بۇ نەچچە كۈنلۈك يازمىمىزدا چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزىنىڭ ئىچكى يادرو لوگىكىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا تەييارلىق قىلدۇق.
ئاۋۋال كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۆي ـ زېمىن توغرىسىدا پاراڭلىشايلى.
خەلق بانكىسى، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى بىرلىشىپ 29-سېنتەبىر ئۆي-زېمىن پۇل مۇئامىلە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قانۇن ئىدارە قىلىش، بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ماسلىشىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغدىشى، تۇرالغۇ ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
قايسى كۈنى پۇل-مۇئامىلە چەمبىرىكىدىكى دوستلار ئارا بۇ ھەقتە پاراڭلاشقاندا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تولىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن پىكىر بايان قىلىشتى، بىراق مەن دوستلىرىمغا مۇنداق دېدىم: «بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پوزىتسىيەسى بىر قەدەر نېيترال بولۇپ، پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ، زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ بار، سىياسەتنى تەڭشەش مۆلچەرى يوق.»
بۇ يەردە كۆپچىلىكنى مۇنداق بىر سىردىن تەڭ بەھرىمەن قىلىمىز، مەركەزنىڭ سىياسەت ھۆججەتلىرىنى ئوقۇغاندا ئىككى مەزمۇننى چۈشىنىش كېرەك، بىرى، سىياسەتنىڭ ھۆكۈمى، يەنە بىرى، سىياسەتنىڭ ھەرىكىتى.
ھۆكۈم دېگىنىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىگىلەپ چىقارغان مۆلچەرى بولۇپ، سىياسەتنىڭ ھەرىكىتى دېگىنىمىز، ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى (对冲政策)نى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىككىسى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ.
بىراق، ھەرىكەتنى ھەممەيلەن كۆرەلەيدىغان بولغاچقا، ناھايىتى ئاسانلا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئۇنى زىيادە يۇقىرى ۋەزىنگە ئىگە قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى ئورۇندا تۇرغۇچىلار ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار بازاردىكىدىن كۆپ بولىدۇ، ھەرىكەتنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمىنىڭ قانداق بولۇشىنى قىياس قىلالىغاندا، ئاندىن ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇچۇرغا ئېرىشىپ، رىقابەتچىڭىزدىن ئۈستۈن تۇرغىلى بولىدۇ.
مەسىلەن، ئىلگىرى چۈشەندۈرۈلگەن 7-ئاينىڭ بېشىدا گوۋۇيۈەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندە، «تاشلىۋېتىش (پاي چەك ئاتالغۇسى "看空" بولۇپ، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلار كەلگۈسىدىكى چوڭ بازار ياكى مەلۇم پاي چېكى، زاكاز مال، پۇل قاتارلىق بازار ئەھۋالىنى يامان كۆرىدىغان كەلگۈسىنى كۆرسىتىدۇ.»تىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ تۆۋەنلىشى ھۆكۈم، «كۆپ قىلىش»دىكى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش بولسا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە گوۋۇيۈەن سانلىق مەلۇمات يۈزلىنىشىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىز ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چوقۇم ياخشى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالايمىز.
ھەتتا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سۈرئەت سالمىقىغا ئاساسەن، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ دولـقۇنىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ دەل قىممەتنىڭ مەنبەسى.
يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، غەربتىكى ئاساسىي ئېقىم ئىقتىسادىي ئاپپاراتلىرى جۇڭگونىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق مۆلچەرىنى بەس-بەستە تۆۋەنلەتتى، ئەمما بىز 7-ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى ئارقىلىق، مەركەزنىڭ ھۆكۈمىنى تەتۈر پەرەز قىلساق، غەربتىكىلەردىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ئالدىن پەرەز قىلالايمىز.
بۇنى تېكساس قارتا ئوينىغانغا تەدبىقلىساق چۈشىنىش ئاسان، ئەگەر سىز ھەمقارتچىلىرىڭىزغا (牌友) قارىغاندا ئەڭ ئاخىرقى بىر قارتىنى بالدۇر كۆرەلىسىڭىز، ئۇتۇش نىسبىتىڭىز چوقۇم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، گەرچە ئۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئېھتىيات قىلسىڭىزلا، زىيان تارتىشىڭىز تەسكە توختايدۇ.

