大数跨境

نېمىشقا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى بۇنىڭغا ئامالسىز قالىدۇ؟

نېمىشقا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى بۇنىڭغا ئامالسىز قالىدۇ؟ NepKan
2021-11-30
1
导读:ئىجادىي دورىلارنىڭ پايدا بوشلۇقى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا تەقلىدىي دورىلارغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بول
نېمە ئۈچۈن مىليون يۈەنلىك دورىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئاغدۇرالمايدۇ

كونا ئۈچ چوڭ تاغ ئاغدۇرۇپ تاشلاندى، لېكىن يېڭى ئۈچ چوڭ تاغ يەنە يېتىپ كەلدى. 
مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالىنىش قاتارلىق ئۈچ چوڭ تاغقا ھەممىمىز بىر ئۆمۈر تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. 
مائارىپ ئىچكى يۆگىمىلىشىشىدە، بىز بالىلارنى ئارام ئالدۇرۇپ، ئۆزىمىز كۆپرەك كۈرەش قىلىپ، كۆپرەك تىرىشساق بولىدۇ. ئۆي باھاسى يۇقىرى، بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە پۇت تىرەپ تۇرالمىساق، بىز ئىككىنچى سەپكە بارساق بولىدۇ، ئىككىنچى سەپتە بولمىسا ئۈچىنچى سەپكە بارساق بولىدۇ. ئۈچىنچى سەپ، تۆتىنچى سەپمۇ بولمىسا، ئاز دېگەندە يەنە 30 مىڭ يۈەنگە بىر يۈرۈش ئۆي كېلىدىغان خېگاڭغا بارساقمۇ بولىدۇ.


مېڭ زىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۈچ قېتىم كۆچۈشى بىزگە مەكتەپ رايونىدىن ئۆي سېتىۋېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. لېكىن، يۇقىرى ئۆي باھاسىغا چىقىش قىلالمىساق، بىز خېگاڭغا بارساق بولىدۇ. 
لېكىن، بىز ھەممىمىز داۋالاشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. ھاياتلىقنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى ياشاشتا. ياشاش ئۈچۈن، بىز كېسەل بىلەن ئەڭ چوڭ كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. بىز ھەممىمىز تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. 
«دورام ھەممىگە قادىر ئەمەس» دېگەن كىنودا راك كېسىلى بىمارلىرى ھايات قېلىشنى ئويلايدۇ، ئەمما دورا يەپ خانىۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. قىممەت باھالىق دورا، بەك قىممەت! راك كېسىلى ئالدىدا، دورا يېيىشنىڭ ئۆزى ئۈمىدسىزلىكنى ئۈمىدكە ئايلاندۇرۇپ، ئۈمىد ئىچىدە ھاياتلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى زورمۇزور ئۇزارتىشتىن ئىبارەت. 


چۈنكى، بۇ دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى راك كېسەللىكىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ. 
راكقا قارشى تۇرۇش بىر مەيدان ئۈمىد يوق، ئەمما ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۈمىد ئىزدەيدىغان مۈشكۈل جەڭ. ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە، ئەتراپىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلاردا ئاستا-ئاستا ساغلاملىق مەسىلىسى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. مېنىڭ بىر ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم، ئۇنىڭ ئاپىسى بۇلتۇر تۇيۇقسىز راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالدى. 
ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئۆيدىكىلەر مىليون يۈەندىن ئارتۇق داۋالىنىش پۇلى سەرپ قىلدى. ئۇنىڭ ئاپىسى ئالتە قېتىم خىمىيەلىك داۋالاشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن كېسەللىك ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يەنىلا تەسكە توختاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى سىرتتا قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئالغان، يىللىق كىرىمى يامان ئەمەس. ئەگەر بۇ ئادەتتىكى بىر ئائىلە بولۇپ قالسا، ئاساسىي جەھەتتىن داۋالاشتىن ۋاز كېچىدۇ. 
نېمىشقا داۋالىنىش ھەققى بۇنچە يۇقىرى؟ ئەڭ بىۋاستە سەۋەبى دورا بەك قىممەت. تېببىي دورا ساھەسىدە، دۆلەت ئىچىدىكى دورا كارخانىلىرى سېتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا سەل قارايدۇ، نۇرغۇن يۇقىرى سۈپەتلىك دورىلارنىڭ ھەممىسى چەت ئەلدىن كەلگەن. ئىمپورت قىلىنغان راكقا قارشى دورىلار ئىنتايىن قىممەت. 


