大数跨境

ئاق ھاراق پېيىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى نېمە ئۈچۈن؟

ئاق ھاراق پېيىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى نېمە ئۈچۈن؟ NepKan
2021-10-19
0
导读:گۆشنىڭ باھاسىدىن مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاق ھاراقنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى
بۈگۈن، ئاق ھاراق ئاتامىنىڭ ماۋتەينىڭ پاي بازىرى ئىككى نۇقتا تۆۋەن ئېچىلغاندىن كېيىن، بىردىنلا چۈشۈپ، 6.1 پىرسەنت چۈشۈش نىسبىتى بىلەن بازارنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى.
ئالاقزادىلىك ئىچىدە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جان تىكىپ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىدى، مەسىلەن، يېقىندا ESG ماۋتەي شىركىتىنىڭ دەرىجىسىنى B دەرىجىدىن CCC دەرىجىگە چۈشۈرۈپ، دۇنيادىكى 20 چوڭ بازار قىممىتى شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىنى باھالايدىغان كارخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ماۋتەي شىركىتىنىڭ ئەڭ كۆپ فوندى 9-ئايدا زور دەرىجىدە ئازايتىلغان. 
لېكىن ESG نىڭ ماۋتەينىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشى نەچچە كۈن بۇرۇنقى ئىش، يەر شارىدىكى ئاساسلىق فوندنىڭ كېمەيتىلىشى يىل بېشىدىلا باشلانغان، بۇ ھەرگىزمۇ بىراقلا چۈشۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ئەمەس. 
ماۋتەي پاي چېكىنى ھەقىقىي ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقىنى ئالدىنقى جۈمە كۈنى يېشىپ بېرىلگەن «ئىزدىنىش (求是)» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسى ئىدى. 
ئۇنىڭدا «ئىستېمال بېجى ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. 
ئىستېمال ھالقىسىدىكى باجنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمال بېجى ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەتقىق قىلىنىدۇ...
赋利侠,公众号:Nepdanيېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش
بۇنىڭغا قارىتا، كەمىنە «بارلىق يۇقىرى پايدا يارىتىدىغان كونا، يېڭى «شەھۋانىيلىق، قىمار، زەھەر (黄赌毒)»لەرنىڭ ھەممىسى باج ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.» دەپ ئۆتكەن ئىدىم.
ئاق ھاراق «شەھۋانىيلىق، قىمار، زەھەر» ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ باج ئاساسىنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۆزىنىلا ئويلاپ، ئۆزگە بىلەن كارى بولمايدۇ. 

(ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئىككىسىدىكى پاراڭلىشىش خاتىرىسى) 

كەمىنىنىڭ قارىشىچە، باج زەربىسى ئەڭ ئېغىر بولىدىغىنى ماۋتەي ئەمەس، بەلكى باشقا ئاق ھاراق سودىگەرلىرى بولۇپ، بۇنىڭ داۋلىسىمۇ ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس: 
ئىستېمال بېجىنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئۈچ تەرەپ ھاراق زاۋۇتى، سېتىش سودىگىرى، ئىستېمالچىدىن مۇستەسنا ئەمەس. 
يېقىنقى بىر يىلدىكى گۆشنىڭ باھاسىنى سېلىشتۇرساق، مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاق ھاراقنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. 
ئىستېمال بېجى يولغا قويۇلغان ھامان، پارچە سېتىش ھالقىسى (يەنى ۋاكالەتچى سودىگەر)دىن ئېلىنىدۇ، ئادەتتىكى ئاق ھاراق سودىگەرلىرىنىڭ پايدا ئېلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، زىيان تارتىپ كەتسە بۇنداق سودىنى قىلمىسىلا بولىدۇ. 
شۇڭا، ئۆي-زېمىننى سېلىشتۇرساق، بانكا زىياننى رەت قىلىدۇ، ئىستېمالچىلار زىيان تارتسا بولمايدۇ، پەقەت تەرەققىيات سودىگەرلىرى زىيان تارتسا بولىدۇ، ئادەتتىكى ئاق ھاراقمۇ زىيان تارتىشنى رەت قىلىدۇ، ئىستېمالچىلار زىيان تارتسا بولمايدۇ، شۇڭا پەقەت ھاراق ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنى «جاپاغا قويۇش»قا توغرا كېلىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك ئاق ھاراق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۆزلىرىنى پۇل باسىدىغان «ھەشەمەت بۇيۇم لۇشىيەنى»دە مېڭىۋاتىمەن دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ مەركەزنىڭ پىلانىدا «شور پېشانە لۇشىيەنى»دە مېڭىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. 
بازارمۇ ناھايىتى ئەقىللىق، بۈگۈنكى كۈندە ئاساسلىق ئاق ھاراق كارخانىسىدا، تۆۋەنلەش-توختاش ئەھۋالى ئەڭ ئاز بولغىنى ماۋتەي ھارىقى بولۇپ قالدى.


قانداقلا بولمىسۇن، 1499 يۈەنلىك باھا بىلەن زاۋۇتتىن چىقىۋاتقان ماۋتەي سودىگەرلەرنىڭ قولىغا يىتىپ بارغاندا، باھاسى 3000 ئەتراپىدا بولۇپ، غايەت زور ئىستېمال بېجى ئىلاستىكىلىق بوشلۇقى بار. 

