大数跨境

دۇنيا بىر قېتىملىق پۇل پاخاللىقىغا مۇھتاجمۇ؟

دۇنيا بىر قېتىملىق پۇل پاخاللىقىغا مۇھتاجمۇ؟ NepKan
2021-10-22
0
导读:خۇددى بارلىق ھۆكۈمەتلەر ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئاساسى خەلقنىڭ قوللىشى دەپ جاكارلىغانغا ئوخشا
ھازىرقى دۇنيادا، ھۆكۈمەتنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 
خۇددى بارلىق ھۆكۈمەتلەر ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئاساسى خەلقنىڭ قوللىشى دەپ جاكارلىغانغا ئوخشاش. 
ئەمەلىيەتتە، ئەلۋەتتە بۇنداق ئىش ئەمەس. 
تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، ئەگەر سىز بىر قەرزدار بولسىڭىز، قەرز يۈكىڭىز چەكسىز ئېغىر بولسا، ھەر يىللىق ئۆسۈم چىقىمى سىزنىڭ كىرىمىڭىزنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، باشقىلار سىزنى «قەرزنى ھەرگىز قايتۇرالمايدۇ.» دەپ قارايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، سىزنىڭ قانداق تاللىشىڭىز بار؟ 

سىز بەلكىم مۇنداق دېيىشىڭىز مۇمكىن: 
«بۇنىڭ تاللىغۇدەك نېمىسى بار، پەقەت تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ قەرز قايتۇرىمىز!» 
ئەمەلىيەتتە، يەنە بىر تاللاش بار، ئۇ بولسىمۇ پۇل پاخاللىقى. 


مەسىلەن، سىز باشقىلارغا 1 مىليون يۈەن قەرز بولۇپ قالسىڭىز، ھەر يىلى 50 مىڭ يۈەن ئۆسۈم تۆلەيسىز، ئەمما سىزنىڭ بارلىق يىللىق كىرىمىڭىز پەقەت 100 مىڭ يۈەن، ئۆيدىكى بارلىق مۈلۈكنى قوشقاندا پەقەت 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن بولىدۇ، ئېغىر بولغان قەرز يۈكى سىزنى قەددىڭىزنى رۇسلىيالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا، بىر مەيدان يىللىق پۇل پاخاللىقى يۈز بەردى، سىزنىڭ يىللىق كىرىمىڭىز 200 مىڭ يۈەنگە ئۆزگەردى، ئەمما ئائىلىڭىزدىكى مۈلۈكنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئۆرلەپ 2 مىليون 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ئەمما سىزنىڭ قەرزىڭىز يەنىلا 1 مىليون يۈەن بويىچە ھېسابلاندى، بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ قەرز يۈكىڭىز دەرھال يېنىكلەمدۇ؟ قەرز قايتۇرۇشتىن ئەمدى غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدىمۇ قانداق؟ 
ئەگەر بىر مەيدان يۈز پىرسەنت پۇل پاخاللىقى بولسىچۇ؟ قەرزدار بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، خۇشاللىقىڭىزدىن سەكرەپ كېتەمسىز؟ 

سىزنىڭ شەخسىي قەرز مەسىلىڭىزدىن قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قەرزدار كىم؟ 
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى، فرانسىيە ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، كانادا ھۆكۈمىتى، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى... 

مۇتلەق قىممەتتىن قارىغاندا، بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئومۇمىي سوممىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ھەتتا قەرز يۈكى (قەرز\GDP) دىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى قاتارلىقلارمۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. 
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF)نىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى دۇنيادىكى قەرز يۈكى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەر ۋېنېسۇئېلا، ئۇنىڭدىن قالسا ياپونىيە، ئاندىن كېيىن سۇدان، گىرېتسىيە، لىۋان، ئىتالىيە... 


دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە، قەرز يۈكى ئەڭ ئالدىدا تۇرغان دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە: 


روشەنكى، ئامېرىكىدىن ئەنگلىيەگىچە، ياپونىيەدىن ياۋرو رايونىغىچە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ قەرزى ھېچكىمدىن كۆپ ياخشى ئەمەس. 
تېخىمۇ ئەجەللىك يېرى شۇكى، بۇ ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ قەرزى داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ... 
شۇنچە كۆپ ھۆكۈمەت قەرزى، بۇنچە ئېغىر قەرز يۈكىنى زادى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ 
ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جاۋابى بار، پەقەت بىرلا. 
پۇل پاخاللىقى! 
دىققەت، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، مەن مۇنداق ئىككى نۇقتىنى تەكىتلىدىم: 
(1) ھەرقانداق بىر دۆلەت بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس؛ 
(2) جاۋابى پەقەت پۇل پاخاللىقى بولۇشى مۇمكىن، باشقا يوللار يوق (مەسىلەن ھۆكۈمەت ئەستايىدىل پۇل تېپىپ قەرز قايتۇرۇش دېگەندەك). 
بۇنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز يۈكى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋېنسۇئېلانىڭ 2021-يىلى 3-ئاي ۋە 4-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %3000 كە يېتىپ، باشقا ھۆكۈمەتلەرگە مۇنەۋۋەر ئۈلگە تىكلەپ بەردى. 

