搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ قاپقىنىغا دەسسەپ باقتىڭىزمۇ؟
>
خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ قاپقىنىغا دەسسەپ باقتىڭىزمۇ؟
NepKan
2021-11-15
2
导读:ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بەزى «ئېقىم كەچۈرۈم قىلىش» يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدە ئالدامچىلىق گۇمانى مەۋجۇت.
بۇرادەرلەر، سىلەر خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى بېجىرگەندە، قاپقانغا دەسسەپ باقتىڭلارمۇ؟
مەسىلەن، مەلۇم بىر ئىنتايىن مودا بولغان «XX» كارتىسىدا 200 خىلدىن ئارتۇق App نى ئېقىمدىن كەچۈرۈم قىلغان، ھەر ئايلىق ئايلىق ئىجارىسى پەقەت 19 يۈەن!
ئەمما تەشۋىقات بېتىنىڭ ئەڭ ئاستىغا قارىسىڭىز، بىر قۇر كىچىك خەتلىك چۈشەندۈرۈش بار: «يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىچىدە 30GB ئايلىق خاس ئېقىم مىقدارى بار، بۇ App لەرنىڭ ئېقىم مىقدارى 30GB دىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنىلا يۈرۈشلۈك ئېقىم مىقدارى نورمىسىدىن سىرت ئېقىم ھەققى ھېسابلىنىدۇ.» دېگەندەك.
تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، سېتىۋالغاندا ھەر ئايلىقى 19 يۈەن دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ھەر ئايلىق چىقىم بۇ ساندىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن، چۈنكى بۇ كارتىنىڭ ھەقسىز ئېقىم مىقدارى پەقەت بۇ 200 خىل ئەپنىڭ ئېقىم مىقدارىنى كەچۈرۈم قىلغان، ئەگەر بۇ ئەپلەرنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئېلانى، سىن قاتارلىقلار بولسا، يەنە نورمىدىن سىرت ئېقىم مىقدارى ھەققى تۇتىدۇ.
بۇ بىر قىسىم ئېشىپ كەتكەن ئېقىم مىقدارى كۈندىلىك ئىجارە ئېقىم مىقدارى بولۇپ، 1 يۈەن 1GB، كۈچكە ئىگە ۋاقتى پەقەت بىر كۈن، تاڭ سەھەردە بۇ 1GB ئېقىم مىقدارى بىكار قىلىنىپ، ئەتىسى يەنە سېتىۋېلىنىدۇ.
يەنە بىر قاپقان بولسا، ئەگەر شۇ كۈنى بۇ 1GB دىن ئېشىپ كەتسە، يەنە بىر يۈەن ئارتۇق تۇتۇلىدۇ.
بىر قىسىم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنىڭ ئېقىم مىقدارى ھەق تۇتۇش قاپقىنىدىن باشقا، خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ كەڭ بەلباغ + يانفون يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدىمۇ بەزىدە يەنە تولۇپ تاشقان قاپقانلار بار.
تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئىلگىرى كەڭ بەلباغلىق تور بېجىرىش ئۈچۈن يانفون يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇر بولغان، نەتىجىدە ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئېقىم مىقدارى يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تىجارەت زالىغا بارسا، ئىلگىرى مەسلىھەت سورىغاندا مۇلازىمەتچى بۇ خىل مۇلازىمەتلەرنى خالىغان ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ھەق يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، نەتىجىدە كەسىپ بىجىرگۈچى خادىم يەنە ئۇنىڭدىن 158 يۈەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاخىرىدا، بۇ توردىشىمىز يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بېجىرگەندە، 200 يۈەن قاچىلىسا ئاندىن كارتا بېجىرەلەيدىغانلىقىنى، 10 ئايدىن كېيىن كارتىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشكە بارغاندا يەنە 60 يۈەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى ئالىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئۆزى قاچىلىغان 200 يۈەننىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
بىر يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم قاپقانغا دەسسىگەن، بۇ تورداشنىڭ كۆڭلى قاتتىق غەش بولماقتا...
يەنە بىر تورداشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزى بىر كەڭ بەلباغلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى بېجىرگەن، لېكىن خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇلازىمەتچىلىرى ئۆزىگە ئۇقتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭغا «سۆز قالدۇرۇش ياردەمچى» دېگەن ھەق تۆلەش كەسپىنى بېجىرىپ بەرگەن، بۇ تورداش تېلېفون ھەققى تالونىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىشلەتمەيدىغان بۇنداق كەسىپنى ئاچقانلىقىنى بايقاپ، ھەر ئايدا بىكاردىن-بىكار پۇل تۇتۇلغانلىقىنى بىلگەن.
شۇنچە كۆپ قاپقانلار ئالدىدا، بىز ئىستېمالچىلارنىڭ تەسىراتى بويىچە، فەن ۋېينىڭ ھېلىقى سۆزىنى بىۋاسىتە تەتبىقلىساق بولىدۇ، «ئالدىنى ئېلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ!»
