大数跨境

ئۆي-مۈلۈك بېجى نوقتا سىنىقى: كىم تۇنجى ئاتاكىغا ئۆتەلەيدۇ؟

ئۆي-مۈلۈك بېجى نوقتا سىنىقى: كىم تۇنجى ئاتاكىغا ئۆتەلەيدۇ؟ NepKan
2021-10-24
2
导读:ئۆي-مۈلۈك بېجى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغان كۈننى ساقلاپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ...
ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا، قايسى شەھەرلەر تۇنجى ئاتاكىغا ئۆتىدۇ؟

ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى مۇزاكىرە قىلغىلى ئون نەچچە يىل بولدى. 
بۇ قېتىم، ئاخىرى ئەمەلىيلىشىدىغان بولدى. 
ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، پات ئارىدا يولغا قويۇلىدۇ. كىم تۇنجى تۈركۈمدىكى سىناق نۇقتا شەھىرى بولالايدۇ؟ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تالىشىدىغان ۋاقىت كۆپ قالمىدى. 

ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇنداق دېيىشىدۇ: «بۇ قېتىم نۇقتىدا سىناق قىلىنغان شەھەر تەخمىنەن ئونغا يېتىدۇ. مەملىكەت بويىچە 300 دەك شەھەر بار، لېكىن ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا شەرتى توشىدىغان شەھەرلەر كۆپ ئەمەس.» 

نېمە ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر نۇقتىدا سىناق قىلىش سانىنى تالىشىدۇ؟ چۈنكى، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوقۇم ئالدى بىلەن ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇش كېرەك. شېنجېن نېمە ئۈچۈن قىسقىغىنا 40 نەچچە يىلدا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شەھىرىگە ئايلىنالىدى؟ بۇنىڭدىكى يادرولۇق سەۋەب شۇكى، شېنجېن ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ پايدىسىغا ئېرىشتى. 

ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىمۇ ئوخشاشلا يېڭى ئىسلاھات پايدىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. كەمىنىنىڭ قارىشىچە، ئاز دېگەندە تۆۋەندىكىدەك تۆت چوڭ پايدا بار: 
بىرىنچى، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئەمەلىي ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. «نېمە ئۈچۈن ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىنىدۇ؟ (بۇ يەرنى چېكىڭ!)» دېگەن ماقالىدە، مەن شۇنى تىلغا ئالغان «ئۆي-مۈلۈك بېجىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، يادرولۇق ئىقتىدارى ئۆي باھاسىنى چۈشۈرۈش ئەمەس، بەلكى يەر مالىيەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش.» 

ئوخشاشلا، «خۇاۋېينى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شېنجېن تىركەشكەن! (بۇ يەرنى چېكىڭ!)» دېگەن ماقالىدە، مەن مۇنداق يازغان «يەر مالىيەسى ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئەمەلىي ياسىمىچىلىق زور باج مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان موتورغا ئايلىنىدۇ.» 

مەسىلەن، خۇاۋېي دۇڭگۈەن قارىغايلىق تاغ كۆلى بازىسى ھەر يىلى دۇڭگۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە نەچچە يۈز مىليارد يۈەنلىك ئۇنىۋېرسال باج كىرىمى يارىتىپ بەردى. ئوخشاشلا، شاڭخەي تېسلانى كىرگۈزۈپ، تېسلا بىلەن باج كېلىشىمى ئىمزالىدى. شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت تېسلانىڭ 2023-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى بىۋاسىتە تاپشۇرىدىغان باج 2 مىليارد 230 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. 


ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشى شۇكى، يەر مالىيەسى پات ئارىدا ئاخىرقى چەككە يېتىدۇ، ئېشىش مىقدارلىق ئۆي-مۈلۈك كۆلىمى كىچىكلەيدۇ، ساقلانما ئۆي-مۈلۈك كۆلىمى كېڭىيىدۇ، ئىلگىرىكى يەر سېتىشتىن پۇل تېپىش ھازىرقى ئۆي-مۈلۈك بېجىغا ئايلىنىدۇ. 
ئەكىس تەرەپتىن قارىغاندا، ئۆي-مۈلۈك بېجى ئالدى بىلەن ئېلىنىدىغان شەھەرلەر يەر مالىيەسىگە تايىنىۋېلىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەر باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى پەن ـ تېخنىكىلىق ئەمەلىي گەۋدە ياسىمىچىلىقىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلالايدۇ. 

