大数跨境

شياڭگاڭ لى جياچېڭنىڭ خاس شەھىرىمۇ؟

شياڭگاڭ لى جياچېڭنىڭ خاس شەھىرىمۇ؟ NepKan
2021-10-28
0
导读:بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «شياڭگاڭلىقلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگۈچە، ھەممىسى لى جەمەتىنىڭ قول ئاستىدا قا


سەككىز يىل ئىلگىرى، شياڭگاڭدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى «لى جەمەتىنىڭ شەھىرى» دېگەن ماقالىنى يازغان. 
ـــ لى جياچېڭ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق شەخس، شياڭگاڭ دەل لى جەمەتىنىڭ شەھىرى. ئۇ بىزنىڭ پاناھگاھىمىز، شياڭگاڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇ ياراتقان....

بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «شياڭگاڭلىقلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگۈچە، ھەممىسى لى جەمەتىنىڭ قول ئاستىدا قالىدۇ.» 
لى جياچېڭنىڭ قول ئىلكىدىكى چاڭجياڭ شىركىتى، خېجى-خۇاڭپۇدىن چاڭجياڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كەسپىگىچە بولغان ساھەلەر پۈتكۈل شياڭگاڭغا سىڭىپ كەتكەن. 
ئۇنىڭدىن كېيىن، لى جياچېڭ مال-مۈلكىنى تەلۋىلەرچە سېتىپ، شياڭگاڭ ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن 350 مىليارد يۈەن نەق پۇل يىغىۋالغان.
پۇلنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، لى جياچېڭ ئەنگلىيەنىڭ يېرىمىنى سېتىۋالدى. 
ئەنگلىيەنىڭ 1/4 قىسىم ئېلېكتر كۈچى. 
30% تەبىئىي گاز بازىرى. 
7% لىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە %40 لىك تېلېگراف بازىرى؛ 
ئۈچتىن بىر قىسىم ئەنگلىيە پىرىستانى، 500 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق يەر بايلىقى بار. 

يېرىم ئەنگلىيە، ھەممىسى لى جياچېڭ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. 
ئەنگلىيە پۇقرالىرى بەلكىم: ئەنگلىيە، لى جەمەتىنىڭ «ئىككىنچى شەھىرى» دەپ ماقالە يېزىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. 

1
بۇلتۇر دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى لى جياچېڭنى چوڭ زىيان تارتتى دەپ مەسخىرە قىلغان ئىدى. 
چۈنكى، ئەنگىلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى. 
لېكىن يېرىم ئەنگىلىيەنى سېتىۋالغان لى جياچېڭ، يەنە كۆپ پۇل تاپتى. 
لى جياچېڭ يەنە بىر قېتىم پۇلغا كۆمۈلۈپ كەتتى. 
يېقىندا، گاز قەھەتچىلىكى، ماي قەھەتچىلىكى، توك قەھەتچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر پۈتكۈل ياۋروپانى قاپلىدى. 
ئەنگىلىيەدە توك باھاسى چەكلىمىسى يوق، باھا پۈتۈنلەي بازارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. 


ئەنگىلىيەدە توك باھاسى 10 ھەسسە ئۆرلەپ، 22 يىللىق رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. (بۇ يەرنى چېكىپ «كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈپ نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ» ناملىق يازمىغا قاراڭ!) 
يېرىم يىلدىلا لى جياچېڭ ئەنگىلىيەنىڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسى ساھەسىدىن 30 مىليارد يۇەن پۇل تاپتى. 
ئەنگلىيە پۇقرالىرى يۇقىرى توك باھاسى سەۋەبلىك قاتتىق تىركىشىۋاتقاندا، لى جياچېڭ كۈنىگە 200 مىليون يۈەنگە يېقىن پۇل تېپىۋاتىدۇ. 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل يەر شارى بويىچە دېڭىز تىرانسپورت باھاسى زور دەرىجىدە ئۆستى، لى جياچېڭ بولسا يەنە بىر قېتىم چوڭ پايدا ئالغۇچى ھېسابلىدۇ.
ھازىر يەر شارى بويىچە كېمە تېپىش تەس، جۇڭگودىن ئامېرىكىغا 300 كونتېينېر (集装箱)نى توشۇش ھەققىگە بىر كېمە سېتىۋالغىلى بولىدۇ. 
نۇرغۇن سۇ ترانسپورتى ماگناتلىرىنىڭ پايدىسى نەچچە ئون ھەسسە ئاشتى. 
ئامېرىكا پورتى ھازىر يەنىلا چوڭ تىقىلىپ قېلىش ھالىتىدە تۇرماقتا، بايدېن پورت 007 گە بىۋاسىتە يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. 
ئەنگىلىيەنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم پورتىنى كونترول قىلىۋالغان لى جياچېڭ ناھايىتى كۆپ پۇل تاپتى. 
شياڭگاڭدا قورسىقى تويغان لى جياچېڭ ئەنگلىيەدىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قان شورىدى. 

