈەنفۇنى ئوقۇتقان.
بۇ تۈردىكى ئىككى ئادەمنى نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا ئۇزاق ۋاقىت جاپالىق ئۆتكەن، ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە يەنە ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن «ياشىيالايدىغان بولۇش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ بولغان.» دېگەن تىپقا تەۋە بولۇپ، سودا مەشىقى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يوق ئىدى، شەھەردىكى بالىلار دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان كۇتۇپخانا، كونسۇلتاتسىيە سىنىپى قاتارلىقلاردىنمۇ بەھرىمەن بولالمايتتىم. ئاتا-بوۋىلىرى ۋە ئەجدادلىرى ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيتتى.

يۇقىرىدىكى 22 نەپەر دەرىجىدىن تاشقىرى بايۋەچچىنىڭ كەچۈرمىشىنى كۆرۈپ، سىزنىڭ نۇرغۇن تەسىراتقا ئىگە بولالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
مەنبە: خې جيايەن سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم (بۇ يەرنى چېكىڭ)» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى ئۆلمەس كىتاب «باي دادام، نامرات دادام (قايتا تەرجىمىسى، بۇ يەرنى چېكىڭ)» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، «تىلدىكى بۆسۈش (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، «ناتىقلىق سەنئىتى (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ (بۇ يەرنى چېكىڭ)»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ (بۇ يەرنى چېكىڭ)» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسىمى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى (بۇ يەرنى چېكىڭ)» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى (بۇ يەرنى چېكىڭ)» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى (بۇ يەرنى چېكىڭ) كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
نەپدان ئىلىم سۇپىسىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇ يازمىنى كۆرۈڭ (بۇ يەرنى چېكىڭ).
تۆۋەندىكىسى ئېلان خاراكتېرلىك يازما، ئەمما ئىشىنىمىزكى سىزگە چوقۇم نەپ تېگىدۇ!
مانا ھەش پەش دېگۈچە دۆلەت بايرىمىمۇ كېلىپ، تېزلا ئۆتۈپ كېتەي دەپ قالدى، بۇ قېتىملىق دۆلەت بايرىمىغا ئالاھىدە سوۋغات تەييارلاپ بولالمىغان بولساقمۇ، ئەمما قولىمىزدىن كېلىشىچە، سەمىمىيىتىمىزگە يۈز كېلىش يۈزىسىدىن تۆۋەندىكىدەك سوۋغاتلارنى تەييارلىدۇق، بۇ سوۋغاتلارغا ھېچقانداق پۇل خەجلىمەيسىز، ئەمما ئازراق ھەرىكەت قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، كونىلاردا «ھاياتلىق ھەرىكەتتە!» دېگەن ئاتىلار سۆزى بار ئەمەسمۇ، شۇڭا بۇنىڭغا بەك ئېرىنچەكلىك قىلماسلىقىڭىزنى، ئازراق ھەرىكەت قوللىنىپ، بىزنىڭ بۇ ئاددىيغىنە كۆڭلىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى نەپلىنىشىڭىزنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمىز.
ئالدى بىلەن ھەقسىز دەرسلىككە ئېرىشىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز:
بۇ قېتىم بىز سىز ئۈچۈن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، شىنجاڭ ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان، ئېلى قۇربان مۇئەللىم سۆزلىگەن نادىر دەرسلىك «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم»، شىنجاڭ ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئىشەپچىققان نادىر مەخسۇس فىلىم «شىركەتنىڭ كۈچى»، پۇل ۋە مالىيە بىلىملىرىنى چۈشىنىشتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام»، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»نىڭ ئاۋازلىق ۋە يېزىقچە نۇسخىسى، ئالاھىدە نۇتۇقچى نۇرئەلى ئابلىزنىڭ «ھاياتىڭىزدىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» ناملىق كىتابى، نەپبىلوگىنىڭ ئايلىق ئەزالىق كارتىسى قاتارلىقلارنى تەييارلىدۇق.
بىرىنچى قەدەم، پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۇسۇلى سىز ئالدى بىلەن نەپدان سالونىغا ئەگىشىسىز (ئەگىشىپ بولغان بولسىڭىز، بىرىنچى قەدەمدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە ئىككىنچى قەدەم باسقۇچلارنى ئورۇندىسىڭىز بولىدۇ)!
سالونغا ئەگەشكەندىن كېيىن، سالونغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا سالونغا 1001، 1002، 1003، 1004، 1005، 1006، 1007 ... قاتارلىق سانلارنى قايتۇرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە خاس تەشۋىقات ئېلانىغا ئېرىشەلەيسىز، ئاندىن شۇنى تەشۋىق قىلىپ، نەپدان سالونىغا پەقەت ۋە پەقەت 50 ئادەم ئەگەشتۈرسىڭىزلا، شۇ مۇناسىپ دەرسلىك ياكى كىتابقا ھەقسىز ئېرىشەلەيسىز. (رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك):