ئەكسىچە، ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سانىنى ئالالمىغان شەھەرلەر، يەر مالىيەسىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ، يەر باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئەمەلىي گەۋدە ياساش كەسپىنى تالىشىش تەس. 

ئىككىنچى، ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆي باھاسىنى مەلۇم دەرىجىدە تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ ئۆينىڭ ساقلاش تەننەرخىنى ئاشۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆي باھاسىغا نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى تەمىنلەش بىلەن تەلەپنىڭ مۇناسىۋىتىدۇر. لېكىن زۆرۈر ئېھتىياجلىق (刚需) ئۆي مەنبەسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، قويۇپ بېرىش قىممىتى بار. 


مەسىلەن، يادروسىز يەر بۆلىكىدە ئۆرلەش بوشلۇقى بىر قەدەر كىچىك، ساقلاش تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى تۇرالغۇدا بولسا، بۇ خىل ئۆي مەنبەسى قويۇپ بېرىلىدۇ. زۆرۈر ئېھتىياجلىق ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئادەتتىكى پۇقرالارغا تېخىمۇ دوستانە بولىدۇ. زۆرۈر ئېھتىياجغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل تۇرالغۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىش قىممىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، زۆرۈر ئېھتىياجى بارلارنىڭ قول سېلىشىغا نىسبەتەن ماس كېلىدۇ. 

ئەكسىچە، يادرولۇق يەر بۆلەكلىرىدە قىممەت ئۆرلەش بوشلۇقى بىر قەدەر چوڭ بولغان ئۆي مەنبەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ. بۇ يەردىمۇ ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ نەق پۇل ئېقىمى سىنىلىدۇ. يادرولۇق بۆلەكلەردە ئۆي باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرۇش تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، ھەر يىلى باج تاپشۇرۇشتىكى نەق پۇل بېسىمىمۇ بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ئىجارە ئېلىشقىلا تايىنىپ، باشقا كەسىپ خاراكتېرلىك كىرىم بولمىسا، ئەمەلىي پايدا ئازىيىپ كېتىدۇ. 

ئەلۋەتتە، ئۆي ئىگىلىرىمۇ ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تاللىسا بولىدۇ. لېكىن، ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى مەلۇم بىر ئائىلە بەلگىلىمەستىن، يېقىن ئەتراپتىكى باشقا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرگەن-ئۆستۈرمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. ئىجارە ھەققى ماھىيەتتە ئىش ھەققى بىلەن باغلانغان بولىدۇ. 

بۇ چاغدا، بىر قىسىم ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئۆينى قولدىن چىقىرىشنى تاللايدۇ. لېكىن، كەسىپ خاراكتېرلىك كىرىمى بار كىشىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يادرولۇق بۆلەكلەردە ئىلكىدىكى ئۆي-مۈلۈك مىقدارىنى كېڭەيتسە بولىدۇ. 


بۇ يەردىن كۆپچىلىك مۇقىم مۈلۈك بولغان ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىجارە ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرۇش شەكلىنىڭ بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. يۇقىرى قىممەتتىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېشىمى بىرلا ۋاقىتتا كەسىپكە مەبلەغ سېلىپ، سانائەت كاپىتالىدىن پايدىلىنىپ ئۆي-مۈلۈك بېجىنى قاپلاشتىن ئىبارەت. بۇ ھاڭدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆي-مۈلۈك قىممىتى قايتىدىن يەنە بىر يۇقىرى دولقۇن بۆلىكىگە قەدەم قويىدۇ. 
بۇ چاغدا سىز مەبلەغنىڭ شەكىلسىز ھالدا كەسىپكە مەبلەغ سېلىشقا كىرگۈزۈلۈپ، كەسىپ ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بايقايسىز. 

