大数跨境

بانكىدىكى 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن نېمىشقا يوقاپ كېتىدۇ؟

بانكىدىكى 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن نېمىشقا يوقاپ كېتىدۇ؟ NepKan
2021-10-25
0
导读:يېقىندا، «2 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئامانەت پۇل يوقاپ كەتتى!» دېگەن خەۋەر تور دۇنياسىدا ھەممە يەرگە
پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن پۇلنى نېمىشقا تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدۇ؟
يېقىندا، «2 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئامانەت پۇل يوقاپ كەتتى!» دېگەن خەۋەر تور دۇنياسىدا ھەممە يەرگە پۇر كەتتى. 


10-ئاينىڭ 23-كۈنى، «جۇڭگو تىجارەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ۋۇشى جىيۈ شەنخې دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شەنخې دورىگەرلىكى» دېيىلىدۇ.) بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق بولغان نەنجىڭ خېڭشېڭ دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خېڭشېڭ دورىگەرلىكى» دېيىلىدۇ.)نىڭ بوخەي بانكىسى نەنجىڭ شۆبە بانكىسىدىكى 3 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئامانەت پۇلىدىن كارخانا ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، نامىدىكى 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئامانەت پۇل ئۆزى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق باشقا بىر شىركەت ـــ خۇايې نېفىت خىمىيە سانائىتى نەنجىڭ چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خۇايې نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى» دېيىلىدۇ)نى ۋېكسېل (تالونلۇق) مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلگەن. 

بۇنداق غەلىتە ۋەقە بىر پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىسىدا ھەقىقىي يۈز بەردى. بۇنىڭغا قارىتا، تورداشلار بەس-بەستە «تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سىنارىيەسىنىمۇ بۇنداق يېزىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ!» دېيىشتى. 


2 مىليارد 800 مىليون يۈەن پۇل قەيەرگە كەتتى؟ 
بۇ قېتىمقى «لو شېڭمېن» ۋەقەسىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى زادى قانداق؟ 
كارخانا تەكشۈرۈش ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، جياڭشى جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تېببىي دورا كەسپىنى ئاساسلىق تىجارەت قىلغان، كاپىتال تىجارىتىنى سۇپا قىلغان چوڭ تىپتىكى پۇقراۋى كارخانا گۇرۇھى ئىكەن. 

جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھىنىڭ ئىككى تارماق شىركىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەنخې دورىگەرلىكى ۋە خېڭشېڭ دورىگەرلىكى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بوخەي بانكىسى نەنجىڭ شۆبە بانكىسىدىكى ئومۇمىي ئامانەت پۇلى 3 مىليارد 300 مىليون يۈەن خەلق پۇلى. ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن كارخانا ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، خۇايې نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ قەرزىنى رەنىگە قويۇش كېپىللىكى بىلەن تەمىنلەنگەن. 

ئۇنىڭدىن باشقا، رەنىگە قويۇلمىغان 500 مىليون يۈەن پۇل بولسا، 8-ئاينىڭ 19-كۈنى بانكا پۇكىيى شەنخې دورىگەرلىكىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى يۈ جياڭخۇاغا تېلېفون بېرىپ ئۇنىڭ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغاندا، كارخانا تەرىپىدىن ئېنىق ئىنكار قىلىنىپ، ساقلىنىپ قالغان.

بوخەي بانكىسى نەنجىڭ شۆبە بانكىسى: ساقچىغا مەلۇم قىلىشى
24-ئۆكتەبىر، بۇ ۋەقەگە قارىتا، بوخەي بانكا ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ ئىنكاس قايتۇردى. 
يېقىندا ئالاقىدار تاراتقۇلارنىڭ بوخەي بانكىسى نەنجىڭ شۆبە بانكىسىغا ئالاقىدار خەۋەرلىرىگە قارىتا، شۆبە بانكا تۆۋەندىكىدەك بايانات ئېلان قىلىدۇ: 
ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن بولغان كۈندىلىك كەسىپ بېجىرىش جەريانىدا، شۆبە بانكىمىز كارخانىلار ئارىسىدىكى بىنورمال قىلمىشلارنى بايقاپ، ج خ ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، قانۇن بويىچە ئەدلىيەلىك ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 
بىز شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى، خېرىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوغدايمىز، خېرىدارلارنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمىز.


جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھى بوخەي بانكىسىنىڭ نەنجىڭ شۆبە بانكىسىغا تۆۋەندىكى ئالتە سوئالنى قويدى:
بوخەي بانكىسى ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما 24-چېسلا كەچتە، ۋۇشى جىيۈ شەنخې دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى جىمىن گۇرۇھى ئورگان تەرەپ ئۈندىدارىدا بوخەي بانكىسىنىڭ نەنجىڭ شۆبە بانكىسىغا ئاشكارا «ئالتە سوئال» قويۇپ، بۇ دېلونىڭ تەپسىلاتى ۋە ئىسپاتلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. 


