大数跨境

ليۇ چۈەنجى «مەغلۇبىيىتى» ۋە ۋاڭ شىنىڭ «ئاقىللىقى»

ليۇ چۈەنجى «مەغلۇبىيىتى» ۋە ۋاڭ شىنىڭ «ئاقىللىقى» NepKan
2021-12-10
1
导读:نام-مەنپەئەت بولمىسا، كۆپچىلىك پىكىرىنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىمۇ بولمايدۇ...
سىما نەن ليەنشياڭنىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ چۈەنجى بىلەن ياڭ يۈەنچىڭغا ئىمبارگۇ يۈرگۈزگەندىن كېيىن، «جۇڭگو كارخانىچىلىرىنىڭ پىرى» دەپ نام ئالغان ليۇ چۈەنجىنىڭ نامى ئومۇميۈزلۈك يىمىرىلىشكە باشلىدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «ليۇ چۈەنجىنىڭ خاتالىقى قەيەردە؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
گەرچە ليۇ چۈەنجى ۋە ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىق كىشىلەر نۇرغۇن تاراتقۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر قاتار قىلمىشلىرىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاشلا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن كەلگەن جاڭ جيې سىما نەندىن كېيىن ليۇ چۈەنجى ۋە ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىقلارنىڭ قارا تارىخىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىدى. قانۇن جەھەتتە، ليۇ چۈەنجى ۋە ياڭ يۈەنچىڭنىڭ ئىشى تېخى ئېنىقلانمىدى، لېكىن كۆپچىلىك پىكرى ئالدىدا، ليۇ چۈەنجى ۋە ياڭ يۈەنچىڭنىڭ نامى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى. (بۇ يەرنى بېسىپ «ليەنشياڭنىڭ ماھىيىتى: سودا-ئىشلەمچىلىك-تېخنىكا ئەندىزىسى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)


ئاتالمىش «كارخانىچىلار پىرى» دېگەن بۇ قالپاقنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشكە ئەمدى ئىلاج بولمىدى.
ئەمەلىيەتتە، ليەنشياڭنىڭ تەرەققىيات يولىدىن قارىغاندا، ۋاڭ شى باشچىلىقىدىكى ۋەنكېنىڭ نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرى بار. ۋەنكې ۋە ليەنشياڭ 1984-يىلى قۇرۇلغان. جۇڭگودىكى تۇنجى تۈركۈمدە سودا بىلەن شۇغۇللانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر تۇتۇق يىل ئىدى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا شىركەت قانۇنى تېخى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان، كارخانىنىڭ ئىستىقبالى ئېنىق ئەمەس ئىدى. 
شۇ چاغدىكى سىياسەتكە ئاساسلانغاندا، بىر ئادەم بىر كارخانا قۇرۇشقا بولمايتتى. شەخسلەر پەقەت يەككە سودا-سانائەتچىلەر بولۇشقىلا يول قويۇلاتتى، ئەمما بىر يەككە سودا-سانائەتچى ئەڭ كۆپ بولغاندا سەككىز ئادەمنى ياللاشقا يول قويۇلىدۇ. ئەگەر بىر شىركەت قۇرماقچى بولسا، ياللانما خادىملارنىڭ سانى سەككىزدىن ئېشىپ كەتسە، پەقەت بىرلا ئامال بار، ئۇ بولسىمۇ كارخانىنى دۆلەت كارخانىلىرى ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ نامىغا ئېسىپ قويۇش. 
دۆلەت مۈلكىنى مۇھاپىزەت كۈنلۈكى قىلىپ، بىر قىسىم دۆلەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كارخانىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەخس ۋە دۆلەت ئىگىلىك تىكلەش خەۋپ-خەتىرىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ، پاي ھوقۇقىغا بولسا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدۇ. 
شۇڭا، بىز بۈگۈن ليۇ چۈەنجى، ۋاڭ شىدىن ئىبارەت شۇ ئەۋلاد ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نەزەر سالساق، نۇرغۇن كىشىلەر تۈزۈلمە ئىچىدە تۇرۇپ دېڭىزغا چۈشكەن. بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر سىياسەت يۆنىلىشىنى ئەڭ ئېنىق بىلىدۇ، شۇنداقلا ئەڭ ئاۋۋال خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەردۇر. بۇ خەتەر قەيەردە؟ دەل سىياسەتنىڭ شامال يۆنىلىشى ئېنىق ئەمەس. 