ئۈچىنچى، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان شەھەرلەر مۇئەييەن جانلىقلىققا ئىگە. ئاۋال تۆۋەنرەك، ئاندىن ئاستا-ئاستا قوشۇلىدۇ، بۇ جەرياندا پۇقرالار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاستا-ئاستا ماسلىشىش ۋە ئاستا-ئاستا تەڭشەش جەريانىغا ئىگە بولىدۇ. لېكىن نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باشقا شەھەرلەر بىۋاسىتە ئىجرا قىلىشقا دۇچ كېلىدۇ. 
سىناق نۇقتىسى قىلىنغان شەھەرلەردىكى ئۆي-مۈلۈك ئىگىلىرى، بولۇپمۇ كۆپ يۈرۈش ئۆي-مۈلۈك ئىگىلىرى يېتەرلىك ۋاقىت ۋە بوشلۇققا ئىگە بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى تەقسىملەشنى قايتىدىن پىلانلايدۇ. مەسىلەن، يادرو بولمىغان جايلاردىكى ئۆيلەرنى سېتىۋېتىپ، بىر دۇكان، بىر زاۋۇت، بىر كارخانا قاتارلىقلارغا مەبلەغ سالسا، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى كۆپ ياخشىلىنىدۇ. 


ئەمما نۇقتىدا سىناق قىلىنمىغان شەھەرلەر ئادەتتە بۇنىڭغا نىسبەتەن سېزىمسىز بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئۆي-مۈلۈك بېجى بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان كۈنگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆيلەرنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ، ئۆي باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

قانچە چۈشۈپ كەتسە، ئالىدىغان ئادەم يوق، قانچە ئالىدىغان ئادەم بولمىسا، شۇنچە چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ يەردە كەمىنە كۆپچىلىككە مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن: ئەگەر سىز تۇرۇشلۇق شەھەر ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، سىز چوقۇم نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەرنىڭ ئۆي-مۈلۈك ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. 

نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋاقتى بەش يىل بولۇپ، بارلىق مۈلۈكنى قايتىدىن تەقسىملەشكە پەقەت بەش يىللا قالدى. ئۆي-مۈلۈك بېجى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغان كۈننى ساقلاپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئېسىمىزگە كەلگەندە كېچىككەن بولىمىز. 

تۆتىنچى، ئۆي-مۈلۈك بېجى ماھىيەتتە بىر خىل مال-مۈلۈك بېجىدۇر. بايلار كۆپ تاپشۇرىدۇ، نامراتلار ئاز تاپشۇرىدۇ. تاپشۇرغان باج ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدۇ. مەسىلەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، دوختۇرخانا، مەكتەپ، تاشيول، كۆۋرۈك، كۈتۈنۈش پۇلى قاتارلىقلار. ئاممىۋى مۇلازىمەت ئارقىلىق نامراتلارغا ئېتىبار بېرىشنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقىنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ. 


يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت نۇقتا ئىچىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ چوڭ جەلپ قىلىش كۈچى يەر مالىيەسىگە تايىنىۋېلىشنى ئازايتىشتا. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەر سېتىپ قىلغان كىرىمى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت ھەممىدىن بەكرەك بىلىدۇ، بۇ ئۇزاق مەزگىللىك باج مەنبەسى ئەمەس. 

كىم ئاۋۋال ئۆي-مۈلۈك بېجى ئالسا، شۇ ئاۋۋال باج مەنبەسىنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەر مالىيەسى تېخى ئاخىرقى چەككە يەتمىگەن، نۇقتىدا سىناق قىلىش مەزگىلىدە، بىر تەرەپتىن يەر سېتىپ، بىر تەرەپتىن ئۆي-مۈلۈك بېجى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ ئېزىقتۇرۇش كۈچىگە ھېچكىم بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. 
شۇڭا، بۇ قېتىمقى ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتى زور تۈرتكىلىك كۈچكە ئىگە. 

ئۇنداقتا، قايسى شەھەرلەر تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر بولۇپ قالىدۇ؟ 
بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئاساسىي تەلەپ بار. 
1. يەر مالىيەسىگە تايىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇشى كېرەك. پەقەت يەر مالىيەسىگە تايىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولغاندىلا، ئاندىن ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىش تەخىرسىزلىكىگە ئىگە بولىدۇ. 
مەسىلەن، شېنجېننىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتى %100 كە يەتتى، ساتقىلى بولىدىغان يەر ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، ئەمما ساقلانما ئۆي ناھايىتى زور. ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىش شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە غايەت زور يېڭى باج مەنبەسى ئېلىپ كېلىدۇ. 
شېنجېن ھەر كۇۋادىرات مېتىرى 578 يۈەندىن تۆۋەن باھادا، يەرنى خۇاۋېيغا سېتىپ بېرىشنى خالايدۇ، بۇ شېنجېننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆي-مۈلۈك بېجى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ چوڭلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ! 


2. مەملىكەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى بولۇشى كېرەك. ئىلگىرىكى ئىسلاھات تەجرىبىلىرى ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتىنى ھازىرلىغان شەھەرلەر ناھايىتى روشەن. مەسىلەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن، گۇاڭجۇ، خاڭجۇ، خەيكۇ، سەنيا، شيامېن قاتارلىق شەھەرلەر. بۇلارنىڭ ئىچىدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرى ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى ۋەكىللىك شەھەر. 
3. رايونلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئېلىمىزدىكى دېڭىز بويىدىكى 14 ئوچۇق شەھەر ئىچىدە، ئاساسلىقى رايون ئورنى، دېڭىز پورتىغا ئىگە شەھەرلەر زور ئەۋزەللىككە ئىگە. لېكىن باج ئىسلاھاتىدا، مەيلى ئىچكى قۇرۇقلۇق بولسۇن ياكى دېڭىز بويى بولسۇن، ماھىيەت جەھەتتە نىسپىي باراۋەر بولىدۇ. 
شۇڭا، شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم ۋە غەربىي قىسىمغا شەھەرلەر قوشۇلۇشى مۇمكىن. شەرقىي قىسىمدا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، خاڭجۇلار ئەۋزەللىككە ئىگە، ئوتتۇرا قىسىمدا ۋۇخەن، جېڭجۇ، خېفېي قاتارلىق شەھەرلەر، غەربىي قىسىمدا چۇڭچىڭ ۋە چېڭدۇ بار. 


4. ئۆي باھاسى بەك تېز ئۆرلەپ كېتىدىغان ئەھۋال بولۇشى كېرەك. ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، جۇڭگودىكى ئۆي باھاسى بەك تېز ئۆسۈپ كەتكەن شەھەرلەردىن دۇڭگۇەن، چېڭدۇ، گۇاڭجۇ، شېنجېن، خاڭجۇ قاتارلىقلار بار. 
يۇقىرىقى تۆت ئاساسىي تەلەپتىن قارىغاندا، شېنجېن ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، تاللىنىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ. ئۇنىڭدىن قالسا خاڭجۇ. خاڭجۇدا ئۆي باھاسى زىيادە تېز ئۆسۈپ كەتتى، يەنە كېلىپ ئورتاق بېيىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ، بۇ دائىرىگە كىرىش ئېھتىماللىقى چوڭ. ئۈچىنچىسى چېڭدۇ. چېڭدۇدىمۇ ئۆي باھاسى بەك تېز ئۆسۈپ كېتىپ، داۋاملىق سۆھبەتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. 
باشقا ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى شەھەرلەردىن يەنە شاڭخەي، خەيكۇ، جېڭجوۋ قاتارلىقلار بار. 


شەرقىي شىمالدا ھېچقانداق شەھەر بۇ سىناق قاتارىغا كىرەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى شەرقتىكى ئۈچ ئۆلكىدە، پەقەت داليەننىڭلا يەر مالىيەسىگە تايىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن، باشقا شەھەرلەرنىڭ يەر مالىيەسىگە تايىنىش دەرىجىسى تۆۋەن ئەمەس. بولۇپمۇ جىلىن چاڭچۈندە، 2020-يىلى يەر مالىيەسىگە تايىنىش دەرىجىسى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. 


لېكىن، خەينەندە ئۆي-مۈلۈكى ئەڭ كۆپ بولغىنى دەل شەرقىي شىماللىقلار ئىدى. خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆي-مۈلۈك ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ، شەرقىي شىمالدىكى قېرىنداشلارنىڭ خەينەندىكى ئۆي-مۈلۈك تەقسىماتى بەلكىم بۇ نۆۋەتلىك ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىدا چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. 