2. 
ئەمەلىيەتتە، بۇنچە كۆپ پۇل تېپىشقا قارىغاندا، مەن لى جياچېڭنىڭ قېچىش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ قايىل. 
2008-يىلى پاي بازىرىدا نۇرغۇن شياڭگاڭلىق بايلار كۈدىگە ئايلاندى، پەقەت لى جياچېڭلا قۇتۇلۇپ قالدى. 
ئىش تۈگىگەندىن كېيىن، لى جياچېڭ پىشىنى پۇلاڭلىتىپ: «چوققىدىن قېچىشتىكى مەخپىيەتلىك، چوققىغا چىقماسلىق» دېگەن داڭلىق سۆزنى قىلدى. 
بىز لى جياچېڭنىڭ 2013-يىلى باشلانغان دۇنكىرك چوڭ چېكىنىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ باقايلى. 

رەسىم مەنبەسى: ئەتىگەنلىك قاراۋۇل تەتقىقات بۆلۈمى 

2013-يىلى 10-ئايدا، لى جياچېڭ شەرق پېرېۋوت مەركىزىنى قاتناش بانكىسىغا سېتىپ بەرگەن. 
2015-يىلى 9-ئايدا، چاڭجياڭ كەسپى بىلەن خېجى-خۇاڭفۇ قايتا تەشكىللىنىپ بىرلەشتۈرۈلۈپ، چاڭجياڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كەسپى بىرلەشتۈرۈلۈپ، پاي بازىرىدىن چېكىندۈرۈلۈپ، لى جەمەتىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان بارلىق كارخانا مۈلكى چەت ئەل مۈلكىگە ئۆزگەرتىلدى. 
ئەينى ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى بىر ئەخمەق دەپ قاراشقان ئىدى. 
چۈنكى، 2013-يىلىدىن كېيىنكى ئۆي باھاسى سىجىل ئۆسۈۋاتقان ئىدى.
لېكىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لى جياچېڭنىڭ: «مەن ئەڭ ئاخىرقى بىر يارماققا كۆز تىكمەيمەن!» دېگىنىنى ئۇنتۇپ قالغانىدى. 
كېيىنكى ئىشلارنى كۆپچىلىك ئېنىق بىلىدۇ. 

ئۈچ قىزىل سىزىق ۋە ئىككى يۇقىرى چەك بازارنى قايتىدىن تەڭشىدى.
بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئاساسەن ياخشى ئەمەس (خېڭدا ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر.) 

شۈ جيايىن ھەر تەرەپكە چېپىپ ئادەم ئىزدەۋاتقاندا، لى جياچېڭ قىلچە قىينالمايلا شياڭگاڭنىڭ بىر پارچە ئالتۇن يېرىنى، يەنە چېڭدۇ بىلەن شاڭخەيدىن ئىككى پارچە يەر سېتىۋالدى.
ھەتتا، يېڭى ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سالىدىغانغا يېتەرلىك نەق پۇلمۇ بار. 
300 مىليون مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەن ۋېيما ئاپتوموبىلى. 
لى جياچېڭ يەنە دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىگە قاتناشتى. 
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يەر كېڭەيتىشكە ئامالسىز قالغاندا، ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن نەق پۇل بار ئىدى. 
پىشۋا دېگەن ھامان پىشۋا دە!


