قىزىق نۇقتىدا تۇرىۋاتقان تېسلادا يېڭى خەۋەر كەم ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت ئۆتكۈزگەن 2021-يىللىق پايچىكلار يىغىنىدا، تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماسك قاقشاپ مۇنداق دېدى: «سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش "سىرلىق ئوردا"سى ھەقىقەتەن ئەسەبىيلەشتى، خۇددى لايىھەلەشتىكى مەقسەت قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈندەكلا» ھەمدە «مۇشۇ ئاينىڭ كېلەر ھەپتىسى شىركەت تېكساس ئىشتاتىدا يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.»
بۇ خەۋەر چىقىشى بىلەنلا، دەرھال ساھە ئىچىدە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، تېسلانىڭ پاي باھاسى ۋەزىيىتىدە 800 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى.
تېسلانىڭ يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچانلىقىدا. ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىنىڭ باھاسىنى سۇغۇرتا شىركىتى ئاپتوموبىلنىڭ تىپى، ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ يېشى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىگىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. تېسلا بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىقارغان UBI يەنى (usage-based-insuranc) ئاپتوموبىلى سۇغۇرتىسى ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى، مۇساپىسى، ھەيدىگۈچىنىڭ ئەمەلىي ئاپتوموبىل ھەيدەش ھەرىكىتىگە ئاساسەن لايىھەلەنگەن بولۇپ، «مىڭ ئادەمگە مىڭ خىل باھا» دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ سۇغۇرتا ئوخشاش بولمىغان ئابۇنىچىلارغا قارىتا «ئۆلچەپ بېكىتىلگەن» بولغاچقا، سۇغۇرتا دائىرىسى، باھاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن يېڭى ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە، تېسلانىڭ ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىنىڭ باھاسى ھازىرقى ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىدىن %30 تىن %40 كىچە تۆۋەن بولىدىكەن، ئەمما بۇ ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى كەسپى تېسلانى %30 تىن %40 كىچە پايدىغا ئېرىشتۈرىدىكەن. نۇرغۇن كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ قارىشىچە، تېسلانىڭ سۇغۇرتا كەسپىگە كىرىشى، سۇغۇرتا كەسپىدە پات ئارىدا زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، كەلگۈسىدە سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ھەق نىسبىتىنى ھېسابلاشتا «مىڭ ئادەمگە مىڭ باھا» ئەندىزىسى باشلىنىدىكەن، ماسك يەنە بىر كەسىپنى ئۆزگەرتىدىكەن.

ماتېرىيال رەسىمى: جۇڭگو ئىقتىساد تورىدىن چېن جياچى فوتوسى
نۆۋەتتە، ئاپتوموبىل كەسپى «100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى»نى باشتىن كەچۈرمەكتە، «ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە ئېلېكتىرلەشتۈرۈش» دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، ھېسابسىز سانلىق مەلۇماتىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە. تېخىمۇ كۆپ ئاپتوموبىل كارخانىلىرى مەخسۇس يۇمشاق دېتال تارمىقى، ھەتتا يۇمشاق دېتال شىركىتى قۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى «باغرىغا بېسىش» ئارقىلىق، كارخانا ھەرىكىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى سانلىق مەلۇماتنى مەركەز قىلغان يېڭى قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىشماقتا. بۇ قېتىم تېسلا يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئاساس قىلغان ئاپتوموبىل مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇزاقتىن بۇيان، ئەنئەنىۋى يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى ياساش بىلەن مۇلازىمەتنى ئايرىۋەتكەن بولۇپ، ياساش بىلەن سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنەتتى. ئاپتوموبىلنى ياساش كارخانىسى ياساپ چىقىدۇ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت سېتىش سودىگىرىگە ياكى ئىجتىمائىيلاشقان باشقۇرۇشقا ھاۋالە قىلىنىدۇ. تېسلا، ۋېيلەي قاتارلىق ئاپتوموبىل ياساش يېڭى كۈچلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل ياساش، مۇلازىمەتنى ئايرىۋېتىش ئەندىزىسى ئاغدۇرۇلدى، «ئاپتوموبىلنى سېتىپ چىقىرىش، ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى خىزمىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس، بەلكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ باشلىنىشى».
«يۇمشاق دېتال ئاپتوموبىلغا ئېنىقلىما بېرىدۇ، سانلىق مەلۇمات ئىشلىتىش تۇيغۇسىنى بەلگىلەيدۇ.» بەزىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن «ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى يېڭى دەۋرىدە، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئالاقە تورىنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، ئاسراش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشى ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرى تېخنىكىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قىلچە قېلىشمايدۇ، ھەتتا ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرى تېخنىكىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بۇرۇن بولىدۇ.» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇنداق ھۆكۈمنىڭ ئاساسى بار. ئەگەر بىزنىڭ ئاپتوموبىل كارخانىلىرىمىز دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالاقە تورى ئەمەلىي تېخنىكىسى ۋە مول ئىشلىتىلىشىنى ئاساس قىلىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئاسرىلىشىنى ئىنچىكە باشقۇرۇپ، يېڭى كەسىپ ئەندىزىسى بەرپا قىلسا، ئابۇنىچىلارنىڭ ئىشلىتىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو ئاپتوموبىل كەسپىدە «دۇنياۋى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك»نى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتوموبىل چوڭ دۆلىتىدىن ئاپتوموبىل كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ ئاتلىنىشنى تېزلىتىدۇ.
دۇنيادىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئاپتوموبىل تەرەققىياتىنى قوزغىتىدىغان مۇھىم قىممەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. باشقا كارخانىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئالاقە تورى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش، قوغداشنى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇسابىقە يولىدا، ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرى شۈبھىسىزكى تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە. مەسىلەن، ئاپتوموبىل شىركەتلىرى غايەت زور خېرىدار سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى مەھسۇلات ئېچىش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ياكى ماركېتىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق، ئاپتوموبىل كارخانىلىرى يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشلىتىش ئادىتى ۋە قىزىقىشىنى چۈشىنىپ، مەھسۇلاتلارنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. شۇڭا، دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېسلاغا ئوخشاش تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك نەزەرگە ئىگە بولۇشى، بۇ ئەۋزەللىكنى چۈشىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك، بۇمۇ كەسىپ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەت.
ئەسلى تېمىسى «تېسلانىڭ ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىغا كىرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟»
مەنبە: ئىقتىساد گېزىتى تورى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.