دەرىجىدىن تاشقىرى بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەر ئىچىدە، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولغىنى بېيجىڭ ۋە گۇاڭجۇ. بېيجىڭ پايتەخت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ مۇھىمى مۇقىملىق، زور نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە ئاساسىي جەھەتتىن قاتناشمايدۇ. گۇاڭجۇنىڭ يەر مالىيەسىگە تايىنىش دەرىجىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، مۇمكىنچىلىكىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن. 
چاڭشا بولسا نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىشى ئەڭ مۇمكىن بولمىغان ئۆلكە مەركىزى شەھىرى. چاڭشادا ئۆي باھاسى بەك تۆۋەن، نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. 


ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئالدىن نۇقتىدا سىناق قىلىنغان شەھەرلەر سىياسەت پايدىسىدىن ئالدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ پايدا ئاساسلىقى يەنىلا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان. 
ئەگەر ئائىلىڭىزدە يەتتە-سەككىز يۈرۈش ئۆي بولسا، ئىجارە ئېلىشقا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان يېڭى دەۋردىكى شەھەر «پومېشچىكى» بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئازراق پايدىڭىزدىن ۋاز كېچىپ، ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نىشان ئۈچۈن ئازراق تۆھپە قوشۇشىڭىز كېرەك! 
مەنبە: ئىشلەپچىقىرىش ئەترەت باشلىقى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
------------

-----------
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
1. ئەرلەرنىڭ نۇر ھالقىسى ۋە قوتاندا بېقىش
2. باج سوممىسى ئاران 750 دوللار بولغان تىرامپ باجدىن قانداق قاچىدۇ؟
3. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟
4. ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟
5. لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى
6. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟
7. ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟
8. پۈتۈن يەر شارى بىر مەيدان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلدى
9. خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟
10. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
11. نېمە ئۈچۈن توك ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلىدۇ؟
12. تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش
13. ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى
14. خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر
15. بايلارنىڭ ھالاكىتى
16. خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟
17. توك چەكلەش ئويۇنى
18. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
19 . ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى
20. ھەممە ئادەم قەھرىمان
21. شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن
22. ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟
23. ئەلى بابانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىمپېرىيەسى چۈشى بەربات بولامدۇ؟
24. مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟
25. دوۋيىن تور چولپىنى قانداق تاۋلىنىدۇ؟
26. كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟
27. كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن
28. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
29. پۇلدارلارنى ئىئانە قىلىشقا زورلاش ياخشى ئىش ئەمەس
30. يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى
31. «جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى» دېگەن نېمە؟
32. قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى
33. دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ پۇقرالار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
34. جوبىس ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى: ئۇنىڭ 10 خىل ئۆزگىچە تەپەككۇرى
35. ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىمەنىلىك ۋە كاپىتال ئەركىنلىكى
36. 100 مىڭ ئوقۇغۇچى چىقسىمۇ بولىۋېرىدۇ...
37. ليەنشياڭ شىركىتى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا تىل ئىمبارگۇسىغا ئۇچرايدۇ
38. يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش
39. ئىچكى يۆگىمىلىشىش يۈزلىنىشى: ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ناچار دەۋر
40. خېڭدا كىرىزىسى ھالقىلىق پەيتكە كەلدى
41. كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈپ نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ
42. مەركىزى بانكا نېمە ئۈچۈن 1 ھەپتىدە 2 قېتىم خېڭدانى تىلغا ئالىدۇ؟
43. تەيجىدىيەن ۋە سامسۇڭ نېمىشقا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا پېتىنالايدۇ؟
44. نېمىشقا ئاق ھاراقنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ؟
45. بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش»
46. ئاق ھاراق پېيىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى نېمە ئۈچۈن؟
47. ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟
48. بەزى ئىشلارنى كۆپ قىسىم كىشىلەر قىلالمايدۇ

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 
نۇرغۇن تورداشلاردا يازمىلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن يۈرەكلەش ئادىتى يوق، كۆپچىلىكنىڭ يازمىنى ياقتۇرغان بولسا، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئالقىشلاپ ۋە تارقىتىپ، بىزگە ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىر ئىشتا چىڭ تۇرۇشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، كۆپ قېتىم ۋاز كېچىش خىيالىدىن مۇستەسنا بولالمىغان. چىڭ تۇرۇش بىر خىل ئەقىدە، كۆڭۈل قويۇش بىر خىل پوزىتسىيەدۇر!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296