بولدى، لوگىكىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى مەركىزىي بانكا، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ يەر مۈلۈك يىغىنىغا قايتىپ كېلىمىز، بىزمۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىمىز.
بىرىنچى ھەرىكەت، «تۇرالغۇ ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش».
ئويلاپ باقايلى، كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بەرسە، ئاندىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتلىمىنى ئارىلىشىپ، «تۇرالغۇ ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش»قا توغرا كېلىدۇ؟
ئىككىنچى ھەرىكەت، «پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قانۇن ئىدارە قىلىش، بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك.»
ئويلاپ باقايلى، كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بەرسە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مەمۇرىي بۇيرۇق ئەمەس، بەلكى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە بازارلاشتۇرۇش بويىچە ئىش كۆرىدۇ؟
ئۈچىنچى ھەرىكەت، «ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغدىشىغا ماسلىشىش كېرەك.»
ئويلاپ باقايلى، كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بەرسە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرى مۇقىم بولمايدۇ؟
شۇڭا، بازارنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ يېتىدۇ، لېكىن ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىشانىنى پەرەز قىلالايدۇ.
نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش «كەلگۈسىدە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ھەمدە مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن.» دەپ قارايدۇ، بۇنىڭغا قارىتا مەركىزىي بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ئىستېمالچىلارنى قوغداشنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
يېقىندىن بۇيانقى توك كەمچىل بولۇش (بۇ يەرنى چېكىڭ!) ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش يۆنىلىشىنى تاللىشىنى ئاسانلا چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ، ئومۇمىي مىقدارى بەلگىلىك بولغان ئەھۋالدا، بىر قىسمىنى چوقۇم زىيانغا ئۇچرىتىش كېرەك، بۇنىڭدا چوڭىنى ساقلاپ قېلىش ياكى كىچىكىنى ساقلاپ قېلىشقا قاراش كېرەك.
يەر مۈلۈكتىن ئىبارەت بۇ يېپىق سستېمىدا، قارتا ئۈستىلى ئاستىدىكى ئويۇن ئوينىغۇچىلار يەر مۈلۈك سودىگەرلىرى، بانكا، ئىستىمالچىلار، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ماركا تارقىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىستىمالچىلار خەتەرنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، بانكىلارمۇ بازارلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلماسلىقى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقنى قوغدىشىغا ماسلىشىشى كېرەك.
باشقا ئۈچىنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىن، تەبىئىي ھالدا بىر قىسىم تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان زېمىن سودىگەرلىرىگىلا جاپا تارتىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
تېخىمۇ كۆپ نادىر يازمىلارغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ!
تۆۋەندىكىسى ئېلان خاراكتېرلىك يازما، ئەمما ئىشىنىمىزكى سىزگە چوقۇم نەپ تېگىدۇ!
مانا ھەش پەش دېگۈچە دۆلەت بايرىمىمۇ كېلىپ، تېزلا ئۆتۈپ كېتەي دەپ قالدى، بۇ قېتىملىق دۆلەت بايرىمىغا ئالاھىدە سوۋغات تەييارلاپ بولالمىغان بولساقمۇ، ئەمما قولىمىزدىن كېلىشىچە، سەمىمىيىتىمىزگە يۈز كېلىش يۈزىسىدىن تۆۋەندىكىدەك سوۋغاتلارنى تەييارلىدۇق، بۇ سوۋغاتلارغا ھېچقانداق پۇل خەجلىمەيسىز، ئەمما ئازراق ھەرىكەت قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، كونىلاردا «ھاياتلىق ھەرىكەتتە!» دېگەن ئاتىلار سۆزى بار ئەمەسمۇ، شۇڭا بۇنىڭغا بەك ئېرىنچەكلىك قىلماسلىقىڭىزنى، ئازراق ھەرىكەت قوللىنىپ، بىزنىڭ بۇ ئاددىيغىنە كۆڭلىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى نەپلىنىشىڭىزنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمىز.