ئىككىنچى قەدەم، يۇقىرىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە خاس تەشۋىقات ئېلانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن ھاسىللانغان تەشۋىقات ئېلانىنى ساقلىۋېلىپ، ئۇنى دوستلار چەمبىرىكى، ئۈندىدار توپلىرى ۋە باشقا تەشۋىقات ئېھتىمالى بولغان جايلارغا يوللاپ، باشقىلارنى جەلپ قىلسىڭىز بولىدۇ، باشقىلار شۇ تەشۋىقات رەسىمى ئارقىلىق نەپدان سالونىغا ئەگەشكەندىن كېيىن ئادەم سانى 50 كە توشقاندا، نەپدان سالونىدىن ئاپتوماتىك ھالدا سىزگە ۋەزىپىنى ئورۇندىغانلىق ئۇقتۇرۇشى كېلىدۇ، سىز شۇ ۋاقىتتا تەمىنلەنگەن ئادرېستىن كىرىپ، مۇناسىپ دەرسلىك ياكى كىتابقا ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.
02
ئىككىنچى چوڭ خوش خەۋىرىمىز، نەپدان تور دەرسخانىسىدىكى فوتوشوپ 2021 نەشرىنىڭ ئەڭ تولۇق، سىستېمىلىق، ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەييارلانغان 104 قىسىملىق دەرسلىكىنىڭ باھاسى 199 يۈەنگەنگە چۈشۈرۈلدى، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ئەسلى باھا 298 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، پۇرسەت غەنىيمەت، تېزدىن ھەرىكەتلىنىڭ!
دەرسلىك ئادرېسىغا تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئېرىشىڭ!

03
ئۈچىنچى چوڭ خوش خەۋىرىمىز بولسا، شىنجاڭ ۋېرىتاس ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئىلقۇت تور سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىقىدا جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق روياپقا چىققان «ۋېرىتاس تور مائارىپى ئېنگلىز تىلى تور دەرسخانىسى» رەسمىي ئېلان قىلىندى، سىز مەزكۇر دەرسخانىدىن پايدىلىنىپ يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلى (0 سەۋىيەلىكلەرگە ماس كېلىدۇ)، كامبىرىج ئۆلچەملىك ئېنگلىز تىلى (0 سەۋىيەلىكلەرگە ماس كېلىدۇ)، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېنگلىز تىلى ھەقىقىي سوئال تەھلىلى (ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلارغا ماس كېلىدۇ، بۇ دەرس پۈتۈنلەي ھەقسىز)، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى ئېنگلىز تىلى ھەقىقىي سوئال تەھلىلى (ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارغا ماس كېلىدۇ)، كۈندىلىك ژۇرنال قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار دەرسلىكلەرنى ئۆگىنەلەيسىز، دەرسلىكلەر ئاۋازلىق ھەم سىنلىق سۆزلىنىدىغان بولۇپ، دەرسلىكنى ئېليار مۇئەللىم بىر قوللۇق يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەت، ئالاھىدە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن سۆزلەيدۇ.

قىسقىسى، مەزكۇر سەھىپىدىكى دەرسلىكلەر سىزنى ئەڭ يېڭى تىل مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرىنى ئوخشىمىغان نەقتىنەزەر، تەپەككۇر بولۇڭى، مەدەنىيەت خاسلىقى جەھەتلەردىن تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

«كۈندىلىك گېزىت قىزىق خەۋەرلىرىنىڭ يەشمىسى» دەرسلىكى كىملەرگە ماس كېلىدۇ؟
1. تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى ئىنگلىز تىلى ئاساسىغا ئىگە، 4-، 6-دەرىجە ئىمتىھانى، ياسى \ توفېل ئىمتاھانىدىن ئۆتكەن كۇرسانتلار ياكى شۇ ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار؛
2. ئېنگلىزچە ئەسلى تىل يېزىقتىكى ژۇرناللارنى ئوقۇش ئۇسۇلىغا قىزىقىدىغانلار، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولغانلار، توپتا بىرلىكتە ئوقۇشقا قاتنىشىش ئىستىكى بار كۇرسانتلار؛
3. ۋاقىت ۋە زېھنىي چەكلىك، پارچە-پۇرات ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئىنگلىز تىلى ئاساسىنى پۇختىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغان خىزمەتچىلەر.
«كۈندىلىك گېزىت قىزىق خەۋەرلىرىنىڭ يەشمىسى» دەرسلىكىدىن نېمىلەرگە ئېرىشەلەيسىز؟
1. ئىنگلىز تىلى خەۋەرلىرىنى ئاسانلا چۈشىنەلەيسىز؛
2. 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىنگلىزچە ئوقۇش، يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ھازىرلىيالايسىز؛
3. 300 پارچىدىن ئارتۇق دۇنيا قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرىدىن تېزلىكتە خەۋەردار بولۇپ، بىلىش دەرىجىڭىزنى تېز ئاشۇرالايسىز؛
4. 600 خىلدىن ئارتۇق دۇنيا مەدەنىيىتى، سودا قاتارلىق تېمىلارغا ئائىت بىلىملەرنى ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز؛
5. 3000 خىلدىن ئارتۇق ياسى ھەقىقىي خاس سۆزلۈكلىرى ۋە ئىنگلىزچە ئىپادىلەشنى ئۆگىنىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز؛
6. ئىنگلىز تىلى تەپەككۇر ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆلچەمسىز ئىنگلىز تىلىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالايسىز؛
دەرسخانىغا تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كىرسىڭىز بولىدۇ!

04
ئەڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئىلقۇت ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى، نەپدان تور دەرسخانىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ئوتتۇرىغا چىققان «مېنىڭ مەسلىھەتچىم» تېمىسىدىكى زور ھەجىملىك دەرسلىكنىڭ بىرىنچى سانى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم: خاراكتېر ۋە مۇۋەپپەقىيەت 1-سان»، ئىككىنچى سانى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم: ياخشى مىجەز ۋە يامان خاراكتېر توغرىسىدا 2-سان»، ئۈچىنچى سانى «مېنىڭ مالىيە مەسلىھەتچىم 1-سان»ھەقسىز تەمىنلەندى.
كۆپچىلىك تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرسەڭلار بولىدۇ!
