
بارلىق مۇناسىۋەتلەر مۇشۇنداق سۇسلىشىپ كېتىدۇ
مۇنداق بىر جۈملە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سەھنە سۆزى ناھايىتى ھەقىقىي ئېيتىلغان: «دۇنيادا قانچىلىك ياخشى دوستلار بار، ئۇلارنىڭ يېشى ئوخشاش، قىزىقىشى ئوخشاش، ئەسلىدە بىر ئۆمۈر سىرداش بولۇپ ئۆتەلەيدىغان؟ لېكىن كىم ئويلىغان دەيسىز، دەقىقىلىك زىيادە ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئۆز-ئارا يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان.»
ئەمەلىيەتتە دوستلۇقلا ئەمەس، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن مۇناسىۋەتلەرمۇ شۇنداق.
نېمە ئۈچۈن دەسلەپتە شۇنچە يېقىن، شۇنچە چىقىشىپ ئۆتكەنلەرنىڭ دوستلۇقى بارغانسېرى سۇسلىشىپ كېتىدۇ؟
بىرىنچىدىن، بىرى سورىماسلىق، بىرسىمۇ دېمەسلىك
سورىمىغان ئادەم، قارشى تەرەپنى دەيدۇ دەپ ئويلايدۇ؛ دېمىگەن ئادەم، قارشى تەرەپنى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ھەرقانچە تونۇش ئادەم بولسىمۇ، پىكىر ئالماشتۇرمىسا قارشى تەرەپنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى مەڭگۈ بىلگىلى بولمايدۇ.
خۇددى مۇنداق بىر جۈملە سۆزدە ئېيتىلغاندەك: «دۇنيادىكى بارلىق ئۇقۇشماسلىقلار چۈشەنمەسلىكتىن كېلىدۇ، بارلىق زىددىيەتلەر پىكىر ئالماشتۇرماسلىقتىن كېلىدۇ.» بىر-بىرىنىڭ ئويىنى بىلمىگەندە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، زىددىيەت بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ، ھېسسىيات يېرىقىمۇ بارغانسېرى چوڭىيىدۇ.
دىلبەرنىڭ (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) ناھايىتى ياخشى ئاچا-سىڭىل دوستى نادىرە (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) بولۇپ، ئالىي مەكتەپتىكى چاغدا، ئىككىيلەن بىر ياتاقتا يېتىپ، دېيىشمەيدىغان گېپى يوق ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى.
نادىرە بىر چەتئەل كارخانىسىدا ئىشلەيدۇ، دائىم يېرىم كېچىگىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ، دىلبەر ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئۇچۇر يوللىسا، دائىم جاۋاب قايتۇرالمايدۇ.
بىر قېتىم، دىلبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندا، نادىرە ئەسلىدە ماقۇل بولغان، شۇ كۈنى يەنە ئۇنتۇپ قالغان، كېيىن بىر ئېغىزمۇ كەچۈرۈم سورىمىغان.
دىلبەر نادىرەدىن كۈندىن-كۈنگە ئۈمىدسىزلىنىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمايدۇ.
سۈكۈت مەڭگۈ يىراقلىشىشنىڭ باشلىنىشى. ھەرقانچە ياخشى مۇناسىۋەت بولسىمۇ، پىكىر ئالماشتۇرماسلىق ئەينى چاغدىكى ئوتتەك يېقىنلىقتىن سۇدەك ئاددىي بولۇپ قالىدۇ. سىز دېمىسىڭىز، مەن سورىمىسام، ئەڭ ئاخىرىدا، بىر مەزگىللىك مۇناسىۋەت ئاستا-ئاستا سۈكۈت تەرىپىدىن يالماپ تۈگەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، بىرى خاتالىقىنى تونۇشنى، يەنە بىرى يول قويۇشنى خالىماسلىق
ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا، ھەرقانچە ياخشى مۇناسىۋەت بولغان تەقدىردىمۇ زىددىيەت ۋە تالاش-تارتىشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ.
ئىككى ئادەم بىللە ئۆتسە، ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ خاتالىقىنى تونۇشنى خالىمىسا، بىر قەدەممۇ يول قويۇشقا ئۇنىمىسا، بىر-بىرى بىلەن توختىماي تالاش-تارتىش قىلسا، ئاخىرىدا كۆپ ھاللاردا يەڭگەن تەقدىردىمۇ، نەتىجىدە دوستلۇقتا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.
