20 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە: ھېسسىيات ۋە ئىدراك
مەن دائىم ئىدىيە ۋە ھېسسىياتىمنى كونترول قىلىشقا تىرىشىمەن. تۇرمۇشۇمدا مۇنداق ئىشلارنى قايتا-قايتا ئۇچراتتىم: ھېسسىيات ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندە، ئەقىل-ئىدراك تۆۋەنلەيدۇ.
-ھېسسىياتنى كونترول قىلىش ئىدىيەسى بىلەن مېڭىنى كونترول قىلىش ئىدىيەسىنىڭ پەرقىنى دەپ بېرەلەمسىز؟
دەپ سورىدى مايك.
-ھە، ئەلۋەتتە، مەن دائىم مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلايمەن.
دېدى باي دادام.
-بەزىلەر «ھەممە ئادەم چوقۇم خىزمەتكە بېرىشى كېرەك.»، «بايلار ئالدامچى.» ياكى «مەن خىزمەت ئالماشتۇرىمەن؟»، «مەن تېخىمۇ يۇقىرى مائاشقا ئېرىشىشىم كېرەك؟»، «سىز مېنى خالىغانچە بوزەك قىلسىڭىز بولمايدۇ.» دەيدۇ يەنە «مەن بۇ خىزمەتنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى ئۇ ناھايىتى مۇقىم.» ھەرگىزمۇ «مەن نېمىدىن ئايرىلىپ قالدىم؟» دېمەيدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئىش قىلىشتىن ساقلىنالايسىلەر ھەم سىلەرگە ئىنچىكە ئويلىنىش ۋاقتى بولىدۇ.
بىز قايتىش يولىدا، باي دادام «بايلار ئەمەلىيەتتە پۇل ياساۋاتىدۇ.» دەپ چۈشەندۈردى، ئۇلار ئەزەلدىن پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مېنىڭ مايك بىلەن قوغۇشۇندىن بەش پۇڭلۇق تەڭگە قۇيغاندا، بىز «پۇل ياساش»نى ئويلىغان، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئويىمىزنىڭ بايلارنىڭ ئويى بىلەن ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەسىلە شۇكى، پەقەت ھۆكۈمەت ۋە بانكا بۇنداق ئىشنى قىلسا ئاندىن قانۇنلۇق بولىدۇ، بىز قىلالمايمىز.
ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-بەزى پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى قانۇنلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئۇسۇلغا ھېچقانداق نەرسە كەتمەيدۇ.
باي دادام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
-بايلار پۇلنىڭ خىيالىي نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئېشەكنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويغان سەۋزىدەك. دەل ۋەھىمە ۋە ئاچكۆزلۈك سانسىزلىغان كىشىلەرنى بۇ خىيالىي تۇيغۇنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ قويۇپ بەرمەي، تېخى ئۇنى ھەقىقىي دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. پۇل ھەقىقەتەن ياساپ چىقىلغان، دەل مۇشۇنداق خىيالىي تۇيغۇغا بولغان ئىشەنچ ۋە كىشىلەرنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن كىشىلەر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزۈپ چىققان.
ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يولغا قويغىنى ئالتۇن ئۆلچىمى بولۇپ، ھەر بىر دوللار بەلگىلىك ئېغىرلىقتىكى ئالتۇنغا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن ئۆلچىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنى ئالتۇنغا چېتىۋالمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى مىش-مىش پاراڭلارغا ئىنتايىن قىزىققاتتى.
-ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرسە، بالىلىرىم، ئەجەل بىزنى ئىزدەي دەپ قالىدۇ. نامراتلار، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ۋە نادان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋەيران بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار پۇلنىڭ ھەقىقىي بايلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، ئۇلار كۈچ چىقارغان شىركەت ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
بىز بۇ زىياپەت سۆزىنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمىدۇق، ئەمما كۆپ يىللاردىن كېيىن، باي دادامنىڭ سۆزى بارغانسېرى كۆپ جايلاردا ئىسپاتلاندى.
