ئىلاۋە:
ئىككى كۈندى بىرى مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسى ناھايىتى چوڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، مەيلى دۆلىتىمىز بولسۇن ياكى خەلقئارادا بولسۇن، بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرى، دۆلىتىمىزگە بولغان ئاكتىپ رولى جەھەتلەردە بولسۇن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ قارىماققا شەخس بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك كۆرۈنگەن ۋەقە ئەمەلىيەتتە بولسا دۆلىتىمىز ۋە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ كۈچ سىنىشىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ ھەقتە سالونىمىز ناھايىتى ئەتراپلىق يازمىلارنى تەييارلىدى، مەزكۇر ۋەقەنى تولۇق چۈشۈنۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى يازمىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرسىڭىز، ئاندىن پۈتۈن ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ماھىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە نىسبەتەن ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز.
1. مېڭ ۋەنجۇنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدى كەينىدە (بۇ يەرنى بېسىڭ)
2. مېڭ ۋەنجۇنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئوبزور (بۇ يەرنى بېسىڭ)
3. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى (بۇ يەرنى چېكىڭ)
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ يازمىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئېرىشىڭ!

------------------------------------
لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى
ئەمىنىيە دەۋرىدە چى، لۇ بەگلىكلىرى دۆلەت كۈچى ئوخشاپ كېتىدىغان كەسىپلەردە بىر-بىرىنى تولۇقلىغان، بۇنىڭ بىلەن سودا ئىشلىرى روناق تېپىپلا قالماي، ئىككى خانلىق بىر-بىرى بىلەن قۇدىلاشقانلىقتىن، بىر مەزگىل «ئەر-خوتۇن دۆلىتى» دەپ ئاتالغان.
شيا ۋبەي تەختكە چىققاندىن كېيىن، گۇەن جۇڭنىڭ پىلانلىشى بىلەن چى بەگلىكى لۇ بەگلىكىگە قارىتا بىر مەيدان ئىقتىسادىي ئۇرۇش قوزغايدۇ، مانا بۇ داڭلىق «لۇ ئاق شايىسى» ئۇرۇشىدۇر.
لۇ بەگلىكى توقۇمىچىلىق كەسپىگە ماھىر بولغاچقا، گۇەن جۇڭ چى بەگلىكلىرىگە پۇل تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى لۇ بەگلىكىدىكى چەكلىك كاپىتال ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى بەس-بەستە توقۇمىچىلىق سانائىتىگە كىرگۈزگەن، بۇنىڭ بىلەن لۇ بەگلىكىدىن چى بەگلىكىگە بارىدىغان يۈك ھارۋىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن، غايەت زور پايدا لۇ بەگلىكى سودىگەرلىرىنى چى بەگلىكىدىن نۇرغۇن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئالغۇزغان.
لۇ بەگلىكىنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، گۇەن جۇڭ بىر تەدبىر قوللىنىپ سۈرئەتنى جىددىي تورمۇزلاپ، پۇل چىقىرىپ لۇ بەگلىكى ئاق شايىسىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەرز ئېلىپ مەبلەغ سالغان لۇ بەگلىكىدىكى سودىگەرلەر ئېغىر قەرزنى قايتۇرالماي جان ھەلقۇمىدا قالىدۇ-دە، زور بىر تۈركۈم لۇ بەگلىكىدىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى پەقەت شامال يەپ بوران كېكىرىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئېغىر بولغىنى شۇكى، لۇ بەگلىكىنىڭ دۆلەت كۈچى ۋە ئەمگەك كۈچى يېگىلى بولمايدىغان لۇ بەگلىكى ئاق شايىسىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا مەركەزلىشىپ، ئاشلىق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چى بەگلىكىدىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە (ئاشلىق)نى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان، ئاخىرىدا چى بەگلىكى بىر قېتىملىق ئىقتىسادىي ئۇرۇشتا بىۋاسىتە غەلىبە قىلغان.
كېيىن گۇەن جۇڭنىڭ بۇ ھىيلىسى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بىر ئايلىنىپ چىقتى، خېڭشەن دۆلىتىنىڭ قورالىدىن تارتىپ چۇ دۆلىتىنىڭ لۇپىغىچە، دەيگو دۆلىتىنىڭ تۈلكە تېرىسىگىچە ھەممىسى رەقىبىنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىككە ئىگە كەسپى بىلەن رەقىبلىرىنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇشقا ئورۇنۇپ باقتى.
بۇمۇ ئامېرىكا «مەيدانى كېلىشىمى (广场协定)»دىكى ياپونىيەنىڭ تۆۋەن قاتلام لوگىكىسىدۇر.

ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىگە كەلگەندە، ئەينى چاغدا ئىقلىمدىكى سودا مەركىزى بولغان خەن بەگلىكى چىن بەگلىكىگە ئوخشاش ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەن، ئۇ بولسىمۇ جېڭ گو ئىسىملىك بىر ئىنژېنېرنى چىن بەگلىكىگە ئەۋەتىپ، چىن بەگلىكلىرىگە ئۆستەڭ چېپىش توغرىسىدا تەلىم-تەربىيە بېرىپ، چىن بەگلىكىنىڭ كۈچىنى توسما ياساش، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىشقا سەرپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.
چىن بەگلىكى بېگى يىڭ جېڭ خەن بەگلىكىنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىپ، چىن بەگلىكىنىڭ دۆلەت كۈچىنى جېڭ گو ئۆستىڭىنى ياساشقا قارىتىپ، ئەينى چاغدا يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئىنشائاتى ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان.
ھازىر سانائەت مۇقىم توكقا مۇھتاج، بىر قېتىملىق توك توختاپ قالسا ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىلىرى ۋەيران بولغىنىغا ئوخشاش، قەدىمىقى يېزا ئىگىلىكىمۇ مۇقىم سۇ مەنبەسىگە مۇھتاج، بىر قېتىملىق سۇ توختاپ قالسا بىر يىل ھوسۇل ئالغىلى بولمايتتى.
چىن بەگلىكىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىشىغا ئەگىشىپ، نەچچە يۈز مىڭ كىشى ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جېڭ گو ئۆستىڭىنى ياساپ چىقتى، فۇپىڭ ئەتراپىدىكى 40 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق قاقاس يەر سۇغىرىلدى، گۇەنجۇڭ رايونىنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى ئالتە ھەسسە ئاشتى، ئىلگىرى باشقىلارغا تايىنىپ جان باقىدىغان گۇەنجۇڭ جاھاندىكى ئاشلىق ئامبىرىغا ئايلاندى.
چىن بەگلىكى بېگى يىڭ جېڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېنېرگىيە، ئاشلىق مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدى، يۇقىرى ھوسۇللۇق زېمىنمۇ ئىشلەپچىقىرىشتىن ئايرىلغان مۇقىم ئەسكەر مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، چىن بەگلىكىنىڭ ئالتە دۆلەت بىرلەشمە قوشۇنىنى تارمار قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

شۇنىڭغا ئوخشاش تاكتىكا قوللىنىپ، لۇ بەگىلىكى ئاق شايىسى بىلەن جېڭ گو ئۆستىڭى ئوتتۇرىسىدا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان نەتىجە بارلىققا كەلگەن.
يازمىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەمدى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئەجىر ھەققى بېرىۋەتكەندىن كېيىن تولۇق يازمىدىن بەھرىمەن بولالايسىز!