大数跨境

خۇاۋېينى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، شېنجېن جاننى تىكتى!

خۇاۋېينى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، شېنجېن جاننى تىكتى! NepKan
2021-10-21
1
导读:يەر مالىيەسى ئاخىرقى چەككە يېتىپ، يەر سېتىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا، يەنە كىم ھۆكۈمەتكە كۆپ سوممىلىق
بىر يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىسى زادى قانچىلىك مۇھىم؟ 
شېنجېننىڭ خۇاۋېيدا تارتقان زىيىنى، دۇڭگۈەننى چۈشىدىمۇ كۈلدۈرۈپ ئويغىتىۋېتەتتى.
شاڭخەينىڭ تېسلادىن تاپقان پۇل شېنجېننى خۇاۋېي يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىققا قەسەم قىلدۇردى! 
10-ئاينىڭ 18-كۈنى، خۇاۋېي سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى قىزىل دېڭىز يېڭى شەھەر ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، كۆلىمىنىڭ 1300MWh غا يېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خۇاۋېي يېڭى ئېنىرگىيەسى تۇنجى قېتىم دۇنيا دەرىجىلىك سەھنىگە چىقىپ، دۇنيا بويىچە ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى. 


كۆپچىلىكنىڭ خاتىرىسى «خۇاۋېي ئۈزۈك ئۆزەك ھادىسىسى»دە توختاپ قېلىپ، تېخى ئۇنىڭدىن چىقىپ بولالمىغان چاغدا، خۇاۋېي يېڭى ئېنېرگىيەسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە يەتتى. خۇاۋېي ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىنىڭ تەسىرىدە، A پاي ئېنېرگىيە ساقلاش بۆلىكى شۇ كۈنى ئومۇميۈزلۈك قىزىل رەڭگە كىردى. 

نۆۋەتتە، خۇاۋېي يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى ئاساسلىقى ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. بىرى كۆپچىلىككە ناھايىتى تونۇش بولغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدە، خۇاۋېي جۇڭگونىڭ بوشى گۇرۇھىغا ئايلىنىپ، ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنى يادرولۇق تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى نىشان قىلغان. 
يەنە بىرى بولسا ئېنېرگىيە ساقلاش ساھەسى. خۇاۋېي لىتىي باتارىيەسى ياسىمايدۇ، خۇاۋېي زاپاس ئېنىرگىيەنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى كۆلەملەشكەن باتارىيە باشقۇرۇش تېخنىكىسى، يەنى رەقەملەشكەن تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش ۋە باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. 

نېمە ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان خۇاۋېي بىلەن بىرلىشىپ يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ساقلاش بازىسى قۇرۇپ چىقىدۇ؟ چۈنكى يېڭى ئېنېرگىيە دەۋرىدە قۇملۇق دۇنيا بويىچە ئەڭ سۈپەتلىك ئېنېرگىيە مەنبەسىدۇر. بىيادى شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ۋاڭ چۈەنفۇ مۇنداق دېگەن: «پەقەت جۇڭگونىڭ %1 قۇملۇقىغا قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر تاختىسى ئورنىتىلسىلا، جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسى ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولىدۇ.» 


سەئۇدى ئەرەبىستانى چېگراسى ئىچىدە قۇملۇق كۆلىمى ناھايىتى چوڭ. قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر تاختىسى توك چىقىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، ئەمما ئېنېرگىيە ساقلاش ئىقتىدارى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە، مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 
پىلان بويىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قىزىل دېڭىز يېڭى شەھىرى دۇنيادىكى تۇنجى يېڭى ئېنىرگىيە شەھىرى بولۇپ قالىدۇ. 
قىزىل دېڭىز يېڭى شەھەرچىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكار دەل خۇاۋېيدۇر. 

قىزىل دېڭىز يېڭى شەھەر تۈرى تۇرۇشلۇق ئورۇن

يېڭى ئېنىرگىيە كەسپى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇسابىقىسىلا ئەمەس، بەلكى سىرتقا كېڭىيىشكە باشلىدى. يەر شارىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە دەۋرى بىزگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا. 
شېنجېنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قېتىم خۇاۋېينى قاچۇرۇپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ! خۇاۋېينى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شېنجېننى جاننى تىكتى دېيىشكە بولىدۇ.
خۇاۋېي شىركىتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قىزىل دېڭىز يېڭى شەھىرى تۈرىنى قولغا كەلتۈرگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا، شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تۆۋەن باھا بويىچە 298 مىليون يۈەنلىك باھا بىلەن لۇڭخۇا رايونىدىكى 514 مىڭ 900 كىۋادرات مېتىرلىق كەسىپ يېرىنى خۇاۋېيغا سېتىپ بەرگەنلىكىنى، بۇنى ھەر كىۋادرات مېتىرغا سۇندۇرساق 578 يۈەندىن سېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

سىز خاتا كۆرۈپ قالمىدىڭىز، ھەر كۋادرات مېتىر يەر 578 يۈەن! 

شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2018-يىلى تېسلانى كىرگۈزگەندە، 864 مىڭ 900 كىۋادرات مېتىر يەرنى 973 مىليون يۈەنگە ساتقان، بۇنى ھەربىر كىۋادرات مېتىرغا سۇندۇرغاندا 1125 يۈەن بولغان. 


خۇاۋېينىڭ شېنجېندىكى يەر ئېلىش تەننەرخى پەقەت تېسلانىڭ شاڭخەيدىن يەر ئېلىش تەننەرخىنىڭ يېرىمىغىلا توغرا كېلىدۇ. لېكىن، شېنجېننىڭ يەر كۆلىمى شاڭخەي يەر كۆلىمىنىڭ 1/3 ىگە توغرا كېلىدۇ. سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، شېنجېن زېمىنى شاڭخەي زېمىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ كەمچىل، قىممەتلىك. 

شېنجىن لوڭخۇادا، ئۆي باھاسىنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى 60 مىڭ يۈەن، 514 مىڭ 900 كۇۋادىرات مېتىر يەرنىڭ 298 مىليون يۈەنلىك باھاسى بىلەن ھەقسىز بېرىۋەتكەنلىكنىڭ پەرقى يوق. ئىقتىسادىي كۈچى زور بولغان شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت، بۇ 298 مىليون يۈەنگە كۆز قىرىنى سېلىپ قويامدۇ؟ 

شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى مۇشۇنداق ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغىنى خۇاۋېينىڭ رەقەملىك ئېنېرگىيە كەسپى. خۇاۋېي بىر قول ئىشارىسى قىلسا كېلىدىغان، چاقىرىپلا كەتكۈزىۋېتىدىغان ئايال ئەمەس. ئەكسىچە، خۇاۋېي يېڭى ئېنېرگىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى، تېخنىكىسى كۈچلۈك، قوغلىشىدىغانلار كۆپ. 


514 مىڭ 900 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ يەر شېنجېننىڭ خۇاۋېي يېڭى ئېنېرگىيەسىگە بېرىلگەن تويلۇقى بولۇپ، خۇاۋېي بولسا پەقەت سىمۋول خاراكتېرلىك سوۋغا 298 مىليون يۈەننى ھازىرلىسىلا بولىدۇ. 

نېمىشقا شېنجېن بۇ قېتىملىق بۇنچە سەمىمىيىتى ئىپادىلەيدۇ؟ چۈنكى ئىلگىرى، شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت خۇاۋېينى ياخشى قەدىرلىمەي، زور زىيان تارتقان ئىدى. 
شېنجېننىڭ يەر باھاسى، ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەندە، رېن جېڭفېي «يۇقىرى ئۆي باھاسى ئەمەلىي كارخانىلارغا زور تەسىر كۆرسەتتى.» دېگەن ئىدى. 
بۇ نېمە دېگەنلىك؟ خۇاۋېي شېنجېندىن يەر سېتىۋالالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئويلاپ باقايلى، ئەگەر خۇاۋېيمۇ شېنجېندىن يەر سېتىۋېلىشتا قىينالسا، باشقا ئەمەلىي ياسىمىچىلىق كەسپى يەنە قانداق قىلىپ شېنجېندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ؟ 
شۇ چاغدا شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەر سېتىشتىن قىلغان كىرىمى كۆڭۈلدىكىدەك بولغاچقا، يەر مالىيەسىدىن ئىبارەت بۇ بىر يۈرۈش كارتا ناھايىتى ئۆلۈك ئىدى. نەتىجىدە، خۇاۋېي شېنجېندىن ئايرىلىپ، دوڭگۈەنگە ماكانلاشقان ئىدى.
دوڭگۈەندىكى خۇاۋېي سۇڭشەن كۆلى ياۋروپاچە كىچىك بازىرى قەد كۆتۈرۈپ، دوڭگۈەننىڭ تىپ ئۆزگەرتكەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقىنىڭ يېڭى ئىسىم كارتىسىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە دوڭگۈەننى دەرىجىدىن تاشقىرى باج مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى. خۇاۋېي دۇڭگۇەنگە كىرگەندىن كېيىن، 2020-يىلى ئۇنىۋېرسال باج تاپشۇرۇش سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئۇدا دۇڭگۇەندىكى 1 ـ چوڭ باج تاپشۇرغۇچىلىق ئورنىدا تۇردى. 


