大数跨境

نادىر رومان: قوشكېزەكلەر 32-قىسىم

نادىر رومان: قوشكېزەكلەر 32-قىسىم NepKan
2020-11-06
1
导读:ەرگىزە يىغلاپ سالماسلىق ئۈچۈن ئالدىراپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى. ئەخمەت پۇشايمان ئىلكىدە ئۇنىڭ ئار
3-قىسىم
2-قىسىم
1-قىسىم
6-قىسىم
5-قىسىم
4-قىسىم
9-قىسىم
8-قىسىم
7-قىسىم
12-قىسىم
11-قىسىم
10-قىسىم
15-قىسىم
14-قىسىم
13-قىسىم
18-قىسىم
17-قىسىم
16-قىسىم
21-قىسىم
20-قىسىم
19-قىسىم
24-قىسىم
23-قىسىم
22-قىسىم
27-قىسىم
26-قىسىم 25-قىسىم
30-قىسىم 29-قىسىم
28-قىسىم


31-قىسىم
93
-ئىسمىڭىز؟ 
-ئادىلە. 
-كەسپىڭىز؟ 
تەپتىش خادىم ئادىلەنى سوراق قىلىۋاتاتتى. ئادىلە بۇ سوئالغا نىمە دەپ جاۋاب بىرىشىنى بىلمەي قالدى، باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنى ئوغرى دەپ ئاتاشنى توغرا كۆرمىدى. 
-سىزدىن سوراۋاتىمەن، كەسپىڭىز؟-تەپتىش خادىم جىددىي تەلەپپۇزدا سورىدى. 
-بىكارچى. 
-ئۆلگۈچى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭىز بار؟؟ 
-ئۇ ئىلگىرى بىزنىڭ قوشنىمىز ئىدى. 
-ئۆزىڭىزنىڭ ئۆلگۈچىنى ئۆلـتۈرگەنلىكىڭىزنى تەن ئالامسىز؟؟؟ 
ئادىلە بۇ چاغدا ھەممەيلەنگە تەكشى نەزەردە قاراپ چىقتى. سىڭلسى نەرگىزەگە بولسا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن جىلۋە قىلىپ قويدى، ئۇنىڭ يۈرەكلىرى لەختە-لەختە بولۇپ كەتكەنىدى. ھەي رەھىمىسز رىئاللىق، ھەي ئاچچىق ھايات!!!
-شۇنداق. تەن ئالىمەن-ئادىلە كەسكىن ھالدا جاۋاب بەردى، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئاللىقانداق ھەسرەت ئۇچقۇندىلىرى بىلىنىپ تۇراتتى. سوت ئىچىنى جىمجىتلىق قاپلىدى، ھەممەيلەن ئادىلەنىڭ ئاغزىغا قاراپ قېتىپ قېلىشقانىدى. 
-ئۆلگۈچىنى نىمە ئۈچۈن ئۆلتۈردىڭىز؟؟؟ زادى نىمە سەۋەب سىزنى ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى؟؟؟ 
-ئۇ كۈنى سىرتقا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىقىپ كەچكە يېقىن ياتاققا قايتىپ ماڭدىم. تويۇقسىز ئالدىمدا مەمەت پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بېقىۋالغان دادام بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدىم. ئۇ ماڭا دادام بىلەن بىرگە مېنى ئىزدەپ بېيجىڭغا كەلگەنلىكىنى، دادامنىڭ ئېغىر كىسەل بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ دادام بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەمەتكە ئەگىشىپ مېھمانخانىغا كەلدىم. ياتاققا كىرىپ كەلگىنىمدە بولسا ئۇ ماڭا رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى. شۇندىلا ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكىمنى بىلىپ نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم، ئۇ  بارغانسىرى يېقىنلاپ ماڭا چېقىلماقچى بولدى، مەن ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ رەزىل مەقستىگە يىتىش ئۈچۈن يېنىدىن پىچاقنى چىقىرىپ ماڭا تەھدىت سالدى، مەن قاچماقچى بولۇپ ئىشىك تەرەپكە يۈگۈرۋىدىم، ئورۇندۇققا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتۈم. ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقى بىلەن مېنى بېسىۋىلىپ ئۇ يەر-بۇيەرلىرىمنى تۇتۇشقا باشلىدى. بۇ خورلۇقلارغا زادىلا چىداپ بولالماي، غەززەپ بىلەن ئۇنىڭ قولىنى چىشلىۋالدىم. ئۇ ۋايجانلىغىنىچە يېتىپ قالدى، قولىدىكى پىچاقمۇ چۈشۈپ كەتتى. مەن تېزدىن پىچاقنى قولۇمغا ئېلىۋىلىپ ئۆزۈمنى قوغدىماقچى بولدۇم. ئۇ كۆزلىرىدىن قان-ئۇچقۇنلارنى چاچراتقىنىچە ماڭا ئېتىلىپ كەلدى، قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىمدىن كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋىلىپ پىچاقنى ئۇنىڭغا شىلتىدىم. ئويلىمىغان يەردىن پىچاق ئۇنىڭ قورسىقىغا كىرىپ كەتتى، ئۇ قورسىقىنى تۇتقىنىچە يەردە يېتىپ قالدى. مەن بۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان دەقىقىدە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ئۆزۈمنى