خۇددى جاڭ جيېنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۇ يىللاردا، خۇسۇسىي كارخانا قۇرغاندا، ئەكسىلئىنقىلاب جىنايىتى بېكىتىشكە بولاتتى. ئەكسىلئىنقىلابىي جىنايەتنىڭ نەتىجىسى نېمە؟ ھاياتى بىلەن چاقچاقلىشىشتىن ئىبارەت ئىدى. 

مۇشۇنداق چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، كارخانىنى ھۆكۈمەت ياكى دۆلەت مۈلكى ئورۇنلىرىنىڭ ئاستىغا ئېسىپ قويۇش، بىر خىل قوش پايدا ئالىدىغان مۇتەئەسسىپلىك تاكتىكىسى ئىدى. بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ بايلىقىنى ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ پاي قوشۇشىنى قوبۇل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، نىسبەتەن بىخەتەر بولغان دائىرىدە شىركەتنى يۈرۈشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا بولىدۇ. 
بۇ يەردە ليۇ چۈەنجى بىلەن ۋاڭ شىنىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق، بۇمۇ شۇ دەۋردە نۇرغۇن كارخانىلار بەرپا قىلغان ئومۇميۈزلۈك ھادىسە ئىدى. 
جاڭ جيېنىڭ ئېيتىشىچە، ليۇ چۈەنجىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى قوش ئۆلچەمدە ئىكەن. ئاكادېمىك نى گۇاڭنەننى تېپىپ چىقىرىۋەتكەندە، ليەنشياڭ دۆلەت ئىگىلىكىدە بولۇش سالاھىيىتىگە ئۆزىنىڭ ھېسابلاش ئورنىنىڭ باشلىقى بولۇش ھوقۇقى قوشۇلۇپ، ئاكادېمىك نى گۇاڭنەننىڭ تېخنىكا كەشپىياتىنى ئىگىلىۋالىدۇ ھەمدە ئاكادېمىك نى گۇاڭنەننى ئىشتىن بوشىتىدۇ. ئەمما ليەنشياڭ تۈزۈم ئۆزگەرتكەندە، ليۇ چۈەنجى يەنە ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆزىگە ئۆزى خان بولۇش ئۈچۈن، دۆلەتتىن %35 لىك يۇقىرى سوممىلىق پايدا بۆلۈشۈش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە بۇ %35 لىك پايدا بۆلۈشۈش ھوقۇقىنى ئەڭ ئاخىرىدا پاي ھوقۇقىغا ئايلاندۇرىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «كېيىنكى دى دى دەۋرى: دەللال كاپىتالنىڭ مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)


بۇ ئىككى ئۆلچەم ئاستىدا، ليۇ چۈەنجى ئەمەلىيەتتە ئىككى مەسىلىگە چېتىلىدۇ. ئەگەر ليەنشياڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر يېتەكچىلىك قىلىدىغان شىركەت بولسا، ئۇنداقتا نى گۇاڭنەننىڭ يادرولۇق تېخنىكا ئىجادىيىتى ليەنشياڭ شىركىتىنىڭ يادرولۇق مۈلكى بولۇشى كېرەك. ليۇ چۈەنجىنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋالغىنى نى گۇاڭنەننىڭ دەسلەپكى خۇسۇسىي پاي ھوقۇقى. 
يەنى غەيرىي يادرولۇق قۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، يادرولۇق قۇرغۇچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، يادرولۇق قۇرغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئىگىلىۋالغان. 
ئويلاپ باقايلى، بىر قۇرغۇچى كوللېكتىپ، دۆلەت پۇل چىقىرىدۇ، دۆلەت ئىختىساسلىقلارنى چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىر تېخنىكا باش نازارەتچىسى يادرولۇق قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىركەتكە ئەڭ يادرولۇق تېخنىكا كەشپىياتىنى تەمىنلىگەن. 