خۇاۋېيغا ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىلگەن يەرلەر دۇڭگۈەنگە زور تۈركۈمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە باج ئېلىش شەكلى ئارقىلىق مۇكەممەل نورمىدىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر سودىسى ئاخىرقى سودا، باج يىغىش دۇڭگۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەڭگۈلۈك پايدىسىدۇر («ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟» بۇ يەرنى چېكىڭ!

شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ كۆزى كىچىكلىك قىلغانلىق تۈپەيلىدىن، خۇاۋېينى قولدىن بېرىپ قويغان. ئويلاپ باقايلى، ئەگەر سۇڭشەن كۆلى ياۋروپاچە كىچىك بازىرى شېنجېندا بولسا، بۈگۈنكى شېنجېن تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ كەتمەمدۇ؟ 
يەرنى تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، يېڭى ئېنىرگىيە كەسپىگە كىرىش ئىشىدا، شاڭخەي شېنجىنغا ناھايىتى ياخشى ئۈلگە بولۇپ بەردى. شاڭخەي تېسلانى كىرگۈزگەندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. شاڭخەيدە ئىشلەپچىقىرىلغان تېسلا پۈتۈن دۇنياغا سېتىلىدۇ. 


يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل دەۋرىدە، شاڭخەيدە ئاۋام (大众) بار ئىدى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل دەۋرىدە، شاڭخەيدە تېسلا بار بولدى. 

ئەگەر ئەينى چاغدا، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتمۇ شېنجېنغا ئوخشاش «پىخسىق»لىق قىلىپ، يەر مالىيەسىدىن ئىبارەت بۇ سېمىز گۆشكە كۆزى قىيمىغان بولسا، شاڭخەيدە بۈگۈنكى يېڭى ئېنىرگىيە كەسپى ئەندىزىسى شەكىللىنەمتى؟ 
ئەمەلىيەتتە، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى ساھەسىدە شېنجىنغا قالدۇرۇلغان پۇرسەت كۆپ ئەمەس. 
خېفېي شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ پاي قوشۇش شەكلى ئارقىلىق ۋېيلەينى كىرگۈزۈپ، جياڭخۈەينى قۇتقۇزۇپلا قالماي، يەنە چاڭئەن ئاپتوموبىلى، چىرۈي ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئاپتوموبىل كەسپى گۇرۇھلىرىنى جانلاندۇرۇپ، غايەت زور يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى شەكىللەندۈردى. 


خوشنا بولغان گۇاڭجۇدىمۇ گۇاڭچى، شياۋپېڭدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوموبىل گۇرۇھى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، مەبلەغ كىرىزىسىغا ئۇچرىغان خېڭدا ماشىنىسىدىمۇ قايتا تىرىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەمەس ئىدى. 


شېنجېندا بىر بىيادى بار، لېكىن بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس. خۇاۋېي يېڭى ئېنىرگىيە شىركىتى مۇشۇ يەردە ۋۇجۇدقا كەلگەن شېنجېن كارخانىسى، ئەگەر ئۇنى تۇتۇپ قالالمىسا، شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت كۈلكىگە قالمامدۇ؟ 
شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، كۈچلۈكلىكى دەل ئۇنىڭ خاتالىقىنى بىلگەن ھامان ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلالىغانلىقىدا! 
يەر شارى رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭى ئېنىرگىيە كەسپىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەر مالىيەسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. يەرنى تۆۋەن باھادا خۇاۋېيغا ئۆتۈنۈپ بېرىپلا قالماي، بىيادىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن يەرنىڭ باھاسىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن تۆۋەن. 
بىيادى 242 مىليون يۈەن بىلەن شېنجېن شەنتو ئالاھىدە ھەمكارلىق رايونى ئېبۇ رايونىدىكى 391 مىڭ سانائەت يېرىگە ئېرىشتى. 


