大数跨境

ماسكنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي بولۇش كىرىزىسى

ماسكنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي بولۇش كىرىزىسى NepKan
2021-11-03
1
导读:ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتلىق «پىخسىق»لىق ئۇلارنىڭ خەيرى-ساخاۋەت جەھەتتىكى پىلانىنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمە

ماسكنىڭ «مەجبۇرىي ئىئانە قىلىش»قا ئۇچرىشى قانداق ئىش؟ ماسك قانچە پۇل ئىئانە قىلغان؟ 

تېسلانىڭ پاي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ماسكنىڭ بايلىقى نەچچە كۈن ئىچىدە نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپىيىپ، ئۇنىڭ بايلىقى 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ، «فوربېس» ئىستاتىستىكا تارىخىدىكى ئەڭ باي كىشىگە ئايلاندى. (بۇ يەرنى بېسىپ «دۇنيادىكى بىرىنچى باي ئالماشتى!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)

لېكىن بىل گەيتىس، باففېت قاتارلىق ئالدىنقى ئەۋلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ماسك، بېزوس قاتارلىق بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا بويىچە بىرىنچى بايلارنىڭ خەير-ساخاۋەت سېلىنمىسى سەل يېتەرسىز بولۇپ قالغان. 

«ماسك»لار پىخسىقلىشىپ كەتتىمۇ ياكى پۇلنى ئۇلار تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارىغان جايغا خەجلىمەكچىمۇ؟ 

دۇنيا بويىچە ئىستاتىستىكا قىلىنغاندىن بۇيانقى ئەڭ باي ئادەمگە ئايلانغاندىن كېيىن، ماسك ب د ت ئەمەلدارى تەرىپىدىن ئىئانە قىلىشقا مەجبۇرلاندى. (بۇ يەرنى بېسىپ «ماسكنىڭ ئىئانىگە مەجبۇرىلاش!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)

ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى داۋىد بىسلېي CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قاتتىق غەمسىرەپ: «يۇقۇم ئەھۋالى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق كۆپ خىل كىرىزىسنىڭ تەسىرىدە، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار ئاچارچىلىق كىرىزىسىغا دۇچ كەلدى، پۇلى ۋە ئاشلىقى يوق ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى بۇنىڭغا ئامالسىز قالدى.» دېگەن. 


بىسلېي ماسكقا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «بىر قېتىملىق ياردەم» بىلەن تەمىنلەشنى مۇراجىئەت قىلدى. 

بىسلېي: «ئالتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەن 42 مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ، بۇ پەقەت ماسكنىڭ بىر كۈندە كۆپەيگەن بايلىقى.» دېدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «ماسكنىڭ %2 مال-مۈلكى يەر شارىدىكى ئاچارچىلىقنى تۆگىتەلەيدۇ!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)

ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە تېسلانىڭ پاي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەش دەرىجىسىگە ئاساسەن، ماسكنىڭ بايلىقىدىن 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپىيىشكە پەقەت بىر كۈنمۇ كەتمەيدۇ. (بۇ يەرنى چېكىپ «ب د ت نىڭ ئەمەلدارى: ماس، نوچى بولساڭ دوئىلغا چۈش!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتىنىڭ بىرى بولغان ھېرتس 25-ئۆكتەبىر 100 مىڭ دانە تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىلى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «مەن 100 دانە تېسلا سېتىۋالىمەن!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)
بۇ پايدىلىق خەۋەرنىڭ تۈرتكىسىدە، تېسلانىڭ پاي باھاسى بىر كۈندە ئون نەچچە نۇقتا شىددەت بىلەن ئۆرلىدى، ماسكنىڭ شەخسىي بايلىقى بىر كۈندە 36 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۆستى.

ماسكنىڭ شەخسىي بايلىقى نۆۋەتتە 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن بولۇپ، «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن بۇيانقى ئەڭ پۇلدارلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېسلانىڭ پاي باھاسى يۈزلىنىشى بويىچە ماسكنىڭ بايلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. 

ئەمما پۇلى كۆپ بولغاننىڭ باش ئاغرىقىمۇ كۆپ، بۇ بىسلېينىڭ ماسكنى تۇنجى قېتىم پۇل ئىئانە قىلىشقا مەجبۇرلىشى ئەمەس. (بۇ يەرنى بېسىپ «ماسك نېمىشقا باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلىدۇ؟» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)

ماسك 10 كۈن ئىلگىرى بېزوسنىڭ ئورنىغا چىقىپ دۇنيادىكى بىرىنچى باي بولغاندا، بىسلېي تىۋىتتېردا ماسكنى «تەبرىكلىگەن»، ئاندىن كېيىن گەپنى بىراقلا «مەجبۇرىي ئىئانە» قىلىشقا بورىغان. 