قايتا ساتىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى دورا كارخانىلىرى يەنە دورا ۋەكىللىك تۈزۈمىنى كەشىپ قىلدى. دورا ۋەكىللىرى دورىنى سېتىش ئۈچۈن دوختۇرخانا، مۇدىر ۋراچ بىلەن بىرلىشىپ پايدا بۆلۈشتى. قاتلاممۇ-قاتلام مەنپەئەت ئاستىدا، دورا سېتىش ھەققى يۇقىرى ئۆرلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىمارلارغا يۈكلەندى. 
ۋاسىتىچى سودىگەرلەرنىڭ باھا پەرقىدىن پايدا ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى تېببىي دورىلارنى يىغىپ سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. دورىنى يىغىپ سېتىۋېلىش تۈزۈمىنىڭ تەسىرىدە، ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغىنى دورا ۋەكىللىرى ۋە دورا سېتىش بولدى. دۆلەتنىڭ يىغىپ سېتىۋېلىش تۈزۈمى ئاستىدا، ۋاسىتىچى سودىگەرلەر باھا پەرقىگە ئېرىشەلمەي، دورا تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. 
بۇ تۈزۈم ئاستىدا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى بىلەن بىمارلار بىرلىك سەپتە تۇرىدۇ. دورا باھاسى قانچە تۆۋەن بولسا، دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى شۇنچە ئاز بولىدۇ، شۇنداقلا بىمارلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، بىز بەزى دورىلارنى يىغىپ سېتىۋالغاندىن كېيىن، باھاسىنىڭ بىۋاسىتە %90 چۈشكەنلىكىنى، مۇتلەق كۆپ قىسىم دورىلارنى يىغىپ سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ %30 تىن يۇقىرى تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. 


لېكىن، تېببىي دورىلارنى يىغىپ سېتىۋېلىش ھەممىگە قادىر ئەمەس. تېببىي دورىلارنى يىغىپ سېتىۋېلىشتا ھەقىقىي زەربە بەرگىلى بولىدىغىنى تەقلىدىي دورىلارنىڭ باھاسى بولۇپ، ئۇ تېببىي دورا ۋەكىللىرى ئېرىشكەن باھا پەرقىدۇر. 
تېببىي دورىلارنى يىغىپ سېتىۋېلىش ماھىيەتتە لى جياچى، ۋېي يالارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «تۆۋەن باھا مونوپوللۇقى: ئۇلار نېمىشقا ئوۋلەييانى بايقۇت قىلىدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.) داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ قولىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىزىملىكى بار بولۇپ، رىقابەت باھا پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ. ئادەتتىكى تەقلىدىي دورىلارنى ھەرقايسى چوڭ دورا كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. كىم بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تالوننى ئالالايدۇ؟ باھاسى تۆۋەنلەر ئالىدۇ. 
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ «كەسمە باھاسى» ئەڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن باھاغا ئېرىشتى. بۇ تۆۋەن باھادا ھەر قانداق بىر دورا دۇكىنى ئالالمايدۇ. پەقەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىلا شۇنداق قىلالايدۇ. 


بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەقلىدىي دورىنى ئاساس قىلىدۇ. پەقەت تەقلىدىي دورا بولغاندىلا ئاندىن تۆۋەن باھا رىقابىتى بازار ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ئاشۇ قىممەت باھالىق ئىجادىي دورىلار، ھەرگىزمۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ بۇ ئويۇنىغا قاتناشمايدۇ.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ دورا خېرىدارلىق رىقابىتىگە ئەسلا قاتناشمايدۇ. 
خېرىدار چاقىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، رىقابەت بۇيۇملىرى بولۇشى كېرەك. ئەگەر رىقابەت بۇيۇملىرى بولمىسىچۇ؟ دورا كارخانىلىرى نېمە ئۈچۈن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ خېرىدار چاقىرىشىغا قاتنىشىدۇ؟ 
بۇ يىل ئىيۇندا كايت فارما (Kite Pharma) تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئاكىلۇنسا ئوكۇل سۇيۇقلۇقى «راكقا قارشى مۇقەددەس دورا» دەپ ئاتالدى. پەقەت بىر تال ئوكۇل بىلەن بىمارنىڭ بەدىنىدىكى بارلىق راك ھۈجەيرىلىرىنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى لىمفا راكىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، يەنى ئۆسمىنى داۋالايدۇ. 


