
تىۋىشنىڭ بارلىق نەسرلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!
زىمىستان قىشنىڭ جۇت شىۋىرغانلىرىدەك سوغۇق ھىجران، بىر پاتمان سېغىنىش ئەسلىمىلىرىدىن تۇغۇلغان ھىجران، بۇ ھىجران خۇددى سۈزۈك كۆل سۈيىدىكى قىزنىڭ كۆلەڭگىسىدەك گۈزەل ھەم غۇۋا، ئېھ، ئەسلىمىلەر.
بىر دۆۋە ئەخلەت ئارىسىدا بىر تال يىپ كەبى، بىر پاتمان كۆڭۈللەر ئارىسىدىن كۆڭلۈڭنى تېپىۋالدىم يۈرىكىڭگە بىر تال يىپ ئۆتكۈزگەندەك قىلاتتىم، يىپنىڭ ئۇچى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ ئەينەك ئۈستىگە چۈشۈپ قاپتۇ، ئەينەكتىن ئەسلىمىنى ئىزدىدىم. بۈگۈنكى ئىش ئەتە تۈنۈگۈنكى ھېكايىگە ئايلانغان كەبى ئەتىگە قانچە ئىنتىلگەنسېرى، بۈگۈن شۇنچە ئۇزىراپ باراتتى، بىر ئىلتىماسىم بار كۆڭلۈڭنىڭ گېپىنى ئالقىنىمدا قالدۇرۇپ قويغىن، چۈنكى ئۇنىڭدا ئۆتمۈشنىڭ كۆلەڭگىسى بار.

تاڭ سەھەرنىڭ سەلكىن شامىلىدا، گۈللەر بەرگىدىكى مەرۋايىتتەك يالتىراپ تۇرغان تاڭ شەبنىمىدەك پاك مېھىر-مۇھەببىتىمنى، يۈرىكىمدىن فونتاندەك ئېتىلىپ چىققان سۆيگۈ ئىپتىخارىمنى ساڭا بېغىشلىدىم.
مەن چۈش كۆرۈۋاتىمەن، ئەمما بۇ چۈشتىن قاچان ئويغانغىنىمنى بىلمەيمەن. رەڭسىز كىنولاردەك غۇۋا بىر كەچمىشلەر بولغان، سەن ھەم مەن بىلەن لىق تولغان سۈبھى بىلەن گۇگۇم تەكرار-تەكرار سۆيۈشكەن، گۇگۇم ئۇ شۇنچىلىك قەدىرلىك، سۈبھىدە سېنى ئەسلىسەم، گۇگۇمدا سېنى سېغىنىمەن، نىھاتكى قىيىن ياشىغانغا سەن بولمۇدۇڭ ھاياتىم، دىلدا خەندان ئۇرىدۇ نىداسىز سۆيگۈ!

مەن تەنھالىقنى ئەسلىمە دەپ بىلىمەن، پىنھان سىرلار سۈكۈت باسقان قەلبتە بىلىنىدۇ. مەستلىكتىن كېيىن ئېيتىلغان سۆزنىڭ قانچە ئۇلۇغۋار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا قاغجىرىغان كۆڭۈلنىڭ سۆيگۈسىنى قەبرىگە مەھكۇم قىلغاندىن باشقىسى ئەمەس.
زېمىن پۈتۈن مېھرىنى ئادەملەرگە بېغىشلىدى سۆيگۈ تەلپۈنۈشى يۈرەكلەرگە ئەبەدىي قويۇلدى، ئەمما ھەر قېتىم ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمگە تەقەززا بولۇشى سۆيگۈنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويدى، خۇددى كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالغاندەكلا.

كېچە نازۇك تەبەسسۇم بىلەن ياستۇقۇمغا باش قويدى، ئۇنىڭ ماڭا دەيدىغان گەپلىرى بارلىقىنى بىلەتتىم. شامال ئۇچۇپ كېلىپ كىرپىكلىرىمدە تولغانسۇنمۇ؟ ياق، مەن كېچىنىڭ ئاغزىنى ئالقانلىرىم بىلەن ئېتىۋالدىم، سېنىڭ ناخشاڭنىڭ ئاشۇ كېچىگە قەرىز ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.
ياڭراتقىن! ئاشۇ ئۈزۈلمەس كۈيلىرىڭنى…
تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىتىڭىز تارتىشى مۇمكىن (تېمىنى چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ):
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك كىتاب: بۇمۇ بىزنىڭ ھېكايىمىز
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ «بۇمۇ بىزنىڭ ھېكايىمىز» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى ئوقۇڭ!

ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ مەزكۇر توپلامنى ئوقۇڭ!