大数跨境

ماسك ۋە ئورتاق بېيىش

ماسك ۋە ئورتاق بېيىش NepKan
2021-11-05
1
导读:نۇرغۇن كارخانىلار بەس-بەستە قانچىلىك پۇل چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئاۋۋال ياشلىقىمدىكى بىر ئەسلىمەمنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەي.
ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقە تورى ئەمدىلا دەلدەڭشىپ ماڭغان بولۇپ، OICQ يەنىلا 6-8 خانىلىق نومۇر بولغان دەۋر ئىدى، پۈتۈن دۇنيادىكى بىر ئالاقە تورى ماگناتى ئاللىقاچان مىلياردلىغان ئابۇنىچى ۋە 100 مىليارد يۈەنلىك بازار قىممىتىگە ئىگە ئىدى، ئەينى چاغدا 360 نىڭ قۇرغۇچىسى جوۋ خۇڭيى ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، ئۇ ئەلى بابانىڭ %40 پاي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، گوگۇل ۋە ھازىر مېتا ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەن Facebook نى سېتىۋېلىشقا تاس قالغان، بۇ شىركەتنىڭ ئىسمى ياخۇ (Yahoo) ئىدى. ھالبۇكى، ئالاقە تورى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئون يىلدا، بۇ جۇڭگولۇق قۇرغان شىركەت جۇڭگو بازىرىنىڭ سۇ-تۇپرىقى بىلەن ماسلىشالمىغانلىقتىن، كېيىن دەۋر ئىسلاھاتىغا يېتىشەلمەي، ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ئاخىرى 2016-يىلىغا كەلگەندە تېلېگراف ماگناتى Verizon تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، بۇ يىل 5-ئايدا يەنە بىر قېتىم خۇسۇسىي فوند «ئاپوللو» يەر شارى باشقۇرۇش شىركىتىگە سېتىۋېتىلدى. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ياخۇ ئابونتلارنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىدا ياخۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى، بۇ بىر ئەۋلاد ماگناتلارنىڭ جۇڭگو بازىرىدىن ئۈزۈل-كېسىل چېكىنىپ چىققانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، كىشىنى ئىختىيارسىز ھەيران قالدۇراتتى. مېنىڭ ئەينى يىلى تۇنجى ئېلخەت ھېسابات نومۇرۇم ياخۇدىن ئېلىنغان ئىدى، گەرچە نۇرغۇن يىل بۇرۇنلا ئىشلىتىلمەي تاشلىنىپ قالغان (2013-يىلى، جۇڭگو ياخۇ ئېلخەت، ئۇچۇر ۋە مەھەللە قاتارلىق مۇلازىمەتلەر ئاللىقاچان مۇلازىمەتنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.) بولسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەرنى كۆرۈش كىشىنى تولىمۇ ئويغا سالىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «ئىنتېرنېت سەركىسى ياخۇنىڭ 100 مىلياردتىن ۋەيران بولغۇچە تارىخى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)


ئاندىن بىز بۈگۈنكى ئاساسىي تېمىغا قايتىپ كەلسەك:
تېسلانىڭ شىمالدا ئىككىنچى زاۋۇتنى قۇرۇش توغرىسىدىكى خەۋەر تېخى ئەمەلىيلەشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئويۇن ئويناش ئۇستىسى ماسكنىڭ تېمىسى ئۈزۈلمىدى، بىر كۇپلىت «يەتتە قەدەملىك شېئىر» بىلەن ب د ت ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ «ئىئانىگە مەجبۇرلاش»ى بۇ ئىككى كۈندىكى قىزىق تېمىغا ئايلاندى. (بۇ يەرنى بېسىپ «ماسكنى ئىئانىگە مەجبۇرلاش» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)

11-ئاينىڭ 2-كۈنى ماسك تىۋىتتېر ۋە مىكرو بلوگدا بىر پارچە يازما ئېلان قىلغان، ئۇ بولسىمۇ ساۋ جىنىڭ «يەتتە قەدەملىك شېئىر» ئىدى. 

