大数跨境

1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن...

1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن... NepKan
2021-12-07
0
导读:بايدېن قولىغا ئالغان ئامېرىكا ماھىيەتتە تىرامپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئامېرىكىدۇر.


تۈنۈگۈن، مەركىزىي بانكا 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك %0.5 تۆۋەنلىتىشنى رەسمىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «مەركىزى بانكا: تەييارلىق فوندى نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىلىدۇ!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.) ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭگو پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى %8.4 كە تۆۋەنلەپ، جەمئىي 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ قويۇپ بېرىلىدۇ. 


بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ ئاۋۋال كۆپچىلىككە چۈشەندۈرۈپ باقايلى، %0.5 لىك تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىش دېگەن نېمە؟ 
«ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش»نىڭ مەنىسى، بانكىنىڭ تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش دېگەنلىك. بانكا تەييارلىق فوندى دېگەن نېمە؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ بانكىنىڭ خەۋپ-خەتەر تەييارلىق فوندىدىن ئىبارەت. 
بانكىنىڭ ئۆزى پۇل مۇئامىلە ۋاستىچى ئاپپاراتى، بانكىنىڭ ئۆزىنىڭ ھېچقانچە پۇلى يوق. بانكا پۇلىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، مەركىزىي بانكىدىن ئالغان قەرز پۇل؛ يەنە بىرى، ئامانەت قويغۇچىدىن ئالغان ئامانەت پۇل. بانكىنىڭ سودىسى تارقاق ئامانەت پۇلنى جەلپ قىلىپ، ئاندىن قەرز شەكلىدە تارقىتىشتىن ئىبارەت. 
بانكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆسۈم نىسبىتى مۇقىملاشقاندا، قەرز پۇل مەبلىغى قانچە كۆپ بولسا، پايدا شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى جەلپ قىلغان ئامانەت پۇلنىڭ ھەممىسىنى قەرز بېرىش كېرەك. لېكىن، بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ھەر كۈنى بەزىلەر بانكىغا پۇل ئامانەت قويىدۇ، بەزىلەر بانكىدىن پۇل ئالىدۇ. 


ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنىڭ رولى بانكا مەبلىغىنىڭ ئوبوروتچانلىقىنى ساقلاپ، پۇل قويغۇچىلارنىڭ بىراقلا نەقلەشتۈرۈش خەۋپىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت. 
بۇ دەل خېڭدا گۇرۇھىنىڭ نەق پۇل ئوبوروت خەتىرى بىلەن ئوخشاش. پۇل قويغۇچى بانكىنىڭ پۇل ئامانەت تەمىنلەش سودىگىرى، قەرز بېجىرگۈچى بانكىنىڭ قەرز ئالغۇچى مۇئامىلىدارىدۇر. بانكا يېتەرلىك تەييارلىق فوندى قالدۇرۇپ، ئامانەت پۇل قويغۇچىنىڭ نەق پۇل راسچوتىغا كاپالەتلىك ساقلىشى كېرەك. بانكىنىڭ تېز نەقلەشتۈرۈش (挤兑) خەۋپ-خەتىرىنىڭ ماھىيىتى شۇكى، پۇل ئامانەت قويغۇچىلار بانكىغا داۋاملىق پۇل ئامانەت قويۇشنى خالىماسلىقىدۇر. 
بۇ خۇددى خېڭدا قەرز كرىزىسى ئەۋج ئالغاندا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ خېڭدانى يەنە مال بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغانغا ئوخشايدۇ. 
ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى بانكا ئامانەت قويغان نەق پۇل قالدۇقىنىڭ ئومۇمىي ئامانەت پۇل قالدۇقىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. 
مەسىلەن، مەن مەلۇم بانكىغا 1 مىليون يۈەن ئامانەت قويسام، بانكا مېنىڭ بۇ بىر مىليون يۈەن ئامانىتىمنى قەرز بېرىۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى %20 بولسا، بانكا 200 مىڭ يۈەننى ئالدىن ئېلىپ قېلىپ، پەقەت 800 مىڭ يۈەننى قەرز بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. 
مەركىزىي بانكا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى %0.5 تۆۋەنلەتسە، ئۇنداقتا، مەن يەنىلا 1 مىليون يۈەن ئامانەت قويسام، بانكا 5000 يۈەن قەرزنى ئارتۇق تارقىتالايدۇ.
ئەگەر بىز ئالدىنقى 800 مىڭ يۈەننى قەرز بېرىۋەتكەندىن كېيىن، پۇلنى يۆتكەپ كەتمىگەن بولساق. ئۇ يەنىلا بۇ بانكىدا بولىدۇ، پەقەت ھېسابات نامى ئۆزگەردى. بىز قەرز ئالغۇچىنىڭ ئىسمى ئەمەت دەپ پەرەز قىلايلى، ئەمەت 800 مىڭ يۈەن قەرز ئالغاندىن كېيىن، بۇ 800 مىڭ يۈەننى دەرھال ئېلىپ كەتمەيدۇ، ئۇنداقتا بانكا بۇ 800 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلنى ئاساس قىلىپ، %20 ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى تۇتۇپ قالسا، يەنە 640 مىڭ يۈەننى داۋاملىق قەرز بېرىشكە بولىدۇ. 
بۇ ئىككى قېتىملىق قەرز ئارقىلىق، بانكا مېنىڭ 1 مىليون يۈەن ئامانىتىمنى قوبۇل قىلىپ، 1 مىليون 440 مىڭ يۈەن قەرز تارقىتىدۇ. بۇ جەرياندا، بانكا پىشاڭنى چوڭايتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ پايدىسىنىمۇ كۆپەيتىدۇ. 


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىمۇ 200 مىڭ يۈەنگە 160 مىڭ يۈەن قوشۇلۇپ 360 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.
بۇ خىل ئەندىزە ئاستىدا، بانكا قاتلاممۇ قاتلام ئامانەت جەلپ قىلىپ، قاتلاممۇ قاتلام قەرز بېرىدۇ. ئەمما ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى خۇددى بىر تۆمۈر قۇلۇپقا ئوخشايدۇ، ئۇ باشتىن ئاخىرى بانكىنىڭ نەق پۇل ئوبوروت خەۋپىنى قولۇپلاپ، بانكا مەبلىغىنى نەقلەشتۈرۈش بىخەتەرلىك سىزىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 
مەركىزىي بانكا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ياكى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى بانكىلارنى تىزگىنلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى مەبلەغنى قويۇۋېتىش ياكى قىسىش، تەڭشەش، باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 
بەزى كىشىلەر ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى چۈشەنمەي، 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغنى قويۇپ بېرىش بازارغا كەڭ سۇ قويۇپ (پۇل مۇئامىلە ئاتالغۇسى-نەپكاردىن) بەرگەنلىك بولىدۇ، بۇ ئامېرىكا قەغەز پۇلى بىلەن ئوخشاش، دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى ئىش. 

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0