يوقىتىپلا قويدۇم. ئۇنىڭ قورسىقىدىن قانلار سىرغىپ ئېقىپ چىقىۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا زومىگەرلىك قىلىشىدىن قورقتۇم، ھېچنىمىنى ئويلىماستىن قولۇمدىكى پىچاقنى تاشلىۋىتىپ قېچىپ كەتتىم. مەن ئۇنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىدىم، نەچچە كۈنلەردىن بېرى بۇ ئىشلار كاللامغا كىرىۋىلىپ زادىلا ئارامىمنى قويمىغان، ئالدىنقى كۈنى بىر ئەخمەت ئىسىملىك بالىدىن يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئۆز سىڭلىمنىڭ خاتا ھالدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ قاتتىق ئازابلاندىم. ئاخىرى بۈگۈن ئۆزەمنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، مەمەتنى ئۆلتۈرگەن ھەقىقىي قاتىل دەل مەن...  - ئادىلە يىغلاپ تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى بايان قىلدى. ھەممەيلەن پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىماقتا ئىدى. 
-باش سوتچى ئەپەندىم، جاۋابكار ئۆزىنىڭ مەمەتنى ئۆلتۈرگەن ھەقىقىي قاتىل ئىكەنلىكىنى...  
-ئۇنى ئۆلتۈرگەن ھەقىقىي قاتىل دەل مەن!-ئارقا تەرەپتىن يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىلغان بۇ ئاۋاز تەپتىش خادىمنىڭ سۆزلىرىنى توختىتىپ قويدى. سوتقا قاتنىشىۋاتقان ھەممە كىشىلەر ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاراشتى، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يىغلامسىراپ تۇرغان ئادىلەمۇ بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، قارىدىيۇ، ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي چۆچۈپ كەتتى. پولات كۆزلىرىدىن بىلگىلى بولمايدىغان بىرخىل ئۇچقۇنلارنى چاچراتقىنىچە ئارقا تەرەپتىكى ئۇرۇندا ئۆرە تۇراتتى. سوت ئىچىنى يەنە قالايمىقانچىلىق قاپلىدى. 
-دىققەت، دىققەت!-باش سوتچىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىلغان ئاۋازىدىن كېيىن ھەممەيلەن بۇ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كىتىۋاتقان قاتىللىق ئەنزىسىنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا قىزىقىپ سوتچىلارغا قارىدى. 
-ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟-تەپتىش خادىم پولاتتىن سورىدى. 
-مەن ئادىلەنىڭ بېقىۋالغان دادىسى بولىمەن.-پولات بۇلارنى ئېيتىۋىتىپ ئادىلەگە ناھايىتى بىچارە قىياپەتتە بىر قېتىم قارىۋالدى، ئادىلە ئويلىمىغان يەردىن دادىسىنىڭ بۇنداق دىيىشىنى ھېچ چۈشىنەلمەي بېشى قېتىپ قالغانىدى، شۇ تاپتا ئۇ ھېچنىمىنى ئويلىيالمايۋاتاتتى... 
-مەمەتنى ئۆلتۈرگەن ھەقىقىي قاتىل دەل مەن!-پولات يۇقىرى ئاۋازدا يەنە بىر قېتىم ئېيتتى ،-ئۇ كۈنى مەن مەمەت بىلەن قىزىم ئادىلەنى ئىزدەپ بېيجىڭغا كەلگەن ئىدۇق. كېيىن ئۇ ئايلىنىپ كىرەي دەپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ياتاقتا يالغۇز يېتىپ زىرىكىپ قالغاچقا ئايلىنىپ كىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتتىم. كەچكە يېقىن ياتاققا يېنىپ كىرسەم مەمەت قورسىقىنى تۇتقان ھالدا ئىشىك ئالدىدا يېتىپتۇ. مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەي چۆچۈپ كەتتىم. ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام، ئۇ پەقەت ‹‹ ئادىلە، ئادىلە دىگەن بۇزۇق.....  ئۇ... ›› دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى. مەن قىزىم ئادىلەنىڭ سەۋەبسىزلا ئەخمىقانە ئىش قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئۇنىڭ گىپىدىن ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيتىگە يەتكەندەك بولدۇم. ئۇنىڭدىن قىزىم ئادىلەنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى سورىسام، ئۇ جاۋاب قايتۇرمىدى. مەنمۇ جىلە بولۇپ تۇراتتىم. شۇ ۋاقىتتا ئاچچىقىمنى باسالماي يەردىن پىچاقنى ئېلىپ ئۇنىڭ قورسىقىغا پىچاق كىرىپ كەتكەن يەرگە قايتا كۈچەپ بىرنى تىقىۋەتتىم. ئاندىن مەنمۇ نەرسىلىرىمنى ئېلىپ ياتاقتىن ئايرىلدىم. 