ماسكنىڭ مىكرو بىلوگى، مەنبەسى: تور 

ماسكنىڭ بۇ شېئىرنى تارقىتىشىدىكى سەۋەب زادى نېمىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتماي تۇرايلى، ئىشقىلىپ توردا ھەرخىل قاراشلار بار، بەزىلەر ئامېرىكا «مىلياردېرلار تاپاۋەت بېجى» ئالماقچى بولغان دېسە، بەزىلەر كېيىن دېمەكچى بولغان «مەجبۇرىي ئىئانە قىلىش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېسە، بەزىلەر «ئىت پۇلى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەيدۇ، يەنە بەزىلەر پەقەت «Humankind» ئويۇنى ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ؛ لېكىن نەتىجىدە توردا «دۆلەت تىلى قىزغىنلىقى» كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن نېمە مەزمۇن ئىكەنلىكىگە قىزىقىپ تېڭىرقاپ قالغان چەت ئەللىك تورداشلار تەرجىمە يۇمشاق دېتالىغا تايىنىپ چۈشەنمەكچى بولغان، نەتىجىدە تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن پۇرچاقنىڭ كوللېكتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوقلۇقىنى بايقىغان؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار تەرجىمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ئاخىرىدا يەنىلا بىزنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى پىر شۈ يۈەنچۇڭ ئەپەندىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغان. 

WRITEN WHILE TAKING SEVEN PACES 
Pods burned cook peas 
Peas weep in the pot: 
Root, please, Grown from same 
Why boil us hot؟ 

ئەلۋەتتە، ماسكنىڭ جۇڭگو دۆلەت تىلىنى كېڭەيتىشتىكى دوستانە ھەرىكىتىنى تەرىپلەش ئۈچۈن، ئەمەلىي كۈچى بار تورداشلار بەس-بەستە دۇنيا بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك باي ماسكنى قولىدىن كېلىشىچە تارتۇقلىدى، ھازىر بۇ مىكرو بىلوگ 6500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشتى، يەنى مىكرو بىلوگنىڭ CEO سى ۋاڭ گاۋفېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6500 دىن ئارتۇق كىشى دۇنيا بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك باي ماسكنى مۇكاپاتلىغان. (بۇ يەرنى بېسىپ «دۇنيادىكى بىرىنچى باي ئالماشتى!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)

ئەمدى «مەجبۇرىي ئىئانە قىلىش» ئىشىنى دەپ باقايلى. يېرىم ئاي ئىلگىرى، ب د ت ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى داۋىد بىسلېي تىۋىتتېردا يازما ئېلان قىلىپ، ماسكنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي بولغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ماسكقا يەنە بىر «پۇرسەت» بەرگەن. (بۇ يەرنى بېسىپ «دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي بولۇپ بېشىغا پىت تېرىۋالغان ماسك» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)

-ئېلون ماسك سىزنىڭ جېف بېزوسنىڭ 221 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق دۇنيادىكى بىرىنچى بايلىق ئورنىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي بولغانلىقىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! سىزنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مەن سىزنى بىر ئۆمۈر تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىمەكچى، يەنى 42 مىليون ئادەمنىڭ ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، پەقەت 6 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېتىدۇ! پۇرسەتنىڭ ۋاقتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ... ھاياتمۇ شۇنداق. (بۇ يەرنى بېسىپ «ماسكنىڭ %2 مال-مۈلكى يەر شارىدىكى ئاچارچىلىقنى تۆگىتەلەيدۇ!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)
بۇ يىل 42 مىليون ئادەم ئاچارچىلىق گىردابىغا بېرىپ قالدى. يۇقۇم ئەھۋالى بىر مەيدان مىسلى كۆرۈلمىگەن يەر شارى كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەگەر بىز ئىنكاس قايتۇرمىساق، ئاچارچىلىق، دۆلەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە كەڭ كۆلەملىك كۆچمەنلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئېلون ماسك، تۈنۈگۈن، سىز 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تاپتىڭىز، بۇ دەل بىز ئاپەتتىن ساقلىنىشتا ئېھتىياجلىق بولغان ئامېرىكا دوللىرى! ياردەم قىلىڭ! ...


