大数跨境

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش: قايسى كارخانىلار تىترەۋاتىدۇ؟

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش: قايسى كارخانىلار تىترەۋاتىدۇ؟ NepKan
2021-11-26
1
导读:مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ دەرىجىسى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك قىلىپ ئۆستۈرۈلدى، قايسى كا
مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ دەرىجىسى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك قىلىپ ئۆستۈرۈلدى، قايسى كارخانىلار تىترەۋاتىدۇ؟ 

11-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ، ئېلىمىزنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ھادىسىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 13 يىلدىن ئارتۇق يولغا قويۇلغان «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» چوڭ تۈزىتىشنى كۈتۈۋالدى. 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھە)»گە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىندى. 
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان، مەركەز قاتلىمى كۆپ قېتىم «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، مونوپوللۇققا قارشى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچلىرى تولۇقلىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ نوپۇزى ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېچىلغان مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىدا يەنە «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. 
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەدبىر قوللاندى، ئەلى بابا، مېيتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن سۇپا كارخانىلىرىغا ئېغىر جازا بېرىلدى ياكى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)


يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان دۆلەت مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ قايسى سىگناللارنى قويۇپ بېرىدۇ؟ مونوپوللۇققا قارشى تەكشۈرۈشنىڭ كېيىنكى نىشانى كىم؟ 
بۇ قېتىم دۆلەت مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىشى ئېلىمىزنىڭ مونوپوللۇققا قارشى قانۇن ئىجرا قىلىشتا مەيلى تەشكىلىي ئاپپارات ۋە قاتلام-دەرىجە، ھەتتا ئىختىساسلىقلارنى سەپلەش جەھەتتە بولسۇن، يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىقتىسادىي قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىفېڭ «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بۇ مونوپوللۇققا قارشى قانۇننى ئىجرا قىلىش، جۈملىدىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مونوپوللۇققا قارشى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 
مونوپولىيە قىلىش، رىقابەتنى چەكلەش ۋە ناتوغرا رىقابەت بازار ئىگىلىكىنىڭ چوڭ دۈشمىنى. نۇرغۇن كەسپى زاتلارنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەتنى كۈتىۋالىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ تەھدىت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، مونوپول قىلمىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ تەننەرخى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ، كارخانىلارمۇ مىسلىسىز بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ. 


قايسى كارخانىلار «قارا بوران ئېغىزى»دا تۇرىدۇ؟ 
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» قاتارلىق مونوپوللۇققا چېتىشلىق قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى ھەم 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇنىڭغا 2019-يىلى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى سېتىش سوممىسى 455 مىليارد 712 مىليون يۈەن ئۈچۈن %4 لىك جەرىمانە قويغان بولۇپ، جەرىمانە جەمئىي 18 مىليارد 228 مىليون يۈەن بولدى. 

ئەلى باباغا 18 مىليارد 228 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، مېيتۈەنگە 3 مىليارد 442 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، بۇقا گۇرۇھىغا 290 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى... نۇرغۇن كارخانىغا ئېغىر جازا بېرىلدى ياكى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى، بۇ مونوپوللۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رىقابەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. (بۇ يەرنى بېسىپ «مېيتۈەنگە 3 مىليارد 400 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

ليۇ جىفېڭنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالاقە تورى سۇپىسىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى دېلولار كۆپ يۈز بېرىشىدە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار ئىكەن. ئىلگىرى ئالاقە تورى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن بىرقەدەر ئېھتىياتچان، كەڭ قورساق بولۇش پىرىنسىپى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ۋە كېڭىيىشىگە ئىلھام بېرىلگەن. ئەمما مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە چوڭ سۇپا ياكى دەرىجىدىن تاشقىرى سۇپا بارلىققا كېلىدۇ. كارخانا پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتنى چىقىش قىلىپ، تەرەققىيات جەريانىدا تۆۋەن ئېقىنغا ياكى توغرا يۆنىلىشلىك ئاساسىي گەۋدىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەھەللىلەردە كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، مەجبۇرىي «ئىككىدىن بىرنى تاللاش»، «چوڭ سانلىق مەلۇمات بىلەن تونۇشلۇق بولغاننى قىرقىش (大数据杀熟)» قاتارلىق ئەھۋاللار بارغانسېرى ئومۇملىشىپ، بازار مۇھىتىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى. 