لى جياچېڭ پەقەت «ئىلكىدە يېتەرلىك پۇل بولسىلا، جاڭگالدا شورپا!» دېگەن بىر جۈملە سۆزنىلا قىلاتتى. 
ئەنگلىيە، ئۇنىڭ نەق پۇل سېغىن كالىسى. 
ئۇ يەنە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پىشاڭدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتى. 
نېمىلا دېگەن بىلەن، ئۆي-مۈلۈكچىلىك مەشغۇلاتىدا سىز لى جياچېڭ بىلەن نەيرەڭ ئوينايمەن دەيدىكەنسىز، ھەقىقەتەن بەك نادانلىق قىلغان بولىسىز. 
ئىچكىرىدىكى بىر ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى يالىڭاچلىنىپ قالغاندا، لى جياچېڭ ئاللىبۇرۇن قىرغاققا چىقىپ بولغان ئىدى. 


ئەينى يىلى، لى جياچېڭ بىرىنچى باي بولغان چاغدا، ما يۈن، ۋاڭ جيەنلىنلەر تېخىچە ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ئىدى. 
بەزىلەر، لى جياچېڭ ئاللىقاچان بىرىنچى باي ئەمەسقۇ؟ دېيىشىدۇ. 
ئەمەلىيەتتە، سىز لى جياچېڭنىڭ مال-مۈلكىنى بەك تۆۋەن چاغلاپ قاپسىز. 
ھازىرقى بازار قىممىتى ئاران 199 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، 200 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىغا يەتمەيدۇ. 
ئەمەلىيەتتە، چاڭجىياڭ-خېجىنىڭ نەق پۇل زاپىسى 155 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. 
پەقەت نەق پۇل زاپىسىلا بازار قىممىتىگە يېتىشىۋالغان. 
چاڭجىياڭ-خېجىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي مۈلكى 1 تىرىليون 250 مىليارد يۈەن، ساپ مۈلكىمۇ 600 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. 
مۇنداقچە ئېيتقاندا، بازار قىممىتى شىركەتنىڭ ساپ مۈلكىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن. 
چاڭجىياڭ-خېجىنىڭ بۇ يىلقى پايدىسى 40 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بازار پايدا نىسبىتى 5 ھەسسىگە يەتمەيدۇ، دېيىلگەن. 
شىركەت قىممىتى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلەنگەنلىكتىن، لى جياچېڭ شىركەتنى تۆۋەن باھادا خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان. 
ئۇ ھەر يىلى شىركەتتىن غايەت زور پايدىغا ئېرىشىدۇ، ئاندىن ئالغان پايدىسى ئارقىلىق تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن پاي چېكىنى سېتىۋالىدۇ. 
بۈگۈنكى كۈندە، لى جياچېڭنىڭ چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىكى گۇرۇھىدىكى پېيى %90 تىن ئېشىپ، شىركەتنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشقا ئازلا قالدى. 
ئەگەر لى جياچېڭ چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خۇسۇسىيلاشتۇرالىسا، 600 مىليارد يۈەن كىرىم قىلالايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە لى جياچېڭنىڭ چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىكىدىكى 300 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ساپ مۈلكى بىر تىرىليون شياڭگاڭ پۇلىغا يېقىنلىشىدۇ. 
باشقىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشى بايلىقىنى چوڭايتقانلىق، ئەمما لى جياچېڭ بازاردىن پايدىلىنىپ بايلىقىنى يوشۇرىدۇ. 
بۇ، ئۇنىڭ شەخسىي مەبلەغ سېلىش فوندى تېخى ھېسابلاپقا كىرگۈزۈلمىگىنى. 