-ھا... ھا... ھا...-تەپتىش خادىم پولاتنىڭ گىپىدىن كېيىن قاتتىق كۈلۈپ كەتتى. ئادىلە پولاتنىڭ دىگەنلىرىنى ھېچ چۈشىنەلمەي ھەم نىمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي كۆزلىرىنى پولاتقا تىككىنىچە قېتىپ قالغانىدى. 
-ئەپەندىم، سىز بىزنى ناھايىتى دۆت، قانۇننى ھېچنىمىگە ئەرزىمەس چاغلاپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟-تەپتىش خادىم كۆزلىرىنى پولاتقا تىكىپ تۇرۇپ كەسكىن ئاۋازدا ،-سىزنىڭ مېھمانخانىغا كىرگەنلىكىڭىزگە، ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭىزگە گۇۋاھ بولىدىغان گۇۋاھچى بولىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەق مەيدان پاكىتلىرى ھەم گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرى ھەقىقىي قاتىلنىڭ دەل ئادىلە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. سىز سوتىمىزنى قالايمىقان قىلماڭ. 
باياتىن بېرى پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات ئەيىبلىگۈچى ئادۇۋكاتنىڭ سۆزىدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ سوتچىدىن سۆز قىلىشقا رۇخسەت ئالدى. 
-ھۆرمەتلىك باش سوتچى، سوتچىلار: ھاياتلىق ھەممە ئادەم ئۈچۈن ناھايىتى قەدىرلىك، كىم بولسۇن بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرسەمكەن دەپ ئويلايدۇ. بىزنىڭ قانۇنىمىز ناھايىتى ئادىلدۇر. جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەر قانۇننىڭ تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئەمما قانۇن ھەرگىز بىر بىگۇناھ ياش قىزنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈپ قويمىسۇن. بۇ كىشى ئۆزىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئىقرار بولۇپ، ئۆز قىلمىشىنى تەن ئېلىۋاتىدۇ. لېكىن بىزنىڭ تەپتىشىمىز ئاللىقانداق سەپسەتىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ سوتىمىزنى قالايمىقان قىلىۋاتىدۇ. مەن بۇ كىشىدىن بىر قانچە سوئاللارنى سورىماقچىمەن. 
-مەن قارشى،-تەپتىش خادىم ئۆزىنىڭ پاسسىپ ئەھۋالدا قېلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرمەكچى بولدى. 
-قارشىلىق ئىناۋەتسىز!-باش سوتچى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى ،-ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات، سوئالىڭىزنى داۋام ئەتسىڭىز بولىدۇ. 
-سىز ئۆزىڭىزنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزگە ئىقرار بولدىڭىز. دىمەك، ئۆزىڭىزنىڭ قانداق جازاغا ھۈكۈم قىلىنىدىغانلىقىڭىزنى ياخشى بىلىسىز، شۇنداقمۇ؟ 
-شۇنداق.....-پولات بېشىنى يىنىك لىڭىشتى. 
-سىن ئالغۇدىكى كۆرنۈشتە سىزنىڭ ياتاققا كىرىپ چىققان كۈرنۈشىڭىز چىقمىغان، بۇنىڭغا نىمە دەيسىز؟؟ 
-مەن... مەن...-پولات ئەمدى نىمە دىيىشىنى بىلمەي دۇدۇقلاپ قالدى، شۇنداقتىمۇ چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشتى. 
-شۇ كۈنى مەن ياتاققا بەك كەچ قايتقان ئىدىم، سىن ئالغۇنىڭ ئىشىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. 
-ياخشى... ياخشى...-ئادۇۋكات مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن سوتتىكىلەرگە بىر قۇر قاراپ چىقىپ،-باش سوتچى، مەن مېھمانخانىنىڭ سىن ئالغۇ كۈرنۈشىنى قايتا بىر تەكشۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىمەن-دېدى. 

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296