بۇ يەردىن بىز ئىنتايىن تۆۋەن قاتلامدىكى بىر مەسىلىنى كۆرەلەيمىز. يەر مالىيەسى ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ئەمەلىي ياسىمىچىلىق كەسپىگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ.
بىر يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىسى ھۆكۈمەتتىن يەر ئالغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ تاللىشى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. 
يۇقىرى باھادا يەر ساتماقچى بولسا، ئۆي-زېمىن سودىسى قىلىش كېرەك؛ تۆۋەن باھادا يەر سېتىشتا، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ياساش كەسپىنى قوللاش كېرەك. ھازىر، ئۆي-زېمىن كەسپى قاتتىق تەڭشەش-تىزگىنلەشكە دۇچ كەلدى، يەر مالىيەسى بارا-بارا ئاخىرقى چەككە يەتتى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ياسىمىچىلىقى ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر تالىشىدىغان ئەلا سۈپەتلىك كەسىپكە ئايلاندى. ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟» بۇ يەرنى چېكىڭ!

يەر سېتىش بىردەملىك راھەتلىك بېغىشلايدۇ، ئىزچىل يەر سېتىش ئىزچىل راھەتلىك ئاتا قىلىدۇ. ئەمما، يەر مالىيەسى ئاخىرقى چەككە يېتىپ، يەر سېتىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا، يەنە كىم ھۆكۈمەتكە كۆپ سوممىلىق باج ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ 
دەل يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئەمەلىي ياساش كەسپى! 
خۇاۋېينىڭ يېڭى ئېنىرگىيە ئىستىقبالى پارلاق، شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇنىڭغا چىداپ تۇرۇشى كېرەك.
مەنبە: ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
ئەجىركار: نەپكار 
------------

-----------
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
1. ئەرلەرنىڭ نۇر ھالقىسى ۋە قوتاندا بېقىش
2. باج سوممىسى ئاران 750 دوللار بولغان تىرامپ باجدىن قانداق قاچىدۇ؟
3. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟
4. ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟
5. لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى
6. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟
7. ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟
8. پۈتۈن يەر شارى بىر مەيدان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلدى
9. خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟
10. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
11. نېمە ئۈچۈن توك ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلىدۇ؟
12. تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش
13. ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى
14. خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر
15. بايلارنىڭ ھالاكىتى
16. خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟
17. توك چەكلەش ئويۇنى
18. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
19 . ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى
20. ھەممە ئادەم قەھرىمان
21. شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن
22. ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟
23. ئەلى بابانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىمپېرىيەسى چۈشى بەربات بولامدۇ؟
24. مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟
25. دوۋيىن تور چولپىنى قانداق تاۋلىنىدۇ؟
26. كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟
27. كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن
28. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
29. پۇلدارلارنى ئىئانە قىلىشقا زورلاش ياخشى ئىش ئەمەس
30. يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى
31. «جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى» دېگەن نېمە؟
32. قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى
33. دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ پۇقرالار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
34. جوبىس ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى: ئۇنىڭ 10 خىل ئۆزگىچە تەپەككۇرى
35. ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىمەنىلىك ۋە كاپىتال ئەركىنلىكى
36. 100 مىڭ ئوقۇغۇچى چىقسىمۇ بولىۋېرىدۇ...
37. ليەنشياڭ شىركىتى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا تىل ئىمبارگۇسىغا ئۇچرايدۇ
38. يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش
39. ئىچكى يۆگىمىلىشىش يۈزلىنىشى: ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ناچار دەۋر
40. خېڭدا كىرىزىسى ھالقىلىق پەيتكە كەلدى
41. كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈپ نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ
42. مەركىزى بانكا نېمە ئۈچۈن 1 ھەپتىدە 2 قېتىم خېڭدانى تىلغا ئالىدۇ؟
43. تەيجىدىيەن ۋە سامسۇڭ نېمىشقا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا پېتىنالايدۇ؟
44. نېمىشقا ئاق ھاراقنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ؟
45. بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش»
46. ئاق ھاراق پېيىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى نېمە ئۈچۈن؟
47. ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟
48. بەزى ئىشلارنى كۆپ قىسىم كىشىلەر قىلالمايدۇ

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 
نۇرغۇن تورداشلاردا يازمىلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن يۈرەكلەش ئادىتى يوق، كۆپچىلىكنىڭ يازمىنى ياقتۇرغان بولسا، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئالقىشلاپ ۋە تارقىتىپ، بىزگە ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىر ئىشتا چىڭ تۇرۇشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، كۆپ قېتىم ۋاز كېچىش خىيالىدىن مۇستەسنا بولالمىغان. چىڭ تۇرۇش بىر خىل ئەقىدە، كۆڭۈل قويۇش بىر خىل پوزىتسىيەدۇر!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0