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھازىر پەقەت ماۋتەي گۇرۇھىنىڭلا زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنى تۆۋەنلەتمەي، پارچە سېتىش باھاسىنىمۇ ئۆستۈرمىگەن ئاساستا، سېتىش يوللىرىنىڭ پايدىسى بەدىلىگە دۆلەت ئېھتىياجلىق بولغان ئىستېمال بېجىنى تاپشۇرۇش كۈچى بار. 
بۇنىمۇ كەمىنە يىل بېشىدا ئېيتقان «تۆت يىلنى ئۆلچەم قىلىپ، ئاق ھاراق پېيىنى قولدىن چىقىرىش، لېكىن ماۋتەينى بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزمەسلىك.»تۇر.
ئەكسىچە بولغاندا، كەلگۈسىدە ئىستېمال بېجى بىۋاسىتە زەربە بېرىدىغىنى ماۋتەينىڭ سېتىش يولى ۋەكىللىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستېمال يولىنى مونوپول قىلىۋالغان مەنپەئەت گۇرۇھىدۇر. 
بۇ بىر خىل «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش» شۇنداقلا بىر خىل «كىمنىڭ پۇلى بولسا شۇ پۇلنى تېپىش.»تۇر.


بىراق، پۈتۈن ساھەگە باج قوشۇلسا، مۇقەررەر ھالدا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا زەربە بولىدۇ، بۇمۇ جۈمە كۈنىدىكى ماقالىنىڭ يەكۈنى، ئومۇميۈزلۈك كۆپەيگەن ئىستېمال بېجى، ئىستېمال ساھەسىنىڭ باشلامچى ماركا كارخانىلىرىنىڭ مەخسۇس تىجارەتكە مەركەزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
بۇ خىل ئاق ھاراق ساھەسىدىكى ئىككى دەرىجىلىك بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى كەلگۈسىدە نۇرغۇن ساھەلەردە كۆرۈلىدۇ: 
تۆۋەن قاتلامدىكىلەر «شور پىشانىلەر» يولىدا مېڭىپ، جاپالىق پۇل تېپىپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ بەخت دەرىجىسىنى ھەل قىلىدۇ؛ باشلامچى ماركىلار بولسا «ھەشەمەت بۇيۇم» يولىدا مېڭىپ، پۇلدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، دۆلەتكە ۋاكالىتەن باج ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 
بۇ ئىككى يولنىڭ يەنە بىر ئورتاق ئاخىرقى نۇقتىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئورتاق بېيىش. 
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
ئەجىركار: نەپكار
-----------
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 
نۇرغۇن تورداشلاردا يازمىلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن يۈرەكلەش ئادىتى يوق، كۆپچىلىكنىڭ يازمىنى ياقتۇرغان بولسا، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئالقىشلاپ ۋە تارقىتىپ، بىزگە ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىر ئىشتا چىڭ تۇرۇشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، كۆپ قېتىم ۋاز كېچىش خىيالىدىن مۇستەسنا بولالمىغان. چىڭ تۇرۇش بىر خىل ئەقىدە، كۆڭۈل قويۇش بىر خىل پوزىتسىيەدۇر!
-----------
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
1. ئەرلەرنىڭ نۇر ھالقىسى ۋە قوتاندا بېقىش
2. باج سوممىسى ئاران 750 دوللار بولغان تىرامپ باجدىن قانداق قاچىدۇ؟
3. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟
4. ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟
5. لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى
6. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟
7. ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟
8. پۈتۈن يەر شارى بىر مەيدان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلدى
9. خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟
10. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
11. نېمە ئۈچۈن توك ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلىدۇ؟
12. تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش
13. ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى
14. خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر
15. بايلارنىڭ ھالاكىتى
16. خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟
17. توك چەكلەش ئويۇنى
18. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
19 . ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى
20. ھەممە ئادەم قەھرىمان
21. شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن
22. ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟
23. ئەلى بابانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىمپېرىيەسى چۈشى بەربات بولامدۇ؟
24. مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟
25. دوۋيىن تور چولپىنى قانداق تاۋلىنىدۇ؟
26. كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟
27. كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن
28. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
29. پۇلدارلارنى ئىئانە قىلىشقا زورلاش ياخشى ئىش ئەمەس
30. يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى
31. «جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى» دېگەن نېمە؟
32. قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى
33. دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ پۇقرالار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
34. جوبىس ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى: ئۇنىڭ 10 خىل ئۆزگىچە تەپەككۇرى
35. ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىمەنىلىك ۋە كاپىتال ئەركىنلىكى
36. 100 مىڭ ئوقۇغۇچى چىقسىمۇ بولىۋېرىدۇ...
37. ليەنشياڭ شىركىتى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا تىل ئىمبارگۇسىغا ئۇچرايدۇ
38. يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش
39. ئىچكى يۆگىمىلىشىش يۈزلىنىشى: ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ناچار دەۋر
40. خېڭدا كىرىزىسى ھالقىلىق پەيتكە كەلدى
41. كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈپ نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ
42. خېڭدادىن ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئاخىرى خاتىرجەم بولىدىغان بولدى!
43. ئاپەت: ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى  كونتروللۇقىنى يوقىتىشى مۇمكىن
44. بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش»
45. داۋالاش ئىسلاھاتى باشلاندى
46. نېمىشقا ئاق ھاراقنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ؟

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0