بۇ چاغدا بىر رەھبەرلىك كاتىپىنىڭ ئەمەلدارى چۈشۈرۈلۈپ شىركەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولىدۇ. پاي ھوقۇقى تەۋەلىكى بېكىتىلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئەمەلدارنىڭ قولىدا ھوقۇق بار ئىدى، ئۇ تېخنىكا باش نازارەتچىسىنى ئىشتىن بوشىتىپ، شىركەتنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۆزىنىڭ تۆھپىسى دەپ قارايتتى. ھېلىقى ئىشتىن بوشىتىلغان تېخنىكا باش نازارەتچىسىنى تىلغا ئالساق، ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ، قاتتىق ئېچىندى، يىگىت تۇرۇپ قىزلارچە كۆزىگە ياش ئالدى. 

بۇ بەزى ئاتامانلارنىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئوخشامدىكەن يوق؟ پۇقرالارغا يۈزلەنگەندە: «خەلق ئاممىسىدىن كېلىپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىغا بېرىش» كېرەك. ئەمما كۆپچىلىك مۈلكىگە يۈزلەنگەندە «خەلق ئاممىسىدىن ئېلىپ، ئۆز چۆنتىكىگە سېلىش» كېرەك. 

ئەگەر ليەنشياڭ دۆلەت مۈلكى يېتەكچىلىك قىلىدىغان شىركەت بولسا، ئۇنداقتا پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تېخنىكىسى، ئىختىساسلىقلىرى ۋە جۇڭگۇەنسۈندىكى 60 مىڭ كىۋادرات مېتىر يەر قاتارلىقلار مۇتلەق كونترول پاي ھوقۇقىنى ئىگىلىشى كېرەك. لىيۇ چۈەنجىنىڭ شىركەتكە قوشقان تۆھپىسى ئاساسلىقى شىركەتنى باشقۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ پاي ھوقۇقىنى رىغبەتلەندۈرۈش مەسىلىسىگە ئايلىنىدۇ. 
ليۇ چۈەنجى ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاندىن بىر كىچىك تۈركۈم ئادەم بىلەن بىرلىشىپ، %35 پايدا ئايرىشىش ھوقۇقىنى، ھەتتا %35 پاي ھوقۇقىنى ئايرىپ چىقىپ، كۆرۈنەرلىك نامۇۋاپىق ھالەتنى ساقلىغان. 
بىز ۋەنكېنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ شىنى سېلىشتۇرساق بولىدۇ. ۋاڭ شىنىڭ تاللىشى ليۇ چۈەنجىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يولدا ماڭدى دېيىشكە بولىدۇ. 


ليەنشياڭ شىركىتى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە تەۋە ئەمەس، ۋەنكې ئەينى يىلى شېنجېن دۆلەت كارخانىسى ئالاھىدە سودا شىركىتى قارمىقىدىكى تۆتىنچى دەرىجىلىك تارماق شىركەت ئىدى. 
ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ۋەنكېنىڭ پۇل تېپىش ئۇسۇلى لىيەنشياڭ بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى تاشقى پېرېۋوتنى ئېلىپ سېتىش ئىدى. چۈنكى تاشقى پېرېۋوت قاراڭغۇ بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرىغا ئون خەلق پۇلى نەق پۇل بېرىلىدۇ، ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپ بىر ئامېرىكا دوللىرىغا ئۈچ خەلق پۇلى نەق پۇل بېرىدۇ. بۇ چاغدا، سىز ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تاشقى پېرېۋوتنى نەقلەشتۈرۈش ھوقۇقىنى ئالسىڭىزلا، 3 خەلق پۇلىغا دۆلەت بانكىسىدىن 1 ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرالايسىز، ئاندىن بۇ 1 ئامېرىكا دوللىرىنى قاراڭغۇ بازارغا ئېلىپ چىقىپ 10 خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرالايسىز. 

