搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
بەخت ئەينىكى (نادىر ھېكايىلەر توپلىمى): بۇمۇ بىزنىڭ ھېكايىمىز
>
بەخت ئەينىكى (نادىر ھېكايىلەر توپلىمى): بۇمۇ بىزنىڭ ھېكايىمىز
NepKan
2020-09-19
2
导读:بەخت ئەينىكى : «بۇمۇ بىزنىڭ ھېكايىمىز»قەلەمدە: قاغجىرى
بەخت ئەينىكى : «بۇمۇ بىزنىڭ ھېكايىمىز»
قەلەمدە: قاغجىرىغان يۇلغۇن
بۇ مېنىڭ ھېكايىغا بولغان قارىشىمغا ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەرلەر توپلىمى بولۇپ، ئەسلىدىن ھېكايىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ چوڭ خاتالىققا يول قويغانلىقىمدىن پۇشايمىنىمغا دورا ئىزدەشكە مەجبۇرى بولدۇم. (تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ «بۇمۇ بىزنىڭ ھېكايىمىز» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى ئوقۇڭ!)
مەزكۇر «بۇمۇ بىزنىڭ ھېكايىمىز» ناملىق توپلامنىڭ ئاپتورى كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق يازىدۇ:
بۈگۈنگە قەدەر ئائىلە ھەققىدە نۇرغۇن كىتابلار يېزىلدى. ئۇنى «مۇقەددەس» دەپ ئاسمانغا چىقارغانلار بولدى، ئۇنى «مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى» دەپ يەرگە ئۇرغانلارمۇ بولدى، يەنە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ساۋاقلارغا ئېرىشكەنلەرمۇ بولدى.
مەن ئۇنىڭ ھېكايىسىنى يېزىشنى ئويلىدىم.
«نېمىشقا ھېكايە يازىسىز؟» دېسەڭلار، بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرەي: مەن ھېكايىلەرنىڭ كۈچىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىمەن. ھېكايىلەر، ھېسلارنى ئەقىل ئىشلىتىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىشىنىمەنكى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا يېزىلغان بۇ ھېكايىلەردىن نۇرغۇن كىشى ئۆز ھاياتىنىڭ بىر كارتىنىسىنى تاپالايدۇ. يازغانلىرىمنىڭ دەرد-ھەسرەتلىرى بىلەن، ئەپچىل چارىلىرى بىلەن ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان ھېكايىلەر بولۇشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم.
بۇ كىتابتىكى ھېكايىلەردە ماددىي قىيىنچىلىقلار، پىداكارلىقلار، چوڭ ۋەقەلەر يوق. چۈنكى مەن يانغىننىڭ ئەمەس، شۇ يانغىنغا سەۋەب بولغان ئوت ئۇچقۇننىڭ ھېكايىسىنى يازدىم. گۈلنىڭ ئەمەس، شۇ گۈلنى يېتىشتۈرگەن سۇنىڭ ھېكايىسىنى يازدىم. ئۈمىدكى ئۇلار يۈرىكىڭلارغا بارغۇسى...
ئەمەلىيەتتە، ھەممىمىزنىڭ ھاياتى كىچىك ھېكايىلەردىن تەركىب تاپقان بىر روماندۇر. ئىشىنىمەنكى، كىتابتىكى ھېكايىلەردىن ئۆزىڭىزنىڭ سېماسىنى تاپىسىز، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ھاياتتىن ئېلىنغان ئۆرنەكلەر ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. ئۇلاردىن بەزىلىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭىزغا ئەينەك بولسا، بەزىلىرى مۇھەببىتىڭىزنى ئاشۇرۇشقا شوتا بولىدۇ. بەزىلىرى كۈلدۈرسە، بەزىلىرى يىغلىتىدۇ.
بۇنى قانداق بىلىسىز دەمسىز؟ چۈنكى يۈرەكتىن چىققان نەرسىلەر يۈرەككە بارىدۇ. بۇ كىچىك ھېكايىلەرنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ھايات ھېكايىلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى تىلەيمەن.
ھېكايىلەرنى يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم. پۈتۈن سەمىمىيىتى بىلەن ھېسلىرىنى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى مەن بىلەن ئورتاقلاشقان، ھېكايىلەرنىڭ نامسىز قەھرىمانلىرىغا چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن.
—-ئاپتوردىن
بۇ توپلام مېنى «ھېكايىنىڭ كۈچى» ھەققىدە ئويلىنىشقا، تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندىدى. ھېكايىنىڭ كۈچى ھەققىدە سۆزلەپ باقسام، مېنىڭچە ھېكايە:
ئالدى بىلەن يېزىقنى ۋاسىتە، ئۇنىڭدىن قالسا ۋەقەلىكنى شەكىل، ئاخىرىدا ئاپتورنىڭ تەپەككۇرىنى روھ قىلغان بىر خىل سەنئەت شەكلىدۇر.