ليۇ جىفېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«ئالاقە تورىنى مونوپول قىلىش مەسىلىسى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ھازىرقى باسقۇچتا دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس، جۇڭگوغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق.» 
نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالاقە تورى، سانلىق مەلۇمات ئىقتىسادىدىكى مونوپوللۇقنى قانداق قېلىپلاشتۇردى، شۇنداقلا ئىزدىنىش جەريانىدا تۇرۇۋاتىدۇ؟ ئومۇمەن ئېيتقاندا، 2018-يىلىدىن ھازىرغىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادقا قارىتا قانۇن چىقىرىش جەھەتتىكى ئىزدىنىش قەدىمى نىسبەتەن چوڭ بولۇپ، ئىككى قانۇن لايىھەسى «رەقەملىك مۇلازىمەت قانۇن لايىھەسى» ۋە «رەقەملىك بازار قانۇن لايىھەسى» ئېلان قىلىندى. گېرمانىيەنىڭ «رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى (GWB)»نىڭ 19-، 20-ماددىلىرىدا بازارنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىدىغان مونوپوللۇق، شۇنداقلا نىسپىي ئەۋزەل ئورۇندىن قالايمىقان پايدىلىنىدىغان مونوپوللۇق مەنئى قىلىنغان. رۇسىيەمۇ تۈزۈش جەريانىنى بېسىۋاتىدۇ. 
ليۇ جىفېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى يەنىلا بەزى خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ ئالاقە تورى ئىقتىسادىغا جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ يېتەرلىك بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تېكىستىدە، پەقەت بىر ئالاھىدە پىرىنسىپلىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، تىجارەتچىلەر سانلىق مەلۇمات، ھېسابلاش ئۇسۇلى، تېخنىكا، سۇپا قائىدىسى قاتارلىقلارنى قالايمىقان ئىشلىتىپ رىقابەتنى چەكلىمەسلىكى كېرەك. لېكىن زادى قايسى قىلمىشلار قالايمىقان ئىشلىتىشكە تەۋە؟ ئۇل خاراكتېرلىك شەرت يەنە نېمە؟ قانداق ئەھۋالدا مونوپوللۇق كېلىشىمى ھاسىل بولىدۇ، قانداق ئەھۋالدا بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش شەكىللىنىدۇ؟ ۋەھاكازالار، بۇ تەپسىلىي قائىدىلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.» 
ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقە تورى ساھەسىدىلا ئەمەس، تېببىي دورا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئالاقە تورى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىمۇ مونوپوللۇققا قارشى دېلولار كۆپلەپ يۈز بەردى. 
بۇ يىل 5-ئايدا، ئامېرىكا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ «The Antitrust Source» ناملىق قەرەللىك ژۇرنىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شۇ چاغدىكى دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ جېنگو بىر گۇرۇپپا قانۇن ئىجرا قىلىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. ئاپپارات ئىسلاھاتىدىن بۇيان، 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 299 دېلونى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان، جەرىمانە سوممىسى 20 مىليارد 368 مىليون يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدە جەمئىي ئۈچ قېتىمدا 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇش تالونى كېسىلدى، يەنى ئۈچ كالتسىي گلۇكونات خام ئەشيا دورىسى سېتىش كارخانىسىغا 325 مىليون يۈەن، شيەنشېڭ دورىگەرلىك گۇرۇھىغا 107 مىليون يۈەن، ياڭزىجياڭ دورىگەرلىكىگە 764 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. 
سۇپا ئىقتىسادى ساھەسىدە، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بۇ يىل 4-ئايدا ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» مونوپول قىلمىشىنى مەجبۇرىي يولغا قويغانلىقىغا 18 مىليارد 228 مىليون يۈەن مەمۇرىي جازا بەردى ھەم ئەلى بابا، تېڭشۈن قاتارلىق سۇپا شىركەتلىرىنىڭ تىجارەتچىلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا توپلىشىغا چېتىشلىق 13 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. 
ھازىرغا قەدەر، گوۋۇيۈەن مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى «بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قوللانمىسى»، «سۇپا ئىقتىسادى ساھەسىدىكى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش كۆرسەتمىسى»، «تىجارەتچىلەرنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىسى كۆرسەتمىسى»، «ئاپتوموبىل كەسپىگە مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى دېلوسىدىكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى تەتبىقلاش كۆرسەتمىسى»، «مونوپول دېلو تىجارەتچىسىنىڭ ۋەدىسى»، «خام ئەشيا، دورا ساھەسىدىكى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش كۆرسەتمىسى» ۋە «كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كۆرسەتمىسى» قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئېلان قىلدى. 
ئۇنداقتا، كېيىنكى قەدەمدە مونوپوللۇققا قارشى قانۇن ئىجرا قىلىش نىشانى قايسى ساھەلەرگە مەركەزلىشىدۇ؟ قايسى كارخانىلار «قارا بوران ئېغىزى»دا تۇرىدۇ؟ 
يېقىندا، گەن لىننىڭ «خەلق گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە «ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، «ئىككىگە قارشى تۇرۇش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن. رەقەملىك ئىقتىساد، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى رىقابەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مونوپول كېلىشىم، بازارنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق مونوپول قىلمىشلار قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق تۇرمۇشى، پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكا، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ مەركەزلىك تەكشۈرۈشى كۈچەيتىلىپ، «بىخنى ئۈزۈۋېتىشچان سېتىۋېلىش (掐尖式并购)»نىڭ ئالدى ئېلىنىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشى، ماس تەرەققىي قىلىشىدەك ياخشى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296