زور پايدا! قان تاپار! 
«ليەنشياڭ» ئەمەلىيەتتە كومپيۇتېرغا تايىنىپ باش كۆتۈرمخگەن، بەلكى تاشقى پېرېۋوتقا تايىنىپ باش كۆتۈرگەن. چۈنكى لىيەنشىياڭ كومپيۇتېر قۇراشتۇرماقچى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزەك ئىمپورت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۆزەك كىرگۈزمەكچى بولسا ئامېرىكا دوللىرى كېرەك. ئىمپورت ئۆزىكى ليەنشياڭنىڭ دۆلەتتىن تاشقى پېرېۋوت نەقلەشتۈرۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئەڭ ياخشى سەۋەب. ئۇنىڭ ئۈستىگە ليەنشياڭغا يەنە بىر يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كەينىدە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىرەك بولاتتى. 

سىز نېمىشقا ليەنشياڭ ئۆزەك تەتقىق قىلمايدۇ دەيسىز؟ سىزدىن سوراپ باقاي، ئەگەر ئىمپورت قىلىشقا ئۆزەك بولمىسا، تاشقى پېرېۋوتتىن قانداق پايدا ئالغىلى بولىدۇ؟ كومپيۇتېر ساتسا قانچە پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟ لېكىن تاشقى پېرېۋوتنىڭ پايدىسى كۆپ، ھەقىقەتەن كۆپ! 

1988-يىلى ۋەنكېنىڭ پېيى ئۆزگەرتىلدى. ۋاڭ شى ۋەنكېنىڭ خوجايىنى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئولپان تەقدىم قىلىشتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قىلچە تالاش-تارتىش بولمىغان بىرىنچى كىشى. چۈنكى ۋەنكې بىر ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى، ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى تېخنىكىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، بايلىققا ئېھتىياجلىق. بىرى بانكا بايلىقى، قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ؛ يەنە بىرى ھۆكۈمەت بايلىقى، يەر ئېلىشقا قولايلىق. 


چۈنكى جۇڭگونىڭ بانكىلىرى ئاساسەن دۆلەت ئىگىلىگىدە، شۇڭا مۇھىمى يەنىلا ھۆكۈمەت بايلىقىدا. 
ۋاڭ شى ئۆزىنىڭ بېيىيالايدىغانلىقىنى، ئاساسلىقى دۆلەتكە تايىنىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ. 1988-يىلى، ۋەنكېنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ۋاڭ شى شېنجېن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، شەخس ۋە دۆلەت مۈلكىنىڭ ھەر قايسىسى %50 پاي ھوقۇقىنى ئىگىلەشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ باھا تالاشقانغا ئوخشايدۇ، ۋاڭ شى ئاۋۋال يۇقىرى باھا قويۇپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ باھا تالىشىشىنى ساقلايدۇ. ئاندىن، دۆلەت مۈلكى قانچىلىك باھا تالاشتى؟ دۆلەت مۈلكىنىڭ تالىشىش باھاسى 6: 4 نىسبىتى بويىچە بولۇش، يەنى دۆلەت مۈلكى 6 ئۆلۈش، ۋاڭ شى 4 ئۆلۈش ئېلىش. 
يەنى دۆلەت مۈلكى %60 نى، ۋاڭ شى %40 نى ئىگىلەيدۇ. ۋاڭ شى بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ! ئۇنىڭچە ئەسلىدە 4 ئۆلۈش ئەمەس، 1 ئۆلۈش بولسىمۇ غايەت زور ھوقۇق-مەنپەئەت ھېسابلىناتتى. 
ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھوقۇق بېكىتىشتە، ۋاڭ شى بۇ %40 پاي ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ، ۋەنكېنىڭ كەسپىي باشقۇرغۇچىسى بولۇشقا رازى بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ 

