ئېلون ماسك يېڭىدىن دۇنيا بويىچە تۇنجى باي بولۇش سۈپىتى بىلەن، PayPal دىن تېسلا، SpaceX، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش، قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ سىجىل مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى، خىيالپەرەس، كارخانىچى، ئۇ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىدە سانسىزلىغان قىيىن ئىشلارغا دۇچ كەلگەن، ھەتتا كۆپ قېتىم ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان، لېكىن ھەر قېتىملىق بۆسۈش پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. ئەمدىلا 50 ياشقا كىرگەن «كىرىمنىي جىلغا پولات پالۋان»ى ئېلون ماسك ئالاقە تورى، پۇل مۇئامىلە، ئاپتوموبىل، ئاۋىياتسىيە ۋە ئېنېرگىيە كەسپىگە تۇتۇش قىلىپ ۋە ئاغدۇرمىچىلىق قىلىپ، جوبىستىن كېيىنكى دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى رىۋايەت ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ئارزۇ ۋە ھېكمەتلىرى:
1. ئىگىلىك تىكلەش دېگىنىمىز، ئەينەكنى چاينىغاچ چوڭقۇر ھاڭغا تىكىلىپ قاراش دېگەنلىكتۇر. چوقۇم ئەزرائىلغا يۈزلىنىش كېرەك، ئەمىسە ماڭايلى.
2. بىزنىڭ بۇ يەردە، مەغلۇبىيەت بىر تاللاش، ئەگەر سىز ئەزەلدىن مەغلۇپ بولمىسىڭىز، پەقەت يېڭىلىق يارىتالمايدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.
3. ئەگەر قىلغان ئىشلىرىڭىزغا مەپتۇن بولالماي قالسىڭىز، دەرھال توختاپ، ئۆزىڭىز مەپتۇن بولغان ئىشلارنى تېپىپ قىلىڭ.
4. ئەڭ ئەقىللىق ئادەمنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇڭ. مەن ئۆزۈم يۈز تۇرانە ئىمتىھان كىرىمەن، كەلگۈسىدىكى خىزمەت ماڭا بىۋاسىتە مەسئۇل بولىدۇ، شۇندىلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئالدىنلىق دەرىجىسىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
5. ھايات بەك قىسقا، ئۇ تۈگىمەس شاپائەت ۋە ئاداۋەتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
6. مەن مارستا ئۆلۈپ كېتىمەن. مەن ئۆلۈپ كەتكەندە، ئىنسانلارنىڭ گۈزەل كېلەچىكى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەسى بار دەپ ئويلايمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا پىلانېتلارنى مۇستەملىكە قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئەڭ يامان مۇمكىنچىلىكىدىن ساقلىنالايمەن.
7. ئوچۇق مەنبەلىك ھەرىكەت روھى بويىچە، رىقابەتچىلىرىنىڭ يېتىشىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تېسلا پاتېنتىنى ئېچىۋېتىدۇ، تېسلا پاتېنت تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن ھەرقانداق ئادەمگە قانۇنىي ھەرىكەت قوللانمايدۇ، مەقسەت توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
8. ئىگىلىك تىكلەشتىكى بىر قانچە مۇھىم ئىش: بىرىنچى، تىرىشىپ خىزمەت قىلىش؛ ئىككىنچى، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش؛ ئۈچىنچى، يادرونى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا قارىتىش كېرەك؛ تۆتىنچى، يالغۇز چوڭ يۈزلىنىشكە ئەگەشمەسلىك.
9. مەلۇم ئىش يېتەرلىك مۇھىم بولغاندا، سىز ئۇنى قىلىڭ، گەرچە غەلبە قىلىش چوڭ بولمىسىمۇ.
10. چىڭ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، ئامالسىز قالمىسىلا، مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك كېرەك.
11. سىز دائىم كەلگۈسىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ خىيال قىلىڭ، ھېچكىم كەلگۈسىڭىزنىڭ تېخىمۇ ناچار بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدۇ.
12. ئەگەر سىز كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز، يوقىتىپ قويغان پۇرسەتتىن ئازاپلىنىشقا ئاساسىڭىز يوق. پەقەت سىز يوقىتىپ قويغان نەرسە سىز ئېرىشىش مۇمكىن بولغان نەرسىدىن كۆپ بولغاندا، ئاندىن پۇشايمان قىلىشقا ئاساسىڭىز بولىدۇ.
13. تېسلانىڭ ھېچقانداق ئېلانى يوق، ھېچقانداق چولپانلارنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىش ھەققىمۇ يوق، ئۇنداق ئەمەس، بىزمۇ باھاسىنى چۈشۈرمەيمىز، ئەگەر بىر داڭلىق شەخس بىزنىڭ ماشىنىمىزنى سېتىۋالغىلى كەلسە، بۇ ئۇ بۇ ماشىنىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولغان، ھەرگىزمۇ بىز ئۇلارغا باھاسىنى چۈشۈرۈپ بەرمەيمىز. ئەمەلىيەتتە مەن ماركېتىڭ ئۇقۇمىنى ياقتۇرمايمەن، مېنىڭچە ماركېتىڭ غەلىتە ئۇقۇم، مەن ياقتۇرمايمەن. مېنىڭچە سېتىش خۇددى ئادەم ئالداپ نەرسە ساتقانغىلا ئوخشايدۇ.
14. مەن ئەزەلدىن قورقۇپ باقمىغان دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايمەن. ئەمەلىيەتتە مەن ئەندىشەمنىڭ ئازراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ دىققىتىمنى چېچىۋەتتى، مېنىڭ نېرۋا سىستېمامنى ئازابلىدى.
15. مەن سادىر قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىق بولسا ئادەمنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويماستىن، ئەكسىچە قابىلىيىتىنى ھەددىدىن زىيادە مۇھىم كۆرگەنلىكتۇر. مېنىڭچە بىر ئاق كۆڭۈل قەلبكە ئىگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.
16. مېنىڭچە ئادەتتىكى بىر ئادەم ئادەتتىن تاشقىرى ئادەمنى تاللىسا تامامەن بولىدۇ.
17. مەن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا، ئىزچىل دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن ئىدىم. ھازىر مەن ئۇنىڭغا قاتنىشىۋاتىمەن.
18. مەن پەقەت ئۆزۈم قېرىشتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن، بولمىسا مەن پەقەت يۈك بولۇپ قالىمەن.
مەنبە: رېن زېپىڭ ماكرو قارىشى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.


بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!
تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.

