大数跨境

ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش: yuwei كېلەلمىدى...

ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش: yuwei كېلەلمىدى... NepKan
2021-11-14
2
导读:جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى «yuwei» بىلەن ئاھاڭداش بارلىق ئىسىملارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى....
مۇخبىرنىڭ 13-نويابىر نەنچاڭ شەھىرى دۇڭخۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى دۇڭخۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى جاۋابكار سۈن xنىڭ ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىققان ھەمدە سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار سۈن xكە ئىككى ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بەرگەن ھەمدە 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان.


سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە، 2021-يىلى 6-نويابىر سائەت 18دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، سۈن X خىزمەتداشلىرى بىلەن نەنچاڭ شەھىرى دۇڭخۇ رايونى خۇچاڭ يولىدىكى بىر ئاشخانىغا يىغىلىپ تاماق يېگەن، تاماق ئارىلىقىدا سۈن X يېرىم بوتۇلكا ئەتراپىدا قىزىل ھاراق ئىچكەن، يىغىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سۈن X خىزمەتداشلىرى بىلەن پىيادە مېڭىپ مەلۇم KTV غا كېلىپ ناخشا ئېيتقان. سائەت 22دىن ئاشقاندا، سۈن KTV x دىن چىقىپ شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، غالىبىيەت يولى بىلەن مىندې يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا كەلگەندە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى تەرىپىدىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈلگەن. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى سۈن xتىن ئىسپىرتنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىگە پۈۋلەشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن سۈن x ياخشى ماسلاشمىغانلىقتىن تەكشۈرۈشكە 18 مىنۇتقا يېقىن ۋاقىت كەتكەن. تەكشۈرۈشتە ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml 117 چىققان. ئارقىدىن قاتناش ساقچىسى سۈن xنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالدۇرغان. باھالاش ئارقىلىق سۈن xنىڭ قان ئەۋرىشكىسىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ mg/100ml 102.68 ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئۇ 7-نويابىر قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئۆزىنىڭ جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. 8-نويابىر، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى سۈن x كە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللانغان.
سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىغان: جاۋابكار سۈن x ھاراق ئىچىپ ئاممىۋى يولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml 102.68غا يەتكەن، ئۇنىڭ قىلمىشى خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. جاۋابكار سۈن x جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان، شۇڭا ئەھۋالغا قاراپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئەيىبلىگۈچى ئورگاننىڭ جازا ئۆلچەش تەكلىپى مۇۋاپىق بولغان، مەھكىمىمىز قوبۇل قىلىدۇ. جاۋابكار سۈن x نىڭ جىنايەت پاكىتى، خاراكتېرى، قىلمىشى ۋە جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە يۇقىرىقى ھۆكۈم چىقىرىلدى.

بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جاۋابكار سۈن x سوتتا ھۆكۈمگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، نارازىلىق ئەرزى بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىكى خەۋەر

نەچچە كۈن ئىلگىرى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە بىر ئايال شوپۇر ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ماڭغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن، لېكىن ئۇ ئايال قانۇن ئىجرا قىلىشقا ماسلاشمىغان، يەنە كۆپ قېتىم يان تېلېفونىنى ئېلىپ «yuwei» دېگەن بىرىگە تېلېفون قىلماقچى بولغان. نۆۋەتتە ج خ ئورگانلىرى بۇنىڭغا قارىتا جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، بۇ دېلو جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

سۈن x خەلق ساقچىلىرى قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقاندا تىلغا ئالغان «yuwei» (تەلەپپۇزى بويىچە يېزىلىشى) دېگەن ئىسىمغا قارىتا، نەنچاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نەنچاڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى «yuwei» بىلەن ئاھاڭداش بارلىق ئىسىملارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن شەھەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدا «yuwei» دېگەن ئىسىم بىلەن ئاھاڭداش ئالتە خەلق ساقچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۈن x بىلەن تونۇشمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى ئېنىقلاندى. سۈن x نىڭ پۈتكۈل دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانىدا، ھېچقانداق ئادەم ئۇنى سۈرۈشتە قىلمىدى، دېلوغا قول تىقمىدى، ئارىلاشمىدى.
جىنايەت گۇماندارى سۈن x نىڭ دېلودىن كېيىنكى ئىقرارىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ئەمەلىيەتتە «yuwei» ئىسىملىك ئادەمنى تونۇمايدىكەن، لېكىن دۇڭخۇ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىسمىنىڭ يۈ ۋېي ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن (بۇ چاغدا يۈ ۋېي چىڭشەنخۇ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ يۆتكىلىپ كەتكەن بولۇپ، سۈن x بۇنى بىلمەيدىكەن). شۇ چاغدا ئۇ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىك سەۋەبىدىن تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ «yuweiنى چاقىرىڭلار، ئۇ كەلسۇن!» دېگەنىكەن.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
----



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296