ئالدى بىلەن ھەقسىز دەرسلىككە ئېرىشىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز:
بۇ قېتىم بىز سىز ئۈچۈن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، شىنجاڭ ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان، ئېلى قۇربان مۇئەللىم سۆزلىگەن نادىر دەرسلىك «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم»، شىنجاڭ ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئىشەپچىققان نادىر مەخسۇس فىلىم «شىركەتنىڭ كۈچى»، پۇل ۋە مالىيە بىلىملىرىنى چۈشىنىشتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام»، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»نىڭ ئاۋازلىق ۋە يېزىقچە نۇسخىسى، ئالاھىدە نۇتۇقچى نۇرئەلى ئابلىزنىڭ «ھاياتىڭىزدىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» ناملىق كىتابى، نەپبىلوگىنىڭ ئايلىق ئەزالىق كارتىسى قاتارلىقلارنى تەييارلىدۇق.
بىرىنچى قەدەم، پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۇسۇلى سىز ئالدى بىلەن نەپدان سالونىغا ئەگىشىسىز (ئەگىشىپ بولغان بولسىڭىز، بىرىنچى قەدەمدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە ئىككىنچى قەدەم باسقۇچلارنى ئورۇندىسىڭىز بولىدۇ)!
سالونغا ئەگەشكەندىن كېيىن، سالونغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا سالونغا 1001، 1002، 1003، 1004، 1005، 1006، 1007 ... قاتارلىق سانلارنى قايتۇرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە خاس تەشۋىقات ئېلانىغا ئېرىشەلەيسىز، ئاندىن شۇنى تەشۋىق قىلىپ، نەپدان سالونىغا پەقەت ۋە پەقەت 50 ئادەم ئەگەشتۈرسىڭىزلا، شۇ مۇناسىپ دەرسلىك ياكى كىتابقا ھەقسىز ئېرىشەلەيسىز. (رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك):

ئىككىنچى قەدەم، يۇقىرىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە خاس تەشۋىقات ئېلانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن ھاسىللانغان تەشۋىقات ئېلانىنى ساقلىۋېلىپ، ئۇنى دوستلار چەمبىرىكى، ئۈندىدار توپلىرى ۋە باشقا تەشۋىقات ئېھتىمالى بولغان جايلارغا يوللاپ، باشقىلارنى جەلپ قىلسىڭىز بولىدۇ، باشقىلار شۇ تەشۋىقات رەسىمى ئارقىلىق نەپدان سالونىغا ئەگەشكەندىن كېيىن ئادەم سانى 50 كە توشقاندا، نەپدان سالونىدىن ئاپتوماتىك ھالدا سىزگە ۋەزىپىنى ئورۇندىغانلىق ئۇقتۇرۇشى كېلىدۇ، سىز شۇ ۋاقىتتا تەمىنلەنگەن ئادرېستىن كىرىپ، مۇناسىپ دەرسلىك ياكى كىتابقا ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.
02
ئىككىنچى چوڭ خوش خەۋىرىمىز، نەپدان تور دەرسخانىسىدىكى فوتوشوپ 2021 نەشرىنىڭ ئەڭ تولۇق، سىستېمىلىق، ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەييارلانغان 104 قىسىملىق دەرسلىكىنىڭ باھاسى 199 يۈەنگەنگە چۈشۈرۈلدى، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ئەسلى باھا 298 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، پۇرسەت غەنىيمەت، تېزدىن ھەرىكەتلىنىڭ!
دەرسلىك ئادرېسىغا تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئېرىشىڭ!