بىرىنچى سوئال: جىنايەت سادىر بولۇۋاتقاندا، بوخەي بانكىسىنىڭ نەنجىڭ شۆبە بانكىسى نېمە ئۈچۈن دەل ۋاقىتتا ساقچىغا مەلۇم قىلمايدۇ؟ 
جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 8ـئاينىڭ 19-كۈنى، دېلو يۈز بەرگەن كۈنى بۇ گۇرۇھ بىرەيلەننىڭ بانكا پوكىيىدە مەزكۇر گۇرۇھ خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئامانەت پۇلىنى گۆرۈ قويۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، مالىيە خادىملىرى دەرھال بوخەي بانكىسى نەنجىڭ شۆبە بانكىسىغا تېلېگرامما يوللاپ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ بانكا نېمىشقا ئەينى ۋاقىتتا ساقچىغا مەلۇم قىلمايدۇ؟ 

8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە، جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھى بوخەي بانكىسىنىڭ نەنجىڭ شۆبە بانكىسى بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلەشكەن ھەمدە گۇرۇھ ۋە بالا شىركىتىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق كەسىپنى بېجىرىپ باقمىغانلىقىنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئامانەت پۇل گۆرۈسى بېجىرىشىگە ھوقۇق بېرىپ باقمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. گۆرۈ كېپىللىكى جەريانىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بوخەي بانكىسىنىڭ نەنجىڭ شۆبە بانكىسى نېمە ئۈچۈن يەنىلا ساقچىغا مەلۇم قىلمايدۇ؟ 

3-سېنتەبىر، جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھى كۆپ قېتىم ئالاقە قىلىپ نەتىجىسى بولمىغاندىن كېيىن، ۋۇشى ساقچىلىرىغا دېلو مەلۇم قىلغان. بوخەي بانكىسىنىڭ نەنجىڭ شۆبە بانكىسى 24-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ج خ ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھى بوخەي بانكىسىنىڭ نەنجىڭ شۆبە بانكىسى زادى قاچان مەلۇم قىلغان دېلو ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان. 

ئىككىنچى سوئال: بۇ «خېرىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش» لايىھەسىمۇ؟ 
جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بوخەي بانكىسىنىڭ نەنجىڭ شۆبە بانكىسى باياناتتا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «خېرىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، خېرىدارلارنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.» جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھى 21-ئاۋغۇست كەچتە بوخەي بانكىسى نەنجىڭ شۆبە بانكىسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى گۈەن پېڭچېڭنىڭ بۇ گۇرۇھقا بەرگەن ئاتالمىش «ھەل قىلىش لايىھەسى»نىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئېلان قىلدى. 

جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىزنىڭ گۇرۇھىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئالداش، بۇ بانكاڭلارنىڭ "خېرىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش" لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققىنىمۇ؟» 

ئۈچىنچى سوئال: مەجبۇرىي ھالدا 450 مىليون يۈەن تۇتۇپ قېلىش، بۇ خېرىدارلارنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىق بولامدۇ؟ 
جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 8ـئاينىڭ 24-كۈنى، بۇ گۇرۇھ رەسمىي ھالدا بانكاڭلارغا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، بوخەي بانكىسىنىڭ نەنجىڭ شۆبە بانكىسىدىكى بىر نەچچە مەسئۇل كىشىگە مۇنۇلارنى ئېنىق ئۇقتۇردى: ئامانەت پۇلنى ئەزەلدىن قەغەز ئامانەت تالونىغا ئۆزگەرتىپ باقمىدۇق ھەم باشقىلارغا ھېچقانداق گۆرۈ كەسپى بېجىرىپ باقمىدۇق؛ بوخەي بانكىسىنىڭ نەنجىڭ شۆبە بانكىسىدىن چوقۇم گۇرۇھنىڭ ئامانەت پۇل بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىن ئاجرىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى، ھەرقانداق قانۇنغا خىلاپ ھالدا پۇل تۇتۇپ قېلىشقا ۋە باشقا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قانۇنغا خىلاپ مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدۇق. 

ئەمما، چىمىن ئىشەنچ گۇرۇھىنىڭ قانۇنلۇق ئامانەت پۇل ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ قانۇنسىز دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى، بوخەي بانكىسى نەنجىڭ شۆبە بانكىسىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ئەھۋالدا، بۇ بانكا نېمە ئۈچۈن 8-ئاينىڭ 25-كۈنى چىمىن ئىشەنچ گۇرۇھىنىڭ 450 مىليون يۈەن ئامانەت پۇلىنى مەجبۇرىي ئايرىپ تۇتۇپ قالىدۇ؟ 

تۆتىنچى سوئال: بوخەي بانكىسى نەنجىڭ شۆبە بانكىسىنىڭ ساختا ئىسپات چىقىرىپ بېرىش مەقسىتى نېمە؟ 
ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىلى 3-ئايدا، ۋۇشى فاڭشېڭ بوغالتىرلىق ئورنى جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھى تارماق شىركىتى شەنخې دورىگەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرگەندە، بوخەي بانكىسى نەنجىڭ شۆبە بانكىسىغا سۈرۈشتۈرۈش خېتى ئەۋەتكەن، خەتتە «شەنخې دورىگەرلىكىنىڭ بوخەي بانكىسىدىكى يەتتە قېتىملىق ئامانەت پۇلى جەمئىي 1 مىليارد 10 مىليون يۈەن بولۇپ، توڭلىتىش، كېپىللىك ياكى باشقا ئىشلىتىش چەكلىمىسى مەۋجۇت ئەمەس.» دېگەن مەزمۇن ئاستىدا، بۇ بانكىنىڭ «بانكىمىز سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئالاقە قىلغان ئىسپات تۈرى مەزكۇر بانكا ئۇچۇرىغا ئۇيغۇن.» دېگەن ئىسپاتنى چىقىرىپ بەرگەن. 

ئەمەلىيەتتە، مەزكۇر بانكا تىجارەت بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى خۇ جاۋفېڭ 8-ئاينىڭ 21-كۈنى جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھىغا بۇ گۇرۇھنىڭ ھەر قېتىملىق ئامانەت پۇلىنى ئامانەت قويغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە گۆرۈگە قويۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ بانكىنىڭ ساختا ئىسپات چىقىرىپ بېرىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ 

يۇقىرىقى مەسىلىلەردىن باشقا، جىمىن ئىشەنچ گۇرۇھى يەنە مۇنداق دەپ سورىدى: 
بوخەي بانكىسىنىڭ نەنجىڭ شۆبىسى بىلەن خۇايې نېفىت خىمىيە سانائىتى زادى قانداق مۇناسىۋەتتە؟ 
بۇ بانكىنىڭ بۇنداق مەشغۇلاتى پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قوغدامدۇ؟ 
2 مىليارد 800 مىليون يۈەن نېمە ئۈچۈن رەنە كېپىللىكىگە بېرىلىدۇ؟ بوخەي بانكىسى 2 مىليارد 800 مىليوننى «لو شېڭمېن»غا كېپىللىككە بېرىشىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالى زادى قانداق؟ كونكرېت تەپسىلاتلارنى يەنە ساقچىلارنىڭ تەھقىقلىشىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. 
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى ئۇنىۋېرسال تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
------------
سىزگە ئالاھىدە نەپ بېرىدىغان تىللالىق يازمىلار (تېمىنى چەكسىڭىزلا بەت ئاتلايدۇ!):
1. تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش
2. باج سوممىسى ئاران 750 دوللار بولغان تىرامپ باجدىن قانداق قاچىدۇ؟
3. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟
4. ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟
5. لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى
6. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟
7. ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟
8. پۈتۈن يەر شارى بىر مەيدان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلدى
9. خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟
10. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
11. نېمە ئۈچۈن توك ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلىدۇ؟
12. ئەرلەرنىڭ نۇر ھالقىسى ۋە قوتاندا بېقىش
13. ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى
14. خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر
15. بايلارنىڭ ھالاكىتى
16. خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟
17. توك چەكلەش ئويۇنى
18. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
19 . ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى
20. ھەممە ئادەم قەھرىمان
21. شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن
22. ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟
23. ئەلى بابانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىمپېرىيەسى چۈشى بەربات بولامدۇ؟
24. مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟
25. دوۋيىن تور چولپىنى قانداق تاۋلىنىدۇ؟
26. كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟
27. كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن
28. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
29. پۇلدارلارنى ئىئانە قىلىشقا زورلاش ياخشى ئىش ئەمەس
30. يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى
31. «جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى» دېگەن نېمە؟
32. قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى
33. دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ پۇقرالار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
34. جوبىس ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى: ئۇنىڭ 10 خىل ئۆزگىچە تەپەككۇرى
35. ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىمەنىلىك ۋە كاپىتال ئەركىنلىكى
36. 100 مىڭ ئوقۇغۇچى چىقسىمۇ بولىۋېرىدۇ...
37. ليەنشياڭ شىركىتى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا تىل ئىمبارگۇسىغا ئۇچرايدۇ
38. يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش
39. ئىچكى يۆگىمىلىشىش يۈزلىنىشى: ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ناچار دەۋر
40. خېڭدا كىرىزىسى ھالقىلىق پەيتكە كەلدى
41. كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈپ نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ
42. مەركىزى بانكا نېمە ئۈچۈن 1 ھەپتىدە 2 قېتىم خېڭدانى تىلغا ئالىدۇ؟
43. تەيجىدىيەن ۋە سامسۇڭ نېمىشقا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا پېتىنالايدۇ؟
44. نېمىشقا ئاق ھاراقنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ؟
45. بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش»
46. ئاق ھاراق پېيىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى نېمە ئۈچۈن؟
47. ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟
48. بەزى ئىشلارنى كۆپ قىسىم كىشىلەر قىلالمايدۇ
49. قوش كېمەيتىش ۋە مائارىپنى كاپىتالسىزلاشتۇرغاندىن كېيىنكى يۆنىلىش
50. ئۆي مۈلۈك بېجىنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىش كېرەك؟
51. كىرىزىستىكى خېڭدا نېمىشقا بۇ 20 مىلياردلىق سودىنى بۇزۇۋېتىدۇ؟
52. مەركىزى بانكا نېمە ئۈچۈن 1 ھەپتىدە 2 قېتىم خېڭدانى تىلغا ئالىدۇ؟
53. قوش كېمەيتىش ۋە كەسپىي مائارىپ
54. كاپىتالىستىك جەمئىيەت پەقەت ئىستېمالغىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ
55. چولپانلارنىڭ پاھىشىۋازلىق قىلىش «تەننەرخى» قانچىلىك؟
56. دۇنيا بىر قېتىملىق پۇل پاخاللىقىغا مۇھتاجمۇ؟
57. جاننى قۇتقۇزۇش پەيتى: خېڭدانىڭ سودىنى «بۇزۇۋېتىش»ىدىكى ھەقىقەت
58. خۇاۋېينى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، شېنجېن جاننى تىكتى!
59. لى يۈندى نېمە ئۈچۈن پاھىشۋازلىق قىلىدۇ؟
60. ئېشەك بولماڭ
61. بۇ يىل 4-پەسىل ۋە 2022-يىللىق پۇرسەتلەر 1-بۆلەك
62. بۇ يىل 4-پەسىل ۋە 2022-يىللىق پۇرسەتلەر 2-بۆلەك
63. ئۆي-زېمىن بېجى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
64. ئۆي-مۈلۈك بېجى: كىم شادىمان؟ كىم پەرىشان؟
65. تىرىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى 1-بۆلەك
66. تىرىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى 2-بۆلەك
67. پەن-تېخنىكا كارخانىنىڭ «بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» بولۇشى شەرت
68. كلىنتوننىڭ جىنسىي سەتچىلىكىنىڭ باش ئاخىرى 1-بۆلەك
69. كلىنتوننىڭ جىنسىي سەتچىلىكىنىڭ باش ئاخىرى 2-بۆلەك
70. كلىنتوننىڭ جىنسىي سەتچىلىكىنىڭ باش ئاخىرى 3-بۆلەك
71. تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش: ئۆي-زېمىن بېجىدىن كېيىنكى يۈزلىنىش
72. ئامېرىكا زادى پۇل پاخاللىقىنى زادى كونترول قىلالامدۇ يوق؟
73. تەيجىدىيەن ئامېرىكىغا تىزلاندى
74. ئامېرىكا: يەر شارى پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟
75. ئۆي-مۈلۈك بېجى نوقتا سىنىقى: كىم تۇنجى ئاتاكىغا ئۆتەلەيدۇ؟

ئەسكەرتىش:
يۇقىرىقى يازمىلارنىڭ بەزىلىرى ھەقلىق يازمىلار بولۇپ، ئەگەر بىۋاسىتە سالوندىن كۆرسىڭىز بەلكىم چىقىمىڭىز سەل ئارتىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئەگەر يۇقىرىدىكى يازمىلارغا ھەقىقەتەن قىزىقسىڭىز، سىزنىڭ يەنىلا نەپبىلوگىنىڭ ئايلىق كارتىسىنى سېتىۋېلىش شەكلىدە پايدىلىنىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى نەپبىلوگىنىڭ ھازىرقى ئېتىبارلىق ئايلىق كارتىسى ئاران 29.9 يۈەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر نەپبىلوگىدا ئېلان قىلىنغان 100 پارچىدىن ئارتۇق يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە يازمىلاردىن بىر ئاي ئىچىدە خالىغانچە ھەقسىز پايدىلىنالايسىز!



ئالاھىدە سەمىڭىزگە سېلىپ قويىدىغىنىمىز، سالونغا قارىغان نەپبىلوگ نىسبەتەن جانلىقلىققا ئىگە بولغاچقا، ئادەتتە كۆپىنچە يازمىلار ئالدى بىلەن نەپبىلوگىدا ئېلان قىلىنىدۇ، شۇڭا يازمىلاردىن تېخىمۇ بالدۇر پايدىلىنىش ئىمكانىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ نەپبىلوگى ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ!

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!



يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0