مەن ئىلگىرى ھېكايىنىڭ ھەجىمى كىچىك، ئادەمگە رومان ياكى پوۋىستتەك زوق ئاتا قىلالمايدۇ، ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيەنى تولۇق ئىپادىلەپ چىقارغىلى بولمايدۇ دەپ قارايتتىم، ئەمما بۇ قېتىم «بۇمۇ بىزنىڭ ھېكايىمىز»نى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ چولتا ئويلاپ قالغانلىقىمنى، ئەسلىدە ھېكايىنىڭمۇ ئۆزگىچە ئىپادىلەش كۈچى بار، ئىدىيەنى جايىدا ناھايىتى جانلىق ئىپادىلەپ چىقارغىلى بولىدىغان ژانىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.
ئىلگىرى تور تەرەققىي قىلماستا، پەقەت سانى چەكلىك ژۇرنال ياكى كىتابلاردىنلا ھېكايە ئوقۇش پۇرسىتىمىز بولاتتى، ئەمما ھازىر تورنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەسەر ئېلان قىلىش قولايلاشتى، ئەلۋەتتە، نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇشمۇ قولايلاشتى. قولىمىزدا تورغا چىققىلى بولىدىغان ئەقلىي يانفون بولسىلا، ژۇرنال ۋە كىتاب سېتىۋېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، يانفوندىلا ئېسىل ئەسەرلەردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنالايدىغان بولدۇق. ئەلۋەتتە، بۇ خىل قولايلىقلىشىشنىڭ كەينىدە يەنە «ياخشى ئەسەرنى ئىلغاش»قا بولغان ئېنىرگىيە سەرپىياتىمىز تېخىمۇ ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەسەر ئېلان قىلىشنىڭ قولايلىقلىشىشى نەتىجىسىدە، ساۋادى بارلىكى ئادەم، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا كومپيۇتېر (ياكى تېلېفوندا) خەت باسالايدىغانلىكى ئادەم «يازغۇچى» بولۇپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، نادىر ئەسەرلەرنى ئىزدەپ تاپمىقىمىز تەسكە توختاپ، كۆپ ۋاقتىمىز بىر قىسىم سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدىغان «ئەسەرلەر»گە سەرپ بولۇپ، زېھنىمىزنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىپ، ۋۇجۇدىمىزنى ھارغىنلاشتۇرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن «ئەسەر»لەردىن يىرگىنىدىغان ھالەتكە بېرىپ يەتمەكتىمىز.
قولايلىق شارائىتنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەرخىل ئەسەر دېسەك ھەقىقىي ئەسەرگە ئۇۋال قىلىپ قويىدىغان «ئەخلەت ئەسەر»لەر بىزنىڭ ئەدەبىي زوق ھۈجەيرىلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەدەبىياتنىڭ بۇ مۇنبەت تۇپرىقىغا پېتىغداپ كىرىپ، ئوقۇرمەننى ئەدەبىي ئەسەردىن سەسكەندۈرۈپ، زوق تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرمەكتە. ھەر خىل «ئەخلەق ئەسەر»لەرنىڭ پېتىغداپ چەيلىشى بىلەن، ياخشى ئەسەرلەر بىر بولسا ئېلان قىلىنمايدۇ ياكى قاڭسىق مۇھىتتا پۇت دەسسەپ تۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.
چۈنكى «ئەخلەت ئەسەر»لەرنى يېزىپ چىقىش كۆپ زېھىن كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلماسلىقى ئېنىق، ئەمما تۇز تەمى جايىدا، كىشىگە زوق ئاتا قىلالايدىغان نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا ناھايىتى زور بەدەل كېتىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن، تور دۇنياسىنى ئاتالمىش ھەقسىز «ئەخلەت ئەسەر»لەر ئىگىلەپ كەتكەندە، نادىر ئەسەرلەر ھەقسىز ئېلان قىلىنىشتەك بۇنداق كەلمىشكە سۈكۈت قىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر بولسا بىراقلا ئېلان قىلىنماي، يازغۇچىنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا بېسىلىپ ياتىدۇ، مۇۋاپىق باھادا ھەقلىق تۈستە ئېلان قىلىنغانلىرى بولسا «ئەخلەت ئەسەر»لەردىن سەسكىنىپ زوق تۇيغۇسى ئېغىر زەخمىلىنىپ، ئەسەرگە ھەق تۆلەپ ئوقۇش (ئىلگىرىمۇ ژۇرنال كىتابلارنى پۇلغا سېتىۋېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەر) ئىستىكى يوقالغانلىقتىن، يەنىلا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەي، ئاخىرى ئۆلۈك ئايلانما شەكىللىنىپ، نادىر ئەسەر بىلەن ئەدەبىيات ئىستېمالچىلىرى ئۈزۈلۈپ كېتىش، يىراقلىشىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
بىز ھازىر دەل مۇشۇنداق «ئۈزۈلۈپ كېتىش»، «يىراقلىشىش» ھالىتىدە تۇرىۋاتىمىز. بۇ خىل ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلمەيدىكەن، بۇنىڭ كەلگۈسى ئاقىۋىتىنى شەخسەن مەن ئويلاشتىن قورقىمەن. بىز قانداق قىلغاندا، بۇ خىل «ئۈزۈلۈپ كېتىش» ياكى «يىراقلىشىش» ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىپ، بۇ خىل يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشنى چەكلىيەلەيمىز؟
مېنىڭچە، بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك بولۇشى مۇمكىن.
