大数跨境

يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش

يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش NepKan
2021-10-16
1
导读:پايدا ئالىدىغان نۇرغۇن ساھەلەر ئۆزىنىڭ پايدا نىسبىتىنى قايتىدىن ھېسابلىشى كېرەك.
«ئىزدىنىش (求是)» ژورنىلىنىڭ ئەتە نەشىردىن چىقىدىغان 20-سانىدا «ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى» ناملىق مۇھىم ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ. 
بۇ ماقالە بۇ يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنى مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىدا قىلىنغان سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، قانداق قىلغاندا ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. 


بۇ قېتىمقى «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئەينى يىلى يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئورتاق بېيىش»نىڭ كېيىنكى يېرىم مۇساپىسىدە «ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش» باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ «ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش» بولسا يولغا قويۇلۇش پىروگراممىسىدۇر. 
مەزمۇن ھەقىقەتەن كۆپ بولغاچقا، بۈگۈن بۇنىڭ ئىچىدىكى سالونىمىز ئوقۇرمەنلەرىگە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان «يۇقىرى كىرىمنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشنى كۈچەيتىش»تىن ئىبارەت بۇ چوڭ تۈر توغرىسىدا نۇقتىلىق توختىلىمىز. 
بۇ تۈر جەمئىي ئالتە بالا تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا: 
1. زىيادە يۇقىرى كىرىمنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتال خاراكتېرلىك تاپاۋەتنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك 
بۇنىڭ سالمىقى ئىنتايىن چوڭ. 
مېنىڭچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ، ئۇنىۋېرسال كىرىم قىسمى ئاشۇرما باج نىسبىتى ئاساسىدا، ئوخشاش بولمىغان تۈرلەردىن ئوخشاش بولمىغان نىسبەت بويىچە باج ئېلىنىدۇ، ئادىللىققا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ. 
مەسىلەن، تەۋەككۈل سېلىنما، كىنو-تېلېۋىزىيە سېلىنمىسى قاتارلىق يۇقىرى كىرىملىك ساھەلەردە ئىلگىرىكى كەڭ كۆلەملىك باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلگىرى ئەمگەك تاپاۋىتىدىن ئېلىنىدىغان باج كۆپرەك، كاپىتال تاپاۋىتىدىن ئېلىنىدىغان باج ئازراق بولۇش ۋەزىيىتىمۇ تەدرىجىي ئۆزگىرىدۇ. 
مەسىلەن، كۆپ مىقدارلىق مەھسۇلات پاي چېكى سودىسى، كۆپ مىقدارلىق ئۆي-مۈلۈكنى يىغىۋېلىپ سېتىش قاتارلىق ئەمگەكسىز كاپىتاللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن پايدىلارنىڭ باجدا ئېتىبار بېرىلىشىمۇ تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 
بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ مىقدارلاشتۇرۇپ تەدرىجى ئازايتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، خېڭدا ۋەقەسىنىڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى ۋە مەملىكەت بويىچە نىمكەش ئۆي سودىسى كاساتلىشىشقا دۇچ كەلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ سىياسەتنىڭ گەۋدىلەنگەندىن كېيىنكى داۋامى. 


2. ئۆي-زېمىن بېجى قانۇنى چىقىرىش ۋە ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
گەرچە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلسىمۇ، لېكىن بۇ ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس. 
يىل بېشىدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىردەك بولۇپ، قانۇن چىقىرىش مۆلچەردىكىدىن ئاستا، نۇقتىدا سىناق قىلىش مۆلچەردىكىدىن تېز بولىدۇ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان بىرقانچە شەھەر كەلگۈسىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغان نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئالاھىدە رايونغا ئايلىنىدۇ. 
ئۆي-زېمىن بېجى ئېلىشتىمۇ قوش لىنىيەلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، بىر نەچچە چەمبەر سىزىلىدۇ.
بۇ ماددىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۆي-زېمىن بېجىنى يۇقىرى كىرىمنى تەڭشەشنى كۈچەيتىش چوڭ تۈرىنىڭ تارماق تۈرى قىلىپ، جۇڭگو ئۆي-زېمىن ۋە يەر مالىيەسىنىڭ تۆۋەن قاتلام لوگىكىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. 
ئۆتمۈشتىكى سېتىش يولى بىلەن بايلاردىن ئېلىنىدىغان باج، كەلگۈسىدە بولسا ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان بايلاردىن ئېلىنىدىغان باجغا ئۆزگىرىدۇ. 

3. ئىستېمال ھالقىسىدىكى باجنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمال بېجى ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەتقىق قىلىنىدۇ
بۇنىڭ كۈچ سالمىقى ناھايىتى چوڭ ھەم چوڭقۇر.
بارلىق يۇقىرى پايدا ئالغان كونا-يېڭى «شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش»نىڭ ھەممىسىدە باج ئېلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. 
ئاۋمېن لاتارىيە پاي چېكى بىلەن شياڭگاڭ يەر مۈلۈك پاي چېكى بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا بەس-بەستە چۈشۈپ كەتتى، پايدا ئالىدىغان نۇرغۇن ساھەلەر ئۆزىنىڭ پايدا نىسبىتىنى قايتىدىن ھېسابلىشى كېرەك. 
ئەلۋەتتە، بۇمۇ ھېچقانچە پايدىلىق ئىش ئەمەس. 
ئالدىنقى ئايدا سۆزلەشكەن ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاق ھاراق ۋە زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى مىسالغا ئالساق، ئومۇميۈزلۈك كۆپەيگەن ئىستېمال بېجى ساھەلەردە چوڭ ماركىلارنىڭ مەخسۇس تىجارەتنى مەركەزلەشتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇلار دۆلەتنىڭ باج يىغىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشىنىڭ ئورنىغا دەسستىلىدۇ.

4. پاراۋانلىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىمى يۇقىرى كىشىلەر توپى ۋە كارخانىلارنىڭ جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك 
بۇنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، شۇنداقلا بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلەندى، شۇڭا بۇ يەردە كۆپ سۆزلىمەيمىز، ئەلى بابا، گاۋلىڭ كاپىتالى (Hillhouse) ۋە تېڭشۈن ئاللىقاچان ئۈلگە بولدى. 

5. نامۇۋاپىق كىرىمنى ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، مونوپول ساھەلەر ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كىرىم تەقسىماتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كىرىم تەقسىمات تەرتىپىنى رەتكە سېلىپ، ئىسلاھات نامى بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش قاتارلىق قالايمىقان ھادىسىلەرنى ئېنىقلاش كېرەك
بۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر. 
شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەقسىمات پەرقىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، تەقسىمات مېخانىزمىنى تۆۋەن قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دى دىنىڭ توردا شوپۇر چاقىرىش شوپۇرى، مېيتۈەننىڭ بۇيرۇتما يەتكۈزگۈچى خادىملىرىنى ئەمدى ئالاقە تورى شىركىتى غالجىرلارچە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلالمايدىغان قىلىدۇ. 
تېخىمۇ مۇھىمى، كۆك ياقىلىقلار كىرىمىنىڭ تەدرىجىي ئېشىشىغا ئەگىشىپ، توردا شوپۇر چاقىرىش ۋە بۇيرۇتما يەتكۈزۈش كەسپىدىكى ئون مىليونلۇق سان بويىچە، نەچچە ئون مىليون دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىستېمال بەرپا قىلىنىپ، 1-، 2-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئىستېمال قۇرۇلمىسىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇپىلار ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، پەقەت پەن-تېخنىكا يولىدا مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا كۆپلىگەن سۇپا شىركەتلىرىنىڭ پايدا ئەندىزىسى قايتىدىن مۆلچەرلىنىدۇ. 

6. قانۇنسىز كىرىمنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھوقۇق-پۇل سودىسىنى قەتئىي چەكلەپ، يەڭ ئىچىدە سودىلىشىش، پاي چېكى بازىرىنى كونترول قىلىش، مالىيەدە ساختىلىق قىلىش، باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش قاتارلىق قانۇنسىز كىرىمگە ئېرىشىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك 
بۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، لېكىن قائىدىگە خىلاپ كىرىمگە تايىنىپ بېيىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەجەللىك زەربە بولىدۇ. 
پاي بازىرىدىكى قارا تۇمشۇققا زەربە بېرىشتىن تارتىپ ئاكسىيە سودىگەرلىرىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىگىچە، يەنە ئېقىم چولپانلىرىنىڭ بېجىنى تەكشۈرۈشىگىچە، يېقىنقى بىر قاتار خەۋەرلەر كۆپچىلىككە قالايمىقان پەلەمپەيلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، بارلىق كىشىلەرنىڭ ئوخشاش قائىدە بويىچە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 


تارىخ بۇ دەقىقىنى ئەستە ساقلايدۇ. 
بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى «يۇقىرى كىرىمنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش»تىكى ھەرىكەت قىبلىنەمامىز، شۇنداقلا تەنتەنىلىك ۋەدىمىز، بىز ئۆز ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئەينى چاغدىكى «ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىيدىغانلارغا تۈرتكە بولۇش» دېگەن تارىخىي داستان ئەسىرىنى نەقلەشتۈرىۋاتىمىز. 
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
ئەجىركار: نەپكار
-----------
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
1. ئەرلەرنىڭ نۇر ھالقىسى ۋە قوتاندا بېقىش
2. باج سوممىسى ئاران 750 دوللار بولغان تىرامپ باجدىن قانداق قاچىدۇ؟
3. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟
4. ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟
5. لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى
6. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟
7. ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟
8. پۈتۈن يەر شارى بىر مەيدان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلدى
9. خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟
10. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
11. نېمە ئۈچۈن توك ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلىدۇ؟
12. تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش
13. ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى
14. خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر
15. بايلارنىڭ ھالاكىتى
16. خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟
17. توك چەكلەش ئويۇنى
18. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
19 . ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى
20. ھەممە ئادەم قەھرىمان
21. شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن
22. ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟
23. ئەلى بابانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىمپېرىيەسى چۈشى بەربات بولامدۇ؟
24. مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟
25. دوۋيىن تور چولپىنى قانداق تاۋلىنىدۇ؟
26. كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟
27. كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن
28. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
29. پۇلدارلارنى ئىئانە قىلىشقا زورلاش ياخشى ئىش ئەمەس
30. يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى
31. «جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى» دېگەن نېمە؟
32. قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0