2016-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى.
بۇ بىر يىلدا، جۇ شىڭچىنىڭ نومۇر تۆۋەن چېكىنى ياراتقان كىنو «سۇ پەرىسى» چاغان قىزغىنلىقىنى يالغۇز ئىگىلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا 3 مىليارد 400 مىليون بېلەت كىرىمى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بېلەت كىرىمى بويىچە چېمپىيون بولۇپ، جۇ شىڭچىنىڭ رىۋايىتىنى ياراتتى.
بىر ئادەمنىڭ كۈرىشى ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن تارىخىي تەرەققىياتنىمۇ ئويلىشىش كېرەك.
2008-يىلى ئوباما مەيكەننى مەغلۇپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە چىقىپ، يەر شارى ئىدېئولوگىيەسى سولغا بۇرۇلدى.
2009-يىلىدىكى «2012» ۋە «ئاۋاتار»دىن باشلاپ، ھوللىۋودنىڭ يەر شارى چوڭ كىنوچىلىقىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇھىت ئاسراش باش تېمىسى سېپىگە قېتىلدى.
پارنىك ئېففېكتى، تۈرلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بايلىق تۈگەش ۋە گىيولوگىيەلىك ئاپەتلەرگىچە، ھەتتا «يەر مەركىزىنىڭ تارتىش كۈچى»، «پىلانتلار ئارا كېسىپ ئۆتۈش»، «مارستىن قۇتقۇزۇش»تىن ئىبارەت بۇ ناھايىتى ئېھتىياتچان ئىلمىي فىلىملەرمۇ «مۇھىت ئاسراش ئۇقۇمى»نى مەجبۇرىي سىڭدۈردى.
بىراق، جۇ شىڭچىنىڭ 2016-يىلىدىكى «سۇ پەرىسى»دا شياڭگاڭنىڭ دېڭىزنى تىندۇرۇپ ئۆي سېلىش پىلانى سۆزلەنگەن بولۇپ، دېڭىز بويىدىكى «سۇ پەرىسى» جەمەتىنىڭ ياشىشىغا تەھدىت سالغان، بىر قاتار مۇھەببەت، نەپرەت، ئۆچمەنلىك داۋالغۇشلىرى ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتىپ، ئاخىرىدا دېڭىزنى تىندۇرۇپ ئۆي سېلىش پىلانىنى توختىتىپ، «سۇ پەرىسى» جەمەتىنى تەبىئەتكە قايتۇرۇپ كەلگەن.
ھەتتا مۇھىت ئاسراش باش تېما قىلىنغان بۇ كىنونىڭ باشلىنىشىدىلا، دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى كىرىزىسىدىن ئارىيە قويۇلۇپ، كەڭ ئاممىغا تەربىيە قىلىپ، «ئەگەر دۇنيادا بىر تامچە پاكىز سۇ، پاكىز ھاۋامۇ بولمىسا، ئۇنداقتا ھەرقانچە كۆپ پۇل تېپىشمۇ ھالاكەت يولىدۇر.» دېگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«سۇ پەرىسى» ناملىق كىنو ئارقىلىق بىر جەڭدىلا ئۇتۇق قازانغان جۇ شىڭچى ئۆزىنىڭ پۈتۈن بىساتى ۋە ھاياتىدىكى شان-شەرىپىنى كىنو ساھەسىگە بېغىشلاپ، تىرامپنىڭ ھىلارىنى مەغلۇپ قىلىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇشىغا پەقەت توققۇز ئايلا قالغانلىقىنى پەرەز قىلالمىغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، شەرق شامىلى غەرب شامىلىدىن غالىپ كېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىلمىي فانتازىيە كىنوسى «سەرگەردان يەر شارى» غەربنىڭ مۇھىت ئاسراش كونا يولىدا ماڭماي، بەلكى ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت يېڭى يولدا مېڭىپ، شەرق لۇشيەنىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «جەڭ بۆرىسى 2» ۋە «چاڭجىن كۆلى» دەۋرنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندى.
دونى خاتا تىكىپ قويغان جۇ شىڭچى ئۆزىنىڭ داچىسىنىمۇ رەنىگە قويۇشقا مەجبۇر بولدى.