بۈگۈن «خەلق گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تېلېگراف تىجارەتچىلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى «ئىسمى-جىسمىغا لايىق بولماسلىق»، سۈنئىي توسالغۇ پەيدا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت، بۇ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بەزى «ئېقىم كەچۈرۈم قىلىش» يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدە ئالدامچىلىق گۇمانى مەۋجۇت. بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ تەشۋىقات تىلى ۋە ھەق ئېلىش تەپسىلىي قائىدىسىدە «سۆز ئويۇنى قىلتىقى» مەۋجۇت، ھەمدە كىچىك خەتلەر ئارقىلىق بەزى چەكلىمىلەر ئېنىق يېزىلىدۇ، ئاتالمىش «ئېقىم مىقدارىنى كەچۈرۈم قىلىش» ئېقىم مىقدارىنى خوراتماسلىق ئەمەس، شۇنداقلا ئېقىم مىقدارىنى كەچۈرۈم قىلىش ھەققىمۇ ئەمەس، بەلكى يانفون پروگراممىسىغا چېتىلىدىغان بەلگىلىك مىقداردىكى «مەخسۇس ئېقىم مىقدارى»نى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئېقىم مىقدارى سەرپىياتى چەكلىك قىممەتتىن ئېشىپ كەتسە، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت نورمىسىدىن سىرت مىقدارى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ.
«خەلق گېزىتى» يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ماركېتىڭ تېلېفونى دائىم «كونا خېرىدارلارغا جاۋاب قايتۇرۇش» قاتارلىق ناملار بىلەن خېرىدارلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى تونۇشتۇرىدۇ، خېرىدارلار مۇلازىمىتى نۇقتىلىق ھالدا يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن سۆزلىشىش ۋاقتى، ئېقىم مىقدارى قاتارلىق جەھەتلەردىكى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تونۇشتۇرىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن خىراجەت قاتارلىق بىر جۈملە سۆزنى ھەتتا تىلغا ئالمايدۇ. بېجىرىش جەريانىمۇ ناھايىتى قولايلىق بولۇپ، پەقەت خېرىدار ئاغزاكى قوشۇلۇش، دەلىللەش نومۇرىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق قەدەم باسقۇچلار بولسىلا، ناھايىتى تېزلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرگىلى بولىدۇ.
يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ئالماشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئاسان، لېكىن خوتنى تۆۋەنلىتىش تەس، سۈنئىي توسالغۇ پەيدا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت.
ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە، پەقەت بىر تېلېفون بىلەنلا بېجىرگىلى بولىدىكەن. ئەمما خوتنى تۆۋەنلەتمەكچى بولسا، ئابونتلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزى تىجارەت زالىغا بېرىپ بېجىرىشى كېرەك ئىكەن.
بەزى ئىستېمالچىلار «توپ تېپىدىغان» ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن، مۇلازىمەتچىنىڭ ئېيتىشىچە، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تىجارەت زالىغا بېرىشقا توغرا كېلىدىكەن، ئەمما تىجارەت زالىغا بارغاندا، كەسپىي خادىملار يەنە ئۆزىنىڭ ھوقۇقى يوقلىقىنى، تېلېفون ئارقىلىق مۇلازىمەت ئىزدىسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
IT ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىشىچە، بەزى ئىستېمالچىلار تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، مۇستەقىل تاللاش ھوقۇقىغا ئاڭلىق ھۆرمەت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارىغان. يەنە بەزى ئىستېمالچىلار ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىستېمالچىلارغا ئەسكەرتىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.
ئىشىنىمەنكى، «خەلق گېزىتى» ۋە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ تەنقىدلىشى بىلەن، ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسىمۇ ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى تونۇپ يېتىدۇ.
ئاخىرىدا، ئەگەر سىز خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت قاپقىنىغا ئۇچراپ قالسىڭىز، قورقماڭ، تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ:
1. ئالدى بىلەن خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەل قىلغىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سوراش؛
2. ئەگەر ھەل بولمىسا، يانفون ياكى كومپىيۇتېردا «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى (工信部)» دېگەن ئۈچ خەت ئارقىلىق ئىزدەپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورىغا كىرىپ:
3. ئۈستىدىكى رەسىمدىكى «بۆلۈم باشلىقى خەت ساندۇقى (
部长信箱
)»نى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇنى چېكىڭ.
4. تېلگىراف ئەرزىنى تاللاپ، سىز ئەرز قىلماقچى بولغان ئىشلارنى كىرگۈزۈپ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.
5. ئەرز مەزمۇنى تولدۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئادەتتە بىر كۈندىن بەش كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى بولىدۇ.
ئۆگىنىپ بولدىڭىزمۇ؟
ئەگەر يازمىمىزدىن نەپ ئالغان بولسىڭىز باشقىلارغىمۇ تەۋسىيەلەپ قويۇشنى ئونۇتماڭ!
مەنبە: IT ئائىلىسى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
----
ئېلان:
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا بۇ فىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.
دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0