مەزكۇر ئەسەر كۈندە بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ، ئەگەر مەزكۇر ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز تۆەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئوقۇڭ!

«مەمەت شۈمەك»نىڭ ھۆنەرگە پىششىق يىتىشىپ توي فىلىم سۈرەتكە ئېلىش، رەسىمگە تارتىش ئىشلىرى ئەينى زامانلاردا قول ئىلكىدە با كىشىلەر بەھرىمان بولىدىغان مۇلازىمەت ھېسابلىناتتى، ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققىمۇ بىر قوينىڭ پۇلىغا باراۋەر ئىدى، سۈرەتخانىلاردا بىرەر پارچە سۈرەتكە چۈشسەك كەينى دىكراتسىيەگە ھەرخىل مەنزىرلەرنى كىرىشتۈرۈپ بەرسە كۆزىمىزگە ئاي كۆرنۈپ ئازراق پۇل تاپساقلا قىزىقسىنىپ رەسىمخانىغا بېرىپ رەسىمگە چۈشۈپ كىتەتتۇق، شۇ ۋاقىتلاردىمۇ جەمىئيەتتىكى ھەر بىر يېڭىلىنىش قانداق تېز پەيدا بولسا كىشىلەرنىڭ يۈزلىنىشىمۇ شۇ قەدەر تېز ئىدى. بولۇپمۇ «مەمەت شۈمەك»نىڭ ھېلىقى ئىمىنتوختى دېگەن باغۋەن بوۋاينى شۇنداق ئوڭايلا ئالداپ كېتەلىشى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ، يا بىر كىملىك، يا بىر سالاھىيەتنى ئىسپاتلايدىغان خىزمەت كېنىشكە ۋە ياكى بىر ئالاقىلىشىش نۇمۇرلىرى يوق ھالەتتە پەقەت سىنغا ئېلىش ئاپراتى بىلەنلا ئاتالمىش «مۇخبىر»لىق سالاھىيتى بىلەن باغۋەننى ئالداپ، ئۇنىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىشقا جۈرئەت قىلالىغۇدەك شۇ زامانلاردىكى كىشلەردىكى ساددىلىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىز بىلمەيدىغان يەنە قانداق خەۋپ-خەتەرلەرنى باشتى كەچۈرگەن بولغىيتتى؟
ئالدىنقى قىسىملىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغاندەك، دەي كۆچۈرۈش ۋە شۇنىڭ بىلەنلا ئىقتىسادىدا زور ئۆزگىرىش بولۇشتىمۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا پەقەت پايدىلىنىشلا بولۇپ، نە نەشر ھوقۇقى دېگەنلەرنى قانۇنى نۇقتىدىن چۈشىنىش دەيدىغان نەسىلەر مەۋجۇت ئەمەستەك. كىشىلەر پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن قانداقلا يول تاپسا شۇ يول بويىچە روناق تاپىدىغاندەك ھېس قىلىشقان شۇ زاماننىڭ ھەقىقەتەن سورىقى بولمىغىيمىدى؟!
ئىسىمدە قېلىشچە مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلىگەن يىللىرى كوچىلاردا مۇشۇنداق دەي كۆچۈرۈش دۇكانلىرى خېلى كۆپىيىپ قالغان بولۇپ بىز نۇرغۇن چولپان، ئارتىس، ناخشچىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى شۇنىڭدىن تونىغان ئىدۇق، ئۇ چاغلاردا لەڭپۇڭچىلاردىن تارتىپ تامچىلارغىچە ناخشا قويۇلماي ئىش قىلمايدىغاندەك ھالغا يەتكەن ئىدى. ئاشۇندا كىچىك-كىچىك ئۆزگىرىشلەرىدىن كېيىن جەمئىيەتتىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولغانىدى، كىچىك زېرەك پەيدا بولغاندىن باشلاپ چوڭ يوللاردا ئات ھارۋىسى، ئېشەك ھارۋىسى قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئورنىغا ئاپتۇبۇس ۋە موتۇسىكىلىت چىققان ئىدى، بۇرۇنقىدەك يول-يول دوقمۇشلىرىدا كىشىلەرنىڭ ھارۋىلارغا بېسىپ كەلگەن سەي كۆكتات، مېۋە-چېۋە سېتىقچىلىقى بارا-بارا تەرتىپكە سېلىنىپ، يول بويىدىكى قالايمىقانچىلىق يۈتكەن ئىدى، «مەمەت شۈمەك»نىڭمۇ دەي كۆچۈرۈپ سېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي موتۇسىكىلىت ئالالىشى شۇ دەۋرنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى بولۇپ، موتۇسىكىلىت كىشىلەر ناھايىتى چوڭ بىلىدىغان قاتناش ۋاستىسى ھېسابلىنىپ قالغان ئىدى. دېمەك، بۇ ئەسەردە «مەمەت شۈمەك»نىڭ بالىلىقىدىن تاكى ئۇنىڭ ياشلىقىغىچە بولغان ھەربىر دەۋرنىڭ يۈزلىنىشى، مۇھىت ئۆزگىرىشلىرى ھازىرقى ھايات مۇساپىسىنىڭ يېرىمىنى بېسىپ بولغان بىزلەرنىڭ كىچىك ۋاقىتلىمىزدىكىدىن يىراق ئەمەس، بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن چىنلىقى بىلەن ئادەمنى قايىل قىلماي قالمايدۇ.



