搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
دۆلىتىمىز ئىستېمالچىلىرىنى بوزەك قىلىۋاتقان چەتئەل ماركىلىرى
>
دۆلىتىمىز ئىستېمالچىلىرىنى بوزەك قىلىۋاتقان چەتئەل ماركىلىرى
NepKan
2021-12-06
0
导读:نۇرغۇن ھەشەمەتلىك ماركىلار: «دۆلەت ئىچىدىكى دۇكان مەھسۇلاتلىرىنى پەقەت ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، قايتۇرغ
يېقىندا، كانادا غېزى «جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق دۇكانلىرىدا مال قايتۇرۇشقا بولمايدۇ!» دېگەن ئىش قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، نۆۋەتتە بۇ ئىش دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىندى، كانادا غېزى ئەڭ ئاخىرىدا مال قايتۇرۇش، پۇل قايتۇرۇشقا قوشۇلدى.
(بۇ يەرنى بېسىپ «كانادا غېزى ماركىلىق مامۇق چاپاننىڭ قەد كۆتۈرۈش مەخپىيىتى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
مۇخبىر بەزى ئىستېمالچىلارنىڭ كەچۈرمىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر قانچە ماركىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىش سىياسىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆردى.
مەسىلەن، داڭلىق ھەشەمەتلىك ماركا LV جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يەتتە كۈن ئىچىدە مال قايتۇرۇش، 30 كۈن ئىچىدە مال ئالماشتۇرۇش، ئەمما ئامېرىكا، كانادادا 30 كۈن ئىچىدە مال قايتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.
LV ئورگان تورى كەسمە رەسىمى
مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، مەزكۇر ماركا بۇ دۆلەتلەردىكى مال قايتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاخىرىدا، يەنە مەخسۇس مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئەسكەرتىپ قويغان: «يەر شارىدىكى ھەرقانداق بىر دۇكان مال قايتۇرۇشنى قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن بىرازىلىيە، جۇڭگو، كولومبىيە قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.»
بىرىنچى، نۇرغۇن ھەشەمەتلىك ماركىلار «دۆلەت ئىچىدىكى دۇكان مەھسۇلاتلىرىنى پەقەت ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، قايتۇرغىلى بولمايدۇ!» دەپ بەلگىلىمە چىقارغان
12-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىر دۇكانلارنىڭ مال قايتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا نۇرغۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى داڭلىق ماركىلىرى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىغا تېلېگرامما يوللىدى، قارشى تەرەپ مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنىڭ مەھسۇلات سېتىۋالغاندا «پەقەت ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقى، قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. ئەمما سېتىۋالغاندىن كېيىن مەھسۇلاتتا سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلسە قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىگە قارىتا نۇرغۇن دۇكان ئىجابىي جاۋاب بەرمىدى.
ھېرمېس (HERMES)نىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزى: ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى مالنى قايتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئوخشاش بولمايدۇ، مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ مەھسۇلاتلىرى سېتىلىپ بولغان ھامان قايتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلار ئىككىنچى قېتىملىق سېتىشقا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا 30 كۈن ئىچىدە بىر قېتىم مال ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. توردا بولسا ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ، ھەرقانداق مەھسۇلاتنى ئىمزا قويۇپ ساتقاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق سېتىشقا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا سەۋەبسىز مال قايتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
Gucci شاڭخەي رۈيئوۋ تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى: ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ 14 خىزمەت كۈنى ئىچىدە بىر قېتىم مال ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ، لېكىن مال قايتۇرۇشقا بولمايدۇ. تور سىرتىدا سېتىۋالغاندىن كېيىنكى سۈپەت مەسىلىسىگە قارىتا، دۇكان بىلەن بىرىنچى ۋاقىتتا ئالاقىلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، پەقەت ئادەم سەۋەبلىك كېلىپ چىققان مەسىلە بولمىسىلا، مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە بولسا دۇكان ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ.
PRADA پۇلادا شاڭخەي ئايلانما سودا IAPM دۇكىنى: ئىستېمالچىلار مەھسۇلات سېتىۋالغاندىن كېيىن 14 كۈن ئىچىدە مال ئالماشتۇرسا بولىدۇ، لېكىن پەقەت ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئەمما قايتۇرۇلمايدۇ. ئەگەر سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلسە، دۇكانغا بېرىپ پەرقلەندۈرۈلۈپ چىقىلىدۇ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، يەنە قانداق بۇيۇم، قانداق سەۋەبتىن پەيدا بولغان دېگەندەك مەسىلىگە قاراش كېرەك.
مۇخبىر يۇقىرىقى ماركىلارنىڭ ئورگان تورىغا سېلىشتۇرۇپ، بىر قىسىم ماركىلارنىڭ مال قايتۇرۇش سىياسىتىدە يەر شارى بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم يوقلۇقىنى بايقىدى.
يازمىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان LV دىن باشقا، Gucci ئورگان تورىدىمۇ كۆرسىتىلىشىچە، كانادا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىپ 14 كۈن ئىچىدە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاۋارلارنى ئالماشتۇرسا ياكى قايتۇرسا بولىدىكەن.
ئىككىنچى، مەھسۇلاتتا سۈپەت مەسىلىسى مەۋجۇت بولسا، دۇكاندا مال قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ
ئادۋوكات چۈشەندۈرۈشى:
بېيجىڭ يۈنجيا ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى، جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى جاۋ جەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»نىڭ 24-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئىستېمالچىلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى، ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە مالنى قايتۇرسا ياكى تىجارەتچىلەردىن ئالماشتۇرۇش، رېمونت قىلىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە ئالاقىدارلار ئوتتۇرىسىدا پۈتۈشۈم بولمىسا، ئىستېمالچىلار تاۋارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مالنى قايتۇرسا بولىدۇ؛ يەتتە كۈندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن توختامنى بىكار قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئىستېمالچىلار ۋاقتىدا مالنى قايتۇرسا بولىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن توختامنى بىكار قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، تىجارەتچىدىن ئالماشتۇرۇش، رېمونت قىلىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
جاۋ جەن مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلار تور سىرتىدىكى يول ئارقىلىق تاۋار سېتىۋالغاندا سېتىۋالىدىغان تاۋارلارنى پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دۆلەت ئۈچكە ھۆددە قىلىش ئۇسۇلىنى بېكىتتىمۇ يوق؟ مەسىلەن، يانفون، كومپيۇتېر قاتارلىقلاردا دۆلەتنىڭ مەخسۇس ئۈچكە ھۆددە قىلىش ئۇسۇلى بار، بۇنىڭغا ئالدى بىلەن رىئايە قىلىش كېرەك. سودىگەرلەر ئۆزلىرى تۈزگەن ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش سىياسىتىنىڭ ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، بۇ ئىككى شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ئەھۋالدا، قانۇن بويىچە مالنى قايتۇرسا بولىدۇ.
جاۋ جەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى دۇكىنىدا كىيىم-كېچەك، سومكا، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا دۆلەت ئالاقىدار ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش ئۇسۇلىنى بېكىتمىدى، ئەگەر سودىگەرلەرنىڭ ئۈچكە ھۆددە قىلىش سىياسىتى ياكى توختام كېلىشىمى بولسا، ئالدى بىلەن رىئايە قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئىستېمالچىلار مەھسۇلاتنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەمەلىيەتتە سۈپەت مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، قارشى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ، سودىگەرلەر مالنى قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تەقدىردىمۇ، بۇ قاراشنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق. ئىستېمالچىلار يەنىلا توختامنى بىكار قىلىش، مالنى قايتۇرۇش، پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىغا قارىتا مال قايتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئوخشاش بولمىسا، ئىستېمالچىلارنى كەمسىتىشكە چېتىلىدۇ.
ئۈچىنچى، ئىستېمال ئىگىلىك ھوقۇقى ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى ئىنتايىن مۇھىم
ئەمەلىيەتتە، مەيلى قانۇن جەھەتتىن بولسۇن ياكى پىسخىكا جەھەتتىن بولسۇن، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى تەدرىجىي كۈچەيمەكتە.
نۇرغۇن خەلقئارا ماركىلار بىر تەرەپتىن جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ پۇلىنى كۆپ تاپسا، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدۇ. بەزى خەلقئارا ماركىلارنىڭ قوش ئۆلچىمى ئالدىدا، قانۇن ئالىملىرى «ئىستېمال ئىگىلىك ھوقۇقى ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى ئىنتايىن مۇھىم.» دەپ قارايدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر چۈشەندۈرۈشى:
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى فىلولوگىيە ۋە تەرەققىيات شۆيۈەنى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى لى يۈمېي: قانۇن ئەزەلدىن ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە ئۇخلاپ قالغانلارنى قوغدىمايدۇ، «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئىنتايىن مۇھىم قورال. نۆۋەتتە ئېلىم-سېتىم مۇناسىۋىتىدە، ئىستېمالچىلار بىلەن سودىگەرلەر، ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر سىممېتىرىك بولماسلىق مەۋجۇت. مەسىلەن، ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار ئۇچۇرىنى ئىگىلىشى تولۇق ئەمەس، ھازىر ئېچىۋېتىش دەرىجىسىگە ئەگىشىپ، ئۇچۇر سىممېتىرىك بولماسلىق مەسىلىسى تەدرىجىي ھەل قىلىنىۋاتىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296