كۆرۈنمە يۈز خەۋىرى (界面新闻)نىڭ «ۋال كوچىسى پوچتا گېزىتى»نىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن نەقىل قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دېموكراتلىرى «مىلياردىرلار تاپاۋەت بېجى» ئالماقچى بولغان ھەمدە زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئامېرىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بايلار زور سوممىلىق باج تاپشۇرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماسك دەسلەپكى بەش يىلدا 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى باج تاپشۇرىدىكەن. (بۇ يەرنى چېكىپ «دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي ئالماشتى» ناملىق يازمىغا قاراڭ!)


ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئېيتقاندا، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن باجدىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان ماسك ھەقىقەتەنمۇ بىر تىيىننىڭ ئۈستىدە تىك تۇرىدىغان ئادەم ئىدى.
شەخسىي تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈمىدىن بەھرىلىنىش ئۈچۈن، بىر پۇڭمۇ مائاش ئالماي، ھەممىنى پاي چېكىگە سۇندۇرۇپ نەقلەشتۈرۈشتىن سىرت، يەنە كارخانا تاپاۋەت بېجىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، شىركەتنى تاپاۋەت بېجى نىسبىتى %13.3 بولغان كالفورنىيە ئىشتاتىدىن تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدىغان تېكساس ئىشتاتىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن.
تەلىيىمىزگە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بىز ئاسانلا پەرەز قىلالايمىز، بۇنداق پىخسىق ماسىك ھۆكۈمەت ۋە كۆپچىلىك پىكرىنىڭ ئىمبارگۇسىغا ئۇچرىمىغان ئىكەن، دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بايدېننىڭ باج قوشۇش پىلانى ئىنتايىن قىيىندۇر، بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتى بۇرژۇئازىيەنىڭ كۈدىلىرىنى ئورماقچى بولسا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ.
شۇڭا بەزىلەر (سوخۇنىڭ قۇرغۇچىسى پەن شىيىنى دېمەكچى--نەپكاردىن)نىڭ ئامېرىكىنى «ئانا دۆلىتىم» دەپ ئامال قىلىپ مال-مۈلكىنى ئېلىپ ئۇ يەرگە قاترىشىنىڭ سەۋەبى بارلىقىنى بىلمەي بولمايدۇ.

بىراق، دوقمۇش پاراڭلىرىغا قىزىقىدىغان ئاممىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ غېمىنى يېيىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ماسكلارنىڭ باجدىن قېچىشىمۇ كاپىتالىزمنىڭ تېمىنى كولاۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تارىخنى پىششىق بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئايانكى، سۇلالە تەرەققىي قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك ھالدا كەڭ كۆلەملىك «يەرلەرنى قوشۇۋېلىش»، يەنى بىر تۈركۈم پومېشچىكلار سىنىپى ھۆكۈمەتنىڭ باجنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىكى يوچۇقلار ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ يەرلىرىنى ئۈزۈكسىز تالان-تاراج قىلىپ، ماھىيەتلىك مونوپوللۇقنى شەكىللەندۈرىدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا، تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ سىياسىيونلار بارلىق ئاماللارنى قىلىپ مونوپوللۇقنى بۇزۇپ تاشلىغان، شاڭ ياڭدىن باشلاپ، ساڭ خۇڭياڭنىڭ تۇز، تۆمۈر مەخسۇس تىجارىتى، لى ئەنشىنىڭ يەر تەڭشەش تۈزۈمى، ۋاڭ ئەنشىنىڭ شىنىڭنىڭ قانۇنىنى ئۆزگەرتىشى، جاڭ جۈجېڭنىڭ بىر قامچىسى، يۇڭجېڭنىڭ جان بېجىنى مو بېشىغا چېچىش تۈزۈمى، يېقىنقى زاماندىكى يەر ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى مونوپول قىلىشنى چەكلەپ، دۆلەتنىڭ مالىيە-باج كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىدى.
تارىخقا نەزەر سالساق، ئومۇمەن مالىيە-باج ئىسلاھاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، خاندانلىق گۈللىنىشكە باشلاپ، Great Again نى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئىسلاھات مەغلۇپ بولغان ھامان بۇ خانلىق ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ.
تارىخنى ئەسلەپ، ئامېرىكىغا يەنە بىر قېتىم قاراپ باقايلى.
ئەسلىدە، كاپىتالىزم ئىقتىسادىي كىرىزىس ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئايدىڭلىشىدۇ ۋە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ، ئىقتىسادىي ئاساس بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنىڭ مۇقىم ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
لېكىن، 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان تىرامپ پېشاڭى 2020-يىلىدىكى يېڭىچە تاجىسىمان يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىنى زىيادە چوڭايتىپ، ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىش مېخانىزمىدىن ئەگىپ ئۆتۈپلا قالماي، ئۇنىڭ چەكلىمىسىز چوڭ سۇ قويۇپ بېرىشى ئامېرىكىنىڭ باي-نامراتلىق پەرقىنى كىرىتىك قىممەتتىن ئاشۇرۇۋەتتى.
ماتتېۋ ئېففېكتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ماسك قاتارلىق يېڭى، كونا بايلار ئامېرىكا، ھەتتا پۈتۈن يەر شارىنىڭ مال-مۈلكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىمەكتە.
تارىخ نۇرغۇن قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر بىر كۈچلۈك دۆلەت مالىيە-باج ئىسلاھاتىنى تاماملىيالمىسا، خانلىقنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ، ماسكلار خۇددى بىر تال تۈكىنىمۇ يۇلدۇرمايدىغان دۇڭلىن پارتىيەسىگە ئوخشاش، ئامېرىكىنىمۇ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكىدەك پۇل تاپقىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا دۇچار قىلىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپلا قالسا، ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى لى زىچېڭ بارلىققا كېلىدۇ-دە، ئەينى يىلى ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردە رەڭ ئىنقىلابى ئېلىپ بارغان ماتېرىياللارنى كۆتۈرۈپ، ئامېرىكىغا ئازراق Colour See See قىلىپ بېرىدۇ.
تارىخنى ئۆرنەك قىلساق، بىز ماسك قاتارلىق بايلاردىن ئامېرىكىنىڭ باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى كۆرەلەيمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆي-مۈلۈك بېجى، ئىستېمال بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىشىمىز ھەمدە كاربون ۋە سانلىق مەلۇماتتىن ئىبارەت ئىككى باجنى يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلىشىمىز كېرەك.
چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىشتە ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ كوزىرىغا قارىشىمىز كېرەك، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتتىن كىم باشلامچى بولۇپ ئاۋۋال باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلالىسا، شۇ كېيىنكى يېڭى دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.


بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!
تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.