بۇنىڭ ئاساسىي لوگىكىسى مۇرەككەپ ئەمەس.
خۇددى ئامېرىكا كاپىتالىستلىرى ئىندىئانلارنى «قالدۇرۇق يەر (共同体)»گە سولاپ قويۇشنى ئۈمىد قىلغانغا ئوخشاش، شياڭگاڭ كاپىتالىستلىرى شياڭگاڭلىقلارنى كەپتەر قەپىزىگە سولاپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ-دە، ئۇلار يەر ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى كاپىتالىستلارمۇ كاربونغا چەك قويۇش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ چەمبىرىكى ئىچىدە چەكلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئىدېئولوگىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىنو بولسا ئىدېئولوگىيەنى سىڭدۈرىدىغان ئۆتكۈر قورالدۇر.
«سۇ پەرىسى» ناملىق كىنودا ناھايىتى ياخشى بىر ھېكايە سۆزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئىدىيە جەھەتتىن پولات تامغا بېسىلغان، ئۇ بولسىمۇ شياڭگاڭدا دېڭىزنى تىندۇرۇپ ئۆي سالغاندا، تەبىئەتكە ئەجەللىك زىيان يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى «مۇھەببەت بىلەن توك چىقىرىش (用爱发电)»قا ئىلھاملاندۇرغان.
بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، شياڭگاڭ زېمىنىنى مونوپول قىلىۋالغان چوڭ يەر مۈلۈك سودىگەرلىرى قىس بولۇۋاتقان يەردىن پايدىلىنىپ ئۆي باھاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نورمىدىن ئارتۇق پايدا ئالالايدۇ.
تەيپىڭ تېغىدىكى «كۆكتىن ئېگىز (天比高)» داچىسىدا تۇرىدىغان جۇ شىڭچىمۇ بۇرۇنلا يەر مۈلۈك پايدا گۇرۇھىغا ئايلىنىپ، ئۆي مۈلۈككە سالغان مەبلىغىنىڭ قىممىتى بىر مىليارد يۈەندىن ئاشقان.
شۇڭا، كاسا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىر ئۆمۈر ئاددىي شەخس ئۈچۈن كۈرەش قىلغان جۇ شىڭچى بوۋايمۇ بىر تەرەپتىن كىنودا ۋىجدانسىز سودىگەرلەرنى تىللىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ياردەملىشىپ «دېڭىزنى تىندۇرۇپ ئۆي سېلىشقا بولمايدۇ.» دەپ پولات تامغا باسقان.

بىراق، دۆلەت ئىچىدە ئۈچ چوڭ تاغقا زەربە بېرىلىشكە ئەگىشىپ، شياڭگاڭمۇ ئۆزىنىڭلا غېمىدە بولۇپ، ئۆزگە بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ.
10-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىنجېڭ يۆئې قانۇن چىقىرىش كومىتېتى «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دوكلاتى»دا چوڭ سەھىپە ئاجرىتىپ شىمالىي چوڭ شەھەر رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەر كۆلىمى تەخمىنەن 300 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
قوش رېلىسلىق تۈزۈم (双轨制)دىكى يەر بىلەن تەمىنلەشتە، شياڭگاڭنىڭ يەر بىلەن تەمىنلىشىنى ئەمدى ئاشۇ كاپىتالىستلار مونوپول قىلىۋالالمايدىغان بولدى، 9-ئاينىڭ بېشىدا، يېرىم يىل شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن شياڭگاڭنىڭ يەر مۈلۈك پېيى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەندى.
ئەينى ۋاقىتتا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خېڭدانىڭ سەۋەبى دەپ قارىغان بولسىمۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، مەركەزنىڭ قول سالغانلىقىنى بىلدى.

بۇ قېتىم شياڭگاڭنىڭ زېمىنىنىڭ %30 كە يېقىن يەر ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈپ، 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم سىغىدىغان بۇ «شياڭگاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى يېڭى رايون» ئەينى يىلىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ شياڭگاڭغا قوشنا بولغان شېنجېنغا رامكا سىزىپ چىققانغا ئوخشايدۇ.
نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى، ئەرزان تۇرمۇش تەننەرخى شياڭگاڭ ئارىلىدىن نۇرغۇن ياشلارنى ئەنئەنىۋى تەرتىپنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يېڭى رايونلارغا كېلىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق پۇل تاپقۇزىدۇ ۋە تەقدىرىنى ئۆزگەرتكۈزىدۇ.
يېڭى رايوننىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە ئولتۇراقلىشىپ قالغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە خاس بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشىغا ئەگىشىپ، شياڭگاڭلىق ياشلارنىڭ قەلبىمۇ تەدرىجىي ھالدا ۋەتەنگە بېغىشلىنىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى تېخىمۇ زىچلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىمىز ھەم تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە توپلىيالايمىز.
ئىستىقبالىمىز ناھايىتى گۈزەل، لېكىن تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئىسلاھات قانچە كەسكىن بولسا، بىز شۇنچە ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.
ئەينى يىلى دۇڭ ئەپەندىنىڭ «85 مىڭ يۈەن»پۇلى شياڭگاڭدىكى كاپىتالىستلار بىلەن ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ بىرلىشىپ قورشاپ يوقىتىشى ئارقىسىدا، ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىدى، بىز كېيىنكى قەدەمدە كاپىتالىستلار ئىدېئولوگىيەسىنىڭ كۈچلۈك خىرىسىغا دۇچ كېلىمىز.
تەمكىن بولساقلا، ئاخىرقى غەلبە بىزگە مەنسۇپ!
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.