大数跨境

پۇل پاخاللىقى يېتىپ كەلدى: ھىندىستانلىقلار ئېغىر كۈندە قالدى

پۇل پاخاللىقى يېتىپ كەلدى: ھىندىستانلىقلار ئېغىر كۈندە قالدى NepKan
2021-11-14
2
导读:قائىدە بويىچە ئېيتقاندا ھىندىستاندا يېمەكلىك مول بولۇشى كېرەك، ئۇنداقتا بۇ قېتىم يەنە قانداق مەسىلە


پانۇس بايرىمى ھىندىستاندىكى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بايرام، شۇنداقلا ھىندىستان ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ «قوش 11» بايرىمى دەپ تەرىپلىنىدۇ. 
لېكىن، بۇ يىلقى ھىندىستانلىقلار بۇنىڭدىن خۇشال بولالمىدى. كۆمۈر، توك كەمچىل بولغاندىن كېيىن، ھىندىستانلىقلار يەنە بىر قېتىم يېمەكلىك باھاسى ئۆسۈشتەك ئىجتىمائىي مەسىلىگە دۇچ كەلدى.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمىگە ئىگە ھىندىستان، يەنە بۇ زور مىقداردىكى مول ئەمگەك كۈچىگىمۇ ئىگە، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا ھىندىستاندا يېمەكلىك مول بولۇشى كېرەك، ئۇنداقتا بۇ قېتىم يەنە قانداق مەسىلە يۈز بەردى؟ 


بىرىنچى، ھەممە نەرسە قىممەت بولۇش
ھىندىستان ئېغىر دەرىجىدىكى يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە دۇچ كەلدى. 
دېھلى بازىرىدىكى شوخلىنىڭ سېتىلىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 25-30 رۇپىيەدىن 60 رۇپىيەگە ئۆرلىدى. بەرەڭگە، تۇرۇپ، پىدىگەن قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ باھاسىمۇ بىر ھەسسىدىن بىر يېرىم ھەسسىگىچە ئۆستى. 
9-ئايدىن بۇيان، ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى %4.35 كە چۈشتى. 
نەچچە ئايدىن بۇيان، يېمەكلىك باھاسى ئۆسۈپ كەتكەچكە، ھىندىستاننىڭ ئىستېمال باھاسى بويىچە مۆلچەرلىگەن پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ٪6 تىن يۇقىرى بولدى. 
يېمەكلىك باھاسى ئۆسۈپلا قالماي، پولات-تۆمۈر ۋە مىس قاتارلىق مېتاللارنىڭ باھاسىمۇ ئۆسۈپ، مېتال بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئاشۇرىۋەتتى، شۇڭا ئۆتكەن تۆت ئايدىن بەش ئايغىچە، كىشىلەر كۈندىلىك ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن قازان-قومۇچ، ھەتتا لامپۇچكىلارنىڭ باھاسى ٪15 تىن ٪20 كىچە ئۆستى. 


10-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى تەخمىنەن 1 مىليارد ھىندى دىنى مۇرتلىرى پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ. 
پانۇس بايرىمى بۇ يىل 11-ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئەڭ بېسىق پەسلى، ھىندىستان نۇسخىسىدىكى «قوش 11» بايرىمى دېيىشكە بولىدۇ. ساليوت ۋە ھەر خىل بايراملاردىكى چىراغلار قاراڭغۇ كېچىنى يورۇتىدۇ، لېكىن بۇ يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ھىندىستاندىكى ئائىلىلەر كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكنى تېجەپ، بىر قېتىملىق مۈشكۈل پانۇس بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. 
Axis My India نىڭ 10-ئايدا ئېلان قىلغان ئىستېمالچىلارنىڭ چىقىم يۈزلىنىشى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە %88تىن ئارتۇق زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ بايرام پەسلىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ، تېلېۋىزور، كىرئالغۇ ياكى ئۈنچە-مەرۋايىت سېتىۋالمايدىكەن، يېرىمغا يېقىن ئادەم پەقەت كىيىم-كېچەك قاتارلىق تۆۋەن باھالىق تاۋارلارنىلا سېتىۋالالايدىكەن. 
مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ھىندىستانلىقلارنى ئىستېمال دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر قىلدى. توپ سېتىش باھاسىنى ئاساس قىلغان يىللىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئۇدا ئالتە ئاي ئىككى خانىلىق سان بويىچە داۋاملاشتى، بۇ ھىندىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 
ھىندىستاندا يۇقۇم ئەھۋالى تەكرارلىنىپ، ئىقتىساد تۆۋەنلەپ، كىرىم تۆۋەنلەپ، نۇرغۇن ھىندىستانلىقلار ئاپتوموبىل سېتىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. 