ئەمما، دەرھال بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ: «بۇلتۇر سىلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى ئېنىقلا 8 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى توپلىدىڭلار، نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايسىلەر؟» دەپ سوئال تاشلىدى. 


بۇ چاغدا ماسك: «ئەگەر ب د ت ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى تەپسىلىي پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماڭا 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كونكرېت قانداق خەجلەيدىغانلىقىنى، دۇنيادىكى ئاچارچىلىقنى قانداق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسە، مەن دەرھال پاي چېكى سېتىپ پۇل ئىئانە قىلىمەن.» دەپ ئىپادە بىلدۈردى. (بۇ يەرنى چېكىپ «ماسك: بۇ ئىشلار ئېنىق بولسا مەن دەرھال 6 مىليارد دوللار ئىئانە قىلىمەن!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)


يولداش بىسلېي دۇنيا بويىچە بىرىنچى بايلارنى ئۇنچە ئاسان ئەخمەق قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقاپ، يەنە: «مەن 6 مىليارد يۈەن بىلەنلا دۇنيا قەھەتچىلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ دېمىدىم، بۇ 6 مىليارد 600 مىليون يۈەن پەقەت 42 مىليون ئادەمنىڭ بۇ قېتىمقى ئاشلىق كىرىزىسىدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىدىغان بىر قېتىملىق ئىئانە پۇل.» دېدى. يەنە ماسكنى يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئورنى «يەر شارى ياكى ئالەم بوشلۇقى» بولسىمۇ بولىۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (بۇ يەرنى بېسىپ «ب د ت نىڭ ئەمەلدارى: ماسك، نوچى بولساڭ، دوئىلغا چۈش!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)


بىراق ماسك يەنىلا ئاۋۋال لايىھە كۆرۈشتە چىڭ تۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم «ئوچۇق-ئاشكارا» بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. (بۇ يەرنى بېسىپ «ماسك نېمىشقا باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلىدۇ؟» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)


ئۇنىڭدىن كېيىن، بىسلېي بىر جەدۋەل چىقاردى ھەمدە كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە بىر پارچە «كەڭ ھەم تەپسىلىي پىلان» تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 


بۇ يەرگە كەلگەندە، بۇ ئىشنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىغا يەنە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇلتۇر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ب د ت ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ بارلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغان، ئاشكارا پىلان تۈزۈپ چىقىشىنى، شۇنداقلا دۇنيادىكى تۇنجى بايلارنىڭ پىلاننى كۆرگەندىن كېيىن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەلۋەتتە، داۋامى داۋاملىق قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىدىغان ئويۇنغا ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. 

لېكىن بۇنىڭ بىلەن مەن ئەڭ ئاخىرىدا دېمەكچى بولغان ئىككى ئېغىز سۆزۈم:
بىرىنچى، دۆلەت ئىچىدە ئەمەلىيەتتە بۇ خىل مىخانىزىم كەمچىل بولۇپ، تۈرلۈك ياردەملەر تېخىمۇ ئاشكارا بولۇپ، قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ئويۇنىنىڭ كەينى-كەينىدىن كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. 
ئىككىنچى، «ئورتاق بېيىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغىلى بىر مەزگىل بولدى. نۇرغۇن كارخانىلار بەس-بەستە قانچىلىك پۇل چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. تېڭشۈن، ئەلى بابا قاتارلىق كارخانىلار چىقىرىشنى خالايدىغان پۇللا 6 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنداقتا بۇ پۇللارنى قانداق خەجلەيمىز؟ كونكرېت قايسى تەرەپكە خەجلەيمىز؟ «ئوچۇق ئاشكارا» بولامدۇ؟ مەنمۇ ئوخشاشلا جاۋابىنى كۈتىمەن.
مەنبە: لاۋ جاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە شەھەر پاراڭلىرى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
----


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296