ھۆكۈمەتنىڭ قەرز يۈكى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ياپونىيەدە، 2000-يىلىدىن ھازىرغىچە ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋە مەركىزىي بانكا ئامما ئالدىدا پۇل پاخاللىقىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇلار ئۈزلۈكسىز ئاشكارا ھالدا «بىزنىڭ سىياسەت نىشانىمىز ياپونىيەنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش.» دەپ جاكارلىدى. 

ھۆكۈمەتنىڭ قەرز يۈكى دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان سۇداننىڭ 2021-يىلى 5-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %360 بولۇپ، ۋېنېسۇئېلادىن ئىبارەت بۇ ئۈلگە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىماقتا. 

ھۆكۈمەتنىڭ قەرز يۈكى دۇنيا بويىچە 4-ئورۇندا تۇرىدىغان گرېتسىيەدە، دۆلەت ئىچىدە بەزىلەر «نېمە ئۈچۈن گرېتسىيەنىڭ ئىقتىسادى شۇنچە قىيىن، نېمە ئۈچۈن گرېتسىيەلىكلەر شۇنچە جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟» دەيدۇ. ھەممىسى ياۋرودىن ئىبارەت بۇ «رايون پۇلى»نى ئىشلەتكەچكە، ھۆكۈمەت ۋە مەركىزىي بانكا ئۆزىنىڭ «پۇل پاخاللىقى ھوقۇقى»نى نورمال يۈرگۈزەلمەيدۇ... 

ھۆكۈمەتنىڭ قەرز يۈكى دۇنيا بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدىغان لىۋاننىڭ 2021-يىلى 3-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %158 بولۇپ، ۋېنېسۇئېلا ۋە سۇدان بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا تىرىشماقتا.
...... 
«پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلىش ھوقۇقى»غا كەلسەك، ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادا مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىناۋەتلىك پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرىدۇ ھەمدە بۇنى تەڭداشسىز مۇقەددەس «دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى» دەپ جاكارلايدۇ، چۈنكى پۇل قۇيۇش ھوقۇقىنىڭ ماھىيىتى «پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلىش ھوقۇقى»دۇر. 

ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ قەرز يۈكى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان ۋاقىتتا، پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلىش ھۆكۈمەت ۋە مەركىزىي بانكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، زىيىنى پايدىسىدىن چوڭ بولغان بىر تۈرلۈك سىياسەت بولسا، ئۇنداقتا، ھۆكۈمەت قەرزى كۆپ بولغان ھەمدە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغان چاغدا، ئۆزىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان « پۇل قۇيۇش ھوقۇقى»نى يۈرگۈزۈپ، پۇل پاخاللىقىنى قەستەن پەيدا قىلىش «پايدا»نىڭ «زىيان»دىن خېلىلا چوڭ بولغان بىر تۈرلۈك پۇل سىياسىتىگە ئايلىنىپ، مۇقەررەر تاللاش بولۇپ قالىدۇ. 

بۇنىڭ ئىچىدە ۋېنسۇئىلا بىلەن ياپونىيە، سۇدان بىلەن گىرىتسىيەنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تاللىشىدا ھېچقانداق پەرق يوق. 
بىردىنبىر چەكلىمە شۇكى، ئەگەر مەلۇم دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىسى جان تىكىپ پۇل بېسىش ئارقىلىق مەزكۇر دۆلەتتە پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلغان (مەسىلەن، ۋېنېسۇئېلا ۋە سۇدان)، لېكىن باشقا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر ئۇنىڭغا ئەگەشمىگەن بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ھۆكۈمەت ئىنتايىن نومۇسسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىز بولۇپ قالىدۇ، مەيلى شۇ دۆلەت خەلقى ياكى باشقا دۆلەت خەلقى بولسۇن، ھەممىسى بۇنداق ھۆكۈمەتنى مەنسىتمەيدۇ. 

ئەڭ ياخشى پىكىر يولى، ئەلۋەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ يادرولۇق پۇلى، پۇل بېسىش، پۇل بېسىش ئارقىلىق «مۇۋاپىق پۇل پاخاللىقى»نى پەيدا قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە قەرز يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە غەيرەتكە كېلىپ، بىرلىكتە پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ، مانا بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئەڭ قىلىشنى خالايدىغان ئىش. 

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0