ئۇ ئۆسمە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ خۇش خەۋىرى دەپ قارىلىدۇ. 
لېكىن، بۇ بىر تال ئوكۇلنى ئۇرسا، بىر مىليون 200 مىڭ يۈەن كېتىدۇ. بۇنداق قىممەت باھا كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى بىمارلارنىڭ ئۈمىدىنى يوققا چىقىرىدۇ.
بەزىلەر بەلكىم «كايت فارما بەك قارا قول ئىكەن!» دەپ تىللىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ قېتىم ھەقىقەتەن گۈللىنىش كايت فارما قارا قوللۇق قىلمىدى.


ئاكىلۇنسا ئوكۇل سۇيۇقلۇقى بىر خىل مىقدار ھاسىل قىلغۇچى دورا بولماستىن، بەلكى گېن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. كۆپچىلىككە ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرسەم، ئۇ بىماردىن بىر دانە ئىممۇنىتېت T ھۈجەيرىسىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئاندىن T ھۈجەيرىنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىپ، T ھۈجەيرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ ئۆسمە راك ھۈجەيرىسىدىكى خىمېرىيە ئانتىتېلاسى (嵌合抗体)نى ئۆلتۈرۈپ، T ھۈجەيرىنى بىمارنىڭ تېنىگە قايتۇرىدۇ. 


بۇ چاغدا T ھۈجەيرىسى تولۇق قوراللانغان دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچىگە ئايلىنىدۇ. بىمارنىڭ تېنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ بارلىق راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتالايدۇ. 
بۇ T ھۈجەيرىنىڭ راك ھۈجەيرىسىگە بولغان تۆۋەن ئۆلچەملىك زەربىسىدۇر.
بۇ داۋالاش جەريانىدا T ھۈجەيرە دورا ئىشلەپچىقارمايدۇ، بەلكى ئوخشاش بولمىغان بىمارلارغا ئالاھىدە ياسالغان مەخسۇس ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلەپچىقارغىلى بولمايدىغان خۇسۇسىيىتى، مەخسۇس بۇيرۇتۇش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ باھاسىنى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزىدۇ.
بۇنىڭغا ئوخشاش ئىجادىي دورىلارغا نىسبەتەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئامالسىز قالىدۇ.
لېكىن كايت فارما تولىمۇ ناچارلىق قىلىۋاتىدۇ. كايت فارما ئاكىلۇنسا ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تىزىملىكىگە كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سۆھبىتىگە قەستەن تىزىملىتىپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ داڭقىنى چىقارماقچى بولغان. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سۆھبىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنە تېزلىكتە چېكىنىپ چىقتى. 


بۇ ئېنىقلا داۋراڭ سېلىپ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش تاكتىكىسى ئىدى.
لېكىن، بۇ مىسال ئارقىلىق بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، دۆلەتنىڭ يىغىپ سېتىۋېلىش تۈزۈمى ئاستىدا، دورا كارخانىلىرى يۇقىرى سوممىلىق پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىجادىي تەتقىقات يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولدى. پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بىر قىسىم تەقلىدىي دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىستىقبالى يوق. 
بىز ئىلگىرى، يۇقىرى باھادا ئىمپورت قىلىنغان دورا بىمارلارنى بەك ھالسىرىتىپ قويىدۇ، دېگەن ئىدۇق. يەنە بەزىلەر ھىندىستاننىڭ تەقلىدىي دورا ياساش يولىدا مېڭىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. قاراڭ ھىندىستان پەقەت بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا قاتناشمىسىلا، چەتئەلنىڭ تەقلىدىي دورىلىرى نەچچە مىنۇتتىلا نۇسخىلىنىپ بولىدۇ! 
دورا باھاسى ئەرزان تۇرسا، پۇقرالارمۇ پايدا ئالالايدۇ، بىراق، ھېندىستان جۇڭگونىڭ دورىشىغا ئەرزىمدۇ؟ 


بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېگەن نېمە؟ نېفىتتىنمۇ مۇھىم مۈلۈك. نېفىت قۇرۇپ كېتىدۇ، لېكىن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق. كۆچۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى دورا باھاسىنى مەغلۇپ قىلىش، ھەقىقەتەن قارىماققا تىجەشلىك چارىدەك قىلىدۇ. لېكىن بۇنداق ئۇسۇل بىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دورا كارخانىلىرىنى بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش نەتىجىسىدە، جۇڭگودىكى دورا كارخانىلىرى ئەسلى ئىجادىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. 
سىز بۈگۈن تەتقىق قىلىپ چىقتىڭىز، ئەتە كەسىپدىشىڭىز تەقلىد قىلىپ ياسايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا سىز تەتقىق قىلىپ ياسامسىز؟ بۇ ئەسلى ئىجادىيەت يولىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانغا باراۋەر. 
بىراق دورىنى يىغىپ سېتىۋېلىش ئوخشىمايدۇ، ئۇ دورا كارخانىلىرىنى ئىجادىي دورا بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلايدۇ. سىز ئىجادىي دورا ياسىمىسىڭىز، سىز پەقەت پۈتمەس-تۈگىمەس تۆۋەن باھا رىقابىتىگە پېتىپ قالىسىز. تۆۋەن باھا رىقابىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى، چوقۇم شاللىنىپ كېتىدۇ. ئەسلىي ئىجاد قىلغان دورا شىركىتى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ، ئەمما تەقلىدىي دورا شىركىتى مۇقەررەر ھالدا بازار تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ. 
ئەسلىدىكى دورا ۋەكىللىك تۈزۈمى ئاستىدا، مەيلى ئىجادىي دورا بولسۇن ياكى تەقلىدىي دورا بولسۇن، سېتىپ چىقىرالىساقلا ئىش پۈتىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقات سېلىنمىسىنى كىم باشقۇرىدۇ؟ 


دۆلىتىمىزدىكى دورا كارخانىلىرى دورىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغاندىن كېيىن، يەنە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئىلگىرى، خەلقئارا دورا كارخانىلىرى ئالاھىدە كېسەللەرنىڭ ئىجادىي دورىسىنى مونوپول قىلىۋالغان ئىدى. جۇڭگو دورا كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، پەقەت ئۇنىڭ پاتېنتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشىنى ساقلايدۇ. پەقەت پاتېنت قوغداش مۇددىتى ئىچىدە، خەلقئارا دورا كارخانىلىرى يۇقىرى باھانى داۋاملىق ساقلاپ قالالايدۇ. 
بىراق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئىجادىي دورىلار باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، خەلقئارا دورا كارخانىلىرى مونوپوللۇق ئورنىنى يوقىتىپ، رىقابەت پەيدا بولدى. رىقابەت پەيدا بولۇشى بىلەنلا، دورا باھاسى چۈشۈپ كەتتى. 
ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش ساھەسىدە، ئاكىلۇنسا ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنىڭ باھاسى ئاللىبۇرۇن زور دەرىجىدە تۆۋەن بولدى. چەت ئەللەردىكى گىرانسوك تەتقىق قىلىپ ياسىغان Strimveliis نىڭ دورا باھاسى 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، كۆك قۇش شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان LentiGlobin نىڭ باھاسى 2 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، نوخۇا تەتقىق قىلىپ ياسىغان Kymriah نىڭ باھاسى 475 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، Zolgensmaa نىڭ باھاسى 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. 


بۇنداق داۋالاش تېخنىكىسىنى ھىندىستان تەقلىد قىلىپ ياسىيالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى يوق. 
مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئىجادىي دورىلارمۇ ئوخشاشلا يىغىپ سېتىۋېلىشنىڭ «كەسمە باھاسى»غا ئۇچرايدۇ. چۈنكى، چەت ئەل دورا كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېيتسارىيەنىڭ دورا كارخانىلىرى ئورتاق رىقابەتلەشكەندە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ باھا چۈشۈرۈش بوشلۇقىغا ئىگە بولىدۇ. 
پەرقى شۇ يەردىكى، ئىجادىي دورىلارنىڭ پايدا بوشلۇقى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا تەقلىدىي دورىلارغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدۇ. 
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يىغىپ سېتىۋېلىش سىياسىتىنىڭ ئەڭ زور كۈچى ئىككى خىل: بىرى، تىببىي دورا ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋاستىچى سودىگەرلەرنى جايلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ تاماق قاچىسىنى چېقىۋەتتى. ئىككىنچى، دۆلەت ئىچىدىكى دورا كارخانىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىجادىي دورا تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
پەقەت ئۈزلۈكسىز تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقاندىلا، ئاندىن ئاممىۋىلاشقان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پاراۋانلىقىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر ھەممىسى ماركىتىڭغا تايىنىپ سېتىش مىقدارىنى ئىلگىرى سۈرسە، دورا سېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ لەۋ سۇرۇخ ساتقانغا يەتمەيدۇ! 
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى بىر شەكىلسىز قامچىنى قولىغا ئېلىپ، بىر تەرەپتىن دورا كارخانىسىنى قامچىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا: «ئىنقىلاب تېخى مۇۋەپپەقىيەت قازانمىدى، يولداشلار يەنىلا تىرىشىشى كېرەك!» دېدى. 
مەنبە: ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296