باشقىلار كۆرمىگەننى كۆرۈش
باي دادام كىچىك دۇكاننىڭ سىرتىغا توختىتىپ قويۇلغان كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىغا چىقتى، بۇ چاغدا ئۇ بىزگە:
-داۋاملىق خىزمەت قىلىڭلار، بالىلىرىم، مائاشىڭلارنى قانچە تېز ئۇنتۇساڭلار، كەلگۈسى تۇرمۇشۇڭلار شۇنچە ئازادە بولىدۇ، داۋاملىق كاللاڭلار بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماي خىزمەت قىلىڭلار، ناھايىتى تېزلا مائاش ئېلىشتىنمۇ بەكرەك پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى بايقايسىلەر-دە، سىلەر باشقىلار كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى كۆرىسىلەر. پۇرسەت كىشىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ پۇرسەتلەرنى ئەزەلدىن كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۇل ۋە خاتىرجەملىكنى قوغلىشىش بىلەن ئالدىراش، شۇڭا ئۇلار بۇلارغا ئېرىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەگەر سىلەر بىر پۇرسەتنى كۆرەلىسەڭلار، چوقۇم بىر ئۆمۈر ئۈزلۈكسىز پۇرسەتنى بايقايسىلەر. ئۇ چاغدا، مەن سىلەرگە باشقا ئىشلارنى ئۆگىتىمەن. بۇلارنى ئۆگىنىۋالساڭلار، تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ قىلتاقتىن قېچىپ قۇتۇلالايسىلەر.
مايك ئىككىمىز نەرسىلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ مارتىن خانىم بىلەن خوشلاشتۇق. بىز باغچىغا بېرىپ، ھېلىقى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، نەچچە سائەت سەرپ قىلىپ باي دادامنىڭ گېپىنى ئويلاشتۇق ۋە مۇزاكىرە قىلدۇق. كېيىنكى بىر ھەپتىدە، مايك ئىككىمىزمۇ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزچىل ئويلاندۇق ۋە مۇزاكىرە قىلىدۇق. يەنە ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، بىز يەنىلا مۇلاھىزە قىلىپ، مۇزاكىرە قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باي دادام ئۈچۈن ھەقسىز خىزمەت قىلدۇق. ئىككىنچى شەنبە كۈنى خىزمەت ئاخىرلاشقاندا، مارتىن خانىم بىلەن خوشلىشىپ، جازىدىكى چاتما رەسىملەرگە كۆزۈم قىيمىغان ھالدا قارىدىم. ھەر شەنبە كۈنى 30 سىنت كىرىم بولمىسا، چاتما رەسىم سېتىۋېلىشقا پۇلۇم قالمايتتى. مارتىن خانىم بىز بىلەن خوشلىشىۋاتقاندا، ئۇ مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن پەرۋا قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدى.
مارتىن خانىم چاتما رەسىمنىڭ مۇقاۋىسىنى ئىككى پارچە قىلىپ يىرتىپ، ئاندىن ئۈستىدىكى يېرىمىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، ئاستىدىكى يېرىمىنى بىر چوڭ قەغەز ساندۇققا تاشلىدى. مەن ئۇنىڭدىن «بۇنى نېمە قىلىسىز دەپ سورىسام؟» ئۇ: «مەن بۇ سېتىلمىغان كونا كىتابلارنى تاشلىۋېتىمەن، كىتاب سودىگەرلىرى يېڭى كىتابلارنى ئەكىلىپ بەرگەندە، بۇ يېرىم مۇقاۋىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇ بىر سائەتتىن كېيىن يېتىپ كېلىدۇ.» دېدى.
مايك ئىككىمىز بىر سائەت ساقلىدۇق، كىتاب سودىگىرى ئاخىرى كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن ئۇ ئىشلەتمەيدىغان چاتما رەسىمنى بىزگە سوۋغا قىلسا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىدىم.
ئۇنىڭ جاۋابى مېنى ناھايىتى خۇشال قىلدى:
-ئەگەر سىلەر بۇ دۇكاندا ئىشلىسەڭلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى سېتىۋەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلساڭلار، مەن سىلەرگە سوۋغا قىلىمەن.
شۇنىڭ بىلەن، بىز پۈتۈشتۇق.
مايكنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە بىر بوش ئۆي بار ئىكەن، بىز ئۇنى تازىلىۋېتىپ، نەچچە يۈز پارچە چاتما رەسىمنى يۆتكەپ كىردۇق. ناھايىتى تېزلا بىزنىڭ چاتما رەسىم كۈتۈپخانىمىز تىجارەت باشلىدى.
بىز مايكنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بەك ئامراق سىڭلىسىنى كىتاب باشقۇرغۇچى قىلىپ ياللىدۇق. ئۇ كۈتۈپخانىغا كېلىپ كىتاب كۆرىدىغان ھەر بىر بالىدىن 10 سېنت ئالىدىغان بولدى، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدىن تۆت يېرىمغىچە قىرائەتخانا ئېچىلاتتى. ئوقۇرمەنلەر، قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار بۇ ئىككى سائەت ئىچىدە قانغۇچە كۆرەلەيدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ خېلىلا ئەرزان، چۈنكى 10 سىنتقا پەقەت بىر پارچە چاتما رەسىم سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئىككى سائەت بولسا ئۇلارنىڭ بەش-ئالتە پارچە كۆرۈشىگە يېتىدۇ.