بىر جۈپ ئەر-خوتۇن شاھمات ئوينىغاندا، ئېرىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى كۆرۈپ، خوتۇنى ئۇششۇقلۇق قىلىپ، ئېتىنىڭ تۇلپار بولغاچقا، «田» خېتى شەكلىدە ماڭسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئېرى بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويۇپ چىداپ تۇرغان. خوتۇنى يەنە ئەسكەرنى ئالاھىدە ئەسكەر بولغاچقا، چېكىنىپ كەتسە بولىدۇ، پىلنى بولسا كىچىك پىلچاق بولغاچقا دەريادىن ئۆتسە بولىدۇ دەپ تۇرىۋالغان...... ئاخىرىدا، ئەسلىدە غەلىبە قىلىش ئىمكانىيىتى بار ئېرى ئايالىغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ، ئايالى بولسا خۇشال-خۇرام ھالدا تاماق ئېتىشكە كىرىشىپ كېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، يول قويۇشنى خالايدىغان ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ يېڭىلگىنىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئاراڭلاردىكى بۇ ھېسسىياتنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. قەدىرلىگەچكە يول قويۇش كېرەك.
ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە، بىرى خاتالىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىسا، يەنە بىرى يول قويۇشنى خالىماي، ئۆزئارا تىركىشىدۇ، ھەتتا ھەيۋە قىلىشىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت كۆڭۈلسىزلىك بىلەنلا تارقىلىدۇ.
ئۇچرىشىش ئاسان ئەمەس، بىللە تۇرۇش تېخىمۇ ئاسان ئەمەس. كۆز ئالدىدىكى ئادەمنى قەدىرلەش، ھەرگىزمۇ بىر-بىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، بىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن ياخشىچاق بولسا، بىرى ھەقلىق دەپ قاراش
ھېسسىيات جەھەتتە ئەڭ قورقىدىغىنى شۇكى، سىز باشقىلارغا چىن كۆڭلىڭىزدىن مۇئامىلە قىلسىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ قىلغانلىرىڭىزنى ھەقلىق دەپ ئويلىۋېلىشى، ھەتتا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشى.
ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى بىر تەرەپلىمە ماسلىشىش ۋە ياخشىچاق بولۇشقا تايىنىپلا ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. مەيلى قانچىلىك چوڭقۇر ھېسسىيات بولسۇن، قەدىرلەشنى بىلمىسە، ھامان ئايرىلىپ كېتىدۇ.
بانۇ (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى فىلورەنى (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. ئالدىنقى ھەپتە، ئىككىسى بىللە ساياھەتكە چىقماقچى بولغان، شۇڭا بانۇ ئاللىقاچان ئىككىسىنىڭ ئايروپىلان بېلىتى ۋە مېھمانخانىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىدى. نەتىجىدە يولغا چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، فىلورە يەنە بىر دوستىنى بىللە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
تۇيۇقسىز بىر ناتونۇش ئادەم كۆپىيىپ قالدى، بانۇ كۆڭلىدە پەقەت رازى بولمايدۇ، لېكىن فىلورەنى رەت قىلىپ ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ماقۇل بولىدۇ.
كىم بىلسۇن فىلورە يەنە بانۇنىڭ ئۇ دوستىنىڭ ئايروپىلان بېلىتى ۋە مېھمانخانىنىڭ ھەققىنى چىقىرىپ بېرىشىنى ئېيتىدۇ.
بانۇ بۇنى سىلىق رەت قىلىدۇ، فىلورە: «مۇشۇنچىلىك پۇلغىمۇ كۆزىڭىز كىچىكلىك قىلامسىز، بەك پىخسىق ئىكەنسىز.» دەيدۇ. بانۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىنىڭ چىن كۆڭلىدىن فىلورەگە قىلغان ياخشىلىقىدا، ئەكسىچە ياخشى كۆڭلى ئەمەلگە ئاشمايلا دوستى فىلورە تېزلا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ كېتىدۇ.
بۇ دۇنيادا ھېچكىم ھېچكىمگە ياخشى مۇئامىلە قىلمايدۇ، بارلىق يول قويۇش ۋە كەڭ قورساق بولۇش قەدىرلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر بىر ئادەم بىرىگە تۈرلۈك يوللار بىلەن ياخشىچاق بولسا، ئۇنىڭ بەدىلىگە كېلىدىغىنى قارىشى تەرەپنىڭ بۇنى «ھەقلىق» دەپ قارىۋېلىپ، ئازراقمۇ قەدىرلەشكە ئېرىشەلمىسە، ھەر قانچە ياخشى ھېسسىياتمۇ قايتا-قايتا ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئاستا-ئاستا سۇسلىشىدۇ.
شۇڭا، سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلارنى ياخشى قەدىرلەڭ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئەجرىگە ئېتىبارسىز قارىماڭ، باشقىلارنىڭ چىن كۆڭلىنى خالىغانچە دەپسەن قىلماڭ، ھەم قارشى تەرەپنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلماڭ.
بۈگۈنكى تەۋسىيە كىتاب: «كىچىك شاھزادە»
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ نادىر كىتاب «كىچىك شاھزادە»نى ئوقۇڭ!

ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ «كىچىك شاھزادە» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!