-ماسك ئەپەندى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مەن سىزنى بىر ئۆمۈر تېپىش قىيىن بولغان خەير-ساخاۋەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيمەن: 6 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن 42 مىليون ئادەمنىڭ ئاچارچىلىق ئازابىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىڭ! 


ماسكتىن باشقا يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى باي بېزوسمۇ كۆپ قېتىم بىسلېي تەرىپىدىن «يوقلىما» قىلىنغان. 

«فوربېس» ژۇرنىلى ئامېرىكىدىكى 400 بايلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بىسلېي تىۋىتتېردا ئېيتىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى 400 بايلار بىر يىلدا %40 بايلىقنى كۆپەيتكەن، ھازىر پەقەت كۆپەيگەن بايلىق قىسمىنىڭ %0.36 نى چىقارسىلا، 42 مىليون ئادەمنىڭ ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم بېرىدىكەن. ئۇ بېزوس بىلەن ماسكنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بۇ 42 مىليون ئادەمگە ياردەم بېرىشىنى سەمىمىي تەلەپ قىلغان. 

ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىسلېينىڭ «ئىئانىگە مەجبۇرلاش» سۆزى ماس كېلەمدۇ-يوق؟ بۇنى دېمەي تۇرايلى، ئامېرىكىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار شۇنچە كۆپ تۇرسا، ئۇ نېمىشقا ماسك بىلەن بېزوسقا كۆز تىكىدۇ؟ 
بۇنىڭ سەۋەبى بار. 
فوربېس ئالدىنقى بىر مەزگىلدە پۈتۈن دۇنيادىكى بايلار ئىئانە قىلىش تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بايلارنىڭ «خالىس» ئىئانىسى (ساپ ئىئانىسى، شەخسىي فوندقا ئىئانە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.)نى قوشۇپ، ئاندىن شۇ باينىڭ نۆۋەتتىكى بايلىق ئومۇمىي سوممىسى ۋە ئىئانە ئومۇمىي سوممىسىغا بۆلۈپ، بايلارنى بەش دەرىجىگە بۆلگەن. 

%1 كە يەتمەيدىغانلار، %1 تىن %5 كىچە بولغانلار، %5 تىن %10 كىچە بولغانلار، %10 تىن %20 كىچە بولغانلار، %20 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغانلاردىن ئىبارەت. 

بۇ يىل تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن دۇنيادىكى ئەڭ باي 400 كىشى ئىچىدە، پەقەت 19 كىشى %10 ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق شەخسىي بايلىقىنى ئىئانە قىلغان، 156 كىشىنىڭ ئىئانە قىلىش نىسبىتى %1 كىمۇ يەتمىگەن، بۇلار ماسك ۋە بېزوسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن بىر قىسىم تاراتقۇلار تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ پىخسىق مىلياردېر» دېگەن نامنى تالىشىپ رىقابەتلىشىۋاتقانلار دەپ مەسخىرە قىلىنغان. 

بېزوس بەكلا مەسخىرە قىلىنغان، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ تىزىملىكتە ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئايالى مەيكېنزى (MacKenzie Bezos)مۇ بار بولۇپ، بىر يىلدا 9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ سېخىي بايلار قاتارىغا كىرىدۇ. 


باففېت، بىل گايتىس قاتارلىق ئالدىنقى ئەۋلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ماسك ۋە بېزوسنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا سالغان مەبلىغى ھەقىقەتەن كۆپ ئەمەس. 

فوربېستىكى بايلار ئىئانە قىلىش تىزىملىكىدە باففېت 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئىئانە ئومۇمىي سوممىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، نىسبىتى %36 كە يەتكەن. بىل گايتىس بىلەن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خوتۇنى ھازىرغىچە 65 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان، گەرچە ئىئانە قىلىنغان پۇلنىڭ كۆپ قىسمى شەخسىي فوند جەمئىيىتىگە ئېقىپ كەتكەن بولسىمۇ، نىسبىتى يەنىلا %10 تىن يۇقىرى بولغان. 

دۇنيادىكى كاتتا باي بولۇش نۆۋىتى كەلگەن ماسك بىلەن بېزوسمۇ ئەمەلىيەتتە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. 

بۇ يىل 9-ئايدا، SpaceX نىڭ تۇنجى قېتىملىق پۇقرالار ئالەم بوشلۇقى سەپىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ماسك تىۋىتتېردا بالىلار خەير-ساخاۋەت ئورگىنى St Jude غا 50 مىليون دوللار ئىئانە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 

بۇ يىل 7-ئايدا، بېزوس ئالەم بوشلۇقىدا قىسقىغىنە بىر قېتىم سىناپ كۆرۈپ، يەر شارىغا قايتىپ كېلىپ نەچچە سائەتتىن كېيىن، «جاسارەت ۋە مەدەنىيلىك مۇكاپاتى» ناملىق خەير-ساخاۋەت پىلانىغا 200 مىليون دوللار ئىئانە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 

ئىككىيلەن مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەخسىي فوند جەمئىيىتى قۇرغان بولۇپ، ئىئانە ئومۇمىي سوممىسى ھازىرغىچە 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمىگەن. پېشقەدەملەرنىڭ نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق كۆلىمىگە سېلىشتۇرغاندا، ھەقىقەتەن كۆپ چېنىپ قالغان. 