مايكنىڭ سىڭلىسى ئوقۇرمەنلەر ئايرىلغاندا تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىتابنى ئېلىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلاتتى. ئۇ يەنە كىتاب ساقلايدۇ، ھەر كۈنى قانچىلىك ئادەمنىڭ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق پىكرى بارلىقىنى خاتىرىلەيدۇ. مايك ئىككىمىز كېيىنكى ئۈچ ئايدا ھەر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 9.5 دوللار تاپتۇق، بىز مايكنىڭ سىڭلىسىغا بىر دوللار بەردۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھەقسىز كىتاب كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلدۇق، لېكىن ئۇ ناھايىتى ئاز كۆرەتتى، چۈنكى ئۇ دائىم ئۆگىنىش قىلاتتى.
20 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە: تەسەۋۋۇرنىڭ كۈچى
ئۇچۇر دەۋرى ۋە ئالاقە تورى دەۋرىدە، نەچچە مىليون 30 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىدىن پايدىلىنىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان قوللىنىشچان پىروگرامما Facebook، Snapchat قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلدى، ھەم مۇشۇ سەۋەبلىك باي بولۇپ كەتتى. تەسەۋۋۇر كۈچى بار كىشىلەر كۈندىن-كۈنگە روناق تاپماقتا، تەسەۋۋۇر كۈچى كەمچىل كىشىلەر يەنىلا خىزمەت ئىزدەۋاتىدۇ، بۇ خىزمەتنىڭ ئورنىنى تېزلا ماشىنا ئادەم ۋە تېخنىكا ئىگىلىشى مۇمكىن.
مايك ئىككىمىز يەنىلا ھەر شەنبە كۈنى كىچىك دۇكانغا بېرىپ ئىشلەپ، ھەر قايسى دۇكانلاردىن سېتىلمىغان چاتما رەسىملەرنى يىغىۋاتىمىز. بىز كىتاب سودىگەرلىرىگە بەرگەن ۋەدىمىزدە چىڭ تۇردۇق، بىرمۇ چاتما رەسىم ساتمىدۇق. ئەگەر كىتاب بەك يىرتىلىپ كەتسە كۆيدۈرىۋەتتۇق. بىزنىڭ بىر تارماق دۇكان ئاچقۇمىز بار ئىدى، لېكىن مايكنىڭ سىڭلىسىدەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان باشقۇرغۇچى تاپالمىدۇق. كىچىككىنە تۇرۇپ، ياخشى خىزمەتچى تېپىشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى ھېس قىلدۇق. كۈتۈپخانا ئېچىلىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، بىر مەيدان كۈرەش بولۇپ، ئەتراپتىكى لۈكچەكلەر بۇ سودىغا كۆز تىكتى. باي دادام بىزگە ئىشىكنى تاقاش تەكلىپىنى بەردى، بىزنىڭ چاتما رەسىم تىجارىتىمىز ئاخىرلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىزمۇ كىچىك دۇكانغا بېرىپ خىزمەت قىلمايدىغان بولدۇق. قانداقلا بولمىسۇن، باي دادام ناھايىتى ھاياجانلاندى، چۈنكى ئۇ بىزگە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىتەلەيدىغان بولدى. ئۇ ناھايىتى مەمنۇن ئىدى. چۈنكى بىز بىرىنچى دەرسنى شۇنچە ياخشى ئۆگەندۇق: بىز پۇلنى قانداق قىلىپ ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدۇق. كىچىك دۇكاننىڭ خىزمىتىدىن ھەق ئالالمىغاچقا، تەسەۋۋۇر كۈچىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ پۇل تېپىش پۇرسىتى ئىزدەشكە مەجبۇر بولدۇق. ئۆزىمىزنىڭ چاتما رەسىملىك كۈتۈپخانىسىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق، خوجايىنغا قاراشلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ مالىيەسىنى كونترول قىلدۇق. ئەڭ قالتىس بولغىنى بىزنىڭ سودىمىز بىزنى پۇل تاپقۇزدى، ھەتتا بىز ئۇ يەردە يوق چاغدىمۇ، ئۇ ئوخشاشلا پۇل تاپتى، بىزنىڭ پۇلىمىز بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. باي دادام ئىش ھەققىمىزنى بەرمىگەن بولسىمۇ، بىزگە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بەردى.
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ «باي دادام نامرات دادام» ناملىق كىتابنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

ئەگەر تېخىمۇ كۆپ نادىر كىتابلارنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستى سول تەرەپتىكى 阅读原文 دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!

