大数跨境

ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش

ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش NepKan
2021-10-09
2
导读:پەقەت بىر دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىشىگە چەك قويۇلسىلا، شۇ دۆلەت تەرەققىياتنىڭ

ھەر قېتىملىق ئېنېرگىيە دەۋرىنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ غايەت زور ھالقىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. 


بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، دوستۇم بىلەن «توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش» مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تېرىقچىلىق قىلىدىغان مىللەتنىڭ قايسىسىنىڭ كۈچلۈكلىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، دەرھال ئېنېرگىيە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىنى كۆرۈپ چىقتىم. 

بۇ ئىلمىي ماقالىدە مۇنداق بىر قاراش بار: «ھەرقانداق دۆلەت تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاندا، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تېز ئېشىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق ۋە مۇقىمسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.» 

بۇ كۆز قاراشنى باشقىچە ئىپادىلىسەك «پەقەت بىر دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىشىگە چەك قويۇلسىلا، شۇ دۆلەت تەرەققىياتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بۇ بوسۇغىدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.» 


بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ كاربوننى چەكلەشكە نىسبەتەن تاقىتىنىڭ تاق بولۇپ كېتىشىنى چۈشىنىش ناھايىتى ئاسان. 


بۇنىڭ ئىچكى يادروسى شۇكى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى چەكلەپ، ئۇلارنى «ئوتتۇرا ھال تەرەققىيات قىلتىقى»غا چۈشۈرۈپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە خىرىس ۋە تەھدىت پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت. 


تارىخنى ئەسلىسەك، مەدەنىيەت ماياكى دەپ نام ئالغان ئامېرىكا جاھانگىرلىكى دۆلىتىدە، ئىنسانلار پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ بايلىقى تولۇق بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ئىندىئانلار تەرەققىي قىلمىغان. 

بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئېنېرگىيە تاپالماي، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىلا كەپشەرلىنىپ (چەكلىنىپ) قالغان. 

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئېنېرگىيە ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كۆندۈرۈلگەن كالا، ئات، قوي، چوشقىدۇر. 

كالا بىلەن ئاتنىڭ ھەل قىلىدىغىنى قۇۋۋەت، قوي بىلەن چوشقىنىڭ ھەل قىلىدىغىنى ئېنېرگىيە ساقلاشتۇر. 


ئىنسانلارنىڭ چىدامچانلىقى يامان ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما ئات كالىلارغا قارىغاندا قۇۋۋىتى تۆۋەن، بىچارە ھېسابلىنىدۇ، ئۇلاردا پەقەت تەخمىنەن 1/10 ئات كۈچى بار. قۇۋۋەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ئىنسانلار ئات-كالىلارغا ئوخشاش ساپاننى سۆرەپ يەر ئاغدۇرۇشقا ئامالسىز قالغان، شۇڭا ئات-كالىلار بولمىسا، چوڭقۇر ئاغدۇرۇش ئارقىلىق نورمىدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. (دىققەت: ساپان سۆرىگەندە كۆپ مىقداردا ئارتۇقچە ئېنېرگىيە سەرپ بولىدۇ.) 

ئەمما، چوشقا بىلەن قوي يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، قەدىمكىلەرنىڭ زور مىقداردىكى ئېشىندى ئېنېرگىيە (يېمەكلىك ماتېرىيالى) ۋە پەسىل خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە (ھەر يىلى قۇرۇپ كېتىدىغان ئۆسۈملۈك)لىرى بار، بۇ ئەسلىدە ئىسراپ بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئەڭ ئاخىرىدا چوشقا ۋە قوي ئارقىلىق ساقلىنىدۇ ھەم پايدىلىنىلىدۇ. 


ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا، كالا، ئات، چوشقا، قوي قاتارلىق چوڭ تىپتىكى چارۋىلارنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى تېز كۆپىيىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن چىقىپ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن بىز قۇللۇق جەمئىيەت فېئوداللىق جەمئىيىتىدىن كاپىتالىزمغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇق. (ئاسىيا كالا ئارقىلىق، ياۋروپا ئات ئارقىلىق يەر تېرىيدۇ، كۆچمەن چارۋىچىلار قوي، چوشقا باقىدۇ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.) 


ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بولسا، كالا، ئات، چوشقا، قوي ئېلىپ كەلگەن ئېنېرگىيە بولمىغاچقا، قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ بىخلىرى پەيدا بولۇشى بىلەنلا، ئېنېرگىيە كىرىزىسى تەرىپىدىن بوغۇلغان، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ئارقىلىق مېتاللۇرگىيە، ياسىمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن، ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 

كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تېرىقچىلىق قىلىدىغان مىللەتنىڭ ھەربىي كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش مەسىلىسىگە قايتساق، بۇنىڭ ماھىيىتى قۇۋۋەت ۋە ئېنېرگىيە ساقلاشتۇر. 