بۇ قېتىمقى باھانىڭ ئۆسۈش سەۋەبىنى كەسىپ زەنجىرى ئارقىلىق تەھلىل قىلساق، ھىندىستان كارخانىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان تەننەرخنى ئىستېمالچىلارغا ئارتىپ قويغانلىقىنى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەڭ بېشىدىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. 


ئىككىنچى، زادى نېمە ئۈچۈن؟ 
ھىندىستاندا مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ھىندىستان دۆلەت ئىچى نېفىت كىرىزىسىدىن، تىرانسپورت ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى يۇقىرىلىتىۋېتىشتىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ ئىقتىساد ئىلمىدە تۈرتكىلىك پۇل پاخاللىقى (推动型通货膨胀) دەپ ئاتىلىدۇ. 
ھىندىستاننىڭ %80 خام نېفىتى، %50 تەبىئىي گازى، تەخمىنەن %30 كۆمۈرى خەلقئارا بازارغا تايىنىپ ئىمپورت قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ئاستىدا، خەلقئارادا نېفىت باھاسىدا ئازراقلا شەپە بولسا، ھەممىسى ھىندىستاندا باھا دېڭىز شاۋقۇنىنى قوزغاپ، شۇ ئارقىلىق ئىقتىساد مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارادا نېفىت باھاسى %60 تىن ئارتۇق ئۆستى، ھەر قايسى دۆلەت ئىستېمالچىلىرى ئىشلىتىدىغان بېنزىننىڭ باھاسىمۇ تەبىئىيلا ئۆرلەپ كەتتى. دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ نېفىت ئىستېمال دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىندىستاننىڭ بېنزىن باھاسى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ %23 ئۆرلەپ، ھەر لېتىر بېنزىننىڭ باھاسى 107 رۇپىيەگە يەتتى. 
يۇقىرى ماي باھاسى سەۋەبلىك، ھىندىستاندىكى نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تاللاپ سەپەرگە چىقىشقا مەجبۇر بولغان، دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىلنى سېتىۋېتىشكە باشلىغان. 


نېفىت كەمچىل بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىر تەدرىجىي ھالدا قاتناش ساھەسىدىن سىرتقا كېڭەيدى. 
ھىندىستان كۆمۈر قىس بولۇش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەچكە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ھىندىستاندىكى ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ كۆمۈر زاپىسى 8 مىليون 100 مىڭ توننا ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %76 ئازىيىپ، يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ھىندىستان دۆلەت ئىچىدىكى ئېلېكتىر كرىزىسى ئېغىرلاشتى. 
ھىندىستاندىكى 135 كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىچىدە، كۆمۈر زاپىسى يوق، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان 16ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىشتىن توختىسا، ھىندىستان ئېلېكتىر تورىمۇ ۋەيران بولىدۇ. نۇرغۇن ھىندىستان ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى ئېنېرگىيەنى نېفىت قاتارلىق يېقىلغۇلارغا ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى، لېكىن نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى توك باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تەننەرخنى تولۇقلاشقا يەنە بىر قېتىم مەجبۇرلىدى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە زاۋۇتلارنىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ، يەنە بىر قېتىم نېفىت باھاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىر ئۆلۈك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى. 
نۆۋەتتە ھىندىستان ئېنىرگىيە سودا ئورنىدا 9-ئايدىكى ئوتتۇرىچە نەق مال باھاسى ٪63 تىن ئارتۇق ئۆرلەپ، ھەر كىلوۋات سائەت توك 4.4 رۇپىيەگە يەتتى. 
ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، توك ھەققىنىڭ ئۆسۈشى ئىشلەپچىقىرىشتىن توشۇشقىچە بولغان ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ تەننەرخىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇنىڭ تەننەرخى تاۋارغا بېقىنىدۇ، بۇنى ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمالچى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ھىندىستانلىقلار تاللا بازىرىغا كىرسە، ھەممە نەرسىنىڭ قىممەت ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. 