ئالدى بىلەن، ياخشى ئەسەرنى بايقىغان ئوقۇرمەن شۇ ئەسەردىن ئالغان تەسىراتىنى يېزىشتىن باش تارتماي، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى ئەسەر ۋە «ئەخلەت ئەسەر»لەرنى پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى، ياخشى ئەسەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن، ئوقۇرمەنلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شۇ ئوقۇرمەننىڭ ئۆزىنىڭ داۋاملىق نادىر ئەسەرلەردىن ئوزۇقلىنىشىغا سېلىنغان ئاساس بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ياخشى ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشسە ۋە ئوقۇرمەنلەر ياخشى ئەسەر ئۈچۈن ھەق تۆلەشكە بىخىللىق قىلمىسا، ياخشى ئەسەر يازغۇچى ئاپتورلارنىڭمۇ تۆلىگەن بەدىلى جاۋابسىز قالمايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ داۋاملىق تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئوقۇرمەنلەر ئىلمىي مۇنازىرە پۇرسىتى يارىتىلىپ، ياخشى ئەسەرلەر ھەققىدە ئىلمىي مۇنازىرىلەر بولسا، ياخشى ئەسەرلەرنى ھەر خىل نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، ئوخشىمىغان تەپەككۇر يۆنىلىشى بويىچە تەھلىل قىلىپ ھەزىم قىلغاندا، ھەر بىر ئوقۇرمەن شۇ ئەسەردىن ئېرىشىدىغان مەنىۋىي ئوزۇقى تېخىمۇ مول بولىدۇ.
ياخشى ھېكايىلەرنى ئادەم قانچە ئوقۇسىمۇ زېرىكمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ دېگەندە، ھېكايىنىڭ ئېسىللىكىدىن باشقا، ئۇنىڭدا قايتا-قايتا ھېس قىلغىلى بولىدىغان روھ بولغاچقا، بۇ روھ بەلكىم ئاپتورنىڭ تەپەككۇرى بولۇشى، شۇنداقلا ھېكايىدىكى دۇنيا، پېرسوناژلار بولۇشى مۇمكىن؛ نۇرغۇن كىشىلەر ھېكايە ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەلكىم رومان ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
ھېكايىنىڭ سېھرىي كۈچى ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇ يەردە بولۇپ، ئۇ قەلەم ئارقىلىق، بىر دۆۋە يېزىقنى تەشكىللەپ، بۇ بىر دۆۋە يېزىق ئارقىلىق سىزگە ياكى چوڭ ياكى كىچىك، ياكى ھەقىقىي ياكى خىيالىي، ياكى قايناق ھېسسىيات ياكى تىنچ، ياكى قايغۇلۇق ۋە ياكى ئىللىق دۇنيانى، شۇنداقلا بۇ دۇنيادىكى بىر قىسىم كىشىلەر، بەزى ئىشلارنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
سىز ئاپتورنىڭ يېتەكلىشى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش شەكلىدە ياكى بىر چەتتە قاراپ تۇرۇش نۇقتىسىدىن بۇ دۇنيانى، بۇ ھاياتنى ھېس قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، شۇ ھېكايىنىڭ ئۆزىدىن باشقا، يەنە سىزنىڭ بۇ ھېكايىگە بولغان تەپەككۇرىڭىز، بۇ دۇنياغا بولغان تەپەككۇرىڭىز، بۇ ئادەم ياكى ئىشلارغا بولغان ئويلىنىشىڭىز بولىدۇ. ھېكايە كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلغاچقا، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ؛
چۈنكى ئەدەبىي ئەسەر سەنئەتنى سۆڭەك قىلغاچقا، ئادەم تەپەككۇر قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ، نادىر ھېكايىلەر توپلىمى «بۇمۇ بىزنىڭ ھېكايىمىز»نى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296