3. 
چوڭ قۇرۇقلۇقتىن مەبلىغىنى تارتىپ چىكەتكەندە، بىز بەك غەزەپلەندۇق. 
لى جياچېڭ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەقەت پايدا ئېلىشىم كېرەك.» 
تېخىمۇ غەزەپلەنگىنى شياڭگاڭ پۇقرالىرى ئىدى. 
چۈنكى، سانسىزلىغان شياڭگاڭلىقلارنىڭ نەزىرىدە، ئۇ بىر قوللۇق باي-نامراتلىق پەرقىنى چوڭايتقان ئىدى. 
لى جياچېڭ، نېمە ئىشلارنى قىلدى؟ 
10 كۇۋادرات مىتېرغىمۇ يەتمەيدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كىچىك ئۆي شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يارمىقىنىمۇ بوش قويمىغان ئىدى.
لى جياچېڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئارقىلىق شياڭگاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، پىرىستان، تېلېگراف قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنى كونترول قىلدى. 
بۇلارنىڭ ھەممىسى شياڭگاڭ پۇقرالىرىنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. 
بۇلارنى مونوپول قىلىۋالغان لى جياچېڭ بارا-بارا شياڭگاڭ پۇقرالىرىنىڭ ھەميانىنى قۇرۇقداپ بولدى. 


بىراق نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆي باھاسى ئۆسۈپ، كىرىمىمىز ئۆسمىدى، ئەمما لى جەمەتى شياڭگاڭنىڭ پۈتكۈل ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى مونوپول قىلىۋالدى. 
قانداقمۇ خەلقنىڭ نارازىلىقى قوزغالماي تۇرالىسۇن؟ 


لى جەمەتى ئىزچىل 7 مىليون شياڭگاڭلىقنىڭ قېنىنى شوراپ كېلىۋاتىدۇ. 
تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىلىش ياشلارنىڭ كەلگۈسىنى نابۇت قىلدى. 
ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، شياڭگاڭدا يەرلىك ئالاقە تورى كارخانىسى يوق. 
ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، جۇڭگو ئۆزىكىنىڭ ئاتىسى جاڭ رۇجىڭ قوغلاپ چىقىرىلدى. 
ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، شياڭگاڭدا پەقەت پۇل مۇئامىلە كەسپىلا پۇت دەسسەپ تۇرالىدى. 
زىيادە پۇل مۇئامىلىلەشتۈرۈش، جەمئىيەتتىكى باي-نامراتلىق پەرقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. 
ئەمما، لى جياچېڭ بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: «مەن بىر سودىگەر، كۆپچىلىكنىڭ ماڭا كەلسە-كەلمەس قالپاق كىيدۈرۈپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.» 
توغرا، لى جياچېڭ پەقەت سودىگەر بولۇپ، پايدىنىلا قوغلىشىدۇ.
لى گۇاڭياۋ ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەرگەنىدى: لى جياچېڭ پەقەت بىر ھايانكەش بولۇپ، پايدىنى كۆزلەشتىن باشقىنى قىلمايدۇ. 
لى جياچېڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەيەردە پايدا بولسا، ئۇ شۇ يەرگە باراتتى. 
سودىگەر سودىنىڭلا پېيىدا بولىدۇ. 
سودىگەر يۈزسىز بولسا بولىدۇ، لېكىن پايدا ئالمىسا بولمايدۇ. 


ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى لى جياچېڭنىڭ سودا تاللىشىنى تىزگىنلىمەكتە ئىدى. 
بۈگۈنكى كۈندە، قان شورىغۇچى بۇ كاپىتالىست يەنە قايتىپ كەلدى. 
بىز قارشى ئېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ 
كاپىتالنىڭ پايدا قوغلىشىشىدا، مەسىلە يوق. 
لېكىن خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشنى بىلمەيدىغان كاپىتال ئەڭ چوڭ مەسىلىدۇر.
مەنبە: مى قورۇسى چەتئەلدە سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
------------
سىزگە ئالاھىدە نەپ بېرىدىغان تىللالىق يازمىلار (تېمىنى چەكسىڭىزلا بەت ئاتلايدۇ!):

بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!



1. تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
2. باج سوممىسى ئاران 750 دوللار بولغان تىرامپ باجدىن قانداق قاچىدۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
3. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
4. ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
5. لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
6. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
7. ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
8. پۈتۈن يەر شارى بىر مەيدان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلدى (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
9. خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
10. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
11. نېمە ئۈچۈن توك ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلىدۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
12. ئەرلەرنىڭ نۇر ھالقىسى ۋە قوتاندا بېقىش (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
13. ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
14. خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
15. بايلارنىڭ ھالاكىتى (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
16. خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
17. توك چەكلەش ئويۇنى (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
18. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
19 . ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
20. ھەممە ئادەم قەھرىمان (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
21. شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
22. ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
23. ئەلى بابانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىمپېرىيەسى چۈشى بەربات بولامدۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
24. مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
25. دوۋيىن تور چولپىنى قانداق تاۋلىنىدۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
26. كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
27. كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
28. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
29. پۇلدارلارنى ئىئانە قىلىشقا زورلاش ياخشى ئىش ئەمەس (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
30. يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
31. «جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى» دېگەن نېمە؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
32. قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
33. دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ پۇقرالار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
34. جوبىس ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى: ئۇنىڭ 10 خىل ئۆزگىچە تەپەككۇرى (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
35. ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىمەنىلىك ۋە كاپىتال ئەركىنلىكى (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
36. 100 مىڭ ئوقۇغۇچى چىقسىمۇ بولىۋېرىدۇ... (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
37. ليەنشياڭ شىركىتى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا تىل ئىمبارگۇسىغا ئۇچرايدۇ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
38. يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
39. ئىچكى يۆگىمىلىشىش يۈزلىنىشى: ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ناچار دەۋر (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
40. خېڭدا كىرىزىسى ھالقىلىق پەيتكە كەلدى (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
41. كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈپ نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ  (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
42. مەركىزى بانكا نېمە ئۈچۈن 1 ھەپتىدە 2 قېتىم خېڭدانى تىلغا ئالىدۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
43. تەيجىدىيەن ۋە سامسۇڭ نېمىشقا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا پېتىنالايدۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
44. نېمىشقا ئاق ھاراقنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
45. بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش» (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
46. ئاق ھاراق پېيىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى نېمە ئۈچۈن؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
47. ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
48. بەزى ئىشلارنى كۆپ قىسىم كىشىلەر قىلالمايدۇ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
49. قوش كېمەيتىش ۋە مائارىپنى كاپىتالسىزلاشتۇرغاندىن كېيىنكى يۆنىلىش (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
50. ئۆي مۈلۈك بېجىنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىش كېرەك؟ (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
51. كىرىزىستىكى خېڭدا نېمىشقا بۇ 20 مىلياردلىق سودىنى بۇزۇۋېتىدۇ؟  (تېمىنى چېكىپ كۆرۈڭ!)

ئەسكەرتىش:
يۇقىرىقى يازمىلارنىڭ بەزىلىرى ھەقلىق يازمىلار بولۇپ، ئەگەر بىۋاسىتە سالوندىن كۆرسىڭىز بەلكىم چىقىمىڭىز سەل ئارتىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئەگەر يۇقىرىدىكى يازمىلارغا ھەقىقەتەن قىزىقسىڭىز، سىزنىڭ يەنىلا نەپبىلوگىنىڭ ئايلىق كارتىسىنى سېتىۋېلىش شەكلىدە پايدىلىنىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى نەپبىلوگىنىڭ ھازىرقى ئېتىبارلىق ئايلىق كارتىسى ئاران 29.9 يۈەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر نەپبىلوگىدا ئېلان قىلىنغان 100 پارچىدىن ئارتۇق يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە يازمىلاردىن بىر ئاي ئىچىدە خالىغانچە ھەقسىز پايدىلىنالايسىز!


ئالاھىدە سەمىڭىزگە سېلىپ قويىدىغىنىمىز، سالونغا قارىغان نەپبىلوگ نىسبەتەن جانلىقلىققا ئىگە بولغاچقا، ئادەتتە كۆپىنچە يازمىلار ئالدى بىلەن نەپبىلوگىدا ئېلان قىلىنىدۇ، شۇڭا يازمىلاردىن تېخىمۇ بالدۇر پايدىلىنىش ئىمكانىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ نەپبىلوگى ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ!

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296