ئۈچىنچى، قانداق قىلىش كېرەك؟ 
بۇ قېتىمقى نېفىت كىرىزىسى ئېلىپ كەلگەن پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستان كارخانىلىرى ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا باشلىدى. 
ھىندىستان ھازىر بىر تەشكىلات قۇرۇپ، دۆلەت ۋە خۇسۇسى نېفىت ئايرىش سودىگەرلىرىنى تەشكىللەپ، ئوتتۇرا شەرىقتىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى نېفىت ئىمپورت قىلىش سودىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىگە تاقابىل تۇرماقتا. 
لېكىن بۇنداق باشقىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ باھانى چۈشۈرىدىغان ئىش نەدىمۇ بۇنچە ئاسان بولسۇن؟ يېقىندا ئامېرىكا شەخسەن مەيدانغا چۈشۈپ ئوپىك نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇپ، يەر شارى نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشىگە تەھدىت سالدى، ئەمما كۆپ پايدا ئالغان ئوپىك ھەتتا ئامېرىكىغا يۈزمۇ بەرمەي، بىۋاسىتە رەت قىلدى. ھازىر ھىندىستانلىقلار ئوپىكتىكى «بوۋاي»لار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگىلى بارماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ پايدىسىدىن شۇملۇقى چوڭراق بولۇشى مۇمكىن.
تاشقى جەھەتتە باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن باشقا، ئىچكى جەھەتتە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېنىرگىيە بېجىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق نېفىت توشۇش جەريانىدىكى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش نۇرغۇن ھىندىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسى. 


ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ھېسابلىشىچە، نۆۋەتتە بېنزىن باھاسىنىڭ %54 ى ھىندىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باج ھەققى ئىكەن، دىزېل مېيى ئىچىدىكى باج نىسبىتى%48 ئىكەن. 

بۇ بىر تۇڭ ئىمپورت قىلىنغان قىممەت باھالىق نېفىتنىڭ باھاسى ئەسلىدىلا يۇقىرى بولۇپ، پۈتكۈل توشۇش جەريانىدا قاتلاممۇ قاتلام باھا قوشۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھىندىستاندىكى ئاددىي كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەندە بەك قىممەت بولۇپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ يۇقۇمدىن كېيىنكى 2020-يىلى 5-ئايدا مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستاندىكى نۇرغۇن مالىيە-باج تارماقلىرى بېنزىن ۋە دېزىلنىڭ ئىستېمال بېجىنى ئۆستۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە بېنزىن 13 رۇپىيە، دىزېلىن 16 رۇپىيە كۆپەيدى. 
ھىندىستان سانائەت بىرلەشمىسى سانائەت سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى بىدىشا گەنگۇلى (比迪莎·甘古利) مۇنداق دەيدۇ: فېدېراتسىيە ۋە ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت يېقىلغۇ ماي بېجىنى ئازايتىشى كېرەك، چۈنكى بۇ يېقىلغۇ ماي باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلىدۇ.
ھازىر ئامما ھۆكۈمەتتىن ماي باھاسىنى كېمەيتىش ۋە تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق ھىندىستان يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز ئارا ياقا سىقىشىش ۋەزىيىتىگە پېتىپ قالىدۇ. 
ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى باڭباڭ ئىشلىرى مىنىستىرى تىۋارى ھەتتا چاقچاق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: %95 ھىندىستانلىققا بېنزىن كېرەك ئەمەس، شۇڭا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش-ئۆسمەسلىكى، باجنى تۆۋەنلىتىش-تۆۋەنلەتمەسلىكنىڭ قىلچە تەسىرى يوق.
شۇنداق قىلىپ، يۇقىرى نېفىت بېجى ئېلىش ئاستىدا، ھىندىستانلىقلار يەنىلا يۇقىرى ماي باھاسىنىڭ بىر قاتار زەنجىرسىمان تەسىرلىرىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ. 


يېقىندا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى تۇيۇقسىز «شامالغا ئەگىشىپ» كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 
دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىندىستان مەملىكەت بويىچە توك بىلەن تەمىنلەشتە يېقىلغۇ ماي ۋە كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشقا تايىنىدۇ، ھىندىستاننىڭ «كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» نىشانى ئىنتايىن قىيىن. 
بىر تەرەپتە مودىنىڭ قۇرۇق پاراڭلىرى، يەنە بىر تەرەپتە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان مال باھاسى، ھىندىستانلىقلار بۇ قىشتا يەنە ئېغىر مۈشكۈلگە قېلىشى مۇمكىن.
مەنبە: چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
----



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296