03
ئۈچىنچى چوڭ خوش خەۋىرىمىز بولسا، شىنجاڭ ۋېرىتاس ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئىلقۇت تور سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىقىدا جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق روياپقا چىققان «ۋېرىتاس تور مائارىپى ئېنگلىز تىلى تور دەرسخانىسى» رەسمىي ئېلان قىلىندى، سىز مەزكۇر دەرسخانىدىن پايدىلىنىپ يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلى (0 سەۋىيەلىكلەرگە ماس كېلىدۇ)، كامبىرىج ئۆلچەملىك ئېنگلىز تىلى (0 سەۋىيەلىكلەرگە ماس كېلىدۇ)، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېنگلىز تىلى ھەقىقىي سوئال تەھلىلى (ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلارغا ماس كېلىدۇ، بۇ دەرس پۈتۈنلەي ھەقسىز)، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى ئېنگلىز تىلى ھەقىقىي سوئال تەھلىلى (ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارغا ماس كېلىدۇ)، كۈندىلىك ژۇرنال قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار دەرسلىكلەرنى ئۆگىنەلەيسىز، دەرسلىكلەر ئاۋازلىق ھەم سىنلىق سۆزلىنىدىغان بولۇپ، دەرسلىكنى ئېليار مۇئەللىم بىر قوللۇق يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەت، ئالاھىدە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن سۆزلەيدۇ.

قىسقىسى، مەزكۇر سەھىپىدىكى دەرسلىكلەر سىزنى ئەڭ يېڭى تىل مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرىنى ئوخشىمىغان نەقتىنەزەر، تەپەككۇر بولۇڭى، مەدەنىيەت خاسلىقى جەھەتلەردىن تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

«كۈندىلىك گېزىت قىزىق خەۋەرلىرىنىڭ يەشمىسى» دەرسلىكى كىملەرگە ماس كېلىدۇ؟
1. تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى ئىنگلىز تىلى ئاساسىغا ئىگە، 4-، 6-دەرىجە ئىمتىھانى، ياسى \ توفېل ئىمتاھانىدىن ئۆتكەن كۇرسانتلار ياكى شۇ ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار؛
2. ئېنگلىزچە ئەسلى تىل يېزىقتىكى ژۇرناللارنى ئوقۇش ئۇسۇلىغا قىزىقىدىغانلار، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولغانلار، توپتا بىرلىكتە ئوقۇشقا قاتنىشىش ئىستىكى بار كۇرسانتلار؛
3. ۋاقىت ۋە زېھنىي چەكلىك، پارچە-پۇرات ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئىنگلىز تىلى ئاساسىنى پۇختىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغان خىزمەتچىلەر.
«كۈندىلىك گېزىت قىزىق خەۋەرلىرىنىڭ يەشمىسى» دەرسلىكىدىن نېمىلەرگە ئېرىشەلەيسىز؟
1. ئىنگلىز تىلى خەۋەرلىرىنى ئاسانلا چۈشىنەلەيسىز؛
2. 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىنگلىزچە ئوقۇش، يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ھازىرلىيالايسىز؛
3. 300 پارچىدىن ئارتۇق دۇنيا قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرىدىن تېزلىكتە خەۋەردار بولۇپ، بىلىش دەرىجىڭىزنى تېز ئاشۇرالايسىز؛
4. 600 خىلدىن ئارتۇق دۇنيا مەدەنىيىتى، سودا قاتارلىق تېمىلارغا ئائىت بىلىملەرنى ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز؛
5. 3000 خىلدىن ئارتۇق ياسى ھەقىقىي خاس سۆزلۈكلىرى ۋە ئىنگلىزچە ئىپادىلەشنى ئۆگىنىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز؛
6. ئىنگلىز تىلى تەپەككۇر ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆلچەمسىز ئىنگلىز تىلىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالايسىز؛
دەرسخانىغا تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كىرسىڭىز بولىدۇ!

04
ئەڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئىلقۇت ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى، نەپدان تور دەرسخانىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ئوتتۇرىغا چىققان «مېنىڭ مەسلىھەتچىم» تېمىسىدىكى زور ھەجىملىك دەرسلىكنىڭ بىرىنچى سانى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم: خاراكتېر ۋە مۇۋەپپەقىيەت 1-سان»، ئىككىنچى سانى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم: ياخشى مىجەز ۋە يامان خاراكتېر توغرىسىدا 2-سان»، ئۈچىنچى سانى «مېنىڭ مالىيە مەسلىھەتچىم 1-سان»ھەقسىز تەمىنلەندى.
كۆپچىلىك تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرسەڭلار بولىدۇ!