مەنبە:7-8 پاي ھوقۇقى تەجرىبىخانىسى 

ۋاڭ شى ئاچكۆزلۈك قىلمايدۇ، بەلكى ئاشۇ ئالاھىدە يىللاردا، سولچىل ۋە ئوڭچىل ئىككى خىل پىكىر ئېقىمىدىكىلەر قايتا-قايتا زەربە بېرىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە غايەت زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. 
سولچىل ۋە ئوڭچىل ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى ئىچىدە، ليۇ چۈەنجى سولچىل بولغان ۋاقىتتا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇشنى تاللىدى. ئوڭچىل بولغان چاغدا، نى گۇاڭنەن تېپىپ چىقىرىش ئۈچۈن قالقان بولۇپ، ليەنشياڭنىڭ ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پەقەت كېيىن، نى گۇاڭنەن تېپىپ چىقىرىلىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولغان ليۇ چۈەنجى ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

بۇ خىل ئوڭ-سولغا، ئىككى كېمىگە تەڭ دەسسەش ئىدىيەسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ليەنشياڭنىڭ گېنىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتتى. مەسىلەن، جۇڭگو-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىدىكى «ليەنشياڭ جۇڭگو» ۋە «جۇڭگو ليەنشياڭ»نىڭ تەرتىپىنى ئالماشتۇرۇپ باقايلى، بىرى خەلقئارا كارخانا، يەنە بىرى مىللىي ماركا. 


خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى قولدا تۇتۇپ، ئىككىلا قولدا پۇل تېپىش. 
ئۇنداقتا، ۋاڭ شىنىڭ تاللىشىچۇ؟ نام-مەنپەئەتكە تەڭ ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ۋاڭ شى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى، شۇنداقلا ۋەنكېنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن %40 پاي ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاڭ شى ھۆكۈمەتكە تايىنىپ، ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن. ليەنشياڭغا ئوخشىمايدۇ، نى گۇاڭنەننىڭ يادرولۇق تېخنىكا تىرىكى بار، دۆلەت بايلىقىغا تايىنىشچانلىقى نىسبەتەن ئاجىز. 
دۆلەت مۈلكى بىلەن پاي ھوقۇقىنى تالاشقاندىن كۆرە، كەسپىي دىرېكتورنىڭ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىنى ياخشى. بۇنداق بولغاندا ھەم بىخەتەر بولىدۇ، ھەم پايدىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. يەنى «نام-مەنپەئەتكە تەڭ ئېرىشكىلى بولمايدۇ.» دېگەندىن ئىبارەت. 
ۋەنكې ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىكى بىرىنچى چوڭ كارخانىغا چىققان، لېكىن ۋاڭ شى ئەزەلدىن جۇڭگودىكى بىرىنچى باي بولۇپ باقمىغان، شۇنداقلا بايلار تىزىملىكىگىمۇ كىرىپ باقمىغان. بىز يەنە بايلار تىزىملىكىگە كىرىپ باققان ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى كاتتىۋاشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى، پەن شىيى، شۈ جيايىن، ۋاڭ جيەنلىن... ھازىر ئۇلارنىڭ كۈنلىرى ئانچە ياخشى ئەمەس. 


ۋاڭ شىنىڭ ۋەنكېغا نىسبەتەن پاي ھوقۇقى بولمىغاچقا، كېيىنكى «باۋ-ۋەن» جېڭىدە ۋاڭ شى مەيداندىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بىراق، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋاڭ شىمۇ پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، مەيداندىن چىقىپ كېتىش ئەكسىچە تاشلىۋېتىش بولۇپ قالغان. 

ۋاڭ شى ھاياتىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن قارىغاندا، پېنسىيەگە چىقىش باسقۇچىدا، ھەقىقەتەن غەم-ئەندىشىسىز، ئەركىن-ئازادە، يۈكى يوق گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشكەن. نام-مەنپەئەت بولمىسا، كۆپچىلىك پىكىرىنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىمۇ بولمايدۇ، ليۇ چۈەنجىغا نەزەر سالساق، لىيەنشياڭ پۇلىنى توختىماي ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، ئاخىرى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى سېسىقچىلىق قاپلاپ كەتكەن.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، كاپىتان كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ: 

مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296