大数跨境

بۇ ئۈچ تۆۋەن چەك دوستلۇقنىڭ ئۇلتېشىدۇر

بۇ ئۈچ تۆۋەن چەك دوستلۇقنىڭ ئۇلتېشىدۇر NepKan
2020-11-10
1
导读:مۇۋاپىق بوشلۇق قالدۇرۇشلا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھېسسىياتنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر. ..
مۇناسىۋىتى ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، بۇ ئۈچ تۆۋەن چەككە سەل قاراشقا بولمايدۇ
 


بىرىنچى، زىيادە ئارىلىشىۋالماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش 
 توردا مۇنداق بىر تېما بار: «ئۆلچەم تۇيغۇسىنى ساقلاش قانچىلىك مۇھىم؟» بىر يۇقىرى ئالقىشلىق جاۋاب مۇنداق: «ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز كەچۈرمىشى بولىدۇ، ئەگەر ھېسداشلىق قىلمىغاندا، ھېچبولمىغاندا زىيادە ئارىلىشىۋالماسلىق كېرەك.» دەرۋەقە، ھەرقانداق مۇناسىۋەتنىڭ ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان چېكى بولىدۇ. دوستلار ئارىسىدا بەلگىلىك ئۆلچەم بولۇشى كېرەك، قانداق گەپنى، قانداق ئىشنى قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلگەندىلا، مۇناسىۋەت تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. 
 
يېقىندا بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى كۆردۈم. چېڭ لۇ (پىرسۇناژ) بىلەن تيەن لېي (پىرسۇناژ) يېقىن دوست، ئۇلار ھەممە گەپنى دېيىشىدۇ، يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېنىق بىلىشىدۇ. ئەمما شۇنداق يېقىن ئىككى ئادەم بىر ئىشنى دەپ جېدەللىشىپ قالدى. 
 
تيەن لېي چېڭ لۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە دراما كۆرگىلى بارماي، باشقىلار بىلەن بىللە تاماق يېگەنلىكىدىن نارازى بولۇپ، چېڭ لۇنى ئەيىبلەيدۇ. چېڭ لۇ ئاچچىقلانغان ھالدا تيەن لېيدىن: «سىز نېمىشقا دائىم باشقىلارنىڭ ھاياتىنى كونترول قىلىشنى ياخشى كۆرىسىز، سىز چارچىمامسىز؟» دەپ سورىغاندا، تيەن لېي: «مەن پەقەت سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئاشۇ قىممىتى يوق ئادەم ۋە ئىشلارغا ئىسراپ قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.» دەيدۇ. تيەن لېي قارىماققا چېڭ لۇغا ياخشى بولسۇن دەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇ خىل چەك-چېگرا تۇيغۇسى يوق قىلمىشى چېڭ لۇنىڭ كۆڭلىنى يەنىلا بىئارام قىلىدۇ. 
 
ھەر بىر ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشىنى خالىمايدىغان تۇرمۇش چەمبىرىكى بولىدۇ، مۇناسىۋىتى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، ئېغىزدىن چىقارمايدىغان شەخسىيىتى بولىدۇ، ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈش سەۋەبىدىن لايىقىدا بولماي قېلىش، پەقەت قارشى تەرەپنى تېخىمۇ يىراققا ئىتتىرىۋېتىدۇ. مۇۋاپىق بوشلۇق قالدۇرۇشلا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھېسسىياتنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر. 
 
ئىككىنچى، زىيادە چۈشەندۈرمەسلىك، بىر-بىرىگە ئىشەنگەنلىكتۇر 
 دىلمۇرات (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) مەن تونۇشقىلى سەككىز يىل بولغان دوستۇم. ئۇ يامان ئەمەس ئادەم بولۇپ، دوستلىرىغا ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، شۇڭا كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى، لېكىن قېرىشقاندەك ياتاقدىشى يۇنۇس (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) بىلەن چىقىشالمايتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە، گەپنى يەنە بىر قېتىملىق ياتاق يىغىلىشىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. 
 
ئۇ قېتىمقى يىغىلىشتا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئازراق ھاراق ئىچىۋالغان بولۇپ، مۇھەببەت توغرۇلۇق پاراڭلاشقاندا، دىلمۇرات مۇنداقلا: «مېنىڭ بىر ئاغىنەم بىر قىزنى قوغلىشىپ مەغلۇپ بولدى، چۈنكى ئۇ قىز مېنىڭ ئاغىنەمنى جورىسىز ئائىلىدىن دەپ قارىغاچقا، ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ بەك روھى چۈشۈپ كەتتى.» دېگەن. ئەمەلىيەتتە دىلمۇراتنىڭ دېگىنى يۇنۇس ئەمەس ئىدى، لېكىن بۇ گەپ ياتاقدىشى يۇنۇسنىڭ قەلبىگە تېگىپ كېتىدۇ، چۈنكى يۇنۇسنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئىزچىل ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. 
 
شۇنىڭدىن كېيىن، يۇنۇس ھەممىلا يەردە دىلمۇرات بىلەن چىقىشالمايدىغان بولۇپ قالدى، يەنە تېخى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا دىلمۇراتقا زەربە بېرىپ ئۆچ بولۇپ قالىدۇ، بۇ دىلمۇراتنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. كېيىن دىلمۇرات ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ سورىغاندىن كېيىن، يۇنۇسنىڭ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى زىيادە پەرەز قىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، دىلمۇراتنى «ئۆزىگە قارىتىۋاتىدۇ.» دەپ قارىۋالغانلىقىنى بىلگەن. ئەسلىدە مەقسەتسىز ئېيتىلغان بىر جۈملە سۆز يۇنۇسنىڭ ئۆچمەنلىكىنى خېلى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇپ قويدى.
 
باشقىلار بىلەن ئارىلاشقاندا ئەقەللىي ئالاقە چېكىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك، لېكىن زىيادە سەزگۈرلۈك ئاددىي ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. دوستلار ئارا چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «راھەت» دېگەن سۆزدۇر، ھەر قانداق ئىشنى زىيادە ئويلىنىۋالماي، كۆڭلىدە ئوي پەيدا بولغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىلا، ئاندىن بۇ ھېسسىياتنى تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. بەك كۆپ ئويلاپ كەتسىڭىز، كۆپ ھاللاردا ئۆزىڭىزگە زىيان يەتكۈزىسىز. 
 
ئۈچىنچى، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئەيىبىنى ئاچماسلىق بىر-بىرىنى قوغدىغانلىقتۇر 
زىلالە (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) بىلەن گۈلبانۇ (ئۆزلەشتۈرۈلگە ئىسىم) ئەسلىدە يېقىن دوستلاردىن ئىدى، لېكىن گۈلبارنۇنىڭ ئېغىزى ئىتتىك بولغاچقا، ئۇلار ھەممە گەپنى دېيىشىش سەۋەبتىن يات ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بىر قېتىملىق دوستلار يىغىلىشىدا گۈلبانۇ زىلالەنىڭ نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. زىلالەنىڭ ئۇخلىغاندا خورەك تارتىدىغانلىقىدىن تارتىپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن جېدەلگىچە، ھەتتا زىلالەنىڭ ئوغۇل دوستى بىلەن ئۇرۇشقان تەپسىلاتلىرىنىمۇ تولۇق سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن زىلالە خاپا بولۇپ قېلىپ، گۈلبانۇنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋېتىدۇ، گۈلبانۇ بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەپ سۆزلەيدۇ. 
 
ئەسلىدە زىلالە ئۆزىگە ئىشەنگەچكە، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىنى گۈلبانۇغا سۆزلەپ بەرگەن، گۈلبانۇ ئويلىمىغان يەردىن ئۆزى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى چاقچاق تەرىقىسىدە باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن. بەلكىم گۈلبانۇنىڭ يامان نىيىتى بولمىسا كېرەك، لېكىن بۇنداق دوستلىرىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئويلاشماي، باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكى توغرىسىدا خالىغانچە سۆزلەپ يۈرسە، باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ. 
 
باشقىلار بىلەن ئارىلاشقاندا، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ھەقىقىي دوست ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ «كەمچىلىك»نىڭ قارشى تەرەپ مەڭگۈ تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان ئازاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. پەقەت باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلغاندىلا، ئاندىن بۇ مۇناسىۋەتنى چەكسىز ئۇزارتقىلى بولىدۇ. 
 
توردا بەزىلەر: «دوستلار ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشى ھالەت قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. بىرەيلەننىڭ جاۋابىنى مەن بەك قوللايمەن: «ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بولۇش.» كۆپ ھاللاردا، بىر مەزگىللىك مۇناسىۋەتنىڭ باشلىنىشى بىللە ئۆتۈشتىن ھارغىنلىق ھېس قىلمىغانلىقتىن بولىدۇ، بىللە ئۆتۈش ھارغىنلىقىدىن ساقلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۆزئارا بىللە ئۆتۈش ئەخلاق چەك-چېگرىسىنى ساقلاشتىن ئىبارەت.

مەنبە: خەلق گېزىتى سالونى
تىۋىش تەرجىمىسى

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك كىتاب: قىمارغا تىكىلگەن خوتۇن

3-قىسىم
2-قىسىم
1-قىسىم
6-قىسىم
5-قىسىم
4-قىسىم
9-قىسىم
8-قىسىم
7-قىسىم
12-قىسىم
11-قىسىم
10-قىسىم
15-قىسىم
14-قىسىم
13-قىسىم
18-قىسىم
17-قىسىم
16-قىسىم
21-قىسىم
20-قىسىم
19-قىسىم
24-قىسىم
23-قىسىم
22-قىسىم
27-قىسىم
26-قىسىم
25-قىسىم
30-قىسىم
29-قىسىم
28-قىسىم
33-قىسىم 32-قىسىم
31-قىسىم
36-قىسىم
35-قىسىم
34-قىسىم
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0