大数跨境

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قول سالدى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قول سالدى NepKan
2021-10-20
3
导读:كۆمۈر مۇھىم ئاساسىي ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك..

يېقىنقى مەزگىلدە كۆمۈر باھاسى ئۇدا تېز ئۆرلەپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككىلەمچى كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى زور دەرىجىدە ئېشىپ، توك بىلەن تەمىنلەش ۋە قىشتا پار بىلەن تەمىنلەشكە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 19-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆمۈر بازىرىدا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، نۇقتىلىق كۆمۈر كارخانىلىرى، جۇڭگو كۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بىرلەشمىسىنى تەشكىللەپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى مېخانىزمى بويىچە كۆمۈر مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، قانۇن بويىچە كۆمۈر باھاسىغا ئارىلىشىش تەدبىرىنى تەتقىق قىلدى.

«باھا قانۇنى»نىڭ 30-ماددىسىدا مۇھىم تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن ياكى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش ئېھتىماللىقى بولغاندا، گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قىسمەن باھاغا باھا پەرقى نىسبىتى ياكى پايدا نىسبىتىگە چەك قويۇپ، باھا چېكىنى بەلگىلەپ، باھا ئۆستۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمى ۋە باھا تەڭشەشنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويسا بولىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

كۆمۈر مۇھىم ئاساسىي ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھازىر باھانىڭ ئۆسۈش نىسبىتى تەمىنلەش-تەلەپ ئاساسىي دائىرىسىدىن پۈتۈنلەي چەتنەپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىنىش پەسلىگە يېقىنلاشقاندا، باھادا يەنىلا بىر قەدەر غەيرىي ئىدراكىي ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «باھا قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن زۆرۈر ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆمۈر باھاسىغا ئارىلىشىش كونكرېت تەدبىرىنى تەتقىق قىلىپ، كۆمۈر باھاسىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىگە قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈر بازىرىنىڭ ئىدراكلىققا قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىم تەمىناتىغا، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كۆمۈر بازىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە باھا يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىدە ساقلانغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ؛ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، «تاقەت» قىلىپ تۇرمايدۇ، ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، باھادا تىل بىرىكتۈرۈش، باھانى ھە-ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈش، بېسىۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، بازار تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرى يۇقىرى يۈكسەكلىكتە ھەقىقىي تۇرۇپ، ئومۇملۇق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇن، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودا توختامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. توك تارقىتىش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك كۆمۈر ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

-----------
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۇمكىن!

1. ئەرلەرنىڭ نۇر ھالقىسى ۋە قوتاندا بېقىش
2. باج سوممىسى ئاران 750 دوللار بولغان تىرامپ باجدىن قانداق قاچىدۇ؟
3. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟
4. ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟
5. لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى
6. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟
7. ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟
8. پۈتۈن يەر شارى بىر مەيدان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلدى
9. خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟
10. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
11. نېمە ئۈچۈن توك ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلىدۇ؟
12. تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش
13. ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى
14. خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر
15. بايلارنىڭ ھالاكىتى
16. خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟
17. توك چەكلەش ئويۇنى
18. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
19 . ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى
20. ھەممە ئادەم قەھرىمان
21. شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن
22. ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟
23. ئەلى بابانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىمپېرىيەسى چۈشى بەربات بولامدۇ؟
24. مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟
25. دوۋيىن تور چولپىنى قانداق تاۋلىنىدۇ؟
26. كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟
27. كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن
28. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
29. پۇلدارلارنى ئىئانە قىلىشقا زورلاش ياخشى ئىش ئەمەس
30. يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى
31. «جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى» دېگەن نېمە؟
32. قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى
33. دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ پۇقرالار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
34. جوبىس ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى: ئۇنىڭ 10 خىل ئۆزگىچە تەپەككۇرى
35. ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىمەنىلىك ۋە كاپىتال ئەركىنلىكى
36. 100 مىڭ ئوقۇغۇچى چىقسىمۇ بولىۋېرىدۇ...
37. ليەنشياڭ شىركىتى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا تىل ئىمبارگۇسىغا ئۇچرايدۇ
38. يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش
39. ئىچكى يۆگىمىلىشىش يۈزلىنىشى: ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ناچار دەۋر
40. خېڭدا كىرىزىسى ھالقىلىق پەيتكە كەلدى
41. كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈپ نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ
42. خېڭدادىن ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئاخىرى خاتىرجەم بولىدىغان بولدى!
43. ئاپەت: ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى  كونتروللۇقىنى يوقىتىشى مۇمكىن
44. بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش»
45. داۋالاش ئىسلاھاتى باشلاندى
46. نېمىشقا ئاق ھاراقنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ؟

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296