بۇ نۆۋەتلىك دۇنيادىكى بىرىنچى بايلار پىخسىق بولۇپ كەتتىمۇ؟ 


ئەگەر نوقۇل ھالدا ھاياتىدىكى ئىئانە سوممىسىنى كۆزدە تۇتقاندا، ماسك بىلەن بېزوس ھەقىقەتەن «پىخسىق» ھېسابلىنىدۇ. لېكىن سېخىي بولۇش-بولماسلىق، بۇنداق ئاددىي ۋە قوپاللىق بىلەن ئايرىماسلىق كېرەك. 

ماسك بىلەن بېزوسنىڭ بايلىق مەنبەسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېسلا ۋە ئامازوننىڭ پاي چېكىدىن كېلىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ۋە بۇلۇت ھېسابلاش شامال ئېغىزىنىڭ ياردىمىدە، ئىككىيلەننىڭ بايلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىددەت بىلەن ئاشتى. 

ئەمما ھازىر 300 مىليارد يۈەنگە يېقىن بايلىقى بار ماسكنىڭ ئون يىل ئىلگىرى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟ 

ئىككىيلەننىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بايلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە يېتىشەلمەي، باي-نامراتلىق پەرقى ئۈزلۈكسىز چوڭىيىۋاتقان ھازىرقى دۇنيادا «پىخسىق»لىقتىن ئىبارەت بۇ نازۇكلۇق ناھايىتى ئاسانلا چوڭىيىپ كېتىدۇ. 

ئەمما خەير-ساخاۋەت ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە تەپسىلىي پىلانلاش زۆرۈر بولغان كەسىپ، كۆپ ھاللاردا دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئىئانە قىلغۇسى يوق ئەمەس، بەلكى قانداق ئىئانە قىلسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 

ماسك بۇ يىل 1-ئايدا، سىرتتىكىلەرنىڭ ئۇنى «پىخسىق» دەپ تەنقىدلىشىگە قارىتا، تىۋىتتېردا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەنقىدىي ئىنكاسنى ئىنتايىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىگە ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

بېزوسمۇ ئوخشاش گاڭگىراشنى ئىپادىلىگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قانداق قىلغاندا ئىئانىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئىئانىنىڭ ئۆزىدىنمۇ مۇھىم ئىكەن. قانداقلا بولمىسۇن، كاتتا بايلارنىڭ پۇلى ئاسماندىن بىكارغا چۈشۈپ قالمىغان، ئۇلارمۇ ئىئانە قىلغان پۇلنىڭ ئۈنۈمى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتلىق «پىخسىق»لىق ئۇلارنىڭ خەيرى-ساخاۋەت جەھەتتىكى پىلانىنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. 

بۇلتۇر 2-ئايدا، بېزوس «بېزوس يەر شارى فوندى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن. ماسك بۇنىڭدىن ئىلگىرى تېسلانىڭ 20~30 يىلدىن كېيىن «مۇقىم ھالەت»كە كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن كەڭ كۆلەمدە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر ئىككىسى ئالەم بوشلۇقىدا ئىزدىنىش ھەۋەسكارلىرى. بۇ بىر ئىنتايىن پۇل كۆيدۈرىدىغان كەسىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئىشنى ياخشى قىلالمايۋاتىدۇ، ھەر ھالدا بۇ ئىككەيلەننىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپسەك ياخشى بولماس!؟

غايەت زور مەبلەغ سېلىپ خەير-ساخاۋەت قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ بەلكىم تېخىمۇ ئۇلۇغۋار نىشانى بولۇشى مۇمكىن. 

2018-يىلى ماسك ئۆزىنىڭ بايلىقى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ يېرىم پۇلۇم يەر شارىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، قالغان يېرىمى مارستا ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدىغان شەھەر قۇرۇشقا ئىشلىتىلىپ، يەر شارىدا كىچىك سەييارىلەرنىڭ سوقۇلۇشىغا ئۇچراش ياكى ئۈچىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.»

ئەگەر بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا، خەير-ساخاۋەت قىلغانغا ئوخشاش ھۆرمەتلەشكە ئەرزىمەمدۇ؟
مەنبە: QT يۇمشاق دېتال باغچىسى تورىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
------------




【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0