مەسىلەن، قەدىمكى زاماندىكى سەركەردىلەرنىڭ ئوبرازى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىشرەتۋاز ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۆزئارا دوئىلغا چۈشۈشى بولۇپ، ئۇلار ئېنېرگىيەنى كۆزدە تۇتۇپ، يېتەرلىك يېگەندىلا، ئاندىن تىغلىق قوراللار بىلەن ئېلىشقاندا يېتەرلىك تېخىمۇ يۇقىرى قۇۋۋەتكە ئېرىشىپ، ئۇرۇشتا تېخىمۇ ئۇزاققىچە بەرداشلىق بېرەلەيتتى. 

شۇڭا، ھەرقايسى مەدەنىيەتلەرنىڭ تارىخىي دەۋرلىرىدىكى زاپاس ئېنېرگىيە بىلەن ئۈنۈمىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، بۇ ھەقتە خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ. 

شەرقىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تېرىلغۇ كالىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، قۇللۇق تۈزۈم يىمىرىلىپ فېئوداللىق تۈزۈمگە قاراپ ماڭىدۇ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى تۆمۈر قوراللارنى كەڭ كۆلەمدە بارلىققا كەلتۈرگەن، تېرىقچىلىق مىللىتى قۇۋۋەت ۋە ئېنېرگىيە ساقلاش ساھەسىدە پەن-تېخنىكىدىن ھالقىپ كەتكەن. 

مەسىلەن، تارىخىي كىتابلاردا خاتىرىلەنگىنىدەك، شەرقىي جۇ بەگلىكىدە كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنى قورشاپ يوقىتىش باشلانغان، خەن، تاڭ سۇلالىلىرىدە نەچچە قېتىملىق يىراققا يۈرۈش قىلىش باشلانغان، تېرىقچىلىق ئەۋزەللىكى ھەرقايسى سۇلالىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان. 


تاكى جىن (金) بەگلىكى تۆمۈرنى دۆلەت نامى قىلغان لياۋ سۇلالىسى پەيدا بولغانغا قەدەر، شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتلەردىن مېتال تاۋلاش ۋە ياسىمىچىلىقتەك ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي قۇرۇلما فېئوداللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمالدىكى ئېنېرگىيە ۋە جەڭ ئاتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش ئەۋزەللىكى لياۋ، جىن قاتارلىق كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇش كۈچىنى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتلەرگە قارىغاندا يوشۇرۇن ھالدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. 


موڭغۇللار سوغۇق قوراللار دەۋرىدە ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن بولسا، ئەينى چاغدىكى ئىلغار فېئوداللىق تۈزۈم شارائىتىدا، سوغۇق قوراللار دەۋرىدىكى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش مېخانىزمىنى جارى قىلدۇرغان. 


ياۋروپاغا نىسبەتەن، موڭغۇلىيە شەرقىي ئاسىيانىڭ مېتال تاۋلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كۈچلۈك تەتۈر ئەگمىلىك بىرىكمە ئوقيانى ياساپ چىققان بولۇپ، ئېتىش مۇساپىسى ياۋروپا ئوقياسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، موڭغۇل ئېتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك چىدامچانلىقىدىن پايدىلىنىپ، قىسىمنىڭ بىر كۈنلۈك مۇساپىسى ياۋروپا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. 

ئىككى ھەسسە ئېتىلىش مۇساپىسى ۋە ئىككى ھەسسە ھەربىي يۈرۈش ئارىلىقىغا ئىگە ھۆكۈمرانلارنىڭ ھەممىسى لەگلەك ئۇچۇرۇش تاكتىكىسى (风筝战术) ئارقىلىق ياۋروپا ئارمىيەسىنى كۈچلۈك تارمار قىلالايدۇ، سەپ شەكلى تارقالغاندىن كېيىن، زەربە بېرىپ جەڭنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. 

بۈيۈك سۇڭ سۇلالىسىغا نىسبەتەن، موڭغۇللار غەربىي ئاسىيا زەمبىرەكلىرى (回回炮)دىن پايدىلىنىپ، دۇنيا بويىچە مۇستەھكەم شەھەر شياڭياڭنى ئاسانلا ئىشغال قىلغان. 


بۇ خىل پىشاڭ بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان تاش تاشلاش ماشىنىسى گەرچە زور مىقداردا ئادەم كۈچى سەرپ قىلىپ، بىر قېتىمدا يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا سېلىشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، لېكىن يۈزلىگەن ئادەم ئېنېرگىيە توپلىغاندا، ئېتىش مۇساپىسى ۋە كۈچى سۇڭ سۇلالىسىنىڭكىدىن زور دەرىجىدە كۈچلۈك بولىدۇ، مەسىلەن، «رىۋايەتلەردىكى مۇنارنى چۇۋۇش (传说哥拆塔)»تەك تەڭداشسىز بولىدۇ. 

شۇڭا موڭغۇلىيەدىن قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشكەن ياۋروپالىقلار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۆمۈر ئىقتىسادىدىن شۇنچىلىك قورقۇپ كەتكەن، بىزمۇ ئاخىرىدا كاربوننى ئازايتىش سېپىگە قوشۇلدۇق. 


كۆمۈر سانائىتى بۈگۈنكى دەۋردىكى موڭغۇلىيەنىڭ تاش تاشلاش ماشىنىسى بولۇپ، ئادەم كۆپ بولۇشنىڭ ئۆزى كۈچ ئەۋزەللىكىدۇر. 

شۇنىمۇ چۈشىنىش كېرەككى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جان تىكىپ يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ؟ 

تىغلىق ۋە ئۇچلۇق قوراللار دەۋرىدىكى زاپاس ئېنېرگىيە بىلەن قۇۋۋەت ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن موڭغۇلىيەنىڭ تەبىئىي ھالدا دۇنيادا تەڭدىشى يوق ئىدى، ئەمما خۇددى ھۆرىگۈلدەك بىر ئېچىلىپلا توزۇپ كېتىشنىڭ كەينىدە، يېڭى بىر ئەۋلاد ئېنېرگىيە، مىلتىق دورىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى بار. 


مەيلى كۈچلۈك كاماللىق قونداقلىق ئوقيا ياكى زەمبىرەك بولسۇن، ماھىيىتى ئادەم بەدىنىنىڭ خىمىيەلىك ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش ۋە قويۇپ بېرىش، ئەڭ يۇقىرى قۇۋۋەتنى ئىزدەش ئارقىلىق قىرغىنچىلىق قىلىش، موڭغۇل ئېتىنىڭ يەنە قانداق قىلىپ نەسىل يېتىشتۈرۈش چىدامچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ چەكلىك بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانلار مۇسكۇللىرىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ چوقۇم يۇقىرى چېكى بولىدۇ. 


مىلتىق زەمبىرەكنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمى ئوقيادىن خېلىلا تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بەدەن سىرتىدىكى خىمىيەلىك ئېنېرگىيەنىڭ ئايلىنىشى بولۇپ، زاپاس ئېنېرگىيە بىلەن قۇۋۋەت غايەت زور بوشلۇققا ئىگە، پەقەت ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىپ ئىتېراتسىيەلىسەكلا (迭代)، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش چۈشەنچىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، قورال بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. 

ماكسىمنىڭ ئالدىدا، ھەيۋەتلىك ئاتلىق ئەسكەرلەر قۇربانلىق قىلىنىدىغان پاقلانغا ئايلىنىپ قالىدۇ، خالاس («جەڭ ئېتى» ناملىق فىلىمگە قاراڭ). 

ئۇرۇش ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى كۆپ ھاللاردا بىر تەڭگىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ. 

ھەر قېتىملىق مەدەنىيلىكنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ماھىيىتى يېڭى ئېنېرگىيەنى ساقلاش مېخانىزمىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق، قۇۋۋەتنىڭ چەكلىمىسىدىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ. 

بىرىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى كۆمۈر ئېنېرگىيە ساقلاشنى ھەل قىلدى، پار ماشىنىسى قۇۋۋەتنى ھەل قىلدى، ئىككىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى نېفىت ئېنېرگىيە ساقلاشنى ھەل قىلدى، ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل بىلەن ئېلېكتىر ماتور قۇۋۋەتنى ھەل قىلدى. 


بۈگۈنكى كۈندە، بۇ تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا، كىم ئالدى بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ تېز ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقسا، شۇ ئالدى بىلەن يېڭى دەۋردە ئەۋزەل ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئارقىدا قالغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كەسىپ ۋە ئېنېرگىيە مېخانىزمىغا بېقىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. 


شۇڭا، بىز شامالنىڭ چوقۇم يامغۇر ئىكەنلىكىنىمۇ ئاڭلىماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنىڭ غايەت زور يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك، زادى قايسى كەسىپلەر ئېنېرگىيە ساقلاش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىۋاتىدۇ؟ قايسى كەسىپلەر قۇۋۋەتنى ھەقىقىي ھەل قىلىۋاتىدۇ؟ 

مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

ئەجىركار: نەپكار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
1. ئەرلەرنىڭ نۇر ھالقىسى ۋە قوتاندا بېقىش
2. باج سوممىسى ئاران 750 دوللار بولغان تىرامپ باجدىن قانداق قاچىدۇ؟
3. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟
4. ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟
5. لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى
6. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟
7. ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟
8. پۈتۈن يەر شارى بىر مەيدان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلدى
9. خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟
10. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
11. نېمە ئۈچۈن توك ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلىدۇ؟
12. تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش
13. ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى
14. خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر
15. بايلارنىڭ ھالاكىتى
16. خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟
17. توك